2015- يىلى 12- ئاينىڭ 25- كۈنىدىكى 24 ياشلىق، توكيو ئونۋىرىستىتىنىڭ ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، تور ئېلانى خىزمىتىنى قىلىۋاتقان تاكاخاشى ماتسىرى خانقىزنىڭ خىزمەتتە چارچاش سەۋەبلىك ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش ۋەقەسى پۈتۈن مەتبۇئاتلارنى بىر ئالدى ھەم بۇ توغۇرلۇق تەھلىل، غۇلغۇلىلار ھەممىنىڭ دىققىتىنى  تارتتى.

ئېنىقلىنىشىچە، ئۇنىڭ بىر ئاي ئىچىدىكى سىمىنا قوشۇپ ئىشلىگەن ۋاقتى 130 سائەتكىمۇ يەتكەن ھەم ۋەقە يۈز بىرىشتىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ كۈنىگە ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ  ئاران ئىككى سائەت بولىۋاتقانلىقىنى،  بۇ خىل تۇرمۇشتىن ئۆلۈمنىڭ بەخىت بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ھاياتىنىڭ ئەڭ گۈزەل باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان ياش، ئوماق، بىلىملىك بىر قىز نېمە ئۈچۈن باشقا بىر خىزمەت تىپىپ ئىشلەش، باشقىچە ھاياتلىق يولى ئىزدەپ بېقىشنى ئويلىمايلا ئۆلۈۋېلىش يولىنى تاللىدى؟ قىسقىلا دىگەندە، ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن بىرى، زىيادە چارچاش ھەم ئېغىر روھى بېسىم باشقا چىقىش يولى بارلىقىنىمۇ ئويلىغۇدەك پۇرسەت بەرمىگەن.

تاكاخاشى ماتسىرى

 

Cecile Corbel – The Riddle

 

كۆپچىلىككە مەلۇم بولغىنىدەك، ياپون – ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەسى ئەڭ ئەۋج ئالغان بىر دۆلەت. مېترولارنىڭ ئۆزىنى مېتروغا تاشلاپ ئۆلىۋېلىش ۋەقەسى سەۋەبلىك توختاپ قېلىشى ئەجەبلىنەرلىك تۇيۇلمايدىغان، تېلىۋىزورلاردا بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرنىڭ ئاڭلىنىپ تۇرۇشى ئادەتتىكى ئىش بوپقالغان جەمىئەت!

بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان 20-30 ياشقىچە بولغان ياشلارنىڭ ئۆلۈۋېلىش نىسبىتى  يۇقىرى بولغان. مانا مۇشۇنداق كۈنىگە تەخمىنەن 80 ئادەم ئۆز ھاياتىدىن ۋاز كېچىۋاتقان ياپون جەمئىتى توغۇرلۇق نېمىلەرنى ئويلىشىڭىز مۇمكىن؟ ئەلۋەتتە، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنىڭ سەۋەبلىرى سالامەتلىك، ئائىلە، مۇھەببەت، ئىقتىساد، خىزمەت قاتارلىق ھەر خىل تەرەپلەرگە چېتىلسىمۇ، يىغىپ ئېيتقاندا، كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان بۇ رىئاللىقلار بۇ جەمئىيەتنىڭ يەنە بىر يۈزىنىڭ «روھى بېسىملار جەمئيىتى» ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلايدۇ.

سىز مەيلى بىر شىركەت خىزمەتچىسى بولۇڭ، مەيلى پەرزەنتىڭىز ئۈچۈن كۆيىۋاتقان بىر ئانا بولۇڭ، مەيلى ئوقۇغۇچى بولۇڭ، مەيلى كىملا بولۇڭ بۇ جەمئىيەتكە ماسلىشىش ھەم ھوزۇر تېپىش ئۈچۈن خېلىلا يۇقىرى دەرىجىدىكى پىسخىك ساپا زۆرۈر. بۈگۈن ياپون جەمىيىتىدىكى مۇنداق «غەلىتە» كىشىلىك مۇناسىۋەت ئېڭىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ باقماقچىمەن.

ياپون جەمئيىتىدىكى «غەلىتە» كىشىلىك مۇناسىۋەت ئېڭى

ياپونىيەدىن ئىبارەت بايلىق مەنبەلىرى يوق ئارال دۆلىتىنىڭ 70 پىرسەنت  ئىقتىسادى مۇلازىمەت كەسپىدىن كېلىدۇ. ھەم يېقىنقى ئېنىقلاشلارغا قارىغاندا، مۇلازىمەت تۈرلىرى 450 خىلدىنمۇ ئاشىدۇ. ياپوندا ياشاپ باققان، زىيارەتلەردە بولۇپ باققان، ئانچە – مۇنچە چۈشىنىدىغان كىشىلەرگە مەلۇم بولغىنىدەك ياپوننىڭ مۇلازىمەت سۈپىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. بۇلاردەك سۈپەتلىك، مۇلايىم، جايىدا تەبەسسۇم بىلەن خەجلىگەن پۇلىڭىزغا، ئىش بىجىرىش ئۈچۈن ماڭغان قەدىمىڭىزگە، قىلغان بىر تېلىفۇنىڭىزغا يۈرىكىڭىزدىن رازى قىلىۋېتەلەيدىغان قالتىس ئەلا مۇلازىمەتلىك دۆلەتتىن دۇنيادا يەنە بىرى يوق!

بۇ جەمئىيەتتە خىزمەت قىلىپ باققان، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەمىنى تېتىپ باققان كىشىلەر يەنە شۇنى بىلىدۇكى، بۇ جەمىئەتتە «غەلىتە» بىر مۇناسىۋەت ئۇقۇمى بار. يەنى،  ياپونلار كىچىككىنە خاتالىقى ۋە ياكى ئۆزى تېپىۋالغان قاتتىق مۇلازىمەت ئەندىزىسى بىلەن  قاتتىق تېگىدىغان، گۆركىرەيدىغان، قۇسۇر ئىزلەيدىغان قوپال، يولسىز كىشىلەرگىمۇ  «گومېنناساي» يەنى «كەچۈرۈڭ» دەپ چىرايىنى ئۆزگەرتمەي مۇلازىمەت قىلالايدۇ. ھالبۇكى، بۇ خىل يولسىزلىقلارغا ئىپادە بىلدۈرمەيدىغان غەلىتىلىك ياپونلارنىڭ مائاش، خىزمەت ئۈچۈن غورورىنى، ئۆزىگە بولغان ھۆرمىتىنى  يوقاتقانلىقى بولامدۇ؟ (مانا بۇ مەن تا بۈگۈنگىچە قوبۇل قىلالمىغان ياپونلاردىكى خىزمەت، مۇلازىمەت ئېڭى)

ئادەتتىكى كىشىلىك تۇرمۇشقا قارىسىڭىزمۇ ياپونلارنىڭ كوچىلاردا ياقا تۇتۇشۇپ ئۇرۇشۇپ – توۋلىشىپ يۈرگەنلىكىنى ئاساسەن ئۇچىرىتالمايسىز. مەھەللە – كويلاردىمۇ ياپون ئۆيلىرىدىن ئانچە – مۇنچە بالىلارنىڭ يىغا، ۋاڭ – چۇڭلىرىدىن باشقا قاتتىقراق ئاۋازنىمۇ ئاڭلىيالمايسىز. مېتىرولاردىكى جىمجىتلىققىغۇ گەپ كەتمەس. ھەتتا، دەرسخانلىرىدىن تارتىپ قىزغىن ھالدا بىزگە ئوخشاش ئوقۇتقۇچى بىلەن تەڭ سۆزلەيدىغان، قول كۆتۈرۈپ بەس – بەستە تالىشىپ تۇرۇپ جاۋاپ بېرىدىغان مەنزىرىنى تاپالمايسىز… قىسقىسى، بۇ جەمىئەت بىر خىل تىمتاسلىققا، ئىچكى دۇنياسى ئىچىگە سىڭگەن كىشىلەر توپى بىلەن لىقلا تولغاندەك…

خوش، ئەمدى يۇقارقى تىلغا ئالغان ياپونلارنىڭ خىزمەتكە، كىشىلىك مۇناسىۋەتكە تۇتقان  پوزىتسىيەسىنى باشقىچە بىر نوقتىدىن تەھلىل قىلساق مۇنداق دىيىشكە بولىدۇ. ياپونلارنىڭ قوپال، يولسىز كىشىلەرگە ئارتۇقچە ئىپادە بىلدۈرمەسلىكى ئۇلارنىڭ غورورىنى يوقاتقانلىقى بولماستىن، كۈچلۈك بىر پىسخىكىنىڭ بولغانلىقىدىن، يەنى، ھەر خىل كىشىلىك خاراكتىر بىلەن تولغان دۇنيادا سىزگە قىلىنغان ھەر بىر سوغۇق مۇئامىلىگە، ئەرزىمەس ئادەملەرگە ئۆزىڭىزنى ئۇپرىتىشىڭىزنىڭ، بۇ خىل كىشىلەرنى يۈرىكىڭىزنىڭ ئىچىگە ئەكىرىشىڭىزنىڭ، روھىڭىزنىڭ تىنىچلىقىنى بۇزۇشنىڭ، خىزمەت ۋە باشقا خىزمەتداشلارغا ئاۋارىچىلىق كەلتۈرۈشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق! (ياپونلارنىڭ بۇ خىل ئىددىيەسىنى 10 يىلدىن كېيىن ئاران چۈشىنىشكە مۇيەسسەر بولدۇم،-يۇ، ئۇلاردەك قىلالىشىمغا كۆزۈم يەتمەيدۇ…)

 ياپونلارنىڭ قەدىمدىن تارتىپ قان – قېنىغا سىڭىپ كەتكەن سامۇراي روھى، ئۆز كەسپى، قىلىۋاتقان ئىشىغا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بىرىلىشى، قىلىۋاتقان ئىشىدىن كۆڭلىدىكىدەك نەتىجە چىقىرىش ئۈچۈن ھەممىنى، جۈملىدىن ئۆزى ھەم سالامەتلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ قالىدىغان، كۆپ ھاللاردا ئۆز كۆز قارشىنى جاراڭ – جۇرۇڭ ئىپادىلىمەيدىغان، سوغۇققان، سەۋرىچان، زىيادە ئەستايىدىل، كوللىكتىپ ئېڭى كۈچلۈك بۇ خەلقنىڭ تېشىغا چىقىرالمىغانلىرى ئىچىگە پاتمىغىنىدا، كۈچلۈك بىر روھى دۇنياسىنى قوغداش پىسخىكىسى يىتەرلىك بولمىغنىدا، نورمال تۇرمۇش رېتىمى بۇزۇلغىنىدا روھى كېسەللىك، تۇرمۇش كېسەللىكى (راك، مېڭە نوكچىسى، يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغانلارمۇ كۆپ) ۋە ياكى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش بىلەن خاتىمىلىنىشى مۇمكىن.

بەزى كىشىلەردىكى قوپاللىق، كىبىر، ھۆرمەتسىزلىك، باشقىلارغا ئىشەنمەسلىك، سوغۇق مۇئامىلە… دىگەنلەر ئۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە بەك ئىشەنگەنلىكى، بەك قالتىس، ئېسىللىقىدىن بولماستىن، ئەكسىچە، قەلبىنىڭ چوڭقۇر ھەم چۇڭقۇر قاتلىمىدا ئۆز – ئۆزىنى كەمسىتىش، ھۆرمەتلىمەسلىك تۇيغۇلىرىنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىدىن.

باشقىلاردىن قۇسۇر ئىزدەيدىغان، بەكلا قاتتىق تەلەپ قويىدىغانلار ئەمەلىيەتتە، ئۆز – ئۆزىدىن توختىماي  قۇسۇر ئىزدەيدىغان،  ئىچكى دۇنياسى شۇنچىلىك بىچارە، ئۆز – ئۆزىدىن يىرگىنىپ ياشايدىغانلاردىن. يۇقارقى ياپونلارنىڭ «غەلىتە» مۇئامىلسىنى مەلۇم دەرىجىدە قوبۇل قىلىش، ھاياتىمىزغا ئانچە مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرنىڭ ئاغرىقلىرىنى قىممەتلىك روھى دۇنيارىمىزغا سۆرەپ ئەكىرمەسلىك، ئۆزىمىز كۆتۈرەلمەيدىغان ئارتۇقچە يۈكلەرنى تاشلىۋېتىش، روھىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىكى تىنچلىقىمىزنى قوغدىيالايدىغان، يوشۇرۇنىۋالالايدىغان بولۇش ئۆزىمىز ئۈچۈن بەرگەن بەك چوڭ سوۋغىمىز ھەم نىھمىتىمىز بولسا كېرەك.

يىغىپ ئېيتقاندا، سىز بىلەن مېنىڭ كۆزۈمدە باققاندا ياپونلارنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشلىرى… ئانچىكى قىيىنچىلىق ئالدىدىكى مىشچانلىق ھېسابلىنىشىمۇ مۇمكىن. بىراق، ئۇلارغىمۇ  ئۆزىگە يارىشا دەرت بېرىلگەن، مانا مۇشۇنداق دۇنيادا ئىنسان بولۇپ تۆرەلگەنىكەنمىز، جاھاننىڭ قەيىرىدە ياشايلى، مەيلى كىم بولايلى، ھاياتنىڭ ئانچە – مۇنچە ئاچچىق – چۈچۈك لېمون تەمىدىن، تۈرلۈك بېسىملىرىدىن  قېچىپمۇ قاچالمايمىز. يۈرىكىمىز تۇرمۇشنىڭ ئادالەتسىز تەرىپىدىن مۇجۇلىدۇ، يولسىز، قوپال كىشىلەر تەرىپىدىن ئاغرىيدۇ. بىر زامانلاردا يېقىن بىلگەنلىرىمىز ياتلاشقاندا مۇزلايدۇ… بىر بولسا بۇ تۈرلۈك تۈمەن ئېغىر بېسىملار دېڭىزىدا تۇنجۇقىمىز، بىر بولسا ھەممىنى يېڭىپ بۇرۇنقىدىنمۇ كۈچلىنىمىز.

ئېيتىڭە، تۇنجۇقايلىمۇ، كۈچلىنەيلىمۇ؟!

***************************

2018.08.29

 

تارقىتىڭ...