«غېرىبانە 100 يىل» دىن ئويلىغانلىرىم

2,782 قېتىم ئوقۇلدى

ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چاغلاردا ئوقۇغان رومانلىرىمنى تا- بۈگۈنگە قەدەر قايتا بىر رەت قولۇمغا ئېلىپ باقمىغىنمىغا قاراپ، بۇ روماننىمۇ بەلكىم ھاياتىمنىڭ ئاخىرغىچە يەنە بىر رەت مۇشۇنداق تۇنجى ھىسياتتا ئوقۇيالمايدىغىنىمنى ئويلاپ بىلوگىمنىڭ بارىدا مۇزىكا ھەم رەسىم بىلەن خاتىرە قالدۇرۇپ قويغۇم كەلدى.

ئەلۋەتتە، بۇ روماننىڭ تىل بالاغىتى، بەدئىيلىكى، تۈزۈلىشى… توغۇرلۇق نۇرغۇنلىغان ئېسىل يازمىلار، ئوقۇغاندىن كېيىنكى تىرەن پىكىرلىك ماقالىلەر يېزىلغىنى ئېنىق. كەمىنە ھىچكىمنىڭ بۇ توغۇرلۇق تەسىراتىنى ئوقۇماي تۇرۇپ ئۆزۈمنىڭ تۇنجى ئويلىرىنى چولتا بولسىمۇ خاتىرلەپ باقاي.

گابرېل گارسىيە ماركوز

 

   Field my Field   – Paul Mauriat

 

دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدا يۈكسەك ئالقىشلارغا ئېرىشكەن مەشھۇر رومان – «غېرىبانە يۈز يىل» رومانىنى 1967- يىلى، كولۇمبىيەلىك يازغۇچى گارسىيە ماركوز دەل 40 يېشىدا يېزىپ، 1982- يىلىغا كەلگەندە، يەنى، گارسىيە ماركوز 55 ياشقا كىرگەن يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ.

ئەسلى ئىسپان تىلىدا يېزىلغان «دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدىكى 100 مەشھۇر ئەسەر» نىڭ بىرى ھېسابلانغان ئۇشبۇ رومان نۇرغۇنلىغان تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، 1972- يىلى يەنى، تۇنجى نەشىردىن چىقىپ 5 يىلدىن كىيىنلا ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلىنىدۇ. بىزگە يېتىپ كەلگەن تۇنجى ئۇيغۇرچە نەشىرى 1989- يىلى غوپۇر نۇرىدىن ئاكا تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، «يۈز يىل غېرىپلىق» نامىدا  نەشىردىن چىققان. ئۇشبۇ رەسىمدىكىسى بولسا 2011- يىلى باۋۇدۇن ھەسەن تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنغان نۇسقىسى.

روماننىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

رومانىمىزنىڭ باش پىرسوناژى، بۇئېندىيە جەمەتىنىڭ تۇنجى ئادىمى خوس ئاركادىئو بۇئېندىيەنىڭ ئايالى ئۇرسۇلانىڭ ئۇلۇغ مومىسى 16- ئەسىردە ئەنگىلىيە قاراقچىلىرى دىراك لېئوئاچقا ھۇجۇم قىلغاندا، زەمبىرەك ئاۋازىدىن قورقۇپ كېتىپ مەشكە ئولتۇرۇپ قالىدۇ، ئۆيدە ئۇخلاشتىن قورقۇپ ھويلىدا تاڭ ئاتقۇزىدۇ. ئاخىرى يولدىشى ئايالىنى ئېلىپ دېڭىزدىن يىراق تىنچقىنە ئىندىيان مەھەللىسىگە جايلىشىدۇ ھەم بۇ مەھەللىدە بۇرۇندىنلا ياشاپ كەلگەن بۇئېندىيە ئائىلىسى بىلەن ئارلىشىپ، قانداشلىق مۇناسىۋىتى شەكىللىنىدۇ. رومانىمىزنىڭ غېرىبانە 100 يىلنى باشتىن كەچۈرگەن جەمەتنىڭ تۇنجى ئائىلىسى ئاراگونلۇق ئۇرسۇلا بىلەن ئىسپان ئەۋلادى بۇئېندىيەنىڭ تارىخى جەريانلار سىڭگەن قوشۇلىشىدىن شەكىللەنگەن. بۇ ئىككى جەمەت نەچچە يۈز يىلدىن بىرى ئېلىشىپ – تېگىشىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئارىدىن بىر بالا چوشقا قۇيرۇقلۇق تۇغۇلۇپ قالغانلىقتىن، بۇ جەمەتتە بالىنىڭ چوشقا قۇيرۇق تۇغۇلۇپ قىلىشتىن ئەنسىرەش بار ئىدى.

ئەسەرنىڭ بېشدىكى ئەينى يىللاردىكى فىرانسىس دىراكنىڭ لىئوئاچقا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشتىكى مەقسىتى شۇ مۇرەككەپ قانداشلىق مۇناسىۋىتى داۋامىدا ئاخىرقى ئەۋلادى ئورېلئانو ھەم ھاممىسى ئامارانتا ئۇرسۇلانى تېپىشتۇرۇپ، پۈتۈن جەمەتنىڭ تارىخىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان رىۋايەتلەردىكىدەك بىر مەخلۇقنى يەنى چوشقا قۇيرۇقلۇق بالىنى ئاپىرىدە قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى.

يەنى، مېرگادىسنىڭ تېرە قول يازمىسىدا قەيت قىلىنىغىنىدەك جەمەتىنىڭ بىرىنجى ئادىمى خوس ئاركادېئو بۇئېندىيە دەرەخكە باغلىنىدۇ، ئەڭ ئاخىرقى بىر ئادىمى بوۋاقنى چۈمۈلە يەۋىتىدۇ. ماكوندو قەيت قىلىنغىنىدەك قارا بوراننىڭ دەھشىتىدە قورقۇنچلۇق خارابىگە ۋە توزان قاينىمىغا ئايلىنىدۇ. غېرىبانە ياشىغان بۇ جەمەتنىڭ قۇرۇقلۇقتا ئىككىنجىلەپ پەيدا بولمايدىغانلىقى قىسمەتكە پۈتۈلگەن بولىدۇ.

ماكوندونىڭ قۇرۇلۇشى

ماكوندو ۋە بۇئېندىيە جەمەتىنىڭ ھالاكەت جەريانى

خوس ئاركادىئو بۇئېندىيە ئاگىمورنى ئۆلتۈرىۋەتكەنلىك گۇناھى ھەم ئۇنىڭ ئەرۋاھىدىن قېچىش ئۈچۈن ئاتا – بوۋىلىرى ياشاپ كەلگەن ماكاننى تاشلاپ، ئۇنىڭدىن ئىلھاملانغان دوستلىرىنى باشلاپ زىمىن ئىزدەپ سەپەرگە ئاتلىنىدۇ ھەم سۈزۈك بىر تاشلىق دەريا بويىدا چۈشىدىكى سىرلىق بىشارەت بويىچە مەھەللە قۇرۇپ، ماكوندو دەپ ئىسىم قويىدۇ.

ماكوندو – دەسلەپتە 20 ئۆيلۈك ئاھالىسى بار كىچىككىنە مەھەللە بولۇپ، كېيىن 300 ئاھالىگە ئىگە شۇ ئەتراپتىكى ئەڭ پاكىز، رەتلىك، جەننەتتەك بىر ماكان بوپقالىدۇ. ھىچكىمنىڭ يېشىمۇ 30 دىن ئاشمىغان، بىرەر ئادەممۇ ئۆلۈپ باقمىغان ماكوندو مەھەللىسىنى سىگانلار بۇ مەھەللىدىكى قۇشلارنىڭ ئاۋازىدىن تېپىپ كېلىدۇ.

خوس ئاركادىئو بۇئېندىيە ماكوندونى ھېلىقى ئۇلۇغ كەشپىياتلار بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان يول ياساشقا ئاتلىنىپ چىققاندا، لورد فىرانسىس بىر ئۆمۈر ئىزدەپ تاپالمىغان دېڭىز ئويلىمىغان يەردىن بۇئېندىيەگە ئۆتكىلى بولماس توسالغۇ بولۇپ ئۇچرايدۇ ھەم بىر ئۆمۈر ئىلىم -پەندىن يىراق بۇ كىچىككىنە مەھەللىگە قامىلىپ ياشاپ چىرىپ كېتىدىغانلىقىدىن ۋايىم يەيدۇ. خوس ئاركادىئونىڭ دەۋرىدە مۇز ئەڭ  ئۇلۇغ كەشپىيات بولۇپ قالىدۇ.

ئاللىقاچان سىنگاپورنىڭ قۇم ساھىلىدا بەزگەك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ بولغان سىگان مىرگادىس قايتا تىرىلىپ ماكوندولوقلارنىڭ ئۇنتۇغاقلىقىنى، ئۆرە تۇرۇپمۇ چۈش كۆرىدىغان، باشقىلارنىڭ چۈشىدىمۇ ياشايدىغان كېسىلىنى دورا بىلەن ساقايتىدۇ.  بۇئېندىيە ئىككىسىنىڭ دوستلىقى داۋاملىشىدۇ. مىرگادىس بۇئىندىيە ھايات چىغىدىلا ماكوندونىڭ كەلگۈسىنى يىشىپ بېرىدۇ. ماكوندودا ئېگىز ئەينەك ئىمارەتلەر باش كۆتۈرىدىغانلىقىنى، لېكىن، بۇئېندىيەنىڭ ئەۋلادلىرى پۈتۈنلەي يەر يۈزىدىن يوقايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇئېندىيە بولسا ئۇنىڭ دىگەنلىرىگە قارشى ھالدا ئەينەك ئەمەس مۇز ئىمارەتلىرىنىڭ سېلىنىدىغانلىقىنى، بۇئېنىدىيە جەمەتىنىڭ مەڭگۈ ياشايدىغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ.

بىرەركىم ئۆلۈپ كۆمۈلۈپمۇ باقمىغان، قەبرىستانلىقمۇ يوق ماكوندودا تۇنجى دەپنە مۇراسىمى مىرگادىسنىڭ بولىدۇ. بىراق، ئەرۋاھى تاكى ماكوندونىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنلىرىگىچە بۇ جەمەتتىن ئايرىلمايدۇ.

ئۇزۇن يىللار دەرەخكە باغلانغان ھالدا ياشىغان خوس ئاركادىئو بۇئېندىيە ئۆلگەن كۈنى مېرگادىس يېنىدا بولىدۇ. پۈتۈن ماكوندو ئاسمىنىدىن سېرىق گۈللەر تۆكۈلىدۇ، ھالبۇكى، ئېرى شۇنچە ئىزدەپ تاپالمىغان بۇ كىچىككىنە ماكاننىڭ دەسلەپكى مەدەنيەت يولىنى تاپقان، جەمەتىنىڭ قانداشلىقنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى بىلەن قارشىلىشىپ كەلگەن ئۇرسۇلا 115 -222 يىل ئەتراپىدا ياشاپ يېڭى تۇغۇلغان مومايدەك بۆشۈكتەكلا كىچىك تاۋۇتقا پاتقۇدەك ۋىجىكلەپ ئۆلگەن كۈنى قۇشلار توپ – توپ ئۆلۈپ، كىشىلەر غالتەك ھارۋىلاردا قۇشلارنىڭ ئۆلىكىنى توشۇشقا مەجبۇر بولىدۇ.

جەمەتنىڭ دەرەخكە باغلانغان تۇنجى ئادىمى – خوس ئاركادېئو بۇئېندىيە

ئۆز – ئۆزىگە خوجا بولۇپ ئەركىن ياشاپ كەلگەن ماكوندونىڭ تىنچلىقى، تالان- تاراج بولىشى ئاتالمىش ھۆكۈمەت ئەۋەتكەن قۇراللىق بازار باشلىقىنىڭ پەيدا بولىشى، ھەتتا، خەلقىنىڭ تامنى كۆكتە سىرلاشلىرىدىن تارتىپ ئارلىشىشىدىن باشلىنىدۇ. يامان يېرى بۇئېندىيە جەمەتى باشقا تارىخلارغا ئوخشاش ساھىبجامال ۋەقەسى بىلەن بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئادىمى بىلەن قانداش بولىدۇ ھەم ھېچقانداق سىياسىي قىزغىنلىقى يوق ماكوندوغا تۇنجى ئالتە نەپەر قۇراللىق ئەسكەر ئېلىپ كېرىدۇ. خەلقنىڭ ئۆيدىكى قىڭراقلاردىن تارتىپ يىغىۋىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەملىكەت مىقياسىدا باشلانغان ئۇرۇش ئورىلئانو ھەم ماكوندونىمۇ ئۇرۇش ئوتىغا سۆرەپ كىرىدۇ.

بۇئېندىيە جەمەتىنىڭ ماكوندونى تېپىش سەپىرى ئۈستىدە تۇغۇلغان تۇنجى ئوغلى خوس ئاركادىئو سىرلىق ئۆلۈم بىلەن دۇنيادىن ئايرىلىدۇ. ماكوندودا تۇغۇلغان تۇنجى بوۋىقى ئۈچ ياشقا كىرگەن ۋاقتىدا ئوچاقتىكى شورپىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشىدىغانلىقىدىن، دادىسىنىڭ ئۆلۈمىدىن بىشارەت بېرەلىگەن پەۋقۇلئاددە سىزىمغا ئېگە پولكوۋنىك ئورىلئانو 32 قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ھەممىسىدە مەغلۇب بولىدۇ. 17 خوتۇندىن 17 ئوغۇللۇق بولۇپ، ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى ئۇرۇش دەۋرىدە يوشۇرۇن قاتىللار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ، بۇ مەشھۇر پولكوۋنىك مىھرىسىز، مەنمەنچى قاسساپقا ئايلانغان يىللاردا ئۇنىڭ پەۋقۇلئاددە بىشارەت تۇيغۇسى چىرىپ، ئۇنىڭدىن يېراقلايدۇ. ئەپسانىدەك كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ، تارىخنىڭ شاماللىرى ھەممىنى سۈپۈرۈپ تاشلايدۇ. پەقەت ماكوندودىكى بىر كوچا ئۇنىڭ نامىدا ئاتالغانلىقىلا قالىدۇ.

ماكوندوغا كەلگەن تۇنجى پويىز

بۇئېندىيە جەمەتىدىن ئورېلئانو تىرسىت بوۋىسىنىڭ ئارزۇسنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ تۆمۈر يولى ياساپ ماكوندوغا تۇنجى پويىز ئەكىرىدۇ. ماكوندو ئەقىل يەتكۈسىز گۈللىنىش دەۋرىنى باشتىن كەچۈرىدۇ.

ھەر چارشەنبە نەق 11:00 بىلەن كېلىدىغان پويىزدا سىرىتتىن كەلكۈندەك كېلىپ ماكوندوغا جايلاشقان نۇرغۇنلىغان كىشىلەرگە بۇئېندىيە ئائىلىسى سېخىيلىق بىلەن قۇچىقىنى كەڭ ئاچىدۇ-يۇ ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ماكوندو يات كىشلەر تەرىپىدىن بۇلغىنىدۇ، يەرلىك خەلق قىرغىن قىلىنىدۇ، قالايمىقانچىلىق، ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقىغا تولىدۇ. بالىلار، بوۋاي – مومايلار چېپىپ تاشلىنىدۇ، بەختىيار تىنىچ ماكان مانا مۇشۇنداق سىرىتتىن كەلگەن ئۆلگۈرلەر تەرىپىدىن دەسسەپ -چەيلىنىدۇ.

ئەسلىدىلا پارلاق ئىستىقباللىق جاي ماكوندو – بانان شىركىتى تەرىپىدىن بۇلغىۋىتىلىدۇ، تالان -تاراج قىلىنىدۇ، يەنە كېلىپ ئىنژىنىرلىرى قارا يامغۇر پەيدا قىلىپ، شۇ باھانىدا ئىشچىلارغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئادا قىلىشتىن قاچقان ھەم ئىشچىلارنى ۋاگزالدا تۇيۇقسىز قىرغىن قىلىپ 3408 ئادەمنىڭ جەسىتىنى ئىككى يۈز ۋاگونلۇق پويىزدا يۆتكەپ دېڭىزغا تاشلايدۇ. خەلقنى بولسا ھېچنىمە بولمىغانلىقىغا ئىشەندۈرىدۇ. ئاقىۋەتتە، ماكوندودىن ئىبارەت قۇرۇلۇش، گۈللىنىش، ئۇرۇش خارابىيلىقىنى باشتىن كەچۈرگەن بۇ بازار خارابىيلىشىپ، ئادەملىرى پۈتۈنلەي سىرىتقى دۇنيادىن بىخەۋەر قالىدۇ.

جەمەتنىڭ چۈمۈلىگە يەم بولغان ئاخىرقى ئادىمى

جەمەتىنىڭ بىرىنجى ئادىمى دەرەخكە باغلىنىدۇ، ئەڭ ئاخىرقى بىر ئادىمىنى چۈمۈلە يەۋېتىدۇ.

مىرگادىسنىڭ سانسىكىرىت يېزىقىدا يېزىلغان بۇ قوليازمىلىرىنىڭ مەناسى پەقەت 100 يىل توشقاندا يېشىلدۇ، مەخپىي شىپىرلار- بۇئىندىيەلەرنىڭ جەمەت تارىخى ئىدى ھەم بۇ جەمەت تارىخىدا يۈز بېرىدىغان ئىشلار يۈز يىل بۇرۇنلا بىشارەت بىرىلگەنىدى.

ماكوندونىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر ئەتىگىنى، شۇنداق قىلىپ ماكوندو قەيت قىلىنغىنىدەك قارا بوراننىڭ دەھشىتىدە قورقۇنچلۇق خارابىگە ۋە توزان قاينىمىغا ئايلىنىدۇ. ئورىلئانو تېرە قەغەزگە يېزىلغان قوليازمىلارنى پۈتۈنلەي يىشىپ بولغاندا بولسا بۇ ئەينەك شەھەرنى «ئېزىتقۇ شەھەرنى» قارا بوران زېمىندىن يوق قىلىپ، جاھان ئەھلىنىڭ خاتىرىسىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ، غېرىبانە ياشىغان بۇ جەمەتنىڭ قۇرۇقلۇقتا ئىككىنجىلەپ پەيدا بولمايدىغانلىقى قىسمەتكە پۈتۈلگەن بولىدۇ.

خۇلاسە كالام: بۇئېندىيە جەمەتىنىڭ ئادەملىرىنىڭ روھى دۇنياسى ھەتتا، ئۆلۈمىمۇ شۇنچىلىك غىرىبانە، يىگانە ئىدى.  ئەقىلگە سىغدۇرالمىغۇدەك دەرىجىدە گۈللەنگەن بۇ گۈزەل ماكان ئۆزى قۇچاق ئاچقان يات كىشلەر تەرىپىدىن دەسسەپ -چەيلەندى، قىرىلدى، خانۇ – ۋەيران بولۇپ ئاقىۋەتتە يەر يۈزىدىن مەڭگۈلۈك يوقالدى…

ئىنسان – كەڭرى كائىناتنىڭ چىگراسىز ھىكىمەتلىرىدىن، يىراق تارىخقا تۇتاشقان چىغىر يوللاردىن، سىرلىق رومان – ئەپسانىلەردىن، رىئاللىقنىڭ ئەگرى – توقايلىقلىرىدىن… ئۆزىنى ئىزدىگۈچى.

نەھايەتكى، كىتابنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن كاللامدا قالغان سىرلىق تۈتەكلەر ئىچىدىن ئۇزۇن يىللار شىرىكسىز يىگانە غېرىپ قىسمەتلەردە غايىپ بولغان ماكوندو ۋە  ماكوندو خەلقىنىڭ گىرىمسەن مەنزىرىلىرىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە مەمىتىمىن ھوشۇرنىڭ «قۇم باسقان شەھەر» رومانىدىكى ھالاكەت قۇم دېڭىزىغا چۆكۈپ كېتىش ئالدىدا جان تالىشىۋاتقان بىغەملەر شەھىرىنىڭ ئاخىرقى پۇقرالىرى زاھىر بولغاندەك، «ئۇلار يوقالمايدۇ…يوقالمايدۇ!!!» دىگەن روھىمنىڭ غايىبانە چۇقانلىرىنى تىڭشىغاندەك بولدۇم…

تامام!

 

تارقىتىڭ...
  1. خېلى تەپسىلى توختۇلۇپسىز

  2. مۇنداقمۇ بىلوگلار باركەنغۇ…ئىسىل يازما..

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

«غېرىبانە

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى