سەھەر سۈرەتلىرى

1,335 قېتىم ئوقۇلدى

Johannes Linstead – Estellas Sobre Ella

 

***

ھاياتىمنىڭ يېڭى بىر بىتىدىكى سەھەردە ماڭا ناتونۇش بىر يېزىدا ، ناتونۇش ياتاقتا قۇشلارنىڭ سايراشلىرى ئېچىدە كۆزۈمنى ئاچتىم . كارىدۇرغا چىققىنىمدا كېچە 1:00~ 2:00لەرگىچە ۋاراڭ ـچۇرۇڭ قىلىپ ئۇخلىغىلى قويمىغان ، مېنى « ياپىرىم ! مۇنداق باشقىلارغا دەخلى يەتكۈزۈشتىن خېجىل بولمايدىغان ياپۇنلۇقنى تۇنجى كۆرۈشۈم ~ » دېگۈزىۋەتكەن خوشنا ياتاقتىن خورەك ئاۋازى چىقىۋاتاتتى …
ھەممە ئۇيقۇدا ..سومكامنى ئىسىپ ئاستا سېرىتقا چىقتىم ..
توكيودىن يېراق ، تاغ ئىچىدىكى يېزا يوللىرى توكيونىڭ كوچىلىرىدىن بەك پەرىقلەنمەيدىغان بىلىندى ..24 سائەتلىك دۇككاندىن قىززىق قەھۋە سىتىۋىلىپ مەھەللىلەرنى ئارىلاشقا باشلىدىم ..خۇددى مەھەللەمدىكى سەھىرىمگە ئوخشاش ئۇچىرىغانلار بىلەن سالاملىشىپ يېڭى بىر موھىتتىن ھوزۇرلاندىم ..بۇ يېزىنىڭ ئوخشىمايدىغان يېرى گۈللەر تەشتەكلەردە ئەمەس ئېتىزلىقتا ئېچىلىدىغاندەك بىلىندى ماڭا .
ئاخشامقى پىلانىم بويىچە پۇت ئارشىڭىغا پۇتۇمنى چىلىغاچ كىتاب ئوقۇغۇم كەلدى ـدە ئۇ يەرگە كەلدىم .
ھەر كۈنى سەھەر5:00 بىلەن پۇتىنى ئارشاڭ سۈيىگە چىلاشنى ئادەت قىلغان بىرسۆيۈملۈك بوۋاينى ئۇچراتتىم ، ئۇ مىنى خاتىرە سۈرەتكىمۇ تارتىپ قويدى .

تۆۋەندىكىسى بۈگۈنكى سەھىرىمدە تارتقان يېزا سۈرەتلىرى

 

 

***

 

 

***

ھاياتتىن كۈتىدىغانلىرىم بەك كۆپ ئەمەس ، بىراق ، ئەڭ موھىمى مەنا ~ ئۆزىنىمۇ ، ئۆزگىنىمۇ خۇش قىلالايدىغان ھايات!
you make yourself happy and it’s attract love and respact!

ئۆزۈڭنى خۇشال قىل~ بۇ خۇشاللىق ساڭا ھۆرمەت ۋە سۆيگۈ بېرىدۇ !

 

تارقىتىڭ...

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

سەھەر

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى