بايراممىش بۈگۈن!

1,703 قېتىم ئوقۇلدى

بايراممىش بۈگۈن
بىلىمەن!
ئانام چوقۇم ئۆيدە
مۇڭلىنىۋاتىدۇ…
گوياكى!
دۆنەنىڭ  «ئاھ، مەمىتىم!» دەپ بوزلاشلىرىدەك
ئىرازنىڭ ئوغلى ئۈچۈن چەككەن نالىلىرىدەك
رەيھاننىڭ نۇرىدىن ئەنسىرەشلىرىدەك
يۈرىكىنى قۇچاقلاپ ئولتۇرىدۇ

….

.پەلەككە كۆتۈرۈلگەن ئاچچىق، دەرتلىك بىر كۈيدىن, كائىناتنىڭ مۇزدەك ياشلىرى تامچىلاۋاتىدۇ

……

( دۆنە،  ئىراز –  «مەمەت ئاۋاق» رومانىدىكى، رەيھان – «ئانا يۇرت» دىكى  ئانا ئوبرازلىرى)

2018.03.08

 

Chopin – Spring Waltz

 

‏پىكىرى ئۆتكۈر، قەلبى چۇڭقۇر ئاياللارنىڭ يىللاردىن ئالىدىغىنى يوقاتقىنىدىن قىممەتلىك بولىدۇ! ‏يىللار ئۆتكەنسىرى، قىسمەتلەر ئۇنى بېسىۋالغانسىرى توزىماس گۈلدەك چاقناپ ماڭىدۇ.

‏بەزىلەر ھەۋەس يەنە بەزىلەر ھەسەت بىلەن، بەزىلەر قايىللىق يەنە بەزىلەر ياراتماسلىق نەزىرىدە قارىسىمۇ، ‏بۇ خىل ئاياللار ئۆز قىممىتىنى باشقىلارنىڭ نەزىرى ئارقىلىق كۆككە كۆتۈرمەيدۇ ۋە ياكى يەرگە ئۇرمايدۇ!

‏ئۇلار باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئەمەس ئۆز قەلبىدە ياشايدۇ! ياراتقۇچىنىڭ ئەڭ ياخشى ئۆرنىكى سۈپىتىدە قىممەتلىك ئىنسان قىلىپ ياراتقان ھەقىقىتىنى تونۇپ، ئۆزىنى قەدىرلەپ ياشايدۇ.

‏يىللار بۇ خىل ئاياللارغا ئۇرغۇپ تۇرغان جەلىپكارلىق ۋە لاتاپەت ئېلىپ كېلىدۇ! ‏ھاياتنىڭ ئاددى بىر كارتىنىسىمۇ چوڭقۇر ھىكىمەتلەرنى ئاتا قىلالايدۇ… ‏شۇڭا، ئۇلار يىللارنىڭ ئۆتىشىگە قاراپ ھەسرەتلىنىشنىڭ ئورنىغا يىللارغا رەھمەت ئېيتىدۇ…

2015.09.17

 

 

نەچچە يىل بۇرۇن خاتىرەمگە يېزىپ قويغان، چەمبىرەكلەردە ئىگىسىز چۆرگىلەپ يۈرگەن بۇ سۆزلەر ئۆزۈم ھەم بىلوگىمنى كۆرىۋاتقان ھەمشىرىلەر ئۈچۈن كىچىككىنە سوۋغام  بولسۇن.

 

دۇنياۋى داڭلىق ماركىلارغا تېگىشمەيدىغان، تېگىشسەك بولمايدىغان دوپپا ۋە بۇ دوپپىنىڭ ئىگىلىرى بولغان سۆيۈملۈك ئانىلىرىمىز، ھەدە – سىڭىللىرىمىز ئەزىز ھەم ئامان بولسۇن~

🌹🌹❤❤🌹🌹

*****************

2018.03.08

رەيھان

 

تارقىتىڭ...
  1. فوتۇ رەسىم گۆرگەزمىسىگە قاتناشتۇرغىدەك ،كۆزنى قاماشتۇرغىدەك رەڭدار ،سۈزۈك رەسىملەر بوپتۇ !بەدىئىي گۈزەللىك ،ھەممە ،ھەممىسى رەسىمنىڭ ئىچىدىكەن .

  2. سۈيۈملۈك رەيھان ، ياخشىمۇسىز ! بۈگۈن ھەممە يازمىلىرىڭىزنى پۈتۈنلەي ئوقۇپ تۈگەتتىم ، بەكلا ياخشى تەسىراتلارغا ئىگە بولدۇم ، بەكلا ئىسىل ئەسەرلەر ئىكەن ، قىلغان تەرجىمىلىرىڭىزگە ئىشلەتكەن سۆزلىرىڭىز شۇنداق يەڭگىل ، ئادەمنى بەك ئازادە كەيپىياتقا باشلايدىكەن ، ئىشقىلىپ بەك سۆيۈنۈپ كەتتىم . ئەجىرلىك بولۇشىڭىزنى ، ئىرادىڭىزگە تېخىمۇ كۆپ ئىرادە يار بولۇشىنى تىلەيمەن !!!

  3. بەك ياخشى بوپتۇ تەسىرلىنىپ كەتتىم

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

بايراممىش

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى