ياپونىيەدە نورۇز گۈللىرى

1,824 قېتىم ئوقۇلدى

كېچە بولمايدىغان قايسىبىر كۈننى كۆردۈڭ؟
تاڭ ئاتمىغان قانچە كېچىنى كۆردۈڭ؟
باھارى يوق قانچە زىمىستاننى كۆردۈڭ؟

 

Hayley Westenra – 春よ、来い

 

توكيونىڭ تۆت پەسلى بەكلا ئېنىق، بەلگىلىرى شۇنچە روشەن.
بۇ دۇنياغا ئىشلەش ئۈچۈنلا يارالغاندەك ياپونلار بۇ تۆت پەسىلدىكى ھەر بىر ئۆزگىچىلىكتىن ھوزۇرلنىشنى بىلىدۇ.  باھارنىڭ مانا مۇشۇنداق ئىللىق، قۇشلار سايرىغان، گۈللەر ئېچىلغان چېچەكزارلىقىدا پەقەت نەچچە كۈنلا داۋام قىلىدىغان گۈزەل چېچەكلىرىدە سەيلە قىلىش، ئائىلە بويىچە، دوستلار، خىزمەتداشلار ئارا دالا تامىقى يىيىش بۇلارنىڭ تۇرمۇش ھوزۇرلىرىنىڭ، ئادىتىنىڭ، ھەتتا مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلنىپ كەتكەن…

 

قىز – يىگىتلەر مۇھەببەتنىڭ شاھىدى قىلىشىدۇ.
بوۋاقلارغا باھارنىڭ، ساكۇرانىڭ، يەنى نورۇز گۈللىرىنىڭ ئىسىمى قويۇلىدۇ. بۇ زېمىندا باھار نورۇز گۈللىرى بىلەن مەدىھيلىنىدۇ.

 

باھار – ئۈمىد پەسلى
باھار- مۇھەببەت پەسلى
باھار گويا بىر ئاق كەپتەر
خىزىر بولۇپ زېمىنغا كەلگەن
باھار گوياكى بىر نۇر
‎ تەگسز قاراڭغۇلۇقلارغا چۈشكەن

 ئۇزۇن داۋاملاشقان زىمىستانلاردا باھارنى كۈتۈپ ھەممىمز شۇنداق چارچىدۇق… راستىنلا چارچىدۇق… توكيوغىمۇ باھار يېتىپ كەپتىمىش… ھازىرچە بۇ بەخىتلىك زىمىننىڭ چىچەك پەسلىدىن بىرلىكتە ھوزۇرلىنىپ تۇرايلى~

(تۆۋەندىكىلىرى مەن تارتقان باھار مەنزىرىلىرى)

 

 

چېچەكزارلىقتا ئېلىپبەنىڭ مۇقاۋىسىدىكى ھېلىقى بالىدەك ئىڭىكىنى يۆلەپ كىتاب ئوقۇۋاتقان مېنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقڭچۇ؟👵🏼!

 

ئۆز مەھەللىلىرىمىزگە باھار كېلىپ چېچەكلەر ئېچىلغانلىرىنى پات ئارىدا ئاڭلارمىز ھە ~

2018.04.01

 

تارقىتىڭ...
  1. ھارىمغايسىز رەيھان ھەدە،مەنمۇ يازىملىرىڭىزنى تولمۇ ياخشى كۆرمەن، سۈرەت تارتىش تىغىنىكڭىز ياخشكەن جۇمۇ،ھەقىقەتەن گۈزەل چىقپتۇ

  2. مەن ياپونلانىڭ مۇشۇ تىرىشچان روھىنى بەكلا ياخشى كۆرىمەن،شۇڭا سىزنى ياپونيەدە يەنە نىمىلەنى ھىس قىلغاندۇ نىمىلەنى بايقىغاندۇ دەپ ھەر بىر يازمىڭىزنى ئۆتكۈزمەي ئوقۇيمەن،ھارمىغايسىز

  3. بۇ زېمنغا بەرىكەت ھەم گۈزەللىك ياغدۇرىدىغىنى بۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى, بەكلا سەمىمىيلىكىمىكىن دەيمەن..
    بىزمۇ تىرىشچان خەلققۇ…تېخىمۇ تىرىشايلى~♥☀

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ياپونىيەدە

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى