بالىلار ئاۋازلىق ئوقۇشلۇقى: پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى ( ياپونچە – ئۇيغۇرچە)

3,937 قېتىم ئوقۇلدى

باشقىلارنىڭ كۆزىدە، قەلبىدە، تەسەۋۋۇرىدا كۈچلۈك، ئەقىللىق، گۈزەل، شۇنچىلىك قالتىس، مۇكەممەل قىياپەتتە ئوتتۇرىغا چىقىشنى، كۆرۈنشنى خالايمىز ھەم باشقىلار ئارقىلىق ئۆزىمىزنى باھالاپ سالىمىز. مانا بۇ بىز ئادەملەرنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقى! ئىچىمىزدىكى ئەسلى قىياپىتىپىمىزدىكى ئاجىزلىقىنىمۇ، كۆز يېشىنىمۇ، شەخسىيەتچىلىكىنىمۇ، ھەتتا نارازىلىق، غەزىپىمىزنىمۇ قىلچە بېزىمەستىن ئاشكارلىيالايدىغان دەرىجىدە  بالىلارچىلىك سەمىمى ۋە دادىل ئەمەسمىز!

شۇڭا، چۆچەكتىكىدەك يالىڭاچ پادىشاھلارنىڭ خورىكى ئۆسۈپ، ئار-نۇمۇسنى قايرىپ قويۇپ خەلقى ئالەم ئالدىدا كىيىمسىز ھالدا مەغرۇر ماڭالايدۇ. ئاۋۇ ئىككى ئالدامچىدەك ھايانكەشلەر بازار تاپىدۇ، ھەممە ئادەملەر بىر – بىرلىرىدىن ھەقىقى ئۆزلىرىنى يوشۇرۇپ يالغان نىقابلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ ھاياتلىق كوچىلىرىنى ساختا كۈلكە، يالغان مەدھىيەلەر، ئەگەشمە شۇئارلار بىلەن ئەخلەتكە تولدۇرىدۇ.

خوش، چۆچىكىمىزگە يانساق، ئاۋۇ پادىشاھ  كىچىككىنە بالىنىڭ سۆزى بىلەن ئۆز خاتالىقىنى، ئەسلى قىياپىتىنى تونۇدى، بالا مۇكاپاتلاندى، ئەگەر ئۇ زالىملىق يولىنى تۇتۇپ بالىنىڭ ئاقىۋىتى باشقىچە خاتىمىلەنسىچۇ؟ بالىنىڭمۇ باشقىلاردەك خۇشامەت، يالغانچىلىق نىقابىنى تاقىغىنى ئاقىلانىلىكمۇ؟!

بۈگۈن بالىلىرىمىزدىن ئاكا – ئۇكا ئازات ۋە نۇرزاتلار بىزگە بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا شۇنداقلا ئوقۇپ قويۇپ ئەمدىلىكتە تەھلىلگە چۈشكەن بۇ چۆچەكنى ئىككى خىل تىلدا  سۇنماقچى. شۇنداق، ئاۋازلىق ئوقۇشلۇق ئەۋەتىۋاتقان بۇ ئەقىللىق شاكىچىكلىرىمىز ۋەتەندىن يىراق قىرلاردا ئۆز تىلى، ئۆز مەدەنىيىتىنى ئائىلىسىدىن باشقا يەردىن تاپالمايدىغان ھالەتتىمۇ كىتابلارنى ئۆزلىرى تەرجىمە قىلىپ، تەبىئى، چۈچۈك تىللىرىدا بىزگە سۇنىۋاتىدۇ، بىر ئويلىسىڭىز بۇ ئاددى ئىش ئەمەس، شۇنداققۇ؟

پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى

 ئاپتۇرى: ئاندىرىسېن

رەسسامى:  كاكى موتو كوزو

تەرجىمىدە : ئازات ئوسمان

مىكروفۇن ئالدىدا:

 ئازات ئوسمان – ئۇيغۇرچە

نۇرزات ئوسمان  – ياپونچە

 

 

بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا بىر دۆلەتتە تازىمۇ ياسانچۇق بىر پادىشاھ بولغانىكەن. ئۇ ھەر كۈنى يېڭى – يېڭى كىيىملەرنى كەيمىسە ئاچچىقلاپلا قالىدىكەن. مۇلازىملىرى بىرەر قېتىم ئالدىنقى كۈنلىرى كىيىپ بولغان كىيىم ئەكىلىپ قالغۇدەك بولسا «نېمە بۇ كىيىم؟! يېڭى كىيىم ئەكىلىش!» دەپ بۇيرۇق چۈشۈرىدىكەن.

ئوردىدا پادىشاھ ئۈچۈن كەيگۈدەك يېڭى كىيممۇ قالماپتۇ.  شۇنىڭ بىلەن دۆلەت ئىچىگە يارلىق چۈشۈرۈپ  كىمكى پادىشاھ ئۈچۈن ھىچكىممۇ كىيىپ باقمىغان ئۆزگىچە كىيىم ئەكىلىدىكەن، ئۇنى رازى بولغۇدەك مال – دۇنيا بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى جاكارلاپتۇ.

دۆلەتنىڭ پۇقرالىرى ھەر خىل كىيىملەرنى تىكىپ ئوردىغا ئەكىلىشكە باشلاپتۇ.

-پادىشاھ ئالىيلىرى، بۇ كىيىم قانداقكەن؟

– بولمايدىكەن! ھەممىسى ئوخشاشلا تۇرمامدۇ، تايىنى يوقلا…

مانا مۇشۇنداق كىشىلەر قانداقلا كىيىم ئەكەلسىمۇ پادىشاھنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدىكەن.

كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئىككى ساياھەتچى ئوردىغا كىرىپ كەپتۇ.

-پادىشاھ ئالىيلىرى، بىز سىزگە ئاجايىپ سىھرى كۈچكە ئىگە كىيىم تىكىپ بەرمەكچىمىز!

– ۋوي… ئۇ زادى قانداق كىيىم؟

-پادىشاھىم، ئۇ كىيىم شۇنداق سىھىرلىك كىيىمكى، ئەقىللىقلەر كۆرەلەيدىغان، كالۋالارغا كۆرۈنمەيدىغان!

-ھە،-بۇ بولىدىغان كىيىمكەن! ئۇنداقتا تىزراق تىكىپ تەييار قىلىڭلار!

بۇ ئىككىسى رەخىت تىكىدىغان قىياپەتكە كىرىۋىلىپ، ھەر كۈنى كەچكىچە كىيىم تىكىش ماشىنىسىنىڭ ئالدىغا كىلىپ يالغاندىن كىيىم تىكىۋاتقان قىياپەتكە كىرىۋاپتۇ.

 

يېڭى كىيىمىم پۈتكەندىمۇ،-ھە؟ پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمنى كۆرۈپ باققۇسى كېلىپ تاقىتى تاق بوپتۇ.

-ھە،-راست توختا! ئۇ پەقەت ئەقىللىق كىشىلەرلا كۆرەلەيدىغان رەختمىشكەنتۇق، ئەگەردە مەن كۆرەلمەي قالسام نە – ئات، نە- نومۇس دەيمەن…

شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئۆزىنىڭ ئەقىللىق ۋەزىرىنى چاقىرىپ رەخنى كۆرۈپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ.

-ئاپلا! ھېچنىمىنى كۆرەلمەيۋاتىمەن،- يا؟!… لېكىن، مەن ئەقىللىق تۇرسام…

رەخنى كۆرەلمىگەن ۋەزىر شۇنچىلىك ئۈمىدسىزلىنىپتۇ. بىراق، كۆرگەن قىياپەتكە كىرىۋالمىسا باشقىلارنىڭ ئۆزىنى دۆت چاغلاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ مۇنداق دەپتۇ:

-ۋاي نېمىدىگەن ئېسىل رەخت بۇ؟! بۇنداق چىرايلىق رەخنى كۆرۈشۈم تۇغۇلۇپ تۇنجى قېتىم جۇما!

ۋەزىر ئالدىراپ – تىنەپ پادىشاھنىڭ يېنىغا قايتىپتۇ. بىراق، بىچارە ۋەزىر قانداقمۇ ھېچنىمە كۆرەلمىگەنلىكىنى ئېيتالىسۇن؟

-پادشاھ ئالىيلىرى، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ بەكلا قالتىس رەخكەن،-دەپتۇ.

-شۇنداقمۇ؟ بۇ كىيىمنىڭ پۈتۈپ چىقىشىنى تۆت كۆزۈم بىلەن ساقلايمەن،-دەپتۇ پادىشاھ ھەم بۇ رەخنى ئۆزىنىڭمۇ شۇنداق كۆرگىسى كەپتۇ.

لېكىنزە، بۇ ئەقىللىق ۋەزىرگە كۆرۈنگەن بىلەن مەن كۆرەلىشىم ناتايىن،-دەپ ئويلىغان پادىشاھ قول ئاستىدىكى دۆترەك ۋەزىرنى رەخنى كۆرۈپ كېلىشكە ئەۋەتىپتۇ.

-بەكلا ئېسىل رەخت دىيىلگەن، بىراق، مەن ھېچنىمنى كۆرەلمەيۋاتىمەنغۇ؟! نەس باستىغۇ ئەمدى….

مۇلازىم ئۇزۇن ئۆتمەيلا پادىشاھنىڭ يېنىغا قايتىپ كەپتۇ، بىراق، ئۇمۇ راست گەپنى ئېيتالماپتۇ.

-پادىشاھىم، ھەقىقەتەن قالتىس رەخكەن!

-ۋوي، سەنمۇ كۆرەلىدىڭمۇ؟ سەن مۇشۇ ئەقلىڭ بىلەن كۆرەلىگەن يەردە كەمىنە پادىشاھمۇ ئەلۋەتتە كۆرەلىگۈدەكمەن!

شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ كېلىشنى قارار قىپتۇ ھەم نۇرغۇنلىغان مۇلازىملارنى ئېلىپ كىيىم تىكىۋاتقان ئۆيگە يېتىپ كەپتۇ. ئۇ ئالدى بىلەن مۇلازىملىرىنى ئۆيگە كىرگۈزۈپ ئۇلار كۆرەلەمدۇ-يوق سىناپ بېقىپتۇ.

مۇلازىملار كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنىچە كىيىم تىكىش ماشىنىسىغا قاراپتۇ. بىراق، رەخت كۆرۈنمەپتۇ. راستىنى دىسە باشقىلارنىڭ دۆت دىيىشىدىن ئەنسىرەپ كۆرمىگەن رەخنى تازا ماختاشقا باشلاپتۇ.

-بەكلا ئېسىل رەخكەن!

-ھەقىقەتەنمۇ قالتىسكەن!

پادىشاھ شۇنچە قاراپمۇ رەخنى كۆرەلمەپتۇ…“ۋوي… نېمە ئىش بوپكەتتى؟ مەنلا كۆرەلمەيمەنغۇ؟! مېىنىڭ بۇ دۆتلۈكۈمنى باشقىلار بىلىپ قالسا چاتاق بولىدۇ“ دىگەنلەرنى ئويلاپتۇ.

شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ  رەخنى كۆرەلىگەن قىياپەتتە:

ھەقىقەتەنمۇ كۆپچىلىكنىڭ ئېيتقىنىدەك قالتىس ئېسىل رەخكەن، بۇ ئىككىسىگە جىققىنە پۇل بېرىڭلار،-دەپتۇ.

بۇ ئىككىسى شۇنچىلىك خوش بوپ كېتىپتۇ .

-ھى ھى ھى… بۇندىن كېيىن ھىچكىم رەخنى كۆرەلمىگەنلىكىنى ئېيتىشقا پىتىنالمايدۇ!

بۇ ئىككىسى ئۆيگە نۇرغۇنلىغان شاملارنى ياندۇرۇپ، پۈتۈن بىر كېچە يالغان رەختە كىيىم تىككەن قىياپەتكە كىرىۋاپتۇ، ئەتىسى ئەتىگەندە:

-ئاخىرى پۈتتى، قانداقراق بوپتۇ؟ قاتلىغان قىياپەتتە بەرسەك، نۇرغۇنلىغان مال – دۇنياغىمۇ ئېرىشەلەيمىز، دۆتلەر كۆرەلمەيدىغان بولغاندىكىن، ئەخمەق پادىشاھمۇ ئالدىنىدۇ… دىيىشكىنىچە بۇ ئالدامچى كاززاپلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئۇستىلىقلىرىنى تەنتەنە قىلىشىپتۇ.

بۇ ئىككىسى ئالدىراپ – سالدىراپ كىيىم پۈتكەن قىياپەتتە پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ.

-پادىشاھىم، دانا كىشىلەرلا كۆرەلەيدىغان سېھىرلىك كىيىم پۈتتى.

پادىشاھ يەنىلا ھېچنىمە كۆرەلمەپتۇ.

-ھىم… چاتاق بولدىغۇ… كىيىمنى كۆرەلمىگەنلىكىمنى ئېيتسام، ئەقىلسىزلىقىم خەلقى-ئالەمگە ئاشكارلىنىدۇ..

كىيىمنى ئالماشتۇرۇپ تەييار بولغان پادىشاھ، ئۇ ئىككىسىگە مۇكاپات پۇلىنى بىرىپ، بارلىق مۇلازىملىرىنى يىغىپتۇ.

-قانداق؟ كىيىمىم بەك ياراشتى شۇنداقمۇ؟!

-چارىسىز قالغان ۋەزىر-ۋۇزرالار كىيىمنى خۇددى كۆرىۋاتقان قىياپەتتە مۇنداق دىيىشىپتۇ.

-نىمانچە چىرايلىق، مۇھتەشەم كىيىم بۇ؟! سىىلىگە شۇنچىلىك يارىشىپتۇ پادىشاھ ئالىيلىرى!

پادىشاھ مەغرۇر ھالدا ۋەزىر-ۋۇزرالىرىنى ئەگەشتۈرۈپ كوچا ئارىلاپتۇ. كىيىمسىز ھالەتتە كوچىدا مەغرۇر كېتىۋاتقان پادىشاھنى كۆرۈپ، كىشىلەر ھەيران قېلىشىپتۇ.

“ ۋۇييۇ… پادىشاھ ھىچقانداق كېيىم كەيمەپتىغۇ؟!“ دىيىشكىنىچە بىر -بىرلىرىگە كۇسۇرلىشىپتۇ.

دەل شۇ چاغدا، بىر ئوغۇلچاق پادىشاھقا قاراپ يۇقىرى ئاۋازدا «ۋوي، پادىشاھنىڭ كىيىمى يوقكەنغۇ؟! كىيىمسىز پادىشاھكەنغۇ!» دەپ توۋلاپ ساپتۇ. كىشىلەرمۇ پاراققىدە كۈلۈشۈپ كېتىشىپتۇ.

پادىشاھ ئاخىرى ئۆزىنىڭ ھېلىقى ئىككى ئالدامچى تەرىپىدىن ئەخمەق قىلىنغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىپتۇ.

مەن ئۆز گېپىمدە چىڭ تۇرىۋىلىپ ياخشى قىلماپتىمەن،- دەپ ئويلىغان پادىشاھ راست گەپ قىلغان ئوغۇلچاقنى نۇرغۇنلىغان مال -دۇنيا بىلەن مۇكاپاتلاپتۇ.

ھىكايە تامام!

جاپا چەكتىڭلار يىگىتلەر، سىلەرگىمۇ رەھمەت~ 😘

ئىنسان قەلبىگە ھەر بىر ياخشىلىقنىڭ بىخلىرى كۆمۈلگەن بولىدۇ.

 -ئاندىرىسېن

ئاخىرىدا بارچە سۆيۈملۈك بالىلىرىمىزنىڭ ۋۇجۇدىغا كۆمۈلگەن ياخشلىق بىخلىرىنىڭ تۇنجۇقماستىن كۆكلەپ ياشنىشىغا، ئەڭ موھىمى سەمىمى، قورقۇمسىز چوڭ بولىشىغا تىلەكداشمىز~ 🌿

 

تارقىتىڭ...
  1. يەتتە ياش ۋاقىتلىرىمغۇ دەيمەن،بۇ رەسىملىك كىتابىمنى قويىمىز يەپكەتكەنتى،بەك يىغلاپ،قويلارنى قوتانغا سولاپ كىتابىمنى يەپكەتكەن قوينى بەك ئۇرغانتىم،بىچارە قوي جىممىدە بوپقالغاندا ئىچىم ئاغرىپ توختاپ قالغان…شۇ ئىشلار يادىمغا كېلىپ كەتتى.بەك ياخشى ئوقۇپتۇ.ھەم بۇنىڭدىن شۇنداق گۈزەل يەكۈن يەكۈنلەپسىز!

  2. ھا ھا ھا بىچارە قوي بىلەن ئوماق سىز! سىزگە ماۋۇ كىتابتىن بىرنى سوۋغا قىلىپ بالىلىقتىكى شۇ تاتلىق ئەسلىمىڭىزگە يانداشقۇم كېلىۋاتىدۇ !✨

  3. باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان قىزىم چۆچەكنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مەندىن مۇنداق سوراپ قالدى:
    نېمە ئۈچۈن پادىشاھ ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ھەممىلا ئادەم پادىشاھنىڭ پەقەت ئەقىللىق ئادەملەرلا كۆرەلەيدىغان كىيىمى بار دەپ ئىشىنىپ تۇرۇقلۇق كىچىك ئوغۇل بالا “ كىيىمىسىز پادىشاھكەن! “ دىسە ، ئۇ بالىنى دۆت دەپ ئويلىمايلا تىزلا بالىنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى ئىتىراپ قىلىدۇ؟؟

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

بالىلار

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى