بالا يىغلىغاندا دىققەت قىلىدىغان نوقتىلار

4,379 قېتىم ئوقۇلدى

بالىنىڭ ھېس تۇيغۇلىرىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن چەكلەشكىمۇ ۋە ياكى  چەكتىن ئاشۇرۇپ يول قويۇۋىتىشكىمۇ بولمايدۇ.

ئۇنداقتا قانداق قىلىمىز؟ بىز قانداق ئاتا – ئانىلاردىن؟

دىققىتىڭىز ئۆتكەنكى «بالام يوقىلاڭ ئىشلارغىمۇ يىغلايدۇ، قانداق قىلسام بولار؟» دىگەن سۇئالنىڭ جاۋابىنىڭ داۋامىدا بولسۇن.

 

Frederic -CHOPIN Waltz in A minor

 

ئەنسىرەشكە تېگىشلىكى «يىغلىما!» دەپ بالىنىڭ ھىسياتىنى چەكلەپ مەجبۇرى باستۇرۇشتۇر!

ئەلۋەتتە، بەزىدە بۇ يېغا ئاۋازلىرىغا چىدىيالماي دەپ قالسىڭىزمۇ، بۇ خىل چەكلەش پوزىتسىيەرىمىز داۋاملىشىۋەرسە، بالا ئۆز ھىسياتىنى ئىپادىلەشنى خاتاللىق دەپ  ئويلىۋالىدۇ. ھالبۇكى، بالا قارىماققا كۈچ كەتمەيدىغان، گەپ ئاڭلايدىغان ياخشى بالا بولغاندەك  قىلغىنى بىلەن بالىنىڭ قەلبىدىكى بېسىلىپ قالغان  تۈرلۈك ھىس – تۇيغۇلار  كەلگۈسىدە، يەنى، ياشلىق دەۋىرىگە قەدەم قويغان چاغلاردا  پارتلاپ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلايدۇ- دە، تېخىمۇ تەس بولىدۇ.

.يەنە بىر ئەنسىرەيدىغان ئىش شۇكى،بالايېغلىسا نېمە دىسە شۇنى قىلىپ بېرىش

ئەلۋەتتە، بالىنىڭ «قۇچاقلاپ قويغىن» دىگەندەك تەلەپلىرى، مىجەزى يوق چاغلاردىكى تەلەپلىرى دىگەندەكلىرىگە يول قويۇش مەسىلە ھېسابلانمايدۇ.

لېكىن، بىرەر نەرسىگە  يىغلاپ تۇرۇپ ئىرىشىمەن دىسە، دەرھال ئېلىپ بېرىش – مانا بۇ ئەركىلىتىۋەتكەنلىك ھىسابلىنىپ، بۇ خىل تەلەپلەرگە ماقۇل دىيىش ياخشى ئەمەس.

مانا مۇشۇنداق بالىنىڭ ھىس – تۇيغۇلىرىنى بەك چەكلەش ۋە ياكى بەك زىيادە يول قويۇش بىلەن ئاشۇرىۋەتمەي نورمال بىر پوزىتىسىيەنى ساقلىساق بەك چوڭ مەسىلە يوق دەپ ئويلايمەن.

 

 نېمىشقىدۇ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلىسىلا شۇنداق بەسەرامجان بوپكىتىدىغان ئانىلاربار. بۇنىڭ سەۋەبى، ئانىنىڭ چارچاپ كەتكەنلىكى ياكى شۇ ئانىنىڭ يىغلىغۇسى بولسىمۇ، كۆز يېشىنى قەستەن باستۇرۇپ يىغلىيالمىغان بالىلىقى بولغان. يەنى، بۇ خىل بالىلىرىنىڭ يىغىلىرىغا ئاسانلا خاپا بولىدىغان ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلىق چاغلىرىدا ئۆزى بالىنىڭ چوڭى بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئىنى – سىڭللىرى يىغلاڭغۇلۇق قىلسىمۇ«مەن بالىنىڭ چوڭى تۇرۇپ يىغلىسام بولمايدۇ!» دەپ پاسسىپ ھىسياتىنى قەستەن باستۇرۇپ چوڭ بولغان ، ئاتا – ئانىسى پەقەت يىغلاڭغۇ ئىنى – سىڭللىرى بىلەن بوپكىتىپ، ئۆزىنىڭ كۆڭلىگە سەل قارالغان بالىلىق ئارقا كۆرۈنۈشى يوشۇرۇنغان بولىشى مۇمكىن..

يىغلاش – مەيلى بالىلارغا بولسۇن  ياكى چوڭلارغا نىسبەتەنمۇ ھەرگىزمۇ خاتا ئىش ئەمەس! ئادەم يىغلىغۇسى كەلگەندە قانغۇدەك يېغلىۋالغىنى تۈزۈك.

ئادەم يىغلىغاندا بىرەرسى تەرىپىدىن چۈشىنىلىشكە، بەزلىنىشكە ئېرىشىشى بىلەن (چوڭلار بەزىدە ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز بەزلەپ قويۇڭ) كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ ئالغا قاراپ ياشايدىغان كۈچكە ئىگە بولالايدۇ.

يەنىلا ئەمەلىي مىسال ئارقىلىق بۇ نەزىرىيەنى تېخىمۇ چۈشىنىپ باقايلى.

 

 

ھېس – تۇيغۇلارنىڭ ئىپادىلىنىشىنى چەكلىگەندە

قىزچاق يىغلىغانىدى، ئانا بىئارام بولدى.

-ئۇڧ، يەنە يىغلىدى…

قىزچاقنىڭ يىغىسى توختىمىدى، ئانا :

-قاچانلا قارىسا يوقىلاڭ ئىش ئۈچۈن مىچىلدىغان! – دەپ ئاچچىقلىدى.

تاماق ۋاقتى ئىدى، قىزچاق يىگۈسى يوق تاماق ئۈچۈن يىغلاشقا باشلىدى.

-ئاپا، بېلىق يىگۈم يوق!

-ئاغزىڭنى يۇم! – دەپ خاپا بولدى ئانىسى.

كۆڭلۈمدىكىنى ئىپادىلىسەم زادى بولمىغۇدەك دەپ ئويلاپ ئۈمچەيدى قىزچاق.

 

بالىڭىزنى ئادەتتىكى كىشىلەردىن ھېس – تۇيغۇلىرى كۈچلۈك، ئۆزگىچە بالا دەپ ئويلاپ تۇيغۇلىرىغا ئورتاقلاشقاندا

 

قىزچاق يوقىلاڭ ئىشلار ئۈچۈن يىغلىغانىدى، ئانا قىزىدىن سورىدى.

-قىزىم، قايسى ئىشقا كۆڭلىڭىز يېرىم بولدى؟

-نائوچىيان مىنى بوزەك قىلدى ئاپا،- دىگىنىچە تېخىمۇ يىغلاپ كەتتى قىزچاق.

-ئەستا، بۇ بولماپتۇ بالام.

-بۇندىن كىيىن سەن بىلەن ئوينىمايمەن،- دەيدۇ ئاپا!

-ئۇنداق دىگەن بولسا ئەلۋەتتە كۆڭلىڭىز يېرىم بولىدۇ – دە بالام… بولدى، خاپا بولماڭ قىزىم، يېنىڭىزدا مەن بار – دىگىنىچە بالىنى باغرىغا باستى.

قىزچاقنىڭ كىچىككىنە قەلبىدە «ئاپام مېنىڭ قوللىغۇچۇم» دىگەن ئىشەنچ تۇيغۇلىرى پەيدا بولدى.

 

سۇئال – جاۋابلارمۇ تامام!

 

مۇنداق قەھرىمان بېيماكىسلارنى ياسىساق بولاتتى!

بالىلىلىرىمىز ئۈچۈن تەۋسىيەلىك كارتون «بېيماكىس» نىڭ ئۇيغۇرچە – سۈزۈك نۇسقىسى

كارتوننىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى : ئالاھىدە قوشۇن

ئۇيغۇرچە – سۈزۈك نۇسقىسىنىڭ ئادىرىسى:

https://goo.gl/gttcwP

  ئۇيغۇر تىلىدىكى كارتۇنلار بىلەن ئۇچىرشىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان دوستلارغا يەنە بىر تەشەككۈرلەر.

سەن تەنھا ئەمەس، يېنىڭدا مەن بار. يۈزلىرىڭدە تەبەسسۇمىڭنى كۆرگۈم بار. ۋاقىتنىڭ تەسەللىلىرى بىلەن بۇ ئاغرىقلار، ئازابلارمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ…ھامان قۇياشنىڭ ئىللىق نۇرى يېتىپ كېلىدۇ.

شۇنداق پەيتلەر بولىدۇ،  ئۆز كۈچىمىز بىلەنلا ھالقىيالمايدىغان.

 بۇ پەيىتلەردىن پەقەت   مۇھەببەتنىڭ كۈچى ۋە بىر – بىرىمىزگە مەدەت بىرىش بىلەن ھالقىغىلى بولىدۇ.

 

***********************

「 大好き! が伝わるほめ方&叱り方 」

ـ ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى

تەرجىمىدە رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...
  1. بۇ كارتونغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ۋە قىستۇرما مۇزىكىسىنى بۇرۇن يوللىغان مۇنۇ تېمىدىن كۆرگەيسىز.
    http://tokyoxatiriliri.net/?p=2727

  2. بېيماكسنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمىسى قاتتىق ئېسىل چىققان

  3. رەيھان ياخشىمۇسىز ، مەنمۇ ھازىر پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدە ئۆگىنىۋاتقانلاردىن بىرى ، گۈلباھار مۇئەللىمنىڭ ئوقۇغۇچىسى ، سىزنىڭ ئۈندىدارىڭىزنى قوشىۋالسام بولامدۇ ؟

Reyhan ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

بالا

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى