كۈندىلىك تۇرمۇشتا پاسسىپ ئوي ـ پىكىرلەردىن ساقلانماق تەس. بولۇپمۇ بىر كۈنلۈك پائالىيەت ئاخىرلىشىپ روھى ھەم جىسمانى جەھەتتىن چارچىغان كەچلىرىڭىزدە، ئاسانلا ئېغىر خىياللارغا چۆكۈپمۇ قالىسىز. ھەتتا، بۇ ئېغىر، پاسسىپ ئوي ـ پىكىرلىرىڭىز ئەتىسىگىچە داۋاملىشىپ يېڭى بىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىقىنىمۇ تارتىۋېلىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆزىڭىزنىڭ ئوي ـ خىياللىرىنى كونتىرۇل قىلىپ، ئۆزىڭىزگە ئاتۇقچە روھى بېسىم بىرىشىتىن ساقلىنىڭ.

ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچىمىزنى ئاشۇرۇپ، ئەتىنى يېڭىچە، گۈزەل كەيپىياتتا كۈتىۋىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى 5 خىل ئادەتنى تونۇشتۇرىمىز.

 

Cecile Corbel – Mary

 

(1)

ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز ئەڭ  ياخشى كۆرىدىغان، قىلغۇڭىز كەلگەن ئىشنى قىلىڭ

بىر كۈن ئاخىرلاشقاندا شۇ بىر كۈنلۈك ھارغىنلىق، روھى بېسىملار يىغىلىپ قالغان بولىدۇ. شۇڭا، ئالدى بىلەن قىلغۇمىز بار ئىشلارنى قىلساق، سىرتقى دۇنيانىڭ بېسىملىرىدىن قەلبىمىزنى ئازاد قىلىپ، ئارام ئېلىش ھالىتىمىزگە ئۆتەلەيمىز.

مەسلەن: ئۆزىمىز ياقتۇرغان كىتابنى ئوقۇش، كىنو كۆرۈش، رەسىم سىزىش، مۇزىكا ئاڭلاش، 15-20 مىنۇت ئۈندىدارغا قاراش دىگەندەك… ئۆزىمىز ئەڭ قىزىقىدىغان، خۇشاللىق ھەم راھەت ھىس قىلىدىغان ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇش.

 

(2)

ۋاننىغا چىلىنىپ ھاردۇق چىقىرىش

بىر كۈنلۈك ھارغىنلىق، روھى بېسىمنى تۈگىتىشنىڭ، ياخشى ئۇخلاشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ۋاننىغا چىلىنىش. ھەر قانچە ھېرىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ مۇنچىدا يۇيۇنۇپلا بولدى قىلـماي چوقۇم ۋاننىغا چىلىنىشنى ئادەت قىلىڭ، ياق، چوقۇم ئەمەس ئامال بارھە!

كۆپچىلىككە ئايان بولغىنىدەك ياپونىيەدە ھەر قانداق ئۆينىڭ چوقۇم ۋاننىسى بولىدۇ. ياپونلارنىڭ مۇھىم ئادىتىدىن بىرسى ھەر كۈنى ۋاننىغا چىلىنىش. ئەمەلىيەتتىغۇ ۋاننىڭ سۈيىگە زەنجىۋىل تالقىنى ھەم ھەر خىل ئارشاڭنىڭ مىنىرال تالقىنى …دىگەندەكلەرنى سېلىۋېتىپ چىلانسا ھارغىنلىقنىلا تۈگىتىپلا قالماي سوغ ئىلىشنىڭ، ھەر خىل ئاياللار كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ياپون ئاياللىرىنىڭ ئەڭ چوڭ كۈتۈنۈش ئۇسۇلىدىن بىرىنى  ۋاننا ھەم ئارشاڭ دىيىشكىمۇ بولىدۇ.

 

(3)

ئۆزىنى ماختايدىغان كۈندىلىك خاتىرە يېزىش

پاھ! ماۋۇ گەپ پەيزىكەن ھە! ماڭا ئوخشاش ئاكىيۇلارغا شۇنداق ياقىدىغان گەپ.😜

روھى جەھەتتىن چارچىغاندا ئۆزىنى مەدھىلەيدىغان كۈندىلىك خاتىرە يېزىپ بىرىش ئەڭ ئۈنۈملۈك چارە. يەنى، ئۆزىڭىزنى پەقەت خىيالىڭىزدىلا ئەمەس، يېزىش ئارقىلىقمۇ ماختاپ بېرىڭ، ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىز ئاشىدۇ. كۆڭلىڭىز يېرىم بولىدىغان ئىشلار يۈز بەرگەن كۈنى چوقۇم كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ يېزىپ ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ ماختاپ قويۇڭ. ئۆزىڭىزنى تازا ماختاۋاتقاندا، ئىچىڭىزدىكى  يەنە بىر ئاكىتىپ «مەن» خاتالىقلىرىڭىزنى يۈزىڭىزگە سىلىپ  ئەيىپلىسە «ئىنسان دىگەن ئازغۇچى، ھەر قانداق ئىنساننىڭ مەغلۇپ بولىدىغان ۋاقتى بولىدۇ» دەپ قويۇپ ئۆزىڭىزنى ماختاۋەرسىڭىز بولارمىش.

 

(4)

ئۇخلاش ئۈچۈن ياتقىنىڭىزدا قورساق ئارقىلىق چۇڭقۇر نەپەسلىنىڭ

بەك ھېرىپ كەتكەندە، تىزلا يانپاشلاپ يېتىۋالغۇڭىز كەپمۇ قالىدۇ.  بۇ چاغدا ئالدى بىلەن قورساق ئارقىلىق چۇڭقۇر نەپەس ئېلىپ بىرىپ نېرۋىنى ئارام ئېلىش ھالىتىگە كىرگۈزۈڭ. ئۇيقۇڭىز كىلىشكە باشلىغاندا، دەسلەپتە 5 مىنۇتتەك دۈم يېتىۋالسىڭىز چارچاشنى يوقاتقىلى بولىدۇ.

 

(5)

كۆزنى يۇمۇپ ئاكىتىپ سۆزلەرنى دەپ بىرىش

كۆزىمىزنى يۇمۇپ ئۆزىمىزگە ئاكىتىپ سۆزلەرنى قىلىپ بېرىمىز. يەنى، ئۆزىمىزدىكى غەم ـ ئەندىشىلەرنى يوقتىدىغان ئىجابى سۆزلەرنى قىلىپ بېرەيلى. چوڭ بىر غەملىرىڭىز بولسا، شۇ دەرتلىرىڭىزدىن، ئەلەملىرىڭىزدىن قۇتۇلۇپ خۇشال بولغان ھالىتىڭىزنى تەسەۋۋۇر قىلغاچ ئۇيقۇغا كېتىڭ، بۇنى ئادەتكە ئايلاندۇرسىڭىز پات ئارىدا ھەممىسى ھەل بولۇپ كېتەرمىش.😄

 

بۈگۈن چارچىغان ئۆزۈمگە ھەم سىزگە بۇ مەزمۇننى تەييارلاپ باقتىم. ئاۋۇ گۈزەل مۇزىكىنى ئاڭلىغاچ سىزگە ياقىدىغان، كۈندىلىك تۇرمۇشىڭىزدىمۇ زورۇقماي تۇرۇپ ئەمىلىيلەشتۈرەلەيدىغان بىرەر خىل ئۇسۇلنى تېپىۋالسىڭىز ئەجەپ ئەمەس!

مەنپىي ھىسلىرىڭىز يېڭى بىر كۈنىڭىزگىچە داۋاملاشمىغاي ~

 

******************************

「もっと輝く自分になるシンプルな習慣」
ناملىق ژورنالدىن تەرجىمە قىلىندى.

ـ تەرجىمىدە رەيھان

 

تارقىتىڭ...