ئاڭلاۋاتىمەن…

يازمىدا: تاشپولات روزى ئەزىز

مىكروفۇن ئالدىدا: رەيھان ئابلەت

 

Anglawatimen…

 

ئاڭلاۋاتىمەن …
ئىچىمدىكى قاراڭغۇلۇقنىڭ سىرتىدىكى كېچىدە، ياپراقلاردىن تۆكۈلگەن مۇزدەك تامچىلار تاشنىڭ يۈرىكىنى تېشىۋېتىش ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىۋاتىدۇ.

 

ئاڭلاۋاتىمەن …
سەھەردە ئۇزۇن يىللىق ھەمراھىنى باقىيغا ئۇزىتىپ قويغان ئايالنىڭ بوزلاشلىرى ھېلىھەم ۋۇجۇدۇمدىكى ئېڭىزلىقلاردا قۇيۇندەك ھۇشقىتىپ ئۇچۇۋاتىدۇ.

 

ئاڭلاۋاتىمەن …
يۈرەك سوقۇشلىرىمنىڭ ھەربىر چۈشكۈلىرىدە چەكسىز بىر جىمجىتلىق جاراڭلاۋاتىدۇ..

 

ئاڭلاۋاتىمەن …
كىرپىكلىرىمنىڭ ھەربىر تېگىشىشى لەرزىدە بۇ نازۇك كېچە تىتىرەۋاتىدۇ …

 

ئاڭلاۋاتىمەن …
كەچمىشلىرىمنىڭ لاۋا دولقۇنلىرى بۈگۈنۈمنىڭ قىرغاقلىرىغا ئۇرۇلۇۋاتىدۇ .

 

ئاڭلاۋاتىمەن …
تەقدىرىمنىڭ ئەتىگە تۇتاشقان كارىدورىدا ھاياتنىڭ ناتونۇش قەدەملىرى تاراقلاپ كېلىۋاتىدۇ .

 

ئاڭلاۋاتىمەن …
قوشۇمامنىڭ تۈرۈلۈشلىرىدىن، بارماقلىرىمنىڭ كېرىششلىرىدىن پەرىشانلىقلار يىرتىلىۋاتىدۇ !

 

ئاڭلاۋاتىمەن …
بۇ كېچە – مېنى تۇغۇش ئۈچۈن ئىڭراۋاتىدۇ .

2017.10.11

 

 

بۇنىڭدىن كېيىن بىلوگىمدا ئۆزۈم ياقتۇرغان مانا مۇشۇنداق ئېسىل تور يازمىلىرىنىمۇ ھەمبەھىرلەپ قېلىشىم مۇمكىن، ئەلۋەتتە، يازما ئىگىسىنىڭ ئەسەر ھوقۇقىنى ھۆرمەتلەش ئەڭ ئالدىنقى شەرت ئاستىدا.

 

*********************************

مەنبە: بۇرۇنقى ”قەھۋە ۋاقتى“

ھازىرقى ئىزدەش ئادىرىسى: coffee-bro

 

تارقىتىڭ...