بىر دادىنىڭ قەلىب تىۋىشلىرى

3,071 قېتىم ئوقۇلدى

سىز مۇنداق بىر قىرتاق تۇيغۇنى تېتىپ باققانمۇ؟
يىللاردىن بېرى مېنى ئەڭ قىيناپ كەلگەن، روھىمنى غېرىپىلىقنىڭ كۈلرەڭ مۇدھىش رەڭلىك، سوغۇق، قاراڭغۇ خانىلىرىدە  قىينىغان مۇنداق بىر تۇيغۇ بار. يەنى، چۈشلىرىمدە ئۆز زىمىنىم، ئۆز ئۆيۈم، ئاتا – ئانام، قەۋم – قېرىنداشلىرىم ئىچىدە ياشاۋېتىپ، تۇيۇقسىز ئويغانغاندا ئۆزۈمنى ئۇلارنى كۆرىمەن دەپلا كۆرەلمەيدىغان، بارىمەن دەپلا بارالمايدىغان ئاچچىق رىئاللىقتا كۆرۈش…

تۆۋەندىكىسى تۇپرىقىدىن، ئائىلىسىدىن، يۈرەك پارىسىدىن يىراقلاردا  ياشاۋاتقان بىر دادىنىڭ يۈرىكىدىكى گۈزەل دادىلىق سۆيگۈ، مۇقەددەس سېغىنىش ۋە يېقىملىق تەۋسىيە!

گەرچە مەن بىر دادا بولمىساممۇ، مەلۇم دەرىجىدىكى ئورتاق تۇيغۇلار، ئەڭ مۇھىمى بۇ تۇيغۇلاردىكى چىنلىق ۋە ساپلىق قەلبىمنى لەرزىگە سالدى….

ئوماق سەبىيلىرىمىزنىڭ قەلبىنىڭ ساغلام، خۇشال، داغسىز چوڭ بولۇشى، تېخىمۇ كۆپ ئانىلارغا، دادىلارغا گۈزەل ئىلھام بولۇپ قېلىشى ئۈچۈن، بىلوگىمغا ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇلغان  بۇ دادىلىق مۇھەببەت، چىن تەۋسىيەلەرنى تىما قىلىپ يوللاشنى لايىق كۆردۈم.

 

Francis Goya – Rann Na Mona

 

***

يىللار بولدى، قىزىم بىلەن خوشلاشقاندا ئۇ تېخى تاتلىق ئۇيقۇدا ئىدى. چۈچۈك تىلى تېخى تولۇق چىقمىغان ئىدى. كىتابتىكى شىردەك تۇرار جايىمغا قايتىپ كەلگەندە مېنى نىمىدۇ بىر نەرسە قىينايدۇ، ئېسىغلىق تۇرغان قىزىمنىڭ كىيمىدىكى بوۋاق ھىدىنى بىر پۇرىۋىتىپ، شۈكۈرلەر ئېيتىپ يېتىپ قالىمەن. ساقلىۋالغان «دادا سىزنى سېغىندىم» دىگەن ئاۋازلىق ئۇچۇرىنى ھەر دائىم ئاڭلاپ بولغۇچە يۈرىكىم پۇچىلىنىپ كېتىدىغان، بېشىمدىن تولا ئۇچۇپ ئۆتىدىغان يولۇچىلار ئايروپىلانىنى ھەر كۆرسەم كۆز چانىقىم نەملىنىدىغان، تاللا بازىرىدا بالىسىنى ھارۋىغا سېلىپ نەرسە سېتىۋالغانلارنى كۆرسەم ئۇزاق قاراپ تۇرىدىغان، قىزىم ياخشى كۆرىدىغان پىرەنىكنىڭ يېنىدىن دائىم ئۆتسەم «دادا، سىز ئەۋەتكەن پىرەنىك بەك تەملىككەن» دىگەنلىرى يادىمغا يېتىپ ئارتۇقلۇق ھېس قىلـماي يەنە ئالىدىغان ئەسكى دادىمەن. ھەر قېتىم شۇنداق دەپ تەسەللىي تاپىمەن، «بەرداشلىق بېرەلـمىگەن بولساق بۇ كۈنلەر يۈز بەرمەس ئىدى، دىمەك بىز بەرداشلىق بېرەلەيمىز». ئامانلىقنى بەرسە قىزىممۇ چوڭ بولىدۇ، بىزمۇ ئەڭ گۈزەل تۇرار جايلاردا جەم بولىمىز. ئۈمىد بىزدىن قاچىمەن دىسە مەيلى، مەن يەنە يېڭى ئۈمىدنى ھاسىل قىلىمەن. چۈنكى بۈ كۈنلەردە بىزگە بەكرەك كۈچ بولىدىغىنى، بۈگۈنگە تەقسىمات قىلىپ بېرىلگەن سەۋرنى بۈگۈنگە ئورۇنلاشقان توسالغۇ قىيىنچىلىققىلا سەرپ قىلىپ ياشاش بولدى، كەلـمىگەن كۈندىكى قورقۇنۇشقا بۈگۈنكى بىر كۈنلۈك سەۋرنى ئىسراپ قىلساق جەم بولۇش دەقىقىلىرى كۆزىمىزدىن كەلمەس يەرگە ئۇچۇپ كېتىشى مۇمكىن.

تەۋسىيەرىم: بالىلىرىمىزغا دادىلارنىڭ قانچىلىك سېغىنغانلىقىنى، ئۇلارنى «تاشلاپ» كەتمىگەنلىكىمىزنى بىلدۈرىدىغان ئامال سەۋەبلەرنى بالىلارنىڭ يېنىدا تۇرىۋاتقان ئانا، بوۋا، موما… لار بىلدۈرۈپ تۇرىشى، ئۇلارنىڭ بۇلاق كەبى دىلىدا داغ قالـماسلىقى ئۈچۈن دائىم جەم بولۇش دەقىقىلىرىنى ئەسلىتىپ تۇرىشى، دادىسىنىڭ ئائىلە ئۈچۈن ھەر دادا قىلالـمايدىغان قۇربانلىقنى بېرىپ تىرىشىۋاتقانلىقىنى، ئەڭ مۇھىمى پەرزەنتىنى بەك بەك بەك سۆيىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تۇرىشى لازىم.

كونكىرت ئۇسۇللاردىن: «دادىڭىز سالام دىدى بالام» دەپ دائىم يادىغا سېلىپ تۇرۇش، «بۇنى دادىڭىز يىراقتىن ئەۋەتىپتۇ» دەپ بىرەر نەرسە ئەۋەتمىسمۇ شۇنداق دەپ بالىسىنى خوش قىلىپ تۇرۇش، بالىنىڭ قىلغان توغرا ئىشىنى ماختاپ، «دادىڭىز كۆرسە بەك خۇرسەن بولىدۇ» دىيىش، ئارىلاپ بالىغا «دادىڭىزغا خەت يازايلى، رەسىم سىزىپ ئەۋەتەيلى» دىيىش ئارقىلىق بالىنىڭمۇ دىلىدىكىنى ئىپادىلىۋىلىشىغا ھەم بۇ خەت، رەسىملەرنىڭ سېغىنغان دادىسىنىڭ يېنىغا بارغاندىكى خوشاللىقتىن ھوزۇرلىنىشغا تۈرتكە بولۇش، چۈنكى خەت يېرىم دىداردۇر. ناۋادا دادىسىدىن خەت ئۇچۇر كېلىش قولايسىز بولسا، ئۆزى يەنى ئانىسى… قاتارلىقلار بالىنىڭ دادىسى ئورنىدا بالىغا خەت يېزىپ بالىسىغا ئوقۇپ بېرىش، بالىنىڭ ئۈمىد، ئىشەنچ، ساپ ئەقىل ھەم پاكلىق بىلەن دوست بولۇپ چوڭ بولىشىنى، ھاياتىدىكى ئەڭ گۈزەل دەقىقىلەردە دادىسىنىڭ قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى يېزىشى كېرەك…

بۇقۇرلارنى ئوقىغان ئانىلارغا سەۋر، بالىلارغا سۆيگۈ، دادىلارغا ئىشەنچ ھەم ئۈمىد تىلەيمەن. ھەمدە بارلىق گۈزەل تىلەكلەرنى بۇ ھېسنى چۈشەنگەن ھەر بىرەيلەنگە ئاتايمەن.

(بىلوگىمنىڭ  ئوقۇرمەنلەر ئىنكاسىدىن ئېلىندى   )

      2018.06.28         كېچە 12:39

***

مۇكەممەل سۆيگۈ ئىگىسىنىڭ بۇ سۆيۈملۈك  دادىغا ۋە بارچە ھىجراندىكى سۆيگۈ  ئىگىلىرىگە  كۈچ ۋە ئەڭ گۈزەل ۋىسال دەملىرىنى ھەدىيە قىلىشىنى تىلەيمەن~❤

 

تارقىتىڭ...
  1. داداممۇ مىنى شۇنداق سىغىنىۋاتقاندۇ ھە دادامنىڭ ئايرۇدۇرۇمدا قاپقارا كوزەينەك تاقىۋىلىپ خوشلاشقىنىنى ئۇيلىسام يۇرىكىم ئىزىلىدۇ بىچارە دادام كوز ياشلىرىنى كورسەتمەسلىك ئۇچۇن كوز ئەينەك تاقىۋاپتىكەنتۇق .

    • دادىلار مۇھەببىتىنى ئوچۇق ئىپادىلىمەيدىكەن، ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى ئۈنسىز، بىراق، بەكمۇ يارقىن ھەم چۇڭقۇر بولىدىكەن…
      ھەر بىر خوشلىشىش بىر تەسۋىرلىگۈسىز ئازاب…ھەر قېتىم ھىچكىمگە كۆرسەتمەي تارام – تارام ياشلىرىمنى سۈرتەتتىم…
      ھەر بىر خوشلىشىشقا يېڭى بىر دىدارلىشىش دەملىرى يوشۇرۇنغان بولىدۇ، يەنە دىدارلىشىمىز، نىسىپ بولىدۇ شۇ كۈنلەر!❤

  2. رەھمەت تىلىكىڭىزگە.
    مەن چوقۇم ياخشى تۇرىشقا تىرىشىمەن.
    سىزلەرگىمۇ ئەمىنلىك، چىنلىق، پاك ئەقىدە تىلەيمەن.
    كۆپ رەھمەت

    • چۈنكى بۈ كۈنلەردە بىزگە بەكرەك كۈچ بولىدىغىنى، بۈگۈنگە تەقسىمات قىلىپ بېرىلگەن سەۋرنى بۈگۈنگە ئورۇنلاشقان توسالغۇ قىيىنچىلىققىلا سەرپ قىلىپ ياشاش بولدى، كەلـمىگەن كۈندىكى قورقۇنۇشقا بۈگۈنكى بىر كۈنلۈك سەۋرنى ئىسراپ قىلساق جەم بولۇش دەقىقىلىرى كۆزىمىزدىن كەلمەس يەرگە ئۇچۇپ كېتىشى مۇمكىن.

      نېمىدىگەن ئورۇنلۇق تەپەككۇر…بەك ياقتۇردۇم، شۇ دەقىقىلەر كېلىدۇ.❤️☀️

  3. رەھمەتلىك دادامنى سىغىندىم ھەقىقەتەن دادىلارنىڭ مۇھەببىتى يوشۇرۇن بولىدىكەن . ئەقىلىمنى تىپىپ چوڭ بولغاندا دادامنىڭ مىنى قانداق ياخشى كۆردىغىنىنى ھىسقىلدىم ،ئەمما ئۇ چاغدا ئاللىبۇرۇن دادامدىن ئايرىلغان ئىدىم .

  4. Tehi yekindila atamdin ayrilip Kalidim,bu reallikni pakat kubul kilalmaywatiman,uq yil ilgiri hoshlashkanda atam mandin kuzlirini kaqurup bashka yarlaga kariwalgan idi,,man qahqah kilip kitiptikanman,,bu kunla xundak egir kaldi,,,yalguz kalgan apamgimu tilphone kilix tas kilip ot ustiga yag qashkandak bolup Kathi,,,,,egimiz hammaylanni aman isan sakligay…

  5. ئېغىر قايغۇدا ئىكەنلىكىڭىزنى سېزىپ تۇرۇپتىمەن…
    بۇ كۈنلەردە ھەممىمىز ياكى ئۇ ياكى بۇ شەكىلدە كۆيىۋاتىمىز… يارلىنىۋاتىمىز….
    شۇ ھەر بىرىمىزنىڭ ئۆزىمىزگە بەرگەن تەسەللىيسى بولسۇنكى:
    ئەڭ ئېغىر قايغۇدا ئىكەنلىكىمىز ئەزەلدىن ياشاپ باقمىغان، تىتىپ باقمىغان بەخىتنى تىتىيدىغانلىقىزدىن بىشارەتتۇر.
    ئانىڭىز يالغۇز ئەمەس، سىزگە ، ئانىڭىزغا، ئانىلىرىمىزغا ئەڭ زور كۈچ – قۇۋۋەت ئىگىسى يار -يۆلەك بولىدۇ، بۇ كۈنلەر ئۆتۈپ كەتكەندە ئۆزىمىزنىڭ نەقەدەر كۈچەيگەنلىكىمىزنى، تىتىۋاتقان بەخىتلىك مىنۇتلىرىمىزنىڭ بىسىشقا تىگىشلىك جەريانى ئىكەنلىكنى بىلىپ يىتىمىز.
    ئاخىرىدا ، سىزنى مىھرىم بىلەن قۇچاقلايمەن ، سىز يالغۇز ئەمەس، ھىچقايسىمىز يالغۇز ئەمەس .❤️❤️❤️❤️❤️

  6. دادامنىڭ نەقەدەر ساددە ئۈنسىز ئېغىر بېسىق ئۈزىنى پەدازلىمايدىغان لېكىن گېزى كەلگەندە مەرد ياشايدىغان ئىنسان ئىكەنلىگىنى چۈشىنىۋاتىمەنيەتتە يىلدىن بېرى كۈرۈشەلنەيۋاتقان مەن ئۈچۈن قانچىلىك كۈز يېشى قىلىۋاتقاندۇ ،دىدارلىشىشى نىسىپ بۇلىدىغان كۈنلەرگىچە دادىلىرىمىز ئامان بولغاي

  7. مەنچە ھەر بىر ئەقىل تاپقىنىمىزدا ئاتا- ئانىلىرىمىزغا قويىدىغان نۇمۇرىمىزمۇ يۇقىرىلاپ ماڭىدىكەن.
    ئۇلار بىلەن سالامەت، شادلىق ئىچىدە كۆرۈشىدىغان پەيتلەرنى داۋاملىق تەسەۋۋر قىلىپ تۇرايلى ، رىئاللىقتىمۇ كۆرۈشىدىغان دەملەر چوقۇم كېلىدۇ ~☀️

  8. ”كەچۈرگىن ! “ دەيتتىم ھەر قىتىم خوشلاشقاندا ، يىنىڭدا ھەمرا بوپ تۇرالمىغىنىمغا،پۇت قولۇڭنى بوشىتالمىغىنىمغا،ئاياغلىرىڭنى يەڭگىللىتەلمىگىنىمگە ، نۇرغۇن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ بىرەلمىگىنىمگە…
    ئۈلگۈرەلمىدىم…
    ”كەچۈرگىن !“ دەيتىم ، ھەر قىتىم باغرىڭغا بىسىپ ئۇزاتقىنىڭدا ، ھەممىسى سىنىڭ ئۈمۈدۈڭنى ئاقلاش ئۈچۈن، چوقۇم ئاقلايمەن دەيتتىم ئىچىمدە…
    ئۈلگۈرەلمىدىم …
    سېغىنىش چەكسىز ئىدى ، ئۆكۈنۈشمۇ بار ئىدى، ئەمدىلىكتە ئۆكۈنۈشمۇ چەكسىزلىككە يۈزلەندى.
    يۈرەك تىترەيتتى توختىماي، كۆڭۈل ئىزدەيتتى تىنماي، قۇرۇمايتتى كۆزلەرمۇ ھەم …
    جىنىم دادا، كەچۈر ! ! !
    — سەزگىن

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

بىر

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى