دادا بىلەن قىز ئوتتۇرىسىدا

4,383 قېتىم ئوقۇلدى

بىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئائىلە تەربىيەلىرىمىزدىمۇ شۇنچىلىك گۈزەل ئۇدۇملار بار. يەنى، قىزلار دادىغا ئامراق بولىدۇ، دادىدىن تەپتارتىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، دادىغا بولغان مۇھەببەت  ھۆرمەت بىلەن بولىدۇ. دادىنىڭ شۇنداق بىر قاراپ قويىشىدىن خاتالىقى ئۈچۈن خىجىل بولۇش، دادا بار يەردە پۇتلىرىنى يىغىشتۇرۇپ ئەدەپ بىلەن ئولتۇرۇش، دادىنىڭ ئالدىدا ئەينەككە قارىماسلىق، (بۇ قۇرلارنى يېزىۋىتىپ ئاچىلىرىم بىلەن ئوسما قويساق، دادام ياكى ئاكاملار كىرىپ قالسىمۇ ئەينەكنى تىقىۋېلىشلىرىمىز ئېسىمدىن كەچتى…) ئوچۇق كىيىملەرنى كەيمەسلىك… مانا مۇشۇنداق گۈزەل ئائىلىۋى ئەدەپ، قىزلارغا بېرىلىدىغان ھايا تەربىيەسى دادىغا بولغان ھۆرمەت ۋە مۇھەببەتنى يىلتىز قىلىدۇ.

ئەرلەر، دادىلار ئائىلىنىڭ، جۈملىدىن شۇ جەمىئيەتنىڭ  قىز -ئاياللىرىدىكى ھۆرمەت، پەردىشەپ، ھايانى ئويغىتىدىغان، ئەيمەندۈرىدىغان، مۇنداقچە ئېيقاندا، قىز-ئاياللارنىڭ ھايادىكى گۈزەللىكىنى بىلدۈرىدىغان، مۇھەببەتنىڭ قۇدىرىتى، مەسئۇلىيەتنىڭ  ئەمىنلىكىنى ھېس قىلىدۇرىدىغان مەۋجۇتلۇقتۇر.

خوش، بىر قىزنىڭ قەلبىدىكى تۇنجى ئەر ئوبرازى بولغان دادا يۈرەك پارىسى بولغان قىزىغا دادىلىق مۇھەببىتىنى قايسى خىل ئۇسۇلدا ئىپادىلىگىنى تۈزۈك؟ قىزلارنىڭ ھەر قايسى ياش باسقۇچلىرىدا دادا بىلەن قىزنىڭ ئارلىقى قانچىلىك بولسا مۇۋاپىق؟ بۇ توغۇرلۇق بىزنىڭ ياپونىيەلىك تەتقىقاتچى دادا كاتسىھىكو شىمىزۇ ئەپەندى نېمە دەيدۇ، ئوقۇپ باقايلى.

 

LA PALOMA – Richard Clayderman

 

قىزلار ئۆزىنىڭ سۆيۈلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ

مېيجى ئونۋىرىستىتىنىڭ پىروففىسورى ھەم پىسخولوگ موروتومى يوشى ھىكو ئەپەندى( 諸富祥彦) قىزلارنى قانداق تەربىيەلەش مەسلىسىدە مۇنداق دەيدۇ: قىزلارغا يىتەرلىك مۇھەببەت بىرىش بەك مۇھىم. يەنى، ئاتا – ئانا بولغۇچىنىڭ قىزلارنىڭ مۇھەببەتلىك بالىلىق دەۋرى، بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى بالىنى قوغداش دەۋرىدە قانداق مۇئامىلىدە بولۇش بالىنىڭ ھاياتىغا بەك زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئوغۇللارنى تەربىيەلەشتىمۇ مۇھەببەت كەم بولسا بولمايدۇ، ئەلۋەتتە! بىراق، يېتىلىشى ئوغۇللاردىن تىز بولىدىغان، ھىسياتقا باي قىزلارغا نىسبەتەن ئاتا – ئانىنىڭ مۇھەببىتىنىڭ يىتەرلىك بولۇش – بولماسلىقى ھاياتىغا بەكرەك چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭدىكى ھالىقىلىق شەخىس – دادا!

ئادەتتە، ئائىلىلەردە ئانىنىڭ بالا بىلەن بولغان ئۇچىرىشىشى كۆپرەك بولىدۇ. ئائىلە تۈزۈمى، جەمئىيەت ئەخلاقى، قىلسا بولىدىغان، بولمايدىغان ئىشلارنى ئۆگىتىش – ئانىنىڭ ۋەزىپىسى.

مەسلەن، خەق دىگەن خەق! بىراق، بىزنىڭ ئائىلىنىڭ بالىسى ھازىرچە ئەقلى تېلىفۇن ئىشلەتسە بولمايدۇ، قاراڭغۇ چۈشۈشتىن بۇرۇن ئۆيگە قايتىپ كەلمىسە بولمايدۇ، دوستىنىڭ ئۆيىگە بارغاندا ئاتا – ئانىسى بىلەن سالاملىشىش، تاماق ۋاقتىدا تېلۋىزور كۆرمەسلىك، قانداق كىيىنىش، يۈرۈش – تۇرۇش دىگەندەك كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى بىلىشكە تېگىشلىك قائىدىلەرنى ئانا ئۈگەتكىنى ياخشى.

قىزنىڭ بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى ئانچە – مۇنچە ئانا بىلەن تاكاللىشىپ قالىدىغان، ئانىغا قارشلىق كۆرسىتىدىغان مەزگىلى بوپقالىدۇ. بۇ چاغدا ھالىقلىق رول ئوينايدىغىنى – دادىدۇر. قىزلارنىڭ ئۆسۈپ – يېتىلىشنىڭ ھەر قايسى باسقۇچلىرىدا دادىنىڭ مۇھەببىتىنى ئىپادىلەش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك بولسا مۇۋاپىقراق بولىدىكەن.

بوۋاقلىق ۋە ئۆسمۈرلۈكنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى دادا بىلەن قىزنىڭ مۇناسىۋىتى ( يەنى، باشلانغۇچنىڭ 2- يىللىقىغىچە بولغان مەزگىل)

بالىنى قۇچاقلاش، باغرىغا بېسش، مەڭزىلىرىگە سۆيۈش، باشلىرىنى سىيلاش قاتارلىق بەدەننىڭ ئۇچىرىشىشى بىلەن دادىلىق مۇھەببىتىنى ئىپادىلەش، ئۇنىڭدىن باشقا «مىنىڭ ئوماق قىزىم، سىزنى بەك ياخشى كۆرىمەن!» دىگەندەك سۆزلەر بىلەن مۇھەببىتىنى يەتكۈزۈش، يەسلى، مەكتەپنىڭ پائالىيەتلىرىگە ( ئادەتتە، ياپونىيەدە ئاتا – ئانىلار يەسلىنىڭ تەنتەربىيە، سەنئەت… دىگەندەك تۈرلۈك پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ) چوقۇم قاتنىشىپ بالىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىش.

ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىلىدىكى دادا بىلەن قىزنىڭ مۇناسىۋەتى (يەنى، باشلانغۇچنىڭ 6- يىللىقىغىچە بولغان مەزگىل)

قىزىڭىز بەك خالىماي تۇرىۋالمىسىلا كىچىك چاغلىرىدىكى بەدەن تىلى ئارقىلىق مۇھەببىتىنى ئىپادىلەشنى داۋاملاشتۇرۇش، بىللە بازارغا بېرىش، ماشىنا ھەيدەش، سەيلە قىلىش دىگەندەك دادا بىلەن قىز ئوتتۇرىسدا يېقىنلىق ئورنىتىش، بالىنىڭ قىلالمىغان ئىشلىرىنى يۈزىگە سالماستىن، قىلالىغان ئىشلىرىنى كۆپرەك تىلغا ئېلىپ ماختاپ بېرىش.

ئۆسمۈرلۈكنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن بالاغەت مەزگىلىگىچە (يەنى، تولۇقسىز 3- يىللىققىچە بولغان مەزگىلىدىكى قىزلارغا نىسبەتەن)

بۇ مەزگىل دادا بىلەن ئارىلىق شەكىللىنىدىغان «ئايرىلىش» مەزگىلى بولۇپ، كىچىك ۋاقىتلىرىدىكى قۇچاقلاش، سۆيۈش… ئارقىلىق مۇھەببىتىڭىزنى ئىپادىلىسىڭىز ئانچە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. بىراق، قىزىڭىزغا چوقۇم «ھەر قانداق ۋاقىتتا قانداقلا مەسىلىگە دۇچ كەلسىڭىز ماڭا ئېيتىڭ، نىمىلا ئىش بولسۇن يېنىڭىزدا مەن بار قىزىم!» دىگەن ئۇچۇرنى يەتكۈزۈشنى ئۇنۇتماڭ.

دادا ئۆزىنىڭ ئاكىتىپ روھى ھالىتى، بالىغا بولغان مۇھەببىتىنى بالىغا يەتكۈزۈپ تۇرغىنىدا، بالىغا نىسبەتەن سۆيۈلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەندە بالا بۇ دۇنيانىڭ ئاتالمىش مودا ئېقىملىرى، كومپىيۇتىر، ئەقلى تېلىفۇن… بىر ئالغان بۇ دەۋىردە بالىنىڭ كۆڭلى يەنىلا ئاتا – ئانا، ئائىلىدە بولىدۇ. سىىرتقى دۇنيادىن، دوستلىرى ئارسىدىكى مۇناسىۋەتلەردىن كۆڭلى ئازار يىسىمۇ، تەشۋىشلەنسىمۇ ئاقىۋەتتە، «ئارقامدا مېنى قوللايدىغان، سۆيىدىغان تاغدەك دادام بار!» دىگەن ئىىشەنچ بىلەن بۇ داۋالغۇشلاردىن ھالقىپ كېتەلەيدۇ.

ئاخىرىدا، ھاياتلىق ئۈچۈن، ئائىلىسى، پەرزەنتلىرى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بارچە سۆيۈملۈك مەسئۇلىيەتچان دادىلارغا سالامەتلىك ھەم كۈچ تىلەيمەن ~ 🌻

 

**************************

پايدىلانغان مەنبە:

女の子が幸せに育つパパの習慣

تەييارلىغۇچى: رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...
  1. ياخشى مۇسىز سالۇننى قۇشالمىدىمغۇ

  2. ياخشىمۇسىز، ئىككىلىك كود ئارقىلىق قېتىۋالغىلى بولسا بەك ياخشى بولاتتى، ئەپسۇس! ☺️
    بىراق، بىر خالىغان بىر تېمىنى ساقلىۋىلىش ئارقىلىق كونا – يېڭى بارلىق مەزمۇننى كۆرەلەيسىز ~ ☕️

Reyhan ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

دادا

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى