ياپون پەرزەنت تەربىيەسى: سۇئال-جاۋابلار(3)

5,385 قېتىم ئوقۇلدى

بالامنىڭ ۋاقتىدا ئۇخلىماسلىقىدىن ئەنسىرەيمەن

 

Q&A(3)

سۇئال :

بالامنى كەچ سائەت 9:00 لاردا ئۇخلىتاي دەيمەن،ـيۇ،ھىچبىر ئۇخلىمايدۇ. بەزىدە تېخى ئەمدى ئۇخلاي دىگەندە دادىسى خىزمەتتىن قايتىپ كېلىدۇ،-دە (ياپون شارائىتىدا بەزىدە خىزمەتتىن مۇشۇنداق كەچ قېلىش نورمال ئەھۋال) يەنە قايتىلادىن جانلىنىپ ئۇخلىماي سائەت 11:00 لەردىن ئېشىپ كېتىدىغان ۋاقىتلارمۇ بوپقالىدۇ.«10:00 – 12:00 گىچە بولغان ئالتۇن ۋاقىتتا ئۇخلىمىسا ئۆسۈپ ـ يېتىلىش ھورمۇنلىرىغا تەسىر بولىدۇ» دەپ ئاڭلىغاچقا، بالامنىڭ ساغلام ئۆسۈپ ـ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىشىدىن  ئەنسىرەيمەن.

– ياپونلۇق ئوقۇرمەن ئانا

 

 

 

Sleepsong ~ Lullaby from a Secret Garden

 

جاۋاب:

كىچىك بالىلارنىڭ يېتىپلا ئۇخلاپ قالىدىغانلىرى ئاز بولۇپ، كۆپىنچە ئانىلار تېزراق ئۇخلىتىش ئۈچۈن ھەقىقەتەن قىينىلىپ  قالىدۇ.

بالا تۇغۇلۇپ 3-4 ئايلىق بولغاندىن كىيىن، ئۇخلاۋاتقان پەيتتە كۆپلەپ ئۆسۈپ ـ يېتىلىش ھورمۇنى ئىشلەپ چىقىرىدىغىنى ئەمەلىيەت بولۇپ، «بالا ئۇيقۇدا يېتىلىدۇ» دىگەن سۆزنىڭ ئىلمىي  ئاساسى بار، ئەلۋەتتە.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيقۇ يىتەرلىك بولمىغاندا ئەتىگەنلىرى ئورنىدىن تۇرالماسلىق، ئىشتىھاسىزلىق، ئۆگىنىش خوشياقماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كەچلىرى بالىلارنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت چىراق نۇرى بىلەن ئۇچىرىشىشىمۇ ھورمۇنلارنىڭ نورمال ئاجىرىلىپ چىقىرىلىشىنى توسۇپ قويىدۇ.

يالغۇز ئۆسۈپ – يېتىلىش ھورمۇن  مەسلىسىلا بولماستىن، تۇرمۇش ئادىتى، نېرۋىنىڭ يېتىلىشى دىگەندەك نوقتىلاردىن ئويلىغاندىمۇ يەنىلا كېچىدە ياخشى ئۇخلاپ، ئەتىگىنى بالدۇر تۇرۇش ھەقىقەتەنمۇمۇھىم. شۇنداقتىمۇ«چوقۇم مۇشۇ ۋاقىتتا ئۇخلىمىسا زادى بولمايدۇ!» دىگەندەك ئۆزىنى مەجبۇرى زورلاشنىڭ پەقەتلا زۆرۈرىيىتى يوق.

بالىلارنىڭ ئىچىدە قىسقىغىنە ئۇيقۇ بىلەنمۇ ئۇيقۇسىغا قانالايدىغان بالىلارمۇ، كۆپ ئۇخلايدىغان ئۇيقۇچان بالىلارمۇ بار. ئۇنىڭدىن باشقا بالىلارنىڭ يېشىغا بىقىپمۇ، يەسلىلەردە چۈشلۈك ئۇيقۇنى ئۇخلايدىغان، ئۇخلىمايدىغان بالىلارمۇ بار. قىسقىسى، بالىغا بېقىپ ئۇخلاش ئادىتى ئوخشىمايدۇ،- دەپ قارايمەن.

 

بالىلارنىڭ سۈپەتلىك ئۇيقۇسى ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرنى تەۋسىيە قىلىمەن.

1-بالىلار ھەركۈنى ئەتىگەنلىك قۇياش نۇرى بىلەن ئۇچراشتۇرۇڭ.

2- بالىنىڭ ئۇخلاش ۋە ئورنىدىن تۇرۇش ۋاقتىنى بىكىتىپ، ئەتىگەنلىرى بالدۇر ئويغىتىڭ.

3- كۈندۈزلىرى بالىلار كۆپرەك ھەرىكەت قىلسا، كەچلىرى تىزراق ئۇخلايدۇ. يەنى، كۈندۈزلىرى قۇياش نۇرى بىلەن كۆپرەك ئۇچراشتۇرۇش كېچىدىكى ھورمۇنلارنىڭ كۆپلەپ ئاجىرتىلىشىغا پايدىلىق. (ياپون يەسلىلىرى ياكى ياپون ئانىلىرى بولسۇن چۈشتىن بۇرۇنقى 10:00 – 12:00 بولغان ئارلىقتا بالىنى باغچىلاردا ئوينىتىش، ئەتىگەنلىك سەيلىگە ئېلىپ چىقىش ئارقىلىق قۇياش نۇرى بىلەن ئۇچراشتۇرىدۇ)

4- بالىنىڭ بەك كەچ ئۇخلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چۈشلۈك ئۇيقۇ ۋاقتىنى بەك ئۇزارتىۋەتمەسلىك. يەنى، كۈندۈزى  كۆپ ئۇخلىتىۋەتمەسلىك

ھەممىدىن بەكرەك تەكىتلەيدىغىنىم شۇكى، ئۇخلاش ئالدىدىكى ئۇيقۇ ھالىتىگە كىرىش ھەرىكەتلىرى. مەسلەن، ئۇخلاش كىيىمىنى ئالماشتۇرۇپ، يوتقانغا كىرگەندىن كىيىن بىللە رەسىملىك كىتاب ئوقۇش ياكى پاراڭلاشقاچ ئاستا – ئاستا بىر راھەت ھالەتكە كەلگەندىن كىيىن، چىراقلارنى ئۆچۈرۈپ ئۇيقۇ ھالىتىگە كىرىش. «مانا مۇشۇلارنى تۈگەتكۈچىمۇ بىرەر سائەت ۋاقىت كېتىدۇ» دەيدىغان ئانىلارمۇ نۇرغۇن. مەنچە بالىنى ئەللەيلىگەچ ئانىنىڭمۇ راھەت ئۇيقۇغا كەتكىنىنى ئەڭ ياخشى ھالەتمىكىن دەيمەن.

بىز بۇ مەزمۇنلارنى يەنىلا ئەمەلىي مىسال ئارقىلىق بۇ مەزمۇننى تېخىمۇ چۈشىنىپ باقايلى.

 

«چوقۇم مۇشۇ ۋاقىتتا ئۇخلىمىسا زادى بولمايتتى»دەپ ئويلىغاندا

 

كەچلىك تاماق، ۋاننا، چىش چوتكىلاش…دىگەندەكلەر بىلەن بىردەمدىلا سائەت 8:30 بوپتۇ! دەل 9:00 بىلەن بالىسىنى ئۇخلىتىشى كېرەك بولغان ئانا جىددىيلىشىشكە باشلىدى.

ئەمدى ەسىملىك كىتاب ئوقۇش ۋاقتى،- ئانا ئۇيقۇسى كەپكەتكەن بالىسىغا رەسىملىك كىتاب ئوقۇپ بېرىشكە باشلىدى..

بالا ئەمدى كىتانقا قىزىقىپ ئاڭلاشقا باشلىۋىدى سائەت 9:00بوپقالدى!

بالا:«يەنە بىر قىتىم ئوقۇيلىچۇ؟» دەپ ئۆتۈنگەندە،

– تېز ئۇخلىمساڭ سائەت 9:00 دىن ئېشىپ كېتىدۇ!!!، – دىگىنىچە ئانا بوغۇلۇپ قالايلا دەپ قالدى.

سىزچە  سائەت سىتىرىلكىسىنىڭ  قاتتىق باشقۇرۇشى بويىچە مېڭىپ ئۆزىنى ھەم بالىنى چارچىتىشنىڭ زۆرۈرىىيىتى بارمۇ؟ بۇ ئانا قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ئازادە بىر ئۇسۇلنى تاللىيالايدۇ؟

 

بالىڭىز بىلەن تەڭ ئۇخلاپ قالغۇدەك راھەت ھالەتتە بولۇڭ

 

سائەتكە قاراپ دادىسى ئېيتتى:
ـ 9:00 بولدى، بالنىڭ ئۇخلايدىغان ۋاقتى بوپقاپتىغۇ؟

ئۆينىڭ ئىشلىرىنى تېخى تۈگەتمىگەن ئانا:
ـ ئۇخلايدىغان ۋاقتى بوپقالغىنىغۇ بىلگەنتىم. ماۋۇ ئىشىمنى تۈگىتىۋىتەيچۇ، بالا بىلەن تەڭ ئۇخلاپ قالساممۇ مەيلى، ـ دىدى.

-بالام، ئەمدى ئۇخلايلى،ـ دىدى ئىشلىرىنى تۈگىتىپ بولغان ئانا.

-ھە،-راست، خاپا بولماي ۋانىنى تازىلاپ قويسىڭىز بوپتىكەن، مەنمۇ بالا بىلەن تەڭ ئۇخلاپ قالىدىغاندەك تۇرىمەن، ـ دەپ  يولدىشىغا تاپىلاپ قويۇپ، بالا بىلەن ياتاق ئۆيگە كرىپ كەتتى.

 دادا ئىشلارنى تۈگىتىپ كىرگىنىدە، ئاناـبالا ئاللىقاچان ئۇيقۇغا كەتكىنىنى كۆردى.

-دىگىنىدەكلا ئۇخلاپ قاپتىغۇ كەمپىرىم، – دەپ قالدى.😜

(بالىنى ئۇخلىتىش جەريانىدا ئانىمۇ بالا بىلەن پاراڭلىشپ، رەسىملىك كىتاب ئوقۇپ راھەت بىر كەيپىياتنى ياراتسا، بىر كۈن چارچىغان ئۆزىگە ئازادىلىك بەرسە نېمىدىگەن ياخشى!)

جاۋابىم تامام دەيدۇ ئاكې خاشى ئەپەندى

 

موئانا: سىز ئىنسانلار ئۈچۈن نۇرغۇن ئىش قىلىپ بەردىڭىز، تېفىتىنىڭ يۈرىكىنىمۇ ئۇلار ئۈچۈن ئوغۇرلىدىڭىز، شۇڭا ئۇلار سىزنى ياخشى كۆرىدۇ.
مائۇي: بىراق، قىلغىنىم يىتەرلىك ئەمەس.ئىنسانلار شۈكۈر قىلىشنى بىلمىدى.

 

قەدىرلىكلەر ئامان بولغاي~🕊☀️🕊

**************************

「 大好き! が伝わるほめ方&叱り方 」

ـ ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى

تەرجىمىدە رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...
  1. سالام قەدىرلىكلەر ، بەزى ئانىلارنىڭ بالىلىرى توغۇرلۇق سورىغانلىرىغا بەك بىلەرمەنلىك قىلغۇم كەلمىدى، راستىنى دېسەم، مۇشۇ ئاددى يازمىلار ئىچىدە نۇرغۇن سۇئاللارنىڭ جاۋابى بار، يەنە نۇرغۇن سۇئاللارنىڭ جاۋابى بالىلىرىمىزنى ئەڭ چۈشىنىدىغان بىزنىڭ قەلبىمىزدە.
    ئاخىرىدا سۆيۈملۈك پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقان، تىرىشىۋاتقان ئاتا ـ ئانىلارغا سەمىمى سالاملىرىم بولسۇن ~
    بىز پەقەت ئۈنسىز ،ئەمەلىي تىرىشچانلىقىمىز بىلەن بىر ـ بىرىمىزگە مەدەتمىز ~❤️

Reyhan ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ياپون

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى