كۈچلۈك خەلقنىڭ ھېيت – بايراملىرىمۇ داغدۇغىلىق بولىدۇ،- دىگىنى ئېسىمدە ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچۇمنىڭ.

 

Abliz Shakir – Bizning naxshimiz

 

بۈگۈن ھەر كۈندىكىدەك ئالدىراش سەھەرنى ئۆتكۈزۈپ «ئۇف» دىگىنىمدىلا بۈگۈن ھېيت ئىكەنلىكى ئېسىمدىن كەچتى.

ھەر ھېيتلاردا  تەبرىكلەرگە تولۇپ كېتىدىغان تېلىفۇنۇم، چەمبىرەكلەر تىمتاس… ھېيتلارغا نېمە بولدى؟! كىچىكلەپ – كىچىكلەپ ئەمدى تەبرىكلەنمەس ھالغا يەتتىمۇ؟!

ئالدىنقى كۈنى ئوخشىتالمىغان بولساممۇ ھەر ھالدا ھېيت يارىشىقى بولغان ساڭزامغا يانداشتۇرۇپ ھېيتلىق دوستىخانلىق گىزەكلەر، مىۋە – چىۋىلەر ھەم چىرايلىق يېڭى ئېچىلغان گۈللەرنى سېتىۋالدىم. ھېيت بولسۇن، بالىلار ھېيتنى بىلىپ چوڭ بولسۇن، ئۆيلەر ھېيتلىق كۈلسۇن، مىللىيچە كۈيلىرىمىز ئۆيلىرىمىزدە ياڭرىسۇن، قېرىنداشلار، ئاتا – ئانىلىرىمىز ھېيتلاپ كېلەلمىسىمۇ دوستلار ھېيتلىق دوستىخانلىرىمىزغا داخىل بولسۇن!

قىسقىسى، نېمە بولسا بولسۇن، ھېيتلار بويۇن قسىمىسۇن!

شۇنداق بىر ھېيتىمىز بولسۇنكى:

ۋاقىتسىز ئارىمىزدىن كەتكەن يۇلتۇزلىرىمىز، قەدىرلىك كىشىلىرىمىز ئەسلەنگەن، ئەلگە، خەلققە گۈزەل تىلەكلەر تىلەنگەن، ھاياتقا زىننەت، پەرىشتىدەك بالىلىرىمىزغا شادلىق ئاتا قىلغان، مىسكىن دىللارنى بىر ئېغىز تاتلىق سۆزىمىز بىلەن بولسىمۇ سۆيۈندۈرگەن، شۇنچىلىك چارچىسىمۇ، ئىختىيارسىز ياشلىرى  تۆكۈلىۋاتسىمۇ كۈلۈش ئۈچۈن تىرىشالايدىغان، يىقىلسىمۇ ئورنىدىن تۇرالايدىغان سۆيۈملۈك ئۆزىمىزگە قىززىق بىر پىيالە چاي سۇنغان، دىلىمىزنى بىر پەس ئارام ئالدۇرغان, ئاغرىنغانلار بىر – بىرىگە مىھىر -مۇھەببەت بىلەن قارىغان، پۈتۈن دىللار قېرىنداشلىق مۇقەددەس رىشتى بىلەن بىر يەرگە كەلگەن  ھېيتىمىز بولغاي!

يىراق قىرلاردىكى بارچە ئەزىزلەرگە ئاسايشىلىق، ئوماق بالىلىرىمىزغا شادلىق، دىللارغا ئاراملىق تىلەيمەن.

 ئەزىزلىرىم، ھېيتىلار مۇبارەك!🌷❤️🌷

 

*******************************

2018.06.15

تارقىتىڭ...