قىزلارنىڭ بەخىتلىك بولىشىدىكى ئاچقۇچ – دادا

4,932 قېتىم ئوقۇلدى

«قىزلار لايىق تاللىغاندا دادىسىغا ئوخشاش يىگىتلەرنى ئۆلچەم قىلىدۇ» دىيىلگىنىدەك، قىزلارنىڭ دادىسى بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى بولسا، دادىنىڭ ياشاش، تەپەككۇر ئۇسۇلىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. بۇ خىل قىزلارنىڭ ئىنسانى قەدىر – قىممەت تۇيغۇسى كۈچلۈك، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى يۇقىرى  بولىدۇ، ئۆزىنى ھەم ئۆزگىنى بەخىتلىك قىلالايدىغان ھاياتتا ياشىيالايدۇ.

 – شىمىزۇ كاتسۇھىكو

بىر قىز بۇ دۇنيادا ئۇنى شەرتسىز، غەرەزسىز ئاخىرقى نەپسىگىچە سۆيىدىغان ئەرنىڭ مەۋجۇتلىقىغا بولغان ئىشەنچنى دادىدىن ئالسۇن. ھەر قانداق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىسىمۇ يۈز ئۆرىمەيدىغان ، مەدەتكارى ۋە يۆلەنچۈكى  بارلىقىغا بولغان خاتىرجەملىككە دادىنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئېرىشسۇن.

بىر قىز چۆچەكلەردە تەسۋىرلەنگەندەك گۈزەل بولۇپ كەتمىسىمۇ ھىچقىسى يوقلىقىنى، بىراق، گۈزەللىك يارىتالايدىغان، تاپالايدىغان، ھەتتا، گۈزەللىك ھىدلىرىنى تارىتالايدىغان، روھنى ئويغىتالايدىغان يۇقىرى گۈزەللىكنى قوغلىشىشنىڭ ئىككىلا ئالەمدە نۇرغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى دادىنىڭ گۈزەللىك قارىشىدىن، تاللىشىدىن بىلسۇن.

 

Corazon de Nino – child`s heart

 

قىزىنى بەخىتلىك قىلالايدىغان دادىلارنىڭ ئادىتى

شىمىزۇ كاتسۇھىكو

 قىزىنى قەدىر – قىممەت تۇيغۇسى كۈچلۈك، قەلبى ساپ،  بەخىتلىك بىر ئىنسان  قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىش ئۈچۈن بىر دادا نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟

«قىزىنى بەخىتلىك قىلالايدىغان دادىلارنىڭ ئادىتى» نامىلىق ئۇشبۇ كىتابتا كۆپ قېتىم مائارىپ ئورۇنلىرىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان تەجىرىبىلىك ئاپتۇر شىمىزۇ ئەپەندى بىزگە 60 تۈرلۈك قوللىنىشچان تەكلىپ بېرىدۇ. يەنى، قىزىمىز بىلەن قانداق پاراڭلىشىمىز؟ قىزىمىزدىكى قابىليەتنى قانداق ئوتتۇرغا چىقىرىمىز؟ كىشىلىك مۇناسىۋەتكە قانداق يۈزلەندۈرىمىز؟ دىگەندەك ھەر قانداق بىر دادا رىئاللىقتا قوللىنالايدىغان تەدبىرلەر سۆزلىنىدۇ.

 

قىزلارنىڭ بەخىتلىك بولشدىكى ئاچقۇچ – دادا!

قىزبالىنى باقماق ئوغۇل بالىدىن ئاسانراق،- دىگەن سۆزلەرنى داۋاملىق ئاڭلاپ تۇرىمىز.

قىزلارنىڭ كۈزىتىش ئىقتىدارى ياخشى، قۇلىقى يۇمشاق، ئاتا – ئانىغا كۆيۈنىدۇ… دىگەندەك تەرەپلەردىن ئويلىغاندىمۇ قىزلارنى باقماق ھەقىقەتەن ئاسانراقتەك.

لېكىن، بالا باقماقنىڭ ئاسىنى يوقلىقى بىر ئەمەلىيەت. قىزلارنى تەربىيەلەشتە ھەقىقەتەنمۇ ئاتا – ئانا دۈچ كېلىدىغان زىل مەسىللەر يوق ئەمەس، شۇنداققۇ؟

مەسلەن،  بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، قىز – ئوغۇللار پەرقى، قىزلارنىڭ ئۆزىنى كەمسىتىشى … دىگەنلەر رۇشەنلىشىپ ماڭىدۇ. ئوغۇللارغا قارىغاندا قىزلار ئەتراپىدىكىلەرنىڭ، موھىتنىڭ تەسىرىگە بەكرەك ئۇچرايدۇ، دوستىلىرى بىلەن پەرق بەك چوڭ بوپكەتسە ئاسانلا چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ، كىشىلىك مۇناسىۋەت مۇرەككەپلىشىپ بىر تەرەپتىن ئاتا – ئانا بىلەن بولغان پاراڭ ئازلاپ، ئارىلىق كېڭىيىپ ماڭسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئاتا – ئانىغا بولغان نارازىلىق ھېسلىرى بىخلىنىپمۇ قالىدۇ.

قىسقىسى، بالا تەربىيەسى، جۈملىدىن قىزلارنى تەربىيەلەشمۇ ئۇنچىلىك ئاسان ئىشمۇ ئەمەس! بىراق، ئانىنىڭ تەربىيەسىگە دادىنىڭ ئەجرى ھەم پاراسىتى  قوشۇلغاندا قىزلار تېخىمۇ چاقنايدۇ، ئائىلىنىڭلا ئەمەس، جەمىئەتنىڭ گۆھىرىگە ئايلىنىدۇ.

 

بىر قىزنىڭ نەزىرىدە ئۆزى بىلەن ئوخشاش بولغان ئاپىسى ھەم ئۈلگىلىك رول ئوينىسا، بەزىدە قارشى تەرىپىدىمۇ بولۇپ قالىدۇ.

ئانىلار قىزلىرىنى ۋۇجۇدىنىڭ بىر پارچىسى دەپ بىلىپ ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ – يېتىلىۋاتقانلىقىغا قاراپ بىر تەرەپتىن خۇش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزىدىن ئايرىلىشىدىن قورقىدۇ. بەزى ئانىلار قىزلىرىدىن زىيادە ئۈمىد كۈتىۋېلىىپ ئۇلارنى ھەددىن ئارتۇق كونتىرۇل قىلىۋالىدۇ،- دە، ھازىرقى مودا سۆز بىلەن ئېيتقاندا «زەھەر ئانا» غا ئايلىنىپ قالىدۇ.

ئەكسىچە، ئوخشىمىغان جىنىستىن بولغان دادا بولغۇچى قىز ئۈچۈن باشقىچە دۇنيا ھىسابلىنىدۇ. بىللە بولىدىغان ۋاقتى ئانىغا قارىغاندا كۆپ بولمايدىغان دادا قىزىغا نىسبەتەن يېڭىچە، ئائىلىگە سىرتقى دۇنيانىڭ ھاۋالىرىنى باشلاپ كىرەلەيدىغان مەۋجۇتلۇق ئورۇندا ھىسابلنىدۇ.

دادا بىلەن پاراڭلىشىش، سىرىتلارغا بىللە چىقىش قىزلار ئۈچۈن قىممەتلىك ئەسلىمە بولۇپ قالىدۇ.

پىسخولوگىيە نوقتىسىدىن قارىغاندا،  قىزلار بالاغەتكە يېتىش باسقۇچىدا دادىسىدىن يىراقلاپمۇ قالىدۇ.  بالىلىق دەۋرىدە قىزى بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى، (يەنى، بالىنى بېقىشىپ بېرىدىغان، بىللە ئوينايدىغان، قۇچاقلاش، كۆتۈرۈش …دىگەندەك)  بالىغا يېقىن دادىلار بىلەن قىزنىڭ ئوتتۇرسىدىكى بۇ ئارلىق  بەك چۇڭقۇربولۇپ كەتمەيدۇ.

مەيلى دادا بىلەن قىز ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ياخشى بولغان بالىلىق دەۋرىدە بولسۇن، ياكى ئارلىق  پەيدا بوپقالىدىغان بالاغەت دەۋرىدە بولسۇن، دادىنىڭ ۋەزىپىسى قىزىنىڭ قاپىقىغا قاراپ ئىش كۆرۈش بولماستىن، بەلكى، ھەر ۋاقىت قىزىنىڭ كەلگۈسىدە قەلبى ساپ ھەم كۈچلۈك، پاراسەتلىك، غايىلىك، كىشىلەر تەرىپىدىن سۆيۈلىدىغان ھەم سۆيگۈ ئاتا قىلالايدىغان، ئۆزى سۆيگەن ئادىمى بىلەن توي قىلىپ بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپ مۇھەببەتلىك ھاياتتا ياشىيالايدىغان ئىنسان بولىشى ئۈچۈن نېمە قىلىشى لازىملىقىنى ئېسىدىن چىقارماي، دادىغا خاس يول تۇتۇش دادىنىڭ ۋەزىپىسىدۇر.

ئاياللار ھەركىتى جانلىنىۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيادا، كەلگۈسىدە ھەم پەرزەنتىنىڭ ھەم ئۆزى سۆيىدىغان كەسىپنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان مۇستەقىل قىزلاردىن بولىشى ئۈچۈنمۇ «قىز بالا دىگەن بەك ئۆگىنىپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ» دىگەندەك كۆز قاراشلار ئاللىبۇرۇن ئۆتمۈشكە ئايلىنىپ كەتكەن بولدى. (ياپونلاردىمۇ باركەنتۇق بۇ خىل سۆزلەر ئەسلىدە)

يەنى، بۈگۈنكى دەۋىردە قىزلار ئاقكۆڭۈللا بولسا كۇپايە قىلمايدۇ، كۈچلۈك ھەم پاراسەتلىك بولمىقى لازىم.

 

مەن رادىئولاردا  پەرزەنت تەربىيەسىگە ئائىت ھەر خىل مەسىلىلىرىگە جاۋاب بېرىدىغان، ئائىلە مائارىپىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى دىگەندەكلەرنى تەتقىق قىلىۋاتقان، ھەر قايسى باشلانغۇچ – ئوتتۇرا مەكتەپلەردە بالىلار پىسخولوگىيەسىگە ئائىت ھەر خىل لىكىسيەلەرنى سۆزلەۋاتقان بىر ئىنسانمەن. ھالبۇكى، ئۆيگە قايتسام قىزىمنىڭ تەربىيەسى ئۈچۈن بېشى قاتىدىغان، تىڭىرقايدىغان  بىر دادىمەن،- دەيدۇ شىمىزۇ ئەپەندى.

شىمىزۇ ئەپەندى ئۈچۈن قىزىنى تەربىيەلەش ئاسان ئىش بولمىغىنىدەك، بىزنىڭ دادىلار ئۈچۈن بۇ تېخىمۇ قىيىن، مۈشكۈل بىر ۋەزىپە، ئەلۋەتتە.

بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك دەۋىرنىڭ ئېغىر ۋەزىپىلىرىنى زىممىسىگە ئارتىپ، تەرەپ – تەرەپتىن كىلىۋاتقان تۈرلۈك روھى بېسىملار ئىچىدە قەدەملىرىنى ئاران – ئاران ئېلىپ مېڭىۋاتقان سۆيۈملۈك دادىلار ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق….

  ھازىرقى ھالىتىمىزدە پەرزەنت تەربىيەسى  بىسىم بولۇپ قالمىغۇدەك، ئوقۇسىڭىز يىنىك نەپەس ئالالىغۇدەك  ئۇشبۇ كىتابتىكى مەزمۇنلارنى  يەتكۈزۈپ باقماقچىمەن.  بىلمىدىم، قىزىنى بەخىتلىك قىلىشنى ئارمان قىلغان ئاتا – ئانىلارغا ياقامدىكىن ؟

 

**************************

پايدىلانغان مەنبە:

女の子が幸せに育つパパの習慣

تەييارلىغۇچى: رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...
  1. سالاملار بولسۇن
    يېڭى تېمىغا ئۈلگۈرۈپ كەپتۇق. سوغۇقتا خوشاققان تام ئوچاقنىڭ ھارارىتىدەك ، بۇ كىتابنىڭ ئۇچۇرى مەندەك بىر دادىچاقنى خوش قىلىۋەتتى.
    نۇرغۇن دادىلار تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ئائىلىدىن، بالىدىن ئايرىلىپ تۇرىۋاتىدۇ ياكى دائىم بىللە بولالـمايۋاتىدۇ. ئەمما بىز دادىلار بۈيۈك بۇرچ بىلەن ياخشى كۈنلەر ئۈچۈن سەۋەپ قىلىۋاتقىنىمىزدا بالىمىزنىڭ تەربىيىسىنى ھەم ئۇنۇتقىنىمىز يوق. ئائىلىدە بالىنىڭ تەربىيىسىدە ئەر ئايال «بالا ئۈچۈن زادى نېمىنى قىلىپ بەردىڭىز» دېگەن تېمىنى «نۇرغۇنلارنى قىلىپ بەردىڭىز، ئەمدى يەنە بۇلارنىمۇ قىلايلى» دىگەنگە يۆتكىسە دىللارغا ماياك يانىدۇ، قىلىۋاتقانلىرى ئېتراپ قىلىنغان كىشى تېخىمۇ ئىلگىرلەشنى خالايدۇ. تەربىيە يولى جاپالىق، بۇنىڭ قۇۋۋىتى ئۆزئارا ئېتراپ قىلىش ھەم قوللاشتا. شۇڭا ئاز ياكى كۆپ قىلسۇن، سۈپەتلىك ئاتا-ئانا بولۇش مەقسەتتۇر. پەرزەنت تەربىيىسىدىكى ئاچقۇچ ئەرئايالىنىڭ ئىناقلىقى ھەم ئۆزئارا ھەمدەمدە بولۇپ قۇۋۋەت بېرىشتە دەپ يەكۈنلەيمەن. ئەلۋەتتە، كونكېرت تەدبىرلەرنى مانا مۇشۇنداق مەنبەلەردىن ئوزۇق ئالـمىقىمىز لازىم. تەرجىمە قەلىمىڭىز نۇسرەت كەلسۇن، ياخشى ئىدىيەلەرنى ئايىماي يەتكۈزگەيسىز. شىمىزۇ ئەپەندىنىڭ ئوسۇسۇمې (تەۋسىيە) لىرىنى ساقلاپ قالدۇق ئەمسە.
    يولۇڭغا قاراپ….

  2. سىزگىمۇ ھەم سالاملىرىم بولسۇن~
    ھەر قېتىملىق ئىنكاسىڭىزنى سۆيۈنۈش ئىچىدە ئوقۇپ چىقىمەن ، پېكىرلىرىڭىزنى بەك ياقتۇرىمەن.
    كىتابنى نوقۇل سۆز -جۈملە بويىچە تەرجىمە قىلماستىن ئۆزلەشتۈرمە شەكىلدە مەزمۇننى يەتكۈزدۈم، چۈنكى ، بىزنىڭ قىزلىرىمىزدىن كۈتىدىغىنىمىز بىر ياپونلۇق دادىنىڭكىدىن نازۇك ھەم زىلراق يەرلىرى بار ئەمەسمۇ…
    تەرجىمە ھەم مەزمۇنلارغا نىسبەتەن كۆز -قاراشلىرىڭىزنىمۇ ئايىمىغايسىز ئەمسە~
    سىز ۋە ئائىلىڭىزدىن نۇرلار كەتمىسۇن، ھەر بىرىمىزگە خۇش ئاۋازلارنى ئاڭلاش، سۆيۈملۈك چىرايلار بىلەن دىدارلىشىشلار نېسىپ بولسۇن~☀️

  3. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم رەيھانگۈل سىڭلىم،
    توكيو خاتېرىڭىزنى بەكلام ئوقۇغۇم بار ئىدى.
    بۈگۈنكى بۇ يازمىڭىز، تۇنجى ئوقۇغان يازمىڭىز بولسا كېرەك، بەك بەلەن كىتاپقا تۇتۇش قىلىپسىز.
    گەرچە مېنڭ 4 ئوغلۇم بار، قىزىم يوق. ئېگىمىز دادامغىمۇ بەش ئوغۇل بېرىپتىكەن، رەھمەتلىكنىڭ قىزى يوق ئىدى. شۇنداقتىمۇ قىزلارنىڭ جاسارەتلىك، ئەقىللىق ۋە ئۆزئىشەنچىسى كۈچلۈك، ئاكتىپ ئېنىرگىيە تارقىتىدىغان ھالەتتە چوڭ بولىشى تولىمۇ زۆرۈر. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللارنى خور كۆرىدىغان ئەنئەنە ياپۇنىيەدىمۇ ئېغىر بولسا كېرەك. شۇنداقتىمۇ قىزىنى خور كۆرىدىغان ئاتا بولمىسا كېرەك… شۇنىڭدەك ئەرمەركەزلىك قارىشى ھاكىم بولغان ياپۇنىيەدە، دادسىنى ھۆرمەت قىلمايدىغان قىزمۇ بولمىسا كېرەك… شۇڭلاشقىمۇ ئۇ يەردە قىزىنىڭ دادىغا تېخىمۇ ھۆرمىتى كۈچلۈك ۋە ئەتراپىدا كۆپرەك پايپىتەك بولىدىغىنىمۇ يەنە شۇ قىزى بولىشى مۇمكىن، دادىلارنىڭ…
    شۇڭلاشقىمۇ قىزى بار بەخىتلىك دادىلار قىزلىرىنىڭ ئوتىدا ئوغۇللىرىغا قارىغاندا بەكرەك پىشىپ كۆيۈپ، قىزلىرىنى چىدام ۋە غەيرەت، سەبىر ۋە جاسارەت بىلەن زەررەتلىگەن بولىشى مۇمكىن.
    ئۇمۇمەن قىزلار ئانىسىنىدىن بەكرەك دادىسىغا بەك كۆيەرمىش. بەلكىم شۇنىڭدىن بولسا كېرەك، دادىسىدىن كۆپ نەرسە ئۈگىنىپ، ھاياتقا تەمكىنلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى ئۆزلەشتۈرىدىغان بولىشىمۇ مۇمكىن…
    سىزنىڭچە بۇ پەرەزلىرىم توغرىمىدۇ؟!
    قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي، بۈگۈزەل ئىشنى داۋام قىلغايسىز. ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن.
    توكيو خاتېرىڭىزدىن تېخىمۇ كۆپ بىلىملەر ئالالايدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن.
    چۈنكى مەن، ياپۇنچىنى سۆيۈپ ياپۇندا ياشىمىغان.
    رەھمەتلىك دادامدەك، قىز پەرزەنت تىلەپ قىز كۆرەلمىگەن بىر دادا.
    خەيىرلىك سەھەر، توكيو ۋە ئۇنىڭ خاتېرلىرى
    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، يۈرىكىڭىزدىن چىققان سۆزلىرىڭىزگە رەھمەت~
      راست، قىزنىڭ مىھرىنى دادىغا سالىدۇ دەپ ، ئۆزەمنى ئالساممۇ ئانامنىڭ سۆزلىرىنى ئانچە ئەسلىيەلمەيمەن، قەلبىمگە ئورناپ كەتكەنلىرى دادامنىڭ سۆزلىرى، ھايات مىزانلىرىكەن…
      ياپوننىڭ ئاياللارنى تۆۋەن كۆرگەن زامانلىرى بولغانكەن ، بىراق، ھازىر ئۆتمۈش بوپقالدى….
      بىلوگىمدا بىلىم بىرەلىگۈدەك مەزمۇنلار يوق، ئانچە -مۇنچە كۆڭلىڭىزگە ياققۇدەك قۇرلارنى ئۇچىرىتىپ قالسىڭىزمۇ خۇش بولىمەن.
      ئىگىمىز نېسىپ قىلسا، ئۆزىڭىز ئارمان قىلغان زېمىنلاردىمۇ ياشايسىز، ئوماق قىزىڭىز، سىزگە كۆيىدىغان كىچىك پەرىشتىڭىزمۇ بولىدۇ.
      دادىمىزنىڭ ياتقان يېرى ئەڭ گۈزەل ئورۇنلاردا بولسۇن~
      ئامان بولۇڭ~

  4. رەھمەت دائىم مۇشتاق
    ئىسىل مەزمۇنلار يۇللانسا

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

قىزلارنىڭ

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى