ئاسىي يۈرەك!

3,329 قېتىم ئوقۇلدى

ئۆلگەن قۇشقا ھازا ئاچقان

تۆكۈلگەن بەرگىلەرگە ياش تۆككەن

يېتىم قالغان  بوۋاققا ئۈزۈلگەن

ھاياسىز گۈزەلدىن ئەندىككەن

ئاسىي يۈرەك!

ئۆز ئازابلىرىغا ئاسىيلىق قىلغان

جاھان دەرتلىرىنى يىغىۋالغان

گويا

ئازابلىنىش پەزىلەتتەك

ياش ھەممىنى يۇيىدىغاندەك

ئۆزى ھەممىگە قادىردەك

تەڭرىنىڭ يۈكىنى ئۆزىگە ئارتىۋالغان

بىشەملىك بىلەن

ئۆزىنى تۇنجۇقتۇرىۋاتقان

ئەي

ئاسىي يۈرەك!

 

 

Chris Spheeris – Juliette

 

شېئىرلارنى بەك ئوقۇپ كەتمەيدىغىنىم، يازالمايدىغىنىمغا قارىماي، مۇرەككەپ تۇيغۇلارنىڭ تۇتقۇنلىقىغا كىرىپ قالغانلىرىمدا شۇنچىلىك شېئىر يازغۇم، ھەتتا، شېئىرغا ئايلانغۇممۇ كېلىدۇ…

ئۇف، بۇ ئاجايىپ تۇيغۇلىرىمنى ھېلىقى شېئىرنى شېئىردەكلا يازىدىغان  قەلەمگە تۇتقۇزالىغان بولسام ھە؟!

قويە، قايسى كۈنى كۆزلىرىڭدىن كەپسىزلىك قىلىپ دومىلاپ كەتكەن يۈرىكىڭنى كۆرمەسكە سىلىپ ئۆتۈپ كەتكەن، ساڭا تونۇش، سەن ئۇنىڭغا ناتونۇش ئۇنى!

كىملەردىن كۈتكەن ئۈمدىلىرىڭنىڭ ھەر قېتىم ئۈمىدسىزلىك بىلەن ئاخىرلىشىشلىرى، ئاغرىقلىرىڭدا ھەر دائىم يالغۇز قىلىشلىرىڭ، يىغلاشقا ئامراق ئۇششۇق كۆزلىرىڭنىڭ بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ  بىرەر قولياغلىق، قەغەز ساقلىمايدىغان سەن ئەخمەقنىڭ ھەر قانداق ۋاقىتتا سېنى مىھرىسىز، ياردەمسىز قويمايدىغان، سەندىن ھېچۋاق يۈز ئۆرىمەيدىغان بارماقلىرىڭدا ياشلىرىڭنى سۈرتۈشلىرىڭ، ئەرزىمەس ئادەملەر ئۈچۈن ئازابلىرىڭنى، ياشلىرىڭنى، ھەتتا، ۋاقتىڭنى  بىئەتىۋار قىلىشلىرىڭ… ئۇڧ! مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى باشقىلارنىڭ  خاتالىقىمۇ، ئەجىبا؟!

مەندىن باشقا ھىچكىمدىن، ھىچنىمىدىن ئۈمىد كۈتمە، كۈتسەڭ  پەقەت مەندىنلا  كۈت! دىگەن ئادىللىقنىڭ، مىھرىبانلىقنىڭ، مۇھەببەتنىڭ، گۈزەللىكنىڭ، قۇدىرەتنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئىگىسىنى ئۇنتۇپ ئادەملەردىن مۇھەببەت، ياخشىلىق، ھەتتا، كۈلۈمسىرەشلەرنى كۈتۈشلىرىڭ، ئەجىبا، ئاسىيلىق ئەمەسمۇ ئەي يۈرەك؟!

ۋۇجۇدۇڭ، ئىچكى روھىڭدىن كېلىۋاتقان خاھىشلارنى، سادالارنى ئاڭلىماسقا سېلىپ بىراۋلارغا ياخشىراق، چىرايلىقراق كۆرۈنۈش، ياخشى كۆرىشىگە، مەدىھيەلىرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن قىلغان سۆزلىرىڭ، ئەتكەن ئىشلىرىڭ… ئەجىبا، ئۆزۈڭگە قىلغان ئاسىيلىق ئەمەسمۇ ئەي يۈرەك؟!

دەرتلىرىڭ، ياشلىرىڭ بىلەن ئۆزۈڭنى ئالىيجاناپ كۆرسىتىمەن دىمە! سەن كىچىككىنە يۈرۈكۈڭ، ۋاقتى كەلگەندە دەقىقىلىق جېنىڭ  كۆتۈرەلمەيدىغان  بارچە  دەرتنى ئۆزۈڭگە ئارتىۋىلىپ يىقىلساڭ، خۇددى مەمەت ئاۋاق خەدىچەسىنى ئۇزىتىپ، سەيران قىز ئۈچۈن كۆيەلىگىنىدەك، سېنىڭ ئاۋىقىڭغىمۇ سەيرانگۈلدىن بىرىغۇ تېپىلار، بالىلىرىڭ قانداق  قىلىدۇ؟ ئۇلارنى  ساڭا ئوخشاش تىنىدىن، يۈرىكىدىن، روھىدىن  قايتا ئاپىرىدە قىلىش، بالىلىرىڭغا سىنىڭكىگە ئوخشاش يانىدىغان يەنە بىر ئانىنىڭ  يۈرىكىنى ياساپ چىقىش مۇمكىنمۇ؟! ئەجىبا، سەن سالامەتلىكىڭ، تىنىڭ ھەتتا، مۇھەببىتىڭگە ئاسىيلىق قىلمىدىڭمۇ ئەي يۈرەك؟!

ئاڭلا، سەن داۋاملىق كۆرۈنىدىغان، پەقەت كۆزگە كۆرۈنىدىغان قاننى، تۇتۇپلا بىلىدىغان قىززىتمىنى داۋالىيالايدىغان ھېلىقى دوختۇرۇڭ ۋۇجۇدۇڭدىكى بۇ ئاغرىقلارغا، ئاتەشلەرگە دورا بېرەلمەيدۇ!

يېشىل، كۆك  كۆزلۈك سەن داۋاملىق كىتابلىرىنى ئوقۇپ تۇرىدىغان پىسخولوگلىرىڭ سەندەك قارا كۆزنىڭ يۈرىكىدە ياشاپ باقمىغان پەلسەپىلىرى بىلەن يارىلىرىڭغا داۋا بولالمايدۇ!

ئەڭ يېقىن دەپ بىلگەنلىرىڭمۇ سەنلا بىلىدىغان ئاغرىقىڭنى سەنچىلىك تېتىيالمايدۇ… خۇددى، ئۆلۈمنىڭ تەمى پەقەت شۇ جاننىڭ  ئۆزىگىلا خاس سىرلىق بىر تەم بولغىندەك…

شۇنچە ئەسىرلەر ياشاپ ئەمدى چۈشەندىڭ، شۇنداقمۇ؟!

شۇنداق! دورا ئۆزۈڭ  ھەم پەقەت ۋە پەقەت ئۆزۈڭدە!

ھېلىقى يامغۇر ياغقان سەھەردىكى نۇرلار ئىچىدىكى كۈلۈمسىرەشلىرىڭ، بۇ سەھەر ئۇچىۋاتقان يىڭناغۇچلارغا قاراپ كۆزلىرىڭدە قېتىپ قالغان تەبسسۇملىرىڭ، بوۋاي – مومايلارغا قېتىلىپ گىمناستىكا ئويناشلىرىڭ، باغچاڭدىكى كۆك ئاسمان، ياپيېىشل چىملىقلاردا ئۆزۈڭنى گويا يىنىك قۇشلاردەك سىزىشلىرىڭ، پەشتاقتىن سەكرەپ – تاقلاپ چۈشكەندىكى بالىلىق تۇيغۇلىرىڭ،  يېڭىلا  تېپىۋالغان روھىڭنى سېھرلەيدىغان لىرىكاڭ، تۈنۈگۈن بازاردا ئۇچىرىتىپ قىلىپ ياقتۇرۇپ سېتىۋالغان چىرايلىق كوپتاڭ، كۆزلىرىڭگە قاراپ «ئاپا، مەن سىزنىڭ ئادىشىڭىز» دىيەلەيدىغان دۇنيانى ئاخىرقى زاماننىڭ دەھشىتىدىن، پاسىقلىقتىن، شۇملۇقلاردىن، گۇمران بولۇشتىن ساقلاپ قېلىۋاتقان دۇنيانىڭ نۇرى، ساپ، مۆجىزىدەك بالاڭ… مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى دورىلىرىڭ!  بۇ دورىلارنى ساناپ تۈگىتەلمەيسەن، ئەجىبا، يەنە قاقشامسەن؟  دورىلىرىڭدىن ۋاز كەچسەڭمۇ، ئۆزۈڭچە ئالىيجاناپىلىق بىلەن قۇربانلىق قىلساڭمۇ جېنىڭنى قاقشاتقان جاھاننىڭ تەڭسىزلىكى، ئازابلىرى، قاراڭغۇلۇقلىرى تۈگىمەيدۇ. ئەكسىچە، سەن ئۆزۈڭ بالدۇرلا تۈگەيسەن، ئۆز – ئۆزۈڭنىڭ ئاسىيسى بولىسەن!

تىك تۇرۇش ئۈچۈن دورىلىرىڭغا ئاسىيلىق قىلما ئەي  سۆيۈملۈك يۈرەك!

 

*****************************

 

2018.07.21 ( سەھەردىكى باغچامدا يېزىلدى )

 

تارقىتىڭ...
  1. ئەمما ھەقىقەتەنمۇ سۈپەتلىك….
    مەنمۇ توكيودا، بىر ھەمكارلاشساق بولاتتى، لايىن نۇمۇرىڭىزنى دەپ بەرسىڭىز…

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ئاسىي

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى