بالىلار ئاۋازلىق ئوقۇشلۇقى: سەرەڭگە ساتقۇچى قىزچاق (ياپونچە – ئۇيغۇرچە)

5,506 قېتىم ئوقۇلدى

ئاۋغۇست ئايلىرىنىڭ پا – پا ئىسسىق كۈنلىرىدە زىمىستاندا مۇزلاپ قالغان كىچىككىنە بىر قىزچاقنىڭ ھىكايسىنى ئاڭلاش  كۈلكىلىكتۇر، بەلكىم!

ئويلاڭ، تومۇزنىڭ تەپتىدە بەدەنلەر ھارارەتتىن پەرياد ئۇرسىمۇ، مۇزدەك سوغۇق، پەرۋاسىز، پەقەت ئۆز غەملىرى بىلەنلا ئالدىراش، كۆزلىرى، دىللىرى پەردىلەنگەن كىشىلەر، رەھىمسىز رىئاللىق ئىچىدە مۇزلاۋاتقان  يۈرەكلەر ھېلىمۇ ھەم مەۋجۇت.

 80 ياشلىق دىھقان مومايلىرى ئېتىزىنىڭ كىرىم – چىقىم ھىساباتلىرىنى قولىدىكى ئايپەدتە قىلىۋاتقان، ساۋاتلىق بولۇش 100% گە يەتكەن مۇشۇ دەۋىرلەردە، دۇنيانىڭ بارچە غەملىرىدىن خالى قونچاق ئوينايدىغان، مەھەللىلەردە قىقاس – چۇقان سېلىپ بالىلىقتىكى ئويۇننىڭ، بەڭۋاشلىقنىڭ، دۇنيانىڭ ئىگىسى بولۇشنىڭ، كائىناتنىڭ بىپايانلىقىدا پەرۋاز قىلىشنىڭ پەيزىنى سۈرۈشكە تېگىشلىك، ئەسلىدىلا بۇ دۇنياغا مەلىكە، شاھزادە بولۇش ئۈچۈن تۆرەلگەن بالىلىرىمىز كوچا – كويلاردا قەغەز ساتماقتا، ئوسمىلارنى، ئۈژمىلەرنى كۆتۈرۈپ تىرىكچىلىك كوچىسىدا جاھاندارچىلىق قىلماقتا، كىشلەرنىڭ ئايىغىنى سۈرىتىدىغان مايلامچى بالىغا ئايلانماقتا….مانامۇشۇنداق بىمەھەللا تۇرمۇشنىڭ قاتتىقلىقىنى تېتىپ قىلىۋاتقان، بۇ دۇنيادىكى جەننىتى بولغان ئانىسىنىڭ ئىللىق باغرىسىز، دادىسىنىڭ قۇۋۋەت بېرىدىغان مىھىرىسىز قاتتىق ئورۇندۇقلاردا، ھېسىسىز تۆت تاملار ئىچىدە، جانسىز، مەنىسىز قەغەزلەر دۆۋىسىدە مۇزلاۋاتقان بالىلىق كۆڭۈللەرھېلىمۇ ھەم بار!

ئەجىبا، ئەسەردىكى قىزچاق، بىزنىڭ يېڭى زاماننىڭ «سەرەڭگە ساتقۇچى» بالىلىرىمىز، مۇزلاۋاتقان كۆڭۈللەر… بىچارىمۇ؟  ھەقىقى بىچارە زادى كىم؟!

سەرەڭگە ساتقۇچى قىزچاق
ئاپتۇرى: ئاندېرىسون

رەسسامى : ئىموتو يوكو

تەرجىمىدە : رەيھان ئابلەت

مىكروفۇن ئالدىدا :

رەيھان – ئۇيغۇرچە

تۇمارىس – ياپونچە

 

 

بۈگۈن يېڭى يىل ھارپىسى، يىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى.  كىشىلەر يېڭى يىل تەييارلىقى بىلەن ئالدىراش ئىدى.

– سەرەڭگە ئالامسىز؟
– سەرەڭگە لازىممۇ؟
قىزچاق ئالدىراش ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەرنى سەرەڭگە سېتىۋىلىشقا چاقىراتتى. قار يېغىۋاتقان مانا مۇشۇنداق شىۋىرغانلىق كۈندە پۇتلىرى يالاڭئاياق قىزچاقنىڭ پۇت – قوللىرى سوغۇقتىن قىزىرىپ كەتكەنىدى.
– سەرەڭگە ئالامسىز؟
– سەرەڭگە لازىممۇ؟
قىزچاق بۇ ئالدىراش ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەرنى توختىماي چاقىراتتى، ئەمما، ھىچكىممۇ پەرۋا قىلمايتتى.

ئۆي – ئۆيلەرنىڭ چىراقلىرى يېنىشقا باشلىدى، دەرىزىلەردىن كىملەرنىڭ خۇشال كۈلكە ئاۋازلىرى، ئوخشىغان تاماقلارنىڭ مەززىلىك ھىدلىرى كېلەتتى.

“ قورسىقىم ئاچتى…!“

قىزچاق ئەتىگەندىن بېرى ئاغزىغا گىياھمۇ سالمىغانىدى.

كۈن ئولتۇرۇپ كوچىدىكى كىشىلەرنىڭ ئايىغى شالاڭلىشىشقا باشلىدى.  خېلىلا قاراڭغۇ چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ قىزچاق يەنىلا كوچىلاردا يۈرەتتى. چۈنكى، سەرەڭگىدىن بىرنىمۇ ساتالمىغانىدى. بۇ ھالەتتە ئۆيگە قايتسا، چوقۇم دادىسىدىن تاياق يەيتتى. شۇڭا،  ئۇ ھارغىن پۇتلىرىنى سۆرەپ يەنە يول يۈرۈشكە مەجبۇر ئىدى.

ئەمدى ماڭالمايمەن…ماڭغۇچىلىكىم قالمىدى…
قىزچاق يول بويىدىكى لەمپىنىڭ ئاستىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ قالدى، ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى مۇزلاپ كەتكەنىدى.

ھە – راست! سەرەڭگىگە ئوت ياقسام چوقۇم ئىسسىيمەن!
ساتىدىغان سەرەڭگىنى ئىشلىتىۋالسا، دادىسىدىن چوقۇم دەشنام ئاڭلايدىغانلىقىنى بىلەتتى. بىراق، قىزچاق شۇنچىلىك توڭلاپ كەتكەنكى ئەمدى بەرداشلىق بېرەلمەي قېلىۋاتاتتى.
“ پەقەت بىر تاللا …“
دەپ  ئۆز – ئۆزىگە سۆزلىگىنىچە سەرەڭگىگە ئوت تۇتاشتۇردى قىزچاق.
“ ۋاششىدە“ قىلغان ئاۋاز بىلەن سەرەڭگە تىزلا ئوت ئالدى. “ ئاھ ! نېمىدىگەن ئىسسىق، نېمىدىگەن ئىسسىق! ”

ئوت تېخىمۇ يالقۇنجاپ ئىچىدە مەش پەيدا بولدى. مەش قىپقىزىل يېنىۋاتاتتى. “ ۋاھ! ھەجەپ خۇش بولدۇم!“
قىزچاق ئەمدى قولىنى سوزۇپ ئىسسسىنىشقا تەمشەلدى.

دەل شۇ پەيتتە ئوت ئۆچۈپ، مەشمۇ غايىپ بولدى. ئەتراپ  يەنىلا قار يېغىۋاتقان مۇزدەك ھالىتىگە قايتتى.
“ يەنە ئازراقلا يانغان بولسا، پۇت – قوللىرىممۇ ئىسسىپ قالاتتى…“
قىزچاقنىڭ يەنە بىر قېتىم مەشنى كۆرگۈسى بار ئىدى …“ پەقەت بىر تاللا…“ قىزچاق سەرەڭگىگە ئوت ياقتى.

بۇ قېتىم يالقۇن ئىچىدىن ئۈستەل كۆرۈنۈشكە باشلىدى، ئۈستىدە ئۈزۈم شەربىتى، قىزىرىپ پىشۇرۇلغان توخو گۆشىمۇ بار ئىدى.
“ ۋاھ ! نېمىدىگەن ئوخشىغان ! “
توخو ئارا – ۋىلكىلار سانجىلغان ھالدا قىزچاقنىڭ ئالدىغا كىلىشكە باشلىدى.
قورساقلىرى ئېچىپ تارتىشىپ كەتكەن قىزچاقنىڭ شادلىقى ئىچىگە پاتمايتتى، ئۇ خوشلىقىدا توخو گۆشىگە قولىنى ئۇزارتتى.

دەل شۇ پەيتتە ئوت ئۆچۈپ مەززىلىك توخو گۆشىمۇ، ئۈزۈم شەربىتىمۇ غايىپ بولدى.
قىزچاق، يەنە سەرەڭگە ياقتى.

بۇ قېتىم پەيدا بولغىنى شۇنچىلىك، شۇنچىلىك يوغان  مىلاد دەرىخى بولدى.
شاخلىرىغا نۇرغۇنلىغان شام قويۇلغان بولۇپ، نۇرلار چاقناپ تۇراتتى.
“ پاھ، نېمىدىگەن گۈزەل! “
قىزچاق بۇ مەنزىرىگە مەپتۇن بولغانىدى.

بىردىنلا، شام ئاسماننىڭ كۆكىگە تىزىلىپ كىچىك يۇلتۇزلارغا ئايلاندى.

ئاسماندا سانسىزلىغان يۇلتۇزلار چاقناپ تۇراتتى، ئىچىدىن بىرى ئۇزۇن نۇر سزغىنىچە ئېقىپ چۈشتى.
“ ئاقما يۇلتۇز!… بىرەرسى ئۆلۈپ كېتىپتۇ،- دە…“
قىزچاق ئۆز – ئۆزىگە پىچىرلىدى.
خېلى بۇرۇنلا تۈگەپ كەتكەن مومىسىنىڭ ئېيتىشىچە، يۇلتۇزدىن بىرى ئېقىپ چۈشسە، بىر روھ تەڭرىنىڭ دەرگاھىغا قايتارمىشكەنتۇق….
مىھرىبان مومىسى قىزچاقنى تولىمۇ ئەتىۋارلايتتى.
“ مومامنى سېغىندىم… شۇنچىلىك سېغىندىم …“
قىزچاق يەنە سەرەڭگىنى ياقتى.

پەيدا بولغىنى ئۇزۇن يىللاردىن بىرى سېغنىغان مومىسى ئىدى.
“ موما، ئۆتۈنۈپ قالاي! مېنىمۇ ئالغاچ كەتكىن… بىلىمەن، ئوت ئۆچۈپ قالسا سەنمۇ غايىپ بولىسەن… موما، يوقاپ كەتمىگىن… يوقاپ كەتمىگىن…“
قىزچاق ئالدىراپ يەنە بىر سەرەڭگىنى تۇتاشتۇردى، ئەتراپ كۈندۈزدەك يورۇپ كەتتى.

مومىسى ”كېلە بالام!“ دىگىنىچە قىزچاقنى ئىللىق باغرىغا باسقىنىچە  ئاستا – ئاستا كۆككە كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى.
“ موما، ئەمدى مېنى تاشلاپ كەتمىگىن، بولامدۇ؟“
“ ئەنسىرىمە قوزام، بۇنىڭدىن كېيىن مەڭگۈ – مەڭگۈ بىللە بولىمىز جىنىم بالام! “
ئەمدى بۇ كىچىككىنە قىزچاق شىۋىرغان سوغۇقلاردىمۇ مۇزلىمايدۇ، قورسىقى ئاچمۇ قالمايدۇ، ھاياتنىڭ ئاچچىقلىرى، رەھمسىزلىكلىرى كىچىككىنە يۈرىكىنىمۇ پۇچىلىيالمايدۇ…

ئەتىسى يېڭى  يىل تاڭلىرى  ئەتراپنى يورۇتۇشقا باشلىغىنىدا، قىزچاق ئاللىبۇرۇن كىچىكككىنە قوللىرىدا سەرەڭگە تېلىنى تۇتقىنىچە مۇزلاپ بولغانىدى…
-تۈنۈگۈن سەرەڭگە ساتقان قىزچاققۇ بۇ !
-سەرەڭگە يېقىپ ئىسسىناي دەپتىكەندە!
-ئاھ، بىچارە!

قىزچاقنىڭ ئەتراپىغا يىغىلغان كىشىلەر توپى نېمىلەرنىدۇر دىيشەتتى. بىراق، ھىچكىممۇ قىزچاقنىڭ قانچىلىك گۈزەل نەرسىلەرنى كۆرگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتتى.

 ھىكايە تامام!

***

مەزمۇن ئۇزۇن ھەم بىلوگىمنىڭ بىر يىللىق خاتىرىسى  بولغاچقا ئۆزۈم ئوقۇۋېتىپ قالدىم. ئەمدى بالىلار ئوقۇشلۇقى ماڭا قالمىسۇن ھە كىچىكلەر؟! بۇ توغۇرلۇق ئايرىم بىر تىما يوللايمەن.

بۇ قېتىم  «توكيو خاتىرىلىرى» دىن  ياخشىراق بىر مۇكاپات ئالمىسام بولماس !😜

شۇھەقىقەتكى، قىلالايدىغانلىرىمىز بەك چەكلىك…قىلالىسىڭىز سەرەڭگە تىلىنى ئېلىپ، يۈرىكىڭىزدە تۇتاشتۇرۇڭ، ئۇنىڭ ھارارىتى ئۆزىڭىز ھەم ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئىللىتسۇن.

بىر ئىللىق تەبەسسۇم، يۈرەكتىن چىققان بىر ئېغىز يېقىملىق سۆز، قولىمىزدىن كېلىدىغان كىچىككىنە رىياسىز ياردەم، گۈزەل بىر تىلەك… مۇزلاۋاتقان كۆڭۈللەرنى ئىللىتىشقا، ئۆلىۋاتقان ئۈمىدلەرنى تىرىلدۈرۈشكە يېتەر ~

 

ئەسكەرتىش: ぶどう酒 ーئەسلىدە ئۈزۈم ھارىقى، بۇ بالىلار ئوقۇشلۇقى بولغانلىقى ئۈچۈن شەربەت دەپ ئېلىندى.

تارقىتىڭ...
  1. رەيھانگۈل بەك ياخشى چىقىپتۇ

  2. سىلەرنى بەك سېغىندۇق

  3. بەك ياخشى بوپتۇ. بالىلارغا ئۇيغۇرچە كىتابى تىلدا ئوقۇپ بېرىدىغان ئەسەرلەر كۆپەيسە، ھەممەيلەن ئورتاق پايدىلانسا بەك ياخشى بولغۇدەك. جاپا تارتتىڭىز . ئىشلىرىڭىز خەيرىلىك، بەرىكەتلىك بولسۇن. سىزنى قوللايمەن.

  4. ئوقۇۋىتىپ يىغلاپ تاشلىدىم ،راستىنلا كۆزلەر قەلىپلەر پەردىلەنگەنگەن ئىنسانلار ئارىسىدا شۇ گۈزەل قەلپلەرنى مەنزىرلەرنى كۆرۈشكە ئىنسان ئاجىزلىق قىلىدۇ .

  5. ھەدە ئاۋازىڭىز تولىمۇ يېقىملىقكەن .قىزىڭىزنىڭ تېخىمۇ شۇ تولىمۇ تاتلىق . ئەسردىن ھەم ئاۋازىڭلاردىن بەكمۇ ھۇزۇرلاندۇق

  6. بەك ياخشى تەييارلىنىپتۇ . ھارمىغايسىز، داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ

Reyhan ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

بالىلار

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى