پاسسىپ ئوي – پىكىرلەردىن قانداق قۇتۇلىمىز؟

1,588 قېتىم ئوقۇلدى

قايغۇ ۋە شاتلىقىڭىز شەخسىيىتىڭىزدىن ھالقىپ كەتكەندە شۇنداق بىر ھەقىقەتكە چىن پۈتىسىزكى:

كىشىلەر نامەلۇم كۈچ بىلەن بىر – بىرىگە باغلىنىپ تۇرىدۇ ھەم  قايغۇ – شادلىقلىرى، ئوي- پىكىرلىرى بىر -بىرىگە يۇقىدۇ..

بەزىدە ئوي – خىياللىرىمىزغا قارا تۇمانلار يوپۇرۇلۇپ كېلىدۇ… ئازابتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان بۇ ھاياتىمىزدا بۇ ئازابلارغا ياندىشىپ رىئاللىقنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرىۋىتىدىغان پاسسىپ ئويلىرىمىز بىزنى چۈشكۈنلۈكنىڭ قارا دېڭىزلىرىغا غەرىق قىلماقچى بولىدۇ… قانداق قىلىمىز؟!

  سۇئالنىڭ جاۋابىنى دۇنيادا ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن، ئۆزۈممۇ بەك ياقتۇرۇپ ئوقىغان ھەم قايتا ئوقىۋاتقان پىسخولوگىيەگە ئائىت كىتابتىن ئىزدەپ باقتىم.

 

Spring – Antonio Vivaldi

 

پاسسىپ ئوي ـ پىكىردىن قانداق قۇتۇلىمىز؟

پاسسىپ ئوي ـ پىكىرلەر كاللىمىزدا پەيدا بولغاندا، «ئەمدى ئويلىمايمەن» دىگەنسىرى بۇ پالاكەت خىياللار تېخىمۇ بېسىۋالىدۇ. قانداق قىلىمىز؟

ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل شۇكى، ئويلىماسلىق ئۈچۈن تىرىشىش ئەمەس، باشقا ئىشلارنى ئويلاش. يەنى، كاللىڭىزدا يامان، پاسسىپ خىياللار پەيدا بولغان ھامان دىققىتىڭىزنى باشقا تەرەپكە بۇرىۋېتىش. بۇنىڭ ئۈچۈن دىققەتنى مەركەزلەشتۈرىدىغان بىرەر ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇش. بۇ نۇرغۇنلىغان تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلانغان پاكىت دەيدۇ پىسخولوگ گايۋىنىچ.

مەسلەن: بىرەر تەنتەربىيە ھەركىتى بىلەن مەشغۇل بولۇش (مېنىڭ قارىشىمدا يوگا تەن ۋە روھنى تىنىچلاندۇرىدىغان ئەڭ ياخشى ھەركەت)، كىنو كۆرۈشمۇ شۇنداق ئۈنۈملۈك. ئۇنىڭدىن باشقا، ۋاقىت كۆپ سەرپ بولمايدىغان ئىشلارمۇ نۇرغۇنغۇ؟! مىسالغا يانفۇن ئويۇنىغا بىردەملىك مەشغۇل بولۇش(شەخسەن مەن قەتئى قوللانمايدىغان ئۇسۇل)، تاللا بازىرىدىكى مەھسۇلاتنىڭ تىزىلىشىنى كاللىدىن ئۆتكۈزۈپ بېقىش. ئۇندىن باشقا روھى بىسىم ھېس قىلغانلاردا ئىسقىرتىشمۇ ئەڭ ئۈنۈملۈك روھى بېسىمدىن قۇتۇلۇش ئۇسۇلى، يەنى، دىققەت ئىسقىرتىشقا مەركەزلەشكەندە، پاسسىپ خىياللارغا ئورۇن بولمايدۇ.

مانا مۇشۇنداق باشقا بىر ئىشقا دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈرسەك سوغۇققان، تەمكىن ئۆزىمىزنى تىپىۋالىمىز، ئوي ـ پىكىرلىرىمىزمۇ يارقىنلىشىپ، كەيپىياتىمىزمۇ باشقىچە ياخشىلىنىپ قالىدۇ.

ئەلۋەتتە، ئادەمگە بېقىپ ئۇسۇل ۋە كېتىدىغان ۋاقىت ئوخشىمايدۇ، تۈرلۈك ئۇسۇللارنى سىناپ باققايسىز.


ئىمتىھان ۋاقتىدىكى دىققەتنى مەركەزلەشتۈرىدىغان  ئۈنۈملۈك بىر تاكتىكىنى ئېيتساق:
ياخشى تەييارلىق قىلدىڭىز، بىراق، جىددىيلىشىش ۋە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرەلمەسلىكتىن قۇتۇلالمىدىڭىز. بۇ چاغدا قەلەمنى قويۇپ، ئۆزىڭىزگە بىر مىنۇت ۋاقىت بېرىڭ. ئۈچنى ساناپ چۇڭقۇر نەپەس ئېلىپ، ئۈچنى ساناپ نەپەسنى قويۇپ بېرىڭ. ئۇنىڭدىن كىيىن ئىمتىھان قەغىزىڭىزگە قاراپ سۇئاللارنى تۆۋەن ئاۋازدا ئۆز ـ ئۆزىڭىزگە سۆزلەش ئارقىلىق تەھلىل قىلىڭ.

پاسسىپ خىياللار يوپۇرۇلۇپ كەلگەندە ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان، ئۈنۈملۈك ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەشكە ماھىر ئادەم بولۇڭ .

ئۇنىڭدىن باشقا

1ـ سىزنى پاسسىپ تەسىر ۋە ئويلارغا باشلايدىغان مۇھىت، ئادەم ، ئورۇنلارنى ئويلاپ بېقىڭ ھەم يېزىپ چىقىڭ.

2ـ سىزگە پاسسىپ تەسىر بېرىدىغان شۇ مۇھىت ھەم شارائىتتا بۇ پاسسىپلىقتىن قۇتۇلىدىغان چارىلەرنى، يەنى قىسقا ۋاقىت ھەم ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدىغان ئۇسۇللىرىڭىزنىڭ ھەممىنى يېزىپ چىقىڭ.

3ـ يازغانلىرىڭىزنى يانفۇنىڭىزغا ياكى خاتىرىڭىزگە خاتىرىلىۋىلىپ داۋاملىق ئۆزىڭىز بىلەن ئېلىپ يۈرۈڭ. ھەم خىياللىرىڭىزنى قارا تۇمانلار باسىمەن دىگەن ھامان بۇ ئۇسۇللاردىن بىرەرى بىلەن ئويلىرىڭىزنى يورۇقلۇققا ئېلىپ چىقىڭ.

ياق، ئېغىر ئويلار، ئازابلار ئۈچۈن قەلبىڭىزگە ئۆزىڭىزگە خاس يول بىرىلگەن، يۇقارقى ئۇسۇل ئارقىلىق مەلۇم دەرىجىدە كەيپىياتىڭىزنى، ئويلىرىڭىزنى كونتىرۇل قىلىسىز.
كىچىككىنە ھەركىتىمىزنى، ئويىمىزنى ئۆزگەرتسەكلا ھەممە ئۆزگىرىدۇ.

زىمىستاننىڭ جۇدۇنلۇق تۈنلىرىدە چىرايلىق چىچەكلەرنى خىيال قىلىش، «يەنە كېلىدۇ شۇ باھار پەسلىم» دىيىش…دەسسەلگەن خازانلارغا قاراپ گۈللەرنىڭ يەنە ئېچىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىش ..ئاسانمۇ؟! رۇمىنىڭ سۆزى بويىچە، ئەڭ چوڭ مۆجىزە بار دېيىلسە، دەل ئىنسان روھىنىڭ قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا، ئۈمىدسىزلىكتىن ـ ئۈمىدكە چىقىشىدۇر.رىياسىز تىلەكلەر ۋە يورۇق تەپەككۇر بىزگە بىرىلگەن گۈزەل نىھمەت ۋە مۆجىزىدۇر.

يۈرەكتىن كۈلۈش نىسىپ بولمايۋاتقان كۈنلەردە خۇشال بولالمىسىڭىزمۇ مەيلى، بىراق، كۈلۈمسىرەشتىن ۋاز كەچمەڭ.

قايغۇلىرىمىز شەخسىيىتىمىزدىن ھالقىپ كىتىۋاتقان كۈنلەردە ئازابلانسىڭىزمۇ مەيلى، بىراق، قەلبىڭىزنىڭ تىگى-تەگلىرىدىكى تىنىچلىقنى يوقاتماڭ.

ۋىۋالدىنىڭ تۆت پەسىل مۇزىكىسىنى، بولۇپمۇ باھارنى ئالىي مەكتەپتىكى چاغلاردىلا ياقتۇراتتىم… زىمىستاندا باھار مۇزىكىسىدىن ھوزۇرلىنىپ باقايلى…

قەلبىمىز باھارنىڭ ئىللىقلىقنى يوقاتمىغان يورۇق كۈنلىرىمىز بولسۇن…!!!☀☀☀

 

********************

پايدىلانغان مەنبە:  自分で心を手当てする方法

تارقىتىڭ...
  1. رەھمەت رەيھان ،تەرجىمىللىىڭىزنى شۇنچىلىك ياقتۇرىمەن ،سىزنى يىراقلاردىن قۇچاقلايمەن

  2. خوشاللىق ىنسا ن قەلبگە، يوشۇرۇنغان بولىدۇ

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

پاسسىپ

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى