ياپون يەسلى مائارىپىدا بالىلار نېمە ئۆگىنەلەيدۇ؟

6,678 قېتىم ئوقۇلدى

2018- يىلدىكى ئەڭ يېڭى سىتاستىكىغا ئاساسلانغاندا، دۇنيادىكى 80 دۆلەت ئىچىدە تۇرمۇش سەۋىيەسى، مەدەنىيەت – مائارىپ كۈچى… قاتارلىق جەھەتلەردىن قارىغاندا، ياپونىيە ئەڭ ئالدىنقى 5- قاتارغا تىزىلغان.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندا توكيونى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن شەھەرلىرى خارابىيلىققا ئايلانغان  ياپونىيە نېمە ئۈچۈن قىسقىلا نەچچە ئون يىلدا دۇنيادىكى مانا مەن دىيەلەيدىغان دۆلەتلەر قاتارىغا كىرەلىدى؟ –  دىيىلگەندە، كۆپىنچە  ئۇلاردىكى قەيسەرلىك، تىرىشچانلىق، ھەمكارلىق، باش ئەگمەس روھى… قاتارلىقلار  تىلغا ئېلىنىشى مۈمكىن.

 ھالبۇكى،  بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەردىن  يەنە بىرىنى ياپونلارمائارىپنى مۇھىم ئورۇنغا قويغان دىسەك خاتالاشمىساق كىرەك.  يەنى، پۈتكۈل مائارىپنىڭ مەقسىتىنى ئادىمىيلىك يىتىلدۈرۈشنى نىشان قىلغان ياپون جەمئىيىتىدە  كۆپىنىچە تېپىۋالدىغىنىڭىز ئادىميىلىكنىڭ ئەڭ گۈزەل ئۆرنەكلىرىدىن ئىبارەت.

2018- يىلدىكى ئەڭ يېڭى سىتاستىكىغا ئاساسلانغاندا، دۇنيادىكى 80 دۆلەت ئىچىدە تۇرمۇش سەۋىيەسى، مەدەنىيەت – مائارىپ كۈچى… قاتارلىق جەھەتلەردىن قارىغاندا، ياپونىيە ئەڭ ئالدىنقى 5- قاتارغا تىزىلغان.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندا توكيونى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن شەھەرلىرى خارابىيلىققا ئايلانغان  ياپونىيە نېمە ئۈچۈن قىسقىلا نەچچە ئون يىلدا دۇنيادىكى مانا مەن دىيەلەيدىغان دۆلەتلەر قاتارىغا كىرەلىدى؟ –  دىيىلگەندە، كۆپىنچە  ئۇلاردىكى قەيسەرلىك، تىرىشچانلىق، ھەمكارلىق، باش ئەگمەس روھى… قاتارلىقلار  تىلغا ئېلىنىشى مۈمكىن.

ھالبۇكى،  بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەردىن  يەنە بىرىنى ياپونلارمائارىپنى مۇھىم ئورۇنغا قويغان دىسەك خاتالاشمىساق كىرەك.  يەنى، پۈتكۈل مائارىپنىڭ مەقسىتىنى ئادىمىيلىك يىتىلدۈرۈشنى نىشان قىلغان ياپون جەمئىيىتىدە  كۆپىنىچە تېپىۋالدىغىنىڭىز ئادىميىلىكنىڭ ئەڭ گۈزەل ئۆرنەكلىرىدىن ئىبارەت

Baliliq Chaghlar – Ablajan Awut Ayup

 

تۆۋەندىكى رەسىمگە  قارايدىغان بولساق، بىر بالىنىڭ  پۈتكۈل ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مەزگىلى دەل  0-6 ياشقىچە بولغان مەزگىلى ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز.

يەنى، 0-3 ياشقىچە قەدىر – قىممەت، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ يېتىلىدۈرۈش،  3-6 ياشقىچە بولغان مەزگىل قائىدە – تۈزۈملەرنى ئۆزلەشتۈرۈش مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ.

يىغىپ ئېيتقاندا، بالىنىڭ  0-6 ياشقىچە بولغان مەزگىلى كىشىلىك خاراكتىرى، ئۆگىنىش ئادىتى، قەدىر – قىممەت ئېڭىنى  يېتىلىدۈرۈش، بىر ئۆمۈر بەخىتلىك، قەدىر- قىممەتلىك ئىنسان بولۇپ ئۆتۈشنىڭ ھۇلى سېلىنىدىغان قىممەتلىك مەزگىلدۇر.

دىمەك، ياپونلار ئىنساننىڭ يېتىلىش پەيت ئالاھىدىلىكىدىكى بۇ مۇھىم دەۋىرنى چىڭ تۇتقان، سىڭدۈرۈشكە تىگىشلىك قىممەتلىك  روھ  ياپون بالىلىرىنىڭ ۋۇجۇدىدا مۇشۇ قىسقىغىنە بالىلىق  مەزگىلدە  يىلتىز تارتقان.

بۈگۈن ياپونلارنىڭ يەسلى مائارىپى بىلەن بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن تەجىربىلىرىم،  كۆرگەن – بىلگەنلىرىم ئاساسىدا ياپوندا تۇغۇلۇپ چوڭ بولىۋاتقان بالىلىرىمىزنىڭ تەربىيلىنىشىنى بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلىپ كۆردۈم.

گېپىمىزگە كەلسەك، بالىلار يەسلى مائارىپىدا نېمە ئۈگىنىشى كېرەك؟ ياپونيەدىكى بالىلار يەسلى مائارىپىدا نېمىلەرنى ئۈگىنەلەيدۇ؟

大好きが伝わる!ほめ方&しかり方
P17

(1)

ھەمكارلىقنى ئۆگىنىدۇ

 ھەر قانداق تىرىشچانلىقنىڭ يەككە – يىگانە ھالدا داۋاملىشالمايدىغىنىنى، «ھەمكارلىق» دىن ئىبارەت بۇ روھنىڭ بىر مىللەت، بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىدا قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن ئەقىللىق ياپونلار «ھەمكارلىق» ئېڭىنى ئۆز قەۋمىگە بالىلىقىدىلا يەنى، يەسلى مائارىپىدىلا سىڭدۈرىۋەتكەن ھەم يەسلى مائارىپىنىڭ ئەڭ چوڭ نىشانىنى «ھەمكارلىق» دەپ بىكىتكەن.

بۇ خىل ئىددىيە بالىلىق مەزگىلىدە سىڭگەن كىشىلەر ئۆزىنى جەمىئەتنىڭ، كوللىكتىپنىڭ  بىر ئەزاسى دەپ بىلىدۇ، ئۆزىلا ئەمەس ئەتراپىدىكىلەرنى ئويلايدىغان ئېسل خىسلەت  بىلەن يېتىلىدۇ، چوڭ – كىچىك ئىشلاردا كوللىكتىپ بىلەن بىرلىكتە بىر سەپتە بولالايدۇ.

ھالبۇكى، بىز چوڭلار بىر يېتىلگەن ئىنسان بولغىنىمىزدىمۇ يېتىلدۈرەلمەيۋاتقان ھەمكارلىق ئېڭىنى ياپون بالىلىرى يەسلى مائارىپىدىلا يېتىلدۈرەلەيدۇ.

تۆۋەندىكىسى يەسلىنىڭ بىر قېتىملىق تەنتەربىيە مۇسابىقىسىدىن كۆرۈنۈش، قارىماققا ئاددى ھەرىكەتلەر، بىراق، كۈچلۈك ھەمكارلىق تەلەپ قىلىدىغان ھەرىكەتلەر.

ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلاركۈندىلىك تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەر ۋە  مۇسابىقىلەر ئارقىلىق ھەمكارلىق ئاساسىدا رىقابەتلىشىشنى، رىقابەتتە ئۇتتۇرىۋەتسىمۇ قارشى تەرەپكە چاۋاك چېلىپ تەبرىكلەشنى ئۈگىنىدۇ.

يەسلىنىڭ تەنتەربىيە پائالىيتىدىن كۆرۈنۈشلەر

 

(2)

 ئۇيغۇربالىلار نەپسىنى كونتىرول قىلىشنى ئۆگىنىدۇ 

بۇ نوقتىنى مۇھىم دەپ تىلغا ئالدىم. چۈنكى، «نەپىس» بەك مۇھىم نەرسە! نەپىس – ئىنساننى ئىززەتلىكمۇ، ۋاقتى كەلگەندە خار ۋە نۇمۇسسىزمۇ قىلىدۇ.

ئويلاڭ، 2-3 ياشلىق بىر بالىنىڭ ھەممە دوستلىرى يىگەن يىمەكلىكنى يىيەلمەسلىكى، ئوخشاش تاماق ئۈستىلىدە باشقا بالىلار بىلەن ئوخشىمىغان تاماق يىيىشكە ماقۇل بولىشى، بازارلاردىن يىگۈسى كەلگەن تاتلىقلارنى ئاپسى «بالام، بۇنىڭ ئىچىدە بولمايدىغان نەرسە باركەن» دىسە ۋاز كېچەلىشى، 5-6 ياشلىق بالىلارنىڭ ئانچە – مۇنچە خەت تونۇغاندىن باشلاپ بىر نەرسە يىسە ئالدى بىلەن ئارقىدىكى تەركىبىنى تەكشۈرۈپ يىيىشنى ئادەت قىلىشى… مانا مۇشۇنداق نەپسىنى كونتىرۇل قىلالىشى ئاسانمۇ؟ (كۆپىنىچىمىزگە تونۇشلۇق بولغىنىدەك، ياپوندا ھەر بىر يىمەكلىكنىڭ تەركىبى ئېنىق يېزىلغان بولىدۇ، نائېنىق تەركىبلەرنى ئىشلەپچىقارغان شىركەتلەرگە بىۋاستە تېلىفۇن قىلىپ سۈرۈشتۈرگىلى بولىدۇ)

ئاسان ئەمەس! شۇنى دىمەكچىمەنكى، بالىلىرىمىز بەك قالتىس! ئۇلارنى مۇشۇنداق تەربىيەلەۋاتقان ئاتا – ئانىلار، بالىلىرىنىڭ ھالال نەپسى ئۈچۈن سەھەرلەردە قازان بېشىدا «ئوبېنتو» يەنى، مەكتەپ – يەسلىلەرنىڭ چۈشلۈك تامىقىنى تەييارلاۋاتقان ئۇيغۇر ئانىلار تولىمۇ قالتىس!

تۆۋەندىكىسى ئەتراپىمدىكى دوستلىرىمنىڭ بالىلىرىنىڭ يەسلىسى ئۈچۈن تەييارلىغان تاماقلىرىدىن ئۆرنەكلەر:

 

(3)

سەمىمىيلىك – ئەسلى تەبىئىتىگە ئايلىنىدۇ

سەمىمىيلىك – ئىنسانىيلىقنىڭ گۈزەل جۇلاسى، ھاياتنىڭ يارقىن بىر نۇرى. سەمىمي كىشىلىك مۇناسىۋەت، ئىشەنچ بولغان جەمىئەت ئىنساننىڭ روھى بىخەتەرلىكىنىڭ ئاساسى.

كۆپچىلىككە مەلۇم بولغىنىدەك، ياپون جەمئىيىتىنىڭ كىشىگە خاتىرجەملىك بېرىدىغان ئەڭ مۇھىم بىر تەرىپى – راستچىللىقى ھەم سەمىمىيلىكى.

بۇ جەمئىيەتتە بىرەرسى يالغاندىن بىرنى  توقىسا ئالدىراپ گۇمانلانمايدۇ.  خىزمەت ئورنىغا تېلىفۇندا بولسىمۇ «زۇكامداپ قاپتىمەن» دەپ قىلغان يالغىنى ئۈچۈنمۇ قىزىرىدۇ، نۇمۇس قىلىدۇ. مەندەك ھېلى تېلىفۇن ھېلى پورتماللىرىنى ئۇ يەر – بۇ يەرلەردە ئۇنتۇپ قالىدىغان ھاڭۋاقتىلار ئۈچۈن يۈتتۈرگەنلىرىدىن بەك ئەنسىرەش كەتمەيدۇ.

2 ياشلىق قىزچاقمۇ يولدا تېپىۋالغان ئۆزى ئامراق چىرايلىق چاچ بوغقۇچلاردىن تارتىپ يانچۇقىغا سالماي ئىگىسىنىڭ تېپىۋىلىشى ئۈچۈن كۆزگە كۆرۈنىدىغان يەرگە قويۇپ قويىدۇ.

قىسقىسى، بالىلار بۇ زىمىننى ئەڭ ئىللىق ھەم گۈزەل قىلىپ تۇرىدىغان سەمىمىيلىكنى ياشاشنىڭ مۇھىم مىزانى سۈپىتىدە تەبىئىي يىتىلدۇردىكى، پورتمال تېپىۋىلىپ ئۆزىنىڭ قىلىۋالمىسا «مەن قالتىس ئىنسانى خىسلەتتىن بىرنى ئورۇندىۋەتتتىم!» دەپ تەمەننا قويمايدۇ، پەقەت  ئۆزىگە تەئەللۇق بولمىغان نەرسىنى ئىگىسىگە قايتۇردۇم، – دەپ بىلىدۇ. باشقىلارغا يول بىرىش، ئۆچرەتتە تۇرۇش، قىزىل چىراقتا توختاش، باشقىلارغا دەخلى قىلماسلىق، ھەتتا، ۋەدىگە ۋاپا قىلىشلارنى يەسلىي مائارىپىدا ئۈگىنىپ چىقىدۇ، بۇنچىلىك ئىشلارنى قىلىشقا تىگىشلىك  ئەقەللىي بىر قائىدە دەپ قارايدۇ.

شۇنداق، بىخەتەر جەمئىيەت، ئادىمىيلىكنى مەقسەت قىلغان مائارىپ، سەمىمى كىشىلەر ئىچىدە ياشاۋاتقان بالىلىرىمىزنىڭ ۋۇجۇدىدا سەمىمىيلىكتىن ئىبارەت بۇ گۈزەل خىسلەتنىڭ ئۇرۇقلىرى داۋراڭسىز،  رىياسىز، ئۈن – تىنسىز رەۋىشتە  يىلتىز تارتقان بولىدۇ.

چۈشۈپ قالغان كىچىككىنە نەرسىلەرمۇ يول بويىدىكى كۆرۈنىدىغان يەرلەرگە ئەپقويۇلىدىغان سەمىمىي جەمئىيەت – ياپونىيە

 

(4)

ۋاقىت قارشىنى يېتىلدۈرىدۇ

يەسلىلەردىن باشلاپ يىللىق، ئايلىق، كۈنلۈك پائالىيەت جەدىۋىلى بويىچە  مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشقا ئادەتلەنگەن بالىلاردا ۋاقىت ئېڭى تەبىئى يېتىلىدۇ.7-8 ياشلارغا كىرىپ قالغان بالىلار سىرتلاردا دوستلىرى بىلەن پائالىيەت قىلىغۇدەك بولسا ئۆيگە قايتىش ۋاقتى بىكىتىلگەن ۋاقىتتىن  10-15  مىنۇت كېچىكىپ قالغۇدەك بولسا «ئاپا، مۇنچىلىك كىچىكىدىغاندەك تۇرىمەن» دەپ تېلىفۇن قىلىشنى، تېلىفۇن قىلالمىغان تەقدىردىمۇ كەلگەندە «ئاپا، خاپا بولماڭ كىچىكىپ قالدىم» دىيىشنى ئۈگىنىدۇ. قىسقىسى، ۋاقىت ئېڭى بالىلارنىڭ ئىڭىغا سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ.

يەسلىنىڭ بىر كۈنلۈك پائالىيەت مەشغۇلات ۋاقىت جەدىۋىلىنى بالىلارغا چۈشەندۈرىۋاتقان مۇئەللىم

 

(5)

كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرىدۇ

يەسلىلەردە  ھەر كۈندىكى كىتاب ئوقۇپ  بېرىشلەر، كىتابخانا -كۈتۈبخانىلار، دوختۇرخانىلارغىچە قويۇلغان بالىلار رەسىملىك كىتابلىرى ئارقىلىق بالىلار كىتابلار بىلەن، ھەر خىل  دۇنيا، ئاجايىپ تەسەۋۋۇر، گۈزەل رەڭ، تەپەككۇر بىلەن ئۇچىرىشىدۇ، تەبىئى ھالدا كىتاب ئوقۇش ئادىتى يېتىلىدۇ.

يەسلى سىنىپىنىڭ ئالدىغا تىزىلغان شۇ كۈنى ئوقۇغان رەسىملىك كىتاب

 

(6)

تەبىئەتنى سۆيۈش، مۇھىتنى ئاسراش  ئېڭى يېتىلىدۇ

بۇ قېتىملىق روسىيەدىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقە  مەيدانىدا ئەخلەت تىرىۋاتقان ياپونلار پۈتۈن دۇنياغا يەنە بىر قېتىم ئۆزىنىڭ ئىنسانى ساپاسىنى، مۇھىتنى ئاسراش، تەبئەتنى سۆيۈش ئېڭىنىڭ يۇقىرىلىقىنى يەنە بىر قېتىم بىلدۈرۈپ قويدى. ھالبۇكى، ئۇلار بۇنى دۇنياغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن مەقسەتلىك قىلغان بولماستىن،  تەبىئى ھالدا بالىلىقىدىلا ۋۇجۇدىغا سىڭگەن گۈزەل ئىددىيەنىڭ رىئاللىقتا باشقىلار تەرىپىدىن بايقىلىشى  بولغان، خالاس.

يەنى، قىلچە لاپ ئۇرماستىن شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، ياپوندا چوڭ بولغان  ئىككى – ئۈچ ياشلىق بالىلارمۇ يىگەن كەمپۈتنىڭ، ئاپىلىسىنلارنىڭ  شۈپىكىنىمۇ يەرگە خالىغانچە تاشلىمايدۇ.  يەسلىنى پۈتتۈرگىچە قالايمىقان نەرسىلەرنى يەرگە تاشلىماسلىق ھەتتا، يەرگە تۈكۈرسىمۇ ئوت – چۆپلەرگە، يەرگە ئۇۋال بولىدۇ،- دىگەن ئاڭ شەكىللىنگەن بولىدۇ.

ئۇندىن باشقا، يەسلىدە ئۆزى بىر قوللۇق گۈل ئۆستۈرۈش، ئۆزى يىتىلدۈرگەن كۆكتات – مىۋىلەرنى يىيىش… دىگەندەك مەشغۇلات تۈرلىرىدىن بالىلار تەبىئەت بىلەن ئۇچرىشىدۇ، ئەمگەك مىۋىسىنىڭ  تەمىنى تېتىيدۇ، تەبىئەتنى ئاسراشنى ئۈگىنىدۇ.

بالىلار ئۆزى ئۆستۈرگەن گۈللەر

 

(7)

مىننەتدارلىق ھىسياتىنى يېتىلدۈرىدۇ

«رەھمەت»، «كەچۈرۈڭ» دىگەن سۆزلەر بۇ جەمىئەتنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان، بىز ھەر كۈنى تەبىئىي ھالدا سۈمۈرۈپ تۇرغان ھاۋاسىدەكلا ھەممىلا ئادەمگە، ھەممىلا يەرلىرىگە تارقالغان.

چۈنكى، بالىلار تىلى چىققاندىن باشلاپ «رەھمەت» دىيىشنى ئۈگىنىدۇ، يەسلىنىڭ ئەتىگەنلىك سالاملىرىدىن تارتىپ بىر تال كەمپۈت سىېتىۋىلشقىچە ھەممىلا ئىشقا «رەھمەت» دىن ئىبارەت بۇ گۈزەل مىننەتدارلىق تۇيغۇسى سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ.

شۇ ئەمەسمۇ؟! كىچىككىنە ئېرىشكەنلىرى ئۈچۈن مىننەتدارلىق تۇيغۇسىدا بولالمىغان ئىنساندا  بۈيۈك نىھمەتلەرنى تىلىگىدەك سالاھىيەت بولسۇنمۇ؟!

 

يۇقارقىلارنى تىلغا ئېلىش ھەرگىزمۇ ياپونىيەدىكى بالىلىرىمىز قالتىس يېتىلىۋاتىدۇ ،- دىگەنلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئەلۋەتتە!

ئاتا – ئانىلىقتىن ئىبارەت ئىنسان يىتىشتۈرىدىغان مۇقەددەس خىزمەت – نورمال بىر شارائىتتىمۇ كۆتۈرمەك ئاسان بولمىغان ۋەزنى ئېغىر بۈيۈك مەسئۇلىيەتتۇر.

ھالبۇكى، دەۋىرنىڭ ئەڭ ئېغىر، مۇشەققەتلىك  چاقلىرىدا گاھلاردا  يەنجىلىپ، گاھلاردا مۆدۈرۈپ كېتىۋاتقان، جاھان ئۇنتۇغان بىزدەك بىر قەۋم ئۈچۈن ئاتا – ئانىلىق تېخىمۇ ئېغىر ھەم ئېغىر بۇرچ بولدى.

شۇنداق، ئىشەك ھارۋىسى ھەيدەپ كەلگەن بىز خەقنىڭ بالىلىرى ئۇچما مېتىرولۇق زاماندا ياشاۋاتىدۇ، ئۆسۈپ يېتىلىۋاتىدۇ.

ۋەتەن زىمىندىن، مەدەنىيەت، ئىتقادتىن يىراق ئەللەردە،  نورمال بىر ئىنسان بۇ ھاياتىدا كۆتۈرەلمەيدىغان  يۇقىرى چەكتىكى ئېغىر روھى يۈكنى ئارتىپ كىتىۋاتقان بىزلەر ئۈچۈن بالىلىرىمىزنى زامان قەدەملىرىگە ماسلاشقان، بەخىتلىك، ئۆزىنى قەدىرلەيدىغان،  مۇھەببەتلىك بىر ئىنسان، يەنە كىلىپ تومۇرىدا ئېقىۋاتقان قاننىڭ ھەققىنى بىلگۈدەك بىر ئۇيغۇر قىلىپ يىتىشتۈرمەك سۆزلەنگەن تىللار، يېزىلغان داستانلاردىن  تولىمۇ مۈشكۈل ھەم مۈشكۈل بىر ۋەزىپە ئىدى، ۋەزنى تولىمۇ ئېغىر بىر سۇئال ئىدى.

توكيودىكى ئۇيغۇر بالىلار دۆلەتلىك پەن – تېخنىكا مۇزىيىدا

ئەتىمىز – بۈگۈنكى ئازابلىرىمىز تارىخقا ئايلىنىدىغان كۈن! بالىلار – ئەتىنىڭ ئۈمىدلىرى! دەرھەقىقەتكى بىز بالىلىرىمىزغا ئەڭ ياخشى شارائىتنى، ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى مائارىپنى بېرەلمىدۇق. بىراق، رىئاللىقتىن قاقشاۋەرگەندىن كۆرە، مەيلى قەيەردە ياشاۋاتقان بولايلى  ئالدىمىزدىكى تەڭرىنىڭ قىممەتلىك ئامانەتلىرىنى ئۆزىمىزدە بار شارائىتتىن ئەڭ يۇقىرى چەكتە پايدىلىنىش ھەم ئەڭ يۇقىرى ئىمكانىيەلەر بىلەن  تەربىيەلەش ئۈچۈن تىرىشىپ بېقىش ئالدىمىزدىكى ئاقىلانە يول بولىشى مۈمكىن.

 

***********************

رەيھان ئابلەت

2018.06.28

 

تارقىتىڭ...
  1. ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم رەيھان ھەدە . بۇ قۇرلارنى ئۇقۇپ بەكلا سۆيۈندۇم . ۋە بۇ ياش مەزگىلىدە بالىلارغا قانداق تەربىيەنى مۇھىم كۆرۈشنى قايتىدىن بېلۋالغاندەك بۇلسۇن.. ھارمىغايسىز …. بۇلسا مۇشۇ يۇقىرىدا تىلغا ئالغان كۇنكىرىت نشانلارنى بالىلارغا ئۆگىتىش مىتۇتى قانداق بق ھەققىدىمۇ بەزى گۈزەل مىساللار بۇلسا ھۇزىرىمىزغا سۇنغان بۇلسىڭىز بەك خۇشال بۇلاتتۇق

  2. بالامنى 4-ئايدا يەسلىگە بەرگەن بىرىنچى بولۇپ ھىس قىلغىنىم ئۆچرەت تۇرۇشنى ئۆگىنىپ كەپتۇ. 1يېرىم ياشتا بەرگەن بولۇپتۇق ھىسابتا. بۇرۇن بىرەر باغچىلارغا ئويناتقىلى ئاپارساق سىيرىلغۇچتىن چۈشۈپلا يۈگرەپ بېرىۋالاتتى بالىلار بارمۇ يوق كارى يوق. ئارقىغا تارتساق يىغلايتتى،ئوينايمەن دەپ. يەسلىگە كىرگەندىن كېيىن ئويناپ بولۇپ ئالدىدىكى بالىلارنىڭ ئارقىسىغا تىزىلىشنى ئۆگىنىپتۇ. يەنە بىرى 😀 قورسىقى تويۇپ قالسا دۇئا قىلۋېتىدىغان بولۇپ قالدى. ئېشىنىڭ يېرىمى تۈگىمەي قورساق تويۇپ قالسا قۇلىنى جۈپلەپ بېشىنى ئىگىپ قويۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىشكە ئالدرايدۇ . ھازىر بالامنىڭ دۇئاسى ئىككى، ئىككى قولىنى جۈپلەپ بېشىنى ئىگىپ دۇئا قىلىدۇ ئاندىن ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ ئامىن دەپ چوڭ بوۋايلاردەك بېشىدىن ئېڭىكىگىچە سىيلاپ چىقىدۇ 🙂
    بۇ تېمىنى ئوقۇپ تېخىمۇ جىق ئىشلارنى بىلۋالدىم رەھمەت. 🙂

  3. راست يەنە بىر ئىشنى سورىۋالاي مۇشۇ تېمىدىلا. بالامنىڭ تىلى ئەمدى چىقىۋاتقانكىن يەسلىدە باشتا گەپنى ئاڭقىرالماي قاپتۇ. بىز ئۆيدە ئۇيغۇرچىلا سۆزلىگەنكىن ئارلىقتا. ئايدا بىر كېلدىغان ئىنگلىز تىلى دەرىسىدە ئىپادىسى شۇندا ياخشى بولۇپ مۇئەللىمنىڭ گېپىگە ئىنكاس قايتۇرۇپتۇ. مەسئۇل مۇئەللىمى ئەتىسى بىزگە بالاڭلارغا ئۆيدە ئىنگلىزچە سۆزلەمسىلە ياپونچە گەپ قىلساق ئاڭقىرالمىغان تۈنۈگۈن ئىنگلىزچە سۆزلەرنى دىسە ئىنكاس قايتۇردى دەيدۇ. ئادەتتە ئىنگلىزچىغۇ سۆزلىمەيمىز. ئەمما ئايپەدتە بالىلار پروگراممىسىنىڭ ھەممىسنى ئىنگلىزچە كۆرىدۇ. ياپونچىگە يۆتكىۋەتسەكمۇ يەنە ئىنگلىزچىگە يۆتكىۋالىدۇ. بەكرەك ئېتىشساق يىغلاپ توخو پوقىلىقىنى قىلىپ بىزنى يېڭىۋالىدۇ.
    مېنىڭ دىمەكچى بولغىنىم ھازىر مۇشۇ ئۈچ تىل مۇھىتىدا تىل چىقىش ۋاقتىدىكى بالىغا تەسىرى بولارمۇ يەنى تىلنىڭ كېچىكىپ چىقىشى ياكى تىلدىن بىزار بولۇپ گەپ قىلغۇسى كەلمەسلىك دىگەندەك. بالىنىڭ ئىختىيارىغا قويۋىتەيلى دىدۇق . ئەمما يەنە ئەنسرەپ قالدىكە 2ياشقا كىرەي دىگەندىمۇ تولۇق بىر جۈملە دىيەلمەيدۇ. ھەممىسى تاق سۆز. سۆزلۈك مىقدارى ئاز. لىكىن يەسلىدە ئۈچ ئاي بېرىش جەريانىدا ياپون تىلىغىمۇ ئىنكاس قايتۇردىغان بولۇپتۇ يەسلىدە مالىمى ئىسمىنى چاقىرسا قولىنى كۆتۈردىكە (يېڭى ئاپارغاندا داداڭ كەلدى ئاپاڭ كەلدى دەپ ئىسمىنى چاقىرسا ئىنكاس يوق تۇردىكەندۇق) . قانچە ياش دىسە بىر بارمىقىنى چىقردۇ. تاماق ئوخشاپتىمۇ دىسە ئويىشى دەپ …ئەتراپىمزدا بىزدىن چوڭلار بولمىغاچ تەجىرىبىمىز يوق بولۇپ قالدى. ئۆيدە ياپون تىلى سۆزلەپ بېرىشىمىز شەرتمۇ؟ يەسلىدە شۇ تىلدا قۇبۇل قىلۋاتقانكىن؟

    • تىل مەسلىسى كۆپ ئاتا – ئانىلارنىڭ باش قىتىنچىلىقى.
      بالىلارنىڭ 11 ياشتىن كېيىن ئۈگەنگىنى ئىككىنجى تىل ھېسابلىنىدۇ، بالىلىرىمىزنى بۇ ياشقىچە ئۆز تىلىمىزنى ئۈگىتىش بەك موھىم دەپ قارايمەن، ئەلۋەتتە، تۇنجى تىلىنىڭ ئانا تىلى بولۇپ چىقىشى ئۈچۈن موھىت، مائارىپ ..دىگەندەك نۇرغۇنلىغان ئامىللار كىرەك بولسىمۇ.
      بىشىمدىن ئۆتكىنىنى دىسەم، بالىنى بىر ياشتىن باشلاپ يەسلىگە بەرگەن بولساقمۇ، قىززىق يېرى بالىلار ئۇزاق ئۆتمەيلا يەسلىدە ياپونچىنى، ئائىلىدە ئۇيغۇرچىنى ئاڭقىرالايدىغان بولدى، چۈنكى، بالىلارنىڭ تىل ئۈگىنىش ئىقتىدارى ھەقىقەتەن پەۋقۇلئاددىكەن.
      شۇنداق قىلىپ ئائىلىدە جاھىللىق بىلەن ئۆز تىلىمىزدىلا پاراڭلاشتۇق، بالىلار يەسلىدە ياپون تىللىق، ئائىلىدە ئۇيغۇر تىللىق بولدى، ياخشى يېرى ياپونلاردىنمۇ چانمىدى، تىلىمىزنىمۇ ياخشى ئۈگەندى.
      ھازىر يىقىندا تۆت ياشقا كىرگەن ئوغلۇم 32 ھەرىپنى تونۇپ قالاي دىدى، گەرچە، بالىلار ئۆيدە ياپون تىلىغا كىتىپ قالسىمۇ، ياپونچە گەپ قىلىۋالسىمۇ ئۇلارغا ھەر دائىم ئەسكەرتىپ تۇرىۋاتىمىز.
      قىسقىسى، مەن ئائىلىدە بالىلارغا ئۆز تىلىمىزدا گەپ قىلىشنى، ئۈگىتىشنى بەكمۇ تەۋسىيە قىلىمەن.
      بالىلىرىمىز دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق تىلىمىزنى ئائىلىدە بولسىمۇ ئۈگەنسۇن.
      ، ئاڭلاپ چوڭ بولسۇن، ئۇلار بەك ئەقىللىق، ياپونچىلارنىمۇ تىزلا ئۈگىنىپ كېتەلەيدۇ.

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ياپون

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى