بالاغەت يېشىدىكى بالىلارنىڭ بولمىغۇر قىلمىشلىرىنىڭ سەۋەبى

3,407 قېتىم ئوقۇلدى

بالاغەت يېشىدىكى بالىلارنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان  قىلمىشلىرىنىڭ تۈپ يىلتىزى «ئۆزىگە بولغان تۆۋەن باھا» دىن ئىبارەت.

پەرزەنت تەربىيەسىدە بالىنى تەنقىدلەشمۇ، ئۆگىنىشمۇ… ھەممىسىلا بەكلا مۇھىم. بىراق، يەنىلا ھەممىدىن مۇھىمى بالىنىڭ ئۆزىگە بولغان باھاسى، يەنى، ئۆزىنى قەدىرلەش، ئۆزىگە بولغان ھۆرمەت ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت.

 ئۆزىگە بولغان بولغان باھا دىگىنىمىز:

ياشاش قىممىتىم بار، مەۋجۇتلۇقۇمنىڭ ئۆزىلا بەكلا قىممەتلىك، مەن تولىمۇ مۇھىم بىر ئادەم، مەن بۇ يەرشارىدا بولمىسام بولمايدىغان  ئىنسان،-  دەپ بىلىشتىن ئىبارەت.

بىز تۆۋەندە  بالاغەت يېشىدىكى بىر قانچە بالىنىڭ ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىپ كۆرەيلى.

 

安全地帯 ー 聖い童のエリス

 

تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 3- يىللىقىدىن باشلاپ تۇيۇقسىزلا ئۆيدە زوراۋانلىق قىلىدىغان بولىۋالغان ئوغۇل بالا «مەن زادى بولۇمسىز بىر نىمە، مەن بىر ئەخلەت!» دەپ ھۆركىرەپ يىغلىنىچە ئۆيدىكى نەرسە – كېرەكلەرنى ئۇرۇپ چاقىدۇ.

تولۇق 2- يىللىقنىڭ تاماق يىمەيدىغان، ئىشتىھاسىزلىق كېسىلىگە مۇپتىلا بولغان قىز ئوقۇغۇچىسى «مەن بىرەرسىگە نىسبەتەن ئالاھىدە شەخىسمۇ ئەمەس، ھىچكىم ئۈچۈن مۇھىم، ئەتىۋارلىق، قەدىرلىك ئادەممۇ ئەمەس، مەن بۇ دۇنيادا بولساممۇ، بولمىساممۇ بەرىبىر، كېرەكسىز بىر شەخىس، خالاس!» دەپ يازىدۇ.

14 يېشىدىلا تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان ،«مەندەك بىر ئادەمنىڭ ياشىغىنىنىڭ مەززىسىمۇ يوق!» دىگەن ئويلار بىلەن ھەممىدىن تويۇپ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن قىزچاق دوستىنىڭ ئاپىسىدىن شۇنچىلىك مىھرىبانلىقنى، ئانىلىق مۇھەببەتنى ھېس قىلغاندىن كىيىنلا، ھاياتىدا تۇنجى رەت مۇشۇنداق ناچار بىر قىزنىڭمۇ ئەسلىدە ياشاش ھوقوقىنىڭ بارلىقىنى، ياشىسا بولىدىغانلىقىنى، ئۆزىدەك ئادەمنى ياقتۇرىدىغانلارنىڭمۇ بارلىقىنى ئويلاپ كۆز ياشلىرىنى توختىتالمىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.

سىز يۇقارقى مىساللاردىكى بالىلارنى ئەيىپلەمسىز؟ بۇ بالىلارنىڭ تەربىيەلىنىشىدە نېمە كام قالغان؟!

(بۇ يەردە ياپوننىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان سىتاستىكىسى كىرگۈزۈلگەن، بۇنى بىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ قاراپ تەرجىمىگە كىرگۈزمىدىم.)

ئەتراپىمىزدا  نۇرغۇنلىغان قەبىھ ئىشلارنى، كىشىنى سەسكەندۈرىدىغان ئەخلاقسىزلىقلارنى قىلچە تەپتارتماستىن قىلىۋاتقانلار، باشقىلاردىن توختىماي قۇسۇر ئىزدىگۈچىلەر، ھە -دىسە باشقىلارغا ئازار بېرىدىغانلار، كىچىككىنە مەنپەئەت ئۈچۈن ئانىسىنى سېتىۋىتىشتىن يانمايدىغان… يىرگىنىچلىك ئىشلارنىڭ تۈپ يىلتىزىمۇ ھەم دەل ئۆزىگە بولغان باھانىڭ تۆۋەنلىكىدىن، يارالمىشىدىكى تەڭرى بەرگەن ئادىمىيلىك قىممەتنى تونۇيالمىغانلىقتىن.

  گېپىمىزگە قايتىپ كەلسەك، بىز بالاغەتكە يېتىۋاتقان بالىلارنىڭ يولدىن چىققان قىلمىشلىرىغا، بىزگە ياقمايدىغان قىلمىشلىرىغا دىققەت قىلىمىز- يۇ، ئۇلارنىڭ تۈپ سەۋەبىنى بىلەلمەيمىز ۋە ياكى بىلمەسكە سالىمىز.

خوش، بالىلاردىكى ئەسلى تەبىئىتىدىكى قەدىر – قىممەت ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن قانداق قىلىمىز؟ بالاغەت مەزگىلىدىكى بالىلارنىڭ تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىشىنىڭ  ئالدىنى قانداق ئالىمىز؟ دىققىتىڭىز داۋاملىق بىلوگىمنىڭ كىيىنكى مەزمۇنلىرىدا بولسۇن.

 

******************

 

پايدىلانغان مەنبە : – 「 10代からの子育てハッピーアドバイス 」

تەرجىمىدە : رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...
  1. Nahayiti yahxi yeziliptu . Togra pikirlerken.rehmet

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

بالاغەت

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى