بالىڭىز دۇنيادا ئەڭ ئىللىق ماكاننىڭ ئائىلە ئىكەنلىكىنى بىلسۇن!

3,382 قېتىم ئوقۇلدى

ئامرىكىلىق داڭلىق يازغۇچى، مائارىپشۇناس دوروسى لونولت (Dorothy low Nolte) بىلەن پىسخولوگ راچىل ھارىس  (Rachel Harris) نىڭ  مەشھۇر «بالىلار تەربىيەسدىكى مۆجىزىلىك سۆزلەر» نامىلىق كىتابىدا مۇنداق دىيىلگەن:

قوپال ئائىلىدە چوڭ بولغان بالىلار زوراۋان بولۇپ قالىدۇ.

باشقىلارغا ھەۋەس قىلىپلا ئۆتىدىغان ئاتا – ئانىنىڭ بالىلىرىنىڭ ھاياتىمۇ باشقىلارغا ھەۋەس – ھەسەت قىلىش بىلەن ئۆتىدۇ.

تىنىچ، مېھىر – مۇھەببەتلىك ئائىلىلەردە چوڭ بولغان بالىلار بۇ دۇنيانى گۈزەل، ئىللىق بىر ماكان دەپ بىلىدۇ.

شۇنداق، مېھىر – مۇھەببەتلىك، ئىللىق بىر ئائىلە ھەر كىم ئۈچۈن، جۈملىدىن، كەلگۈسىدە بەخىتلىك بىر ئىنسان قىلىپ يىتىشتۈرۈشنى ئارمان قىلغان بالىلىرىمىز ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىمدۇر.

 

CoCo-ウン.ポコ.ロコ

 

دادا بىلەن قىز ئوتتۇرىسىدىكى  گۈزەل دادا – بالىلىق مۇناسىۋەتنى  بېيىتىشتا، بالىغا دۇنيادىكى ئەڭ ئىللىق ماكاننىڭ ئائىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ھەممىنىڭ باشلىنىش نوقتىسىدۇر.

قاراڭ، ئەگەر بىر دادا خىزمەتتىكى ئوڭۇشسىزلىقلىرىنى، ناچار كەيپىياتىنى ئائىلىگە سۆرەپ كىرسە، دائىملا ئەتراپىدىكىلەرگە ھەۋەس قىلىپ يۈرسە، ھەر دائىم يوقىلاڭ ئىشلار ئۈچۈنمۇ چېچىلىپ يۈرسە… بۇنداق ئائىلىدە چوڭ بولىۋاتقان بالا ئائىلىدىكىلەرنى دۇنيادىكى ئەڭ يېقىنىم، ئائىلىنى دۇنيادىكى ئەڭ ئىللىق بىر ماكان دەپ تونۇيالارمۇ؟

بەزىدە نوقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ياخشى نەتىجە بىلەن ئۆتكەن (ئەلۋەتتە، نەتىجىسى ياخشى بالىلار كەلگۈسىدە چوقۇم بەخىتلىك بولالايدۇ دىگەنلىك ئەمەس) كۆزگە كۆرۈنگەن ئىلغار بالىلارنىڭ ئائىلىلىرىگە زىيارەتتە بولۇپ قالىمەن. كۆپىنچە بۇ خىل بالىلارنىڭ ئائىلىدە دادىنىڭ ئوبرازى ھەم دادا – بالا مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بايقايمەن.

ئۆزىنىڭ خىزمىتىنىلا ياخشى قىلىپلا قالماستىن، ئائىلە، مەكتەپ، تۇرۇشلۇق رايونلارنىڭ پائالىيەتلىرىدىمۇ ئاكىتىپ دادا.

ئائىلىدە ئايالىنىڭ، بالىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلاپ بېرىدىغان دادا.

بالىنىڭ بەك ئۇششاق – چۈششەك ئىشلىرىغىچە ئارلىشىۋالماستىن، تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئىشلارنى بالىنىڭ ئۆزىگە تاپشۇرىدىغان، بالىسىغا ئىشىنىدىغان دادا.

يەنى، بۇ خىل دادىلاردا مۇنداق 3 ئورتاقلىق بولغان:

(1)ئوچۇق چىراي، خۇشخۇي، ئۈمىدۋار، ئالغا ئىنتىلىدىغان خاراكتىرى بار.

(2) تەپەككۇرى ئاكىتىپ، ھەرىكەتچان، باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشالايدىغان، قىزىقىش – ھەۋەسلىرى بار. 

(3) ئادىمىيلىك پەزىلىتى يۇقىرى.

( ھەممە دادىلار چوقۇم ماۋۇ فۇرمۇلاغا چۈشۈش شەرت ئەمەس ،ئەلۋەتتە)

يىغىپ ئېيتقاندا، ئائىلىدە ئوچۇق – يورۇق، ئىللىق بىر مۇھىتنى ساقلاش، بالىدا ئائىلە دىمەك كۆڭۈل ئارام تاپىدىغان يەر دىگەن ئاڭنى يېتىلدۈرەلەيدىغان ھالەتنى ساقلاش بەك مۇھىم.

 

بولۇپمۇ بىر قىز ئۈچۈن چوڭ بولغان ئائىلە مۇھىتى، دادىنىڭ قانداق بولىشى كەلگۈسدىكى ئائىلە، كەسىپ، جەمىئەت قارىشىغا چېتىلىدۇ، دادا ئارقىلىق تاشقى دۇنياغا يۈزلىنىدۇ.

بىر قىسىم دادىلارنىڭ بالىلارنىڭ ئوقۇش نەتىجىسى، دەرىجىلىرىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلىمەن.

بىراق، پۈتۈن دۇنيادىكى دادىلارنىڭ ئەڭ ئالدى بىلەن كۆڭۈل بۆلۈشكە تىگىشلىكى باشقا نەرسە بولماستىن ئالدى بىلەن بۇ ئائىلىنى قانداق قىلسام تېخىمۇ ئىللىق، مۇھەببەتلىك، كۆڭۈللۈك بىر ماكان قىلىپ قۇرۇپ چىقالايمەن؟ دىگەندىن ئىبارەت بولىشى كېرەك دەپ قارايمەن.

 

ھەر بىر ئەرنىڭ تارىخ بەتلىرىدىن  ئورۇن ئالىدىغان قەھرىمان ئاتىلىشى ناتايىن. بىراق، ھەر بىر دادا ئائىلىنىڭ ئەسلىمە تارىخلىرىدىكى  قىممەتلىك قەھرىمانلاردىندۇر.

دىلىڭىز پەرىشان، تاشقى دۇنيادىكى تەڭسىزلىكلەردىن يۈرىكىڭىز ھالسىرىغان ھالدا ئىشىكتىن كىرگىنىڭىزدە، ئالدىڭىزغا يۈگۈرۈپ كەلگەن شۇ ئوماق قوزىڭىزنى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ باغرىڭىزغا بېسىشلىرىڭىز، پىشانىسىدىن سۆيۈشلىرىڭىز – مانا بۇ دادىنىڭ مىھرى.

ھاياتنىڭ ئەڭ ئېغىر داۋانلىرىدا ئۈمىدسىزلەنگەن دەملىرىڭىزدە ئالدىغا يەنە بىر قەدەم ئالالىغنىڭىز، كۆزلىرىڭىزدىكى  ياشنى سۈرتىۋىتىپ «بالام، قاراپ تۇر! ئاجايىپ كۈنلەردە ياشىيالايمىز!» دەپ ئۈمىدسىزلىكنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىنى ھەيدىۋېتەلىشىڭىز – مانا بۇ دادىنىڭ غەيرىتى.

قىسمەتلەر بىلەن يىراقلاردا  قالغان شۇ يۈرىكىڭىزنىڭ پارچىلىرى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تىلەكلەردە، ئەڭ گۈزەل ئۈمىدلەردە بولالىشىڭىز – مانا بۇ دادىنىڭ يۈرىكى.

 

**************************

پايدىلانغان مەنبە:

女の子が幸せに育つパパの習慣

تەييارلىغۇچى: رەيھان ئابلەت

 

قىزىم، گەرچە تەقدىر – قىسمەتلەر بىلەن ئايرىلساقمۇ، يۈرىكىمىز ھامان بىر.
– چۈش ئىزدەش سەپىرىدىن پارچە

3 – ئايلىق «بالىلار ئاۋازلىق ئوقۇشلۇقى» ئەۋەتكەن قىزلىرىمىز مېھرىناز بىلەن نازىگۇمغا «توكيو خاتىرىلىرى» دىن كىچىككىنە كۆڭۈل سوۋغىسى ئەۋەتىلدى.

گەرچە، توردىن چىگرا ئاتلاپ كىلىش ئۈچۈن ۋاقىت كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن سوۋغىمىز كىچىككەن بولسىمۇ، قىزلارنى تۇيۇقسىز خۇشاللىققا چۆمسىكەن، يەرشارىنىڭ مەلۇم يېرىدىكى قېرىنداشلىق مىھىرنى كىچىككىنە يۈرىكى ھېس قىلسىكەن دىگەن ئۈمىدتىمىز.

 

تارقىتىڭ...
  1. بەك ياخشى تىمىكەن،،

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

بالىڭىز

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى