بالىڭىز سىز بىلەن قارشىلىشامدۇ؟

4,968 قېتىم ئوقۇلدى

كىچىك چاغلىرىمىزدىن تارتىپ سىڭدۈرۈلگەن ئاتا – ئانىنىڭ، چوڭلارنىڭ، ھەتتا، باشلىقنىڭ پىكىرىنى يىرماسلىق، تىك قارىماسلىق، قارشىلاشماسلىق… گۈزەل ئەخلاقمۇ؟ بالىلارنىڭ ئاتا – ئانا بىلەن قارشىلىشىشى قورقۇنچلۇقمۇ؟ بالىنىڭ ئەدەبسىز، يامان بالا بولۇپ قالغىندىن، ئاتا – ئانىنىڭ ياخشى تەربىيەلمىگىنىدىنمۇ؟ يۇقارقى سۇئالىمىزغا پىسخولوگ، بالىلار تەربىيە تەتقىقاتچىسى ئاكې خاشى دايجى ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ:

بالىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشى – بالىنىڭ يىتەرلىك مىھىرگە، تايانچقا، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئېرىشكەنلىكىنىڭ، ئاتا – ئانىنىڭ ئاساسلىق تەربىيەسىنىڭ خاتا بولمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بالىلار پىسخىكا دوختۇرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنداق دىيەلەيمەنكى، ئەنسىرەش توغرا كەلسە بالاغەت مەزگىلىدە قەتئى قارشىلىقى يوق بالىدىن ئەنسىرىسە بولىدۇ.

 

Quelque Chose Et Moi – Gerard Lenorman

 

نېمە ئۈچۈن بالىڭىز قارشلىق كۆرسەتسە خاتىرجەم بولۇڭ دەيمىز؟

ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى مىسال ئارقىلىق بالاغەت مەزگىلىدىكى ئۆزگىرىشنى، بىر ئانىنىڭ تەشۋىشلىرىنى چۈشىنىپ باقايلى:

قىزچاق باشلانغۇچتا ئوقۇيدىغان چاغلىرىدا

-ئاپا، مېنىڭمۇ ياردەملەشكۈم بار، نېمە ئىش قىلاي؟- دىدى قىزچاق ئاشخانىدا قاچا يۇيۋاتقان ئاپىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ.

-رەھمەت قىزىم،- دىدى خۇش بولغان ئاپا.

-ياخشىمۇ سىز؟ – قىزچاق ئاپىسى بىلەن كېتىۋاتقىنىدا ئۇچرىغان تونۇش – بىلىشلەرگە ئالدى بىلەن سالام قىلدى.

-ئانا – بالا ئىككىڭلار بەك ياخشى ئۆتىسىلەر-ھە؟ قىزىڭىز نىمىدىگەن ياخشى چوڭ بولغان.

خوشنىلارنىڭ بۇ ئانا – بالىغا شۇنداق مەستلىگى كەلدى.

قىزچاق تولۇقسىز ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن بۇرۇنقىدىن ئۆزگىرىپ قالدى.

-ۋۇي، قايتىپ كەلگەنمىدىڭىز؟ ئىشىكتىن كىرگەندە ھىچ بولمىسا «مەن كەلدىم!» دەپ كىرىڭ دەيمەن،- دىدى ئانىسى مەكتەپتىن كېلىپ ئۈندىمەستىن ئۆزىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كېتىۋاتقان قىزىغا.

-ماقۇل،- دەپ قويۇپ ئۆزىنىڭ ئۆيىگە ماڭدى قىزچاق.

-بۈگۈن مەكتەپ قانداق بولدى؟

-ھىچقانداق.

-ھىچقانداق دىگەن نېمە گەپ؟

-ئادەتتىكىدەك!

-ئادەتتىكىدەك دىگەن نىمە گەپ دەيمەن؟ بۇنداق گەپنى چۈشەنمەيمەن!

قىزىنىڭ بۇ ھالىنى كۆرگەن ئانا ئويلاپ قالدى…

مەن بۇ بالىنى تۈزۈك ياخشى تەربىيەلمىدىممۇ نىمە؟ قەيەرنى خاتا قىلغاندىمەن؟ بۇ پېتى ماڭسا ئانا – بالىنىڭ مۇناسىۋىتى نىمە بولماقچى؟!

ئانا ئۆزىنىڭ تەربىيەلەش ئۇسۇلىدىن، ئۆزىدىن ئۈمىدسىزلەندى، كەلگۈسدىن ئەنسىرىدى…

ئاكې خاشى ئەپەندىنىڭ يۇقارقى ئانىغا، شۇنداقلا بىزگە بېرىدىغان جاۋابىنى تېخىمۇ كونكىرىتلاشتۇرساق:

بالىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشى – بالىنىڭ يىتەرلىك مىھىرگە، تايانچقا، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئېرىشكەنلىكىنىڭ، ئاتا – ئانىنىڭ ئاساسلىق تەربىيەسىنىڭ خاتا بولمىغانلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ.

بالىلار پىسخىكا دوختۇرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنداق دىيەلەيمەنكى، ئەنسىرەش توغرا كەلسە بالاغەت مەزگىلىدە قەتئى قارشىلىقى يوق بالىدىن ئەنسىرىسە بولىدۇ.

ئەلۋەتتە، ئاتا – ئانىسى بىلەن ياخشى پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان، ئۆز – ئارا چۈشىنىش چوڭقۇر بولغان بالىلارنىڭ قارشىلىق  كۆرسىتىشى ھاجەتسىز ئەھۋاللارمۇ بوپقالىدۇ. بىراق، يامىنى نارازلىقى، قارشىلىق قىلغۇسى بولسىمۇ قارشىلىق قىلالماسلىق! بۇ خىل بالىلار يىتەرلىك مىھرىگە، ئىشەنچكە، باغلىنىشقا، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە بولالمىغانلىقى ئۈچۈن ناۋادا قارشىلىق كۆرسەتسەم ماڭا ئۆچ بوپقالارمۇ، كۆڭۈل بۆلمەيدىغان بوپقالارمۇ دىگەندەك ئەنسىرەشلىرى بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكۈسى بولسىمۇ تېىشغا چىقىرالماي قالىدىغان ئەھۋاللار بار، مانا بۇ خەتەرلىك!

بۇ خىل بالىلار ئاخىرىغىچە مۇشۇنداق قارشىلىقىنى تېشىغا چىقىرالماي ئۆتەمدۇ،- دىگەندە، ياق، ئۇنداق بولمايدۇ! 20 ياشتىن ئاشقاندا بىراقلا پارتىلاش خاراكتىرىلىك قارشىلىق چىقىدىغان ئىش بولىدۇ. مەسلەن، ئائىلە زوراۋانلىقى، ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋىلىشقا ئۇرۇنۇش، قاتىللىق… دىگەندەك شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. تۆۋەندىكى مىسال ئارقىلىق بۇ نوقتىنى تېخىمۇ چۈشىنىپ باقايلى:

20 ياشتىن كېيىنكى پارتىلما خاراكتىرىلىك قارشىلىشىش

باشلانغۇچتىكى چاغلىرىدا

ئوغۇلنىڭ دوستىنىڭ ئېلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇقى بار ئىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئويۇنچۇقىغا قىزىقىدىغانلىقىنى بىلىپ مۇنداق دىدى.

-بۇ ئويۇنچۇقتىن ئاتا – ئاناڭ ساڭىمۇ ئېلىپ بەرسۇن.

-بۇنداق گەپلەرنى ئۇلارغا ئېيتالمايمەن… – دىدى بەرىبىر ئېيتسىمۇ ئاتا – ئانىسىنىڭ ئۇنىڭ سۆزىنى ئېتىبارغا ئالمايدىغانلىقىنى بىلگەن ئوغۇل.

تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە

ئاپام مېنىڭ دەرس بىلىدىغان تەرىپىمنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاپامنىڭ مېنى ياقتۇرمايدىغان بوپقىلىشىنى خالىمايمەن – دەپ ئويلايدىغان ئوغۇل ئاپىسى ئۈچۈن تىرىشىپ – تىرمىشىپ ئۆگىنىدۇ.

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە

مەن ماڭدىم ئەمسە، ئۇكىلىرىڭغا ئوبدان قارىغىن،– دىگىنىچە ئاپىسى ئۇكىلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر ئېلىشنى ئوغۇلغا تاپشۇرۇپ سىرتقا ماڭىدۇ.

بىلدىم،– دىگىنىچە ئوغۇل ئۇكىلىرىغا قاراپ ئۆيدە قالىدۇ، چۈنكى، ئۇ ئاپىسىنىڭ ئۆزىنى تاشلىۋېتىشىنى خالىمايدۇ.

20 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن

بۇ ئوغۇلنىڭ كىچىك چاغلىرىدىن تارتىپ ئىچىدە يىغىلىپ قالغان نارازىلىقلىرى، تېشىغا چىقىرالمىغان قارشلىقلىرى بىراقلا پارتىلاپ چىقىدۇ، ئاپىسىغا ئەيمەنمەستىن ۋارقىراپ- جارقىرايدىغان بولىدۇ.

يىغىپ ئېيتقاندا، 10 ياش مەزگىلىدە بالىلاردا كۆرۈلگەن قارشىلىشش – دەل بالىلارنىڭ ساغلام قەلب ۋە روھى ھالەتتە ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسى. بالىلىرىدا قارشىلىش كۆرۈلگەندە ئەنسىرەيدىغان ئاتا – ئانىلار ھەقىقەتەنمۇ ئاز ئەمەس بولسىمۇ، سىزگە دەيدىغىنىم، بۇنداق ھاللاردا ئەنسىرىمەستىن ئەكسىچە «بالام مۇشۇنچىلىك ساغلام ئۆسۈپ –يېتىلىۋىتىپتۇ!» دەپ خۇشال بولسىڭىز بولىدۇ.

ئۇشبۇ تەرجىمىلىرىمدە نوقۇل ۋەز سۆزلىمەستىن، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئاتا – ئانىلار ئۈچۈن مۇرەككەپ باش قېتىنچىلىقلىرىغا ھەر قانداق ئاتا – ئانا قىلالايدىغان ئاددى يول بىلەن ئەمەلىي كۆرسەتمىلەر بېرىلگەن. رىئاللىقلارغا كۆزۈمنى يۇمۇۋالغاندەك پەرزەنت تەربىيەسىگە ئائىت مەزمۇنلارنى يوللاۋەردىم، ئىشىنىمەن، يەنىلا بۇ مەزمۇنلارغا ئىھتىياجىلىق، پايدىلىنىپ قالىدىغان ئاتا – ئانىلارمۇ چىقىپ قالىدۇ. (بالىلارنىڭ قارشىلىقلىرىغا  قانداق مۇئامىلە قىلىش توغۇرلۇق مەزمۇننىڭ داۋامىنى پات ئارىدا يوللايمەن)

بالىلىرىمىزنىڭ جاسارەتلىك ئەۋلادلاردىن بولىشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىزگە ئادىل، جاسارەتلىك ئاتا – ئانىلاردىن بولۇش نىسىپ بولسۇن ~

 

*********************

 

پايدىلانغان مەنبە :

 「 10代からの子育てハッピーアドバイス 」

تەرجىمىدە : رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...
  1. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!ياخشىمۇ سىز ؟يازمىللىرىڭىزنى بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن،رەھمەت سىزگەھارمىغايسىز.مىنىڭ تۆت ياشلىق ئوغلۇمنىڭمۇ بەزى ۋاقىتلادا جاھىللاچە قارشىلىپ كىتىشىمۇ نۇرمالمىدۇ؟

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، يازمىلىرىمنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان ئوقۇرمەنلىرىمنىڭ بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇشنىڭ ئۆزىلا بىر خۇشاللىق ماڭا ، داۋاملىق مۇشۇنداق ئۇچۇرلارنى ئوقۇپ تۇرسامكەنمەن دەيمەن (^_-)
      گېپىمىزگە كەلسەك ، 4ياشلىق ۋاقتى بالىنىڭ بىرىنجى قېتىملىق قارشىلىق مەزگىللىرى ، شۇڭا، بالىنىڭ جاھللىقلىرى بەك نورمال دەپ ئويلايمەن ، بۇ قېيىن مەزگىلىمۇ ئۇزاققا قالماي ئاخىرلىشىدۇ ، ئوغلىڭىز قالتىس بىر يىگىت بولغۇسى ~❤️

  2. مەن بەك ياقتۇردۇم؟ ەسەرلىرڭىزنى مىنىڭ 4كىرگەن قىزىم، 6يىرمگە كىرەي دىگەن ئوغلۇم با، ئوغلۇمغا قارغاندا قىزىم بەكەرەك جاھىل دىگىننى قىپپەرمىسەم زادى بولدى قىلمايدۇ، مەسلەن چىرقنى مەن ئۆچۈرۈپقالسام ئاخشىمى، مەن ئۆچۈرتۈم دەپ يىغلاپ مىنى قايتا ياققىلى سىلىپ ئاندىن بىرىپ ئۆزى ئۆچۈرۈۋىتىپ يىنىمغا كىلىپ ئۇخلايدۇ، ئاشىنچىۋىلا دەرىجىدە دىگىننى قىلدۇردۇ، بۇ قىزمغا گەپقىلغاندا ناھايتىمۇ سىلىق چىرايلىق گەپقىلسام ئىتتىك ئاڭلايدۇ بۇيرۇق تەلەپپۇزدا گەپ قىلماي مانى قىسىڭىز بولامدۇ دىگەندەك مانى قىپبەرسىڭىز بولامدۇ، دىگەندەك تەلەپپۇزدا گەپقىلسام بەكەرەك ئاڭلايدۇ، مەن ئويلاپقالدىم بۇنداق يالۋۇرغاندەك تەلەپپۇزدا گەپقىلسام چوڭ بولغاندىمۇ كۆزگە قاراپ يا-ۋۇرۇپ ئۆتىدىغان بوپقالارمەنمۇ دەپ ئەنسىرەپ قالدىم، ئوغلۇمغا كەلسەم ئوغلۇم؟ ىتتىك بىرنەر سىگە قىززىپ ئىتتىك سويۇيدۇ قوقۇنچاق، شىلاپ بەزلىسەم گىپىمنى ىئاڭلايدۇ،

    • قىزچاقنىڭ ئۆزى قىلمىغۇچە بولدى قىلماسلىقى بەك ئەركە بوپقالغانلىقى بولماستىن ، مۇستەقىللىقنى يېتىلدۈرىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى ، شۇڭا ، قىزچاق ئۆزۈم قىلىمەن دىگەن ئىشلارغا سەۋرىچانلىق بىلەن ھىمايە قىلغىنىڭىز ، رىغبەتلەندۈرگىنىڭىز، ھۆرمەت تەلەپ قىلغان بۇ ئەقىللىق قىزنى ھۆرمەت بىلەن چوڭ قىلىش توغرا دەپ قارايمەن·
      ئوغلىڭىزغا كەلسەك ، ياپونلار ئوغۇللارنى كىچىك ۋاقتىدا قىزلاردىن ئاجىز بولىدۇ دەپ قارايدىكەن ، بالا بىلەن بالىنىڭ مىجەزى ئوخشاش بولمايدۇ ، ئوغلىڭىزمۇ چوڭ بولغانسىرى كۈچلۈك بىر يىگىت بولۇپ چىققۇسى ·
      سۇئالىڭىز ئۈچۈن جاۋاب بولالايدىغان بۇ يازمىنى ئوقۇپ بىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن · http://tokyoxatiriliri.net/?p=4863

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

بالىڭىز

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى