بالىڭىزنىڭ قەلبىدىكى « S0S» كە سەل قارىماڭ

3,671 قېتىم ئوقۇلدى

 بالىلاردىكى روھى بېسىم مەلۇم چەكتىن ئېشىپ كەتكەندە، بالىنىڭ ھەركىتىدە ياكى قەلىب زەخمىسى شەكلىدە مەيدانغا چىقىدۇ. مانا بۇ «قەلىبتىكى sos، يەنى قەلىبنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش سىگىنالى» دەپ ئاتىلىدۇ.

رىئاللىقتا داۋاملىق «پەرزەنت پاجىئەلىرى» نى ئۇچرىتىپ قالىمىز. كىملەرنىڭ قىزلىرى كىچىككىنە تۇرۇپ مۇھەببەتلىشىۋالىدۇ، تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىدۇ. كىملەرنىڭ ئوغۇللىرى ئىچىملىك – چىكىملىككە، زوراۋانلىققا بىرىلىپ قالىدۇ، بولمىغۇر كوچىلاردا يۈرۈپ قالىدۇ… ھەتتا، ئاتا – ئانىلىرىنى  ئۆمۈرلۈك داغدا قويىدۇ.

مانا مۇشۇنداق ھەر خىل تۇيۇق يوللاردا ناشايان ئىشلارنى قىلىۋاتقان  كىشىلەرنىڭ بالىلىق ھاياتىنى سۈرۈشتۈرسەك، باشلانغۇچ مەزگىللىرىدە بىرەر – ئىككى قېتىم بولسىىمۇ قەلىب يارىلىرىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن بولىدۇ.

ھالبۇكى، ھىچبىر ئاتا – ئانا ئۆز پەرزەنتىنى يامان بولسۇن دىمەيدۇ،- يۇ، بالىنىڭ تەربىيەلىنىشىدىكى ھالقىلىق پەيتلەرگە،  ئۆسۈپ – يېتىلىش جەريانىدىكى ھەر خىل «سىگىناللار» غا سەل قاراپ قالىدۇ. بۈگۈن دەل بالىلاردا ئىپادىلىنىدىغان «جىددىي سىناللار» ئۈستىدە توختىلىمىز. بالىمىزدا بۇ سىگىنال كۆرۈلدىمۇ،- يوق؟  كۆرۈلسە قانداق قىلىمىز؟

 

Faun – Karuna

 

بالىلار روھى بېسىملىرىنى سۆز بىلەن ئىپادىلىيەلمەيدۇ. مىسال ئالساق:

ئۈچ ئوغۇل بىللە ئويناۋېتىپ ئارىدىن بىرى يەنە بىرىگە مۇنداق دەيدۇ:

-ھەي! سېنىڭ ئۆيۈڭ  قايسى چوشقا قوتىنى دەيمەن؟

ھا، ھا، ھا… قالغان يەنە بىر بالا بىلەن ئىككىسى پاراققدە كۈلۈپ كەتتى.

ھېلىقى زاڭلىق قىلىنغان بالا تاتارغىنىچە «نېمە دىگىنىڭ بۇ؟!» دىگەندىن باشقا سۆز قىلالمىدى.

بالىلار مانا مۇشۇنداق كۆڭلى ئاغرىيدىغان ئىشلارغا يولۇققاندا بېشىنى ئىچىگە تىقىۋالىدۇ، يول قويۇپ قالىدۇ، بەرداشلىق بىرىپ قالىدۇ.

مانا مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، بالىلاردا بىز ئويلاپ باقمىغان دەرىجىدە ئەھۋالغا قاراپ ماسلىشىشچانلىق بولىدۇ.

بىراق، بالىلاردىكى روھى بېسىم مەلۇم چەكتىن ئېشىپ كەتكەندە، بالىنىڭ ھەركىتىدە ياكى قەلىب يارىسى شەكلىدە مەيدانغا چىقىدۇ. مانا بۇ «قەلىبتىكى sos، يەنى قەلىبنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش سىگىنالى» دەپ ئاتىلىدۇ.

بالىلار قەلبىدىكى جىددىي سىگنال تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەر شەكىلىدە ئوتتۇرغا چىقىدۇ:

 ئاسان زۇكامداش، نەپەس تىزلىشىش، تەڭگە شەكىللىك چاچ چۈشۈش، دوسكىدىكى خەتنى كۆرەلمەسلىك (يەنى، قارا دوسكىدىن باشقا ھېچنىمە كۆرەلمەسلىك)، ئاسان ئاچچىقلىنىش، ھېلى قورسىقى ئاغرىش ھېلى بېشى ئاغرىش دىگەنلەرنى باھانە قىلىپ مەكتەپكە بارماسلىق، كىچىك ھايۋانلارغا ئازار يەتكۈزۈش، ئوغۇرلۇق قىلىش… دىگەندەك ھەر خىل ئالامەتلەردە ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە، دوختۇرغا كۆرسەتسىمۇ ئالاھىدە بىرەر بىنورماللىق چىقمايدۇ، پەقەت روھى ھالەتتىكى مەسلە دەپ قارىلىدۇ. كۆپىنچىلىرى بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۆزلىكىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ،- دىيىلىدۇ.

ئەپسۇس!  پۈتۈنلەي ساقىيىپ كەتسىغۇ بەك ياخشى بولاتتى، يامان يېرى  ئۆزلىكىدىن ساقىيىپ بولالمايمۇ قالىدۇ.

يەنى، ساقىيىپ قالغاندەك كۆرۈنگەن بالا  ئۆزىدىكى ئالامەتلەرگە ئەتراپىدىكلەر سەل قاراۋاتقانلىقتىن «مۇشۇنداق بىر ئالامەتلەر كۆرۈنسىمۇ ھېچكىمنىڭ مەن بىلەن كارى يوق، چۈشىنىدىغان ھىچكىمىم يوق!» دىگەن ئويلار بىلەن قەلىب زەخمىلىرىنى ئىپادىلىمەس بولۇپ قالىدۇ.

ئىچىدىكى قەلىب يارىلىرىنى ئىپادىلەشتىن ۋاقىتلىق ۋاز كەچكەندەك تۇرغان ھېلىقى بالا بىر ئۆمۈر بۇنداق قەلىب يارىلىرى بىلەن ياشىيالمايدۇ. چوڭ بولغاندىن كېيىن ھېلى ئۇنداق ھېلى بۇنداق شەكلىدە يەنە پارتىلاپ چىقىشقا باشلايدۇ. يەنى، 20 ياشتىن ئاشقاندىن كىيىن تېخىمۇ چوڭ مەسىلە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

مانا مۇشۇنداق ھەر خىل تۇيۇق يوللاردا ناشايان ئىشلارنى قىلىۋاتقان، زوراۋان، ناچار كىشىلەرنىڭ بالىلىق ھاياتىنى سۈرۈشتۈرسەك، باشلانغۇچ مەزگىللىرىدە بىرەر – ئىككى قېتىم بولسىىمۇ يۇقىرىدا سۆزلەنگەن قەلىب يارىلىرىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن بولىدۇ.

ئەگەر، بالىلاردا بۇ خىل ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ئەستايدىللىق بىلەن مەسلىنىڭ كېلىپ چىقىشدىكى ھەقىقى سەۋەبىنى تاپقاندىن كېيىن، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلالىساق، بالىنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك ھاياتىنى مۆجىزە كەبى ئۆزگەرتەلەيمىز.

بالىلاردىكى قەلىب زەخمىسىنى باشلانغۇچ مەزگىلىدە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەسلىگە كەلتۈرگىلى يەنى، 20 ياشلاردىن ئاشقاندا نەچچە يىل سەرپ قىلىدىغان زەخمە باشلانغۇچ مەكتەپ يېشىدىكى مەزگىللىرىدە  بىرەر يىلدىلا ساقىيىپ كېتىشى مۇمكىن.

  ئەگەر، باشلانغۇچتىكى چاغلىرىدا ئېنىق ئالامەتلىرى كۆرۈلمەي تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەزگىلىدە بايقاپ قالسىڭىزمۇ، يەنىلا كىچىككەن بولمايسىز، ئامال بار تىزراق تۇتۇش قىلىپ تەدبىر قوللىنىشىڭىز بەكلا زۆرۈر.

بالىلىرىمىز كۈندىن – كۈنگە چوڭ بولىۋاتىدۇ، مىجەز – خۇلىقى بويلىرىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىشكە باشلاۋاتىدۇ… يات مەدەنىيەت، كىملىك  ۋە تۈرلۈك خىرىسلار يوپۇرۇلۇپ ئاتا – ئانا بولغۇچىغا تېخىمۇ ئاگاھلاندۇرۇش سىگىنالى بىرىۋاتىدۇ. ھازىردىن ھالسىراش كەلگۈسىدىن خەۋىپسىرەشمۇ ھەم بولىۋاتىدۇ…

ھەممە ئۆچىمەن دىگەندە بالىلار ئۈمىد بولۇپ چاقنايدۇ، ھاياتقا بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىزنى ئويغۇتۇپ تۇرىدۇ، كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدلىرىنىڭ روھى ۋە جىسمانى پۈتۈنلىكى  ئۈچۈن ئالدى بىلەن  بىز ئاتا – ئانىلار بەردەم  بولمىساق بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ.

بالىلارنىڭ يېتىلىش باسقۇچىدىكى مەسىلىلىرىگە قىززىقسىڭىز دىققىتىڭىز كېلەركى مەزمۇن (يېتىلىش باسقۇچىدىكى بالىلارغا مۇئامىلە قىلىشتىكى 10 شەرت) دا بولغاي.

 

توكيونىڭ ئەتىرگۈل پەسلى

 

ئاخىرىدا، بارلىق بالىلارغا ساقلىق، ئاتا – ئانىلارغا كۈچ  ھەم قۇۋۋەت تىلەيمەن ~ ❤️

 

********************

مەنبە: 10代からの子育てハッピーアドバイス

تەرجىمىدە : رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...
  1. رەھمەت مۇئەللىم، پەرزەتلىرىمىز ئۈچۈن جىق كۈچ چىقاردىڭىز، ئىشىنىمەنكى كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىز سىلەردەك تەربىيىچىلەر بولغاچقا تېخىمۇ چاقنىغۇسى
    بىزدەك گاڭگىراپ قايمۇقۇم قانداق ئانا بۇلۇشنى بىلەلمەيۋاتقانلارغا داغدام يول ئېچىپ بەردىڭلار، ئەجىرلىك بۇلۇڭ

  2. سىزنىڭ پەرزەنىت تەربىيسدكى يازىلمىلىرىڭىز تولمۇ ياقتۇرمەن (ھەمىمە يازامىلار بىر بىردىن ئىسىل)، بىزدەك پەرزەنىت تەربىيسدە گاڭگراپ قىلۋاتقان ئانىلارغا يول كۆرستىدۇ، ھازىر،بالام ئىككى ياشقا كىردى، پەرزەنىت تەربىيسدە قىينىلشقا باشلدىم…رەھمەت سزگە جاپا چەكتىڭىز

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

بالىڭىزنىڭ

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى