سۆيگۈنىڭ رەڭگى (ئاۋازلىق نۇسقىسى)

2,398 قېتىم ئوقۇلدى

سۆيگۈنىڭ رەڭگى

ئاپتۇرى :- رەيھان ئابلەت

ئاۋازدا : – رەيھان ئابلەت

***

***

دېرىك ئالتون ۋالكوت – 1992 ـ يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى، بوستون ئۇنۋىسىتىتىنىڭ پروففىسورى، ئۇ 2017-يىلى3-ئاينىڭ 17-كۈنى 87 يىشىدا ۋاپات بولدى·

 

ئۆزىنى سۆيۈش

شۇنداق بىر پەيت يىتىپ كىلىدۇ ،
ئۆزۈڭنىڭ بوسۇغۇسىدا ،
ئۆزۈڭنىڭ ئەينىكىدە،
ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ كۈلۈمسىرەپ ،
چەكسىز ھاياجان بىلەن قارشى ئالغىنىڭدا ،
بۇ يەردە ئولتۇر، غىزالانغىن دىگىنىڭدە .
ئەسلى ئۆزۈڭ بولغان بۇ كىشىنى سۆيۈپ قالىسەن ،
ئۇنىڭغا شاراپ بىرىسەن، بولكا بىرىسەن،
ئۆزۈڭنى سۆيۈپ كەلگەن بۇ يوچۇن كىشىگە ،
يۈرىگىڭنىمۇ قايتۇرۇپ بىرىسەن .
ئۆمرۈڭ بويى، باشقىلارنى مۇھىم دەپ ،
سەن سەل قارىغان ئەمما سىنى ئۆزى دەپ بىلىپ كەلگەن ،
يوچۇن كىشىنى قايتا سۆيۈپ قالىسەن .
سۆيگۈ مەكتۈپلىرىنى،
رومانتىك سۈرەتلەرنى،
تاقەتسىزلىككە توشقان خاتىرىلەرنى ،
كىتاپ ئىشكاۋىدىن يۇلۇپ ئىلىۋىتىسەن .
ھەتتا ئەينەكتىكى ئۆزۈڭنىڭ سىماسىنىمۇ سۆكۈۋىتىسەن .
شۇ پەيت يىتىپ كەلگىنىدە ،
تەمكىن ئولتۇرۇپ ،
ئۆزۈڭنىڭ رەڭگا ـ رەڭ ھاياتىنى ,
كاتتا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ تەبرىكلەيسەن !!!!!

( … يۇقاردىكى شېئىرنى يازمامنى كۆرگەن بىر ھەدەم تۈنۈگۈن ئەۋەتىپتۇ….شېئىردىكى ئىددىيە  دەل دېمەكچى بولغانلىرىم ئەمەسمۇ ؟!     )

2017.08.19

 

تارقىتىڭ...
  1. ئېسىل ،قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن

  2. قەلىمىڭىزدىكى سۆز ئىبارىلەرنىڭ جۇشقۇنلىقىنى تولىمۇ ياقتۇردۇم، ئۆزۈمگە يەنە بىر بالداق ئىشەنچىم ئاشقاندەك تۇيۇلدى ، ئاۋازىڭىزغا درەت بەمىسۇن

  3. ئاۋازىڭىزنى بەكلا ياقتۇردۇم ❤️

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

سۆيگۈنىڭ

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى