دادام بەرگەن گۈل

1,953 قېتىم ئوقۇلدى

كونا خاتىرىلىرىم ئىچىدىن بۇ ۋاراقچىنى،  ھېلىمۇ ھەم ساقلىنىپ قالغان بىر تال گۈلنى كۆرۈپ  تىتىرىگەن قەلبىم  بۇندىن تەخمىنەن 15 يىل ئىلگىرىكى شۇ كۈنگە كەتتى.. ..

خەتلەر بەك چىرايلىق، بەك ئەدەبى تىل ئىشلىتىلمىگەن بولسىمۇ گۈزەل بىر خاتىرە سۈپىتىدە ساقلانغان بۇ ئەسلىمە پارچىسى بىلوگىمدىمۇ ساقلىنىپ قالسۇن…..

 

Plevne Marsi

 

2002.09.24 ( سەيشەنبە)

سەھەر، مەكتەپكە مېڭىش ئۈچۈن ئائىلە قورۇنىڭ دەرۋازىسىدىن چىقىۋاتقنىمدا، دادام چاقىرغىنىچە كىچىك بالىدەك يۈگۈرۈپ كېلىپ قولۇمغا بىر تال گۈل (نېمە گۈل ئىكەنلىكى ئېسىمدە يوق، بىراق، قۇرۇپ كەتكەن بولسىمۇ شۇ ۋاقتتىكى مۇھەببەتنىڭ تاتلىق يادىكارى سۈپىتىدە خاتىرەمدە تۇرۇپتۇ…) ھەم پۇل تۇتقۇزۇپ مىنى مەكتىۋىمگە ئۇزىتىپ قويدى.

ئابتۇبۇسقا چىقىپ پۇلنى تۆلەپ بولغاندىن كېيىنلا، ئەسلىدە دادام بەرگەن پۇلدىن باشقا بىلەت ئالغۇدەكمۇ پۇلۇم يوقلىقىنى، ئۆزۈمدە بار پۇلنى يەنە بىر سومكامدا قويۇپ قويغىنىمنى بايقىدىم.

ئەگەر دادامنىڭ ئاتايەن چاقىرىپ تۇتقۇزۇپ قويغان  شۇ پۇلى بولمىسا ئىدى… مەن ھاڭۋاقتى (شۇ چاغلاردىمۇ ئۆزۈمنى ھاڭۋاقتى دەيدىكەنمەنتۇق… ھېلىمۇ ھەم ئاشۇنداق ئۇنتۇغاق، ھەجۋى ئىشلىرىم شۇنداق كۆپ…) سەھەردىلا بىر سەتلىشەركەنمەن…

دادا! رەھمەت ساڭا !

دادا! سېنى سۆيىمەن!

( ئۇ كۈنكى خاتىرەمنى مۇشۇنچىلىك يېزىپتىمەنكەن)

 

دادا، بەرگەن گۈلۈڭ قۇرۇپ كېتىپتۇ. بىراق، يىللار ئۆتكەنسىرى، ئەقىل تاپقانسىرى قەلبىمدە تېخىمۇ جۇلالىنىشقا باشلاپتۇ.

دادا، تۇنجى قېتىم ماڭا گۈل بەرگەن ئەركەك، بەلكىم سەن ئىدىڭ، بۇنىمۇ بۇ كۈندىلىك خاتىرەمنى يىللاردىن كىيىن ئاچقان بۈگۈن بايقىدىم…

دادا، ئارلىقتىن ئىبارەت بۇ ھىجران بولمىسا ئىدى، قىزىڭ بۇ كىچىككىنە كارتىنىنىڭ قىممىتىنى سەن ھايات ۋاقتىڭدىلا چۈشىنىەلمەس، قەدىرىگە يىتەلمەس بولغىيتتى، بەلكىم!

بۇ ھىجرانلار بولمىسا ئىدى،  خاتىرىلەرنى ۋاراقلاشقا ۋاقتى، كۆزلىرىگە ياش ئالغۇدەك نازۇكلۇق ۋە چوڭقۇرلۇقنى تاپالماس بولغىيتتى، بەلكىم!

بۇ ھىجرانلار بولمىسا ئىدى، ئانامنىڭ سۆزى بويىچە قولۇڭلاردىن قۇشتەك ئۇچۇپ كەتكەن بۇ يىللاردا كىچىكىمدىن ئاڭلاپ چوڭ بولغان سۆزلىرىڭ ھاياتلىق مىزانلىرىمنىڭ يىلتىزى بولماس بولغىيتتى، بەلكىم!

بىر دادىنىڭ قىزىغا بەرگەن ماددى بايلىقى شۇ قىزنى باشقىلارغا مۇھتاج قىلىپ قويمىغۇدەك، كۆزى، قەلبى توق بولغۇدەك بولسىلا مەيلى،

 بىراق، دادىنىڭ قىزىغا بەرگەن مۇھەببىتى بىر ئۆمۈر يەتكۈدەك، ھەتتا، بارغانسىرى نۇرلانغۇدەك بولسۇن!

2018.02.15

تارقىتىڭ...
  1. مەنمۇ دادامنى بەك سېغىندىم تۆت ئاي بولدى ئاۋازىنى ئاڭلاپ باقمىدىم دادىلىرىمىزسالامەت بولغاي

  2. ئېلخەت ئادېرىڭىزغا تەكلىپ ئەۋەتكەنتىم، تەكشۈرۈپ بېقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

Reyhan ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

دادام

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى