تېخى بايىلا 12-13 ياشلار چامسىدىكى ياپونلۇق ئىككى ئوغۇل، بىر قىزنىڭ تاماكا چېكىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. ۋېلسىپتىمنى قويۇۋاتقىنمدا مېنى كۆرۈپ تاماكىسىنى يوشۇرىۋالغىنىنى بايقاپمۇ قالدىم. ياپوندا 20 ياشقا كىرمىگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ھاراق – تاماكا سېتىش قانۇنغا خىلاپ، ناۋادا شۇ بالىلارنىڭ قولىدىكى تاماكىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىقلىنىپ مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈلسە  بالىلارغا ساتقان ئورۇن ھەم شەخىسكە خېلى ئېغىر مەسئۇلىيەت  يۈكلىنىدۇ.

بىزدە ئاجايىپ گۈزەل مەدەنىيەتلەر، پەرزەنت تەربىيە ئۇدۇملىرى بار داۋاملاشتۇرۇشقا تېگىشلىك!يەنى، بالىلارنىڭ يۇقارقىدەك قىلمىشلىرىنى بايقاپ قالسا ئاتا – ئانىلار بىۋاستە بالىنىڭ يۈزىگە سالمايدۇ، بۇنى تۈزىتىشنىڭ مۇۋاپىق يولىنى، پەيتىنى تاللاپ تۇرۇپ تەربىيە ئېلىپ بارىدۇ.

بۈگۈنكى مەزمۇننى تەرجىمە قىلىۋېتىپ بۇ داڭلىق پەرزەنت تەربىيەسى يىتەكچىسىنىڭ پىكىرىنىڭ بىزنىڭ پەرزەنت تەربىيەلىرىمىز بىلەن مەلۇم ئورتاقچىلىقىدىن سۆيۈندۈم.

خوش، بالىلارنىڭ بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى قارشىىلىشىشلىرى، بىزنى ئەنسىرىتىدىغان ھەرىكەتلىرىگە قانداقراق پوزىتسىيە تۇتساق بولىدىكەن ئورتاقلىشىپ باقايلى.

 

 

Maidens Prayer- Branowska

 

بالاغەتكە يېتىش مەزگىلى – بالىلارنىڭ ئىككىنجى قېتىملىق قارشىلىق دەۋرى، مۇستەقىللىق خاھىشلىرى باش كۆتۈرگەن دەۋرى.

بۇ مەزگىلدىكى بالىلارنىڭ ئىچكى روھى دۇنياسى ئەنسىزلىككە تولغان بولۇپلا قالماي، ئاتا – ئانىلاردىمۇ  ئەنسىرەش بولىدۇ. بۇ يەردە ئەڭ مۇھىم مەسىلە شۇكى، ئاتا – ئانا بولغۇچى ئەنسىرەشلىرىنى سىرىتقا ئىپادىلىۋېتىشكە، ئاغزىدىن چىقىرىشقا بولمايدۇ. بالىنىڭ زىيادە قوغدىغۇچىسى بولىۋېلىشقا، بالا بىلەن زىيادە كىرىشىپ قېلىشقىمۇ بولمايدۇ. 

بۇنىڭ نىمە گەپلىكىنى تۆۋەندىكى مىسال ئارقىلىق تېخىمۇ چۈشىنىپ كۆرەيلى.

قىزى تېلىفۇندا كىملەردۇر بىرى بىلەن پاراڭلىشىۋاتاتتى، ئاپىسى ئەنسىرەپ قالدى.

-تېلىفۇندا كىم بىلەن پاراڭلاشتىڭىز؟ ئوغۇلمۇ – قىزمۇ؟ ناچار بالىلار بىلەن ئارلىشىشقا بولمايدۇ جۇمۇ!

-نېمە دەيدىغاندۇ…

ھازىر كىم بىلەن پاراڭلاشتىڭىز؟ بىر سىنىپتا ئوقۇيدىغان ساۋاقدىشىڭىز؟- قىزنىڭ گېپى تۈگىگەندىن كېيىن ئانا قىزىنىڭ يېنىغا كېلىپ سۈرۈشتۈرۈشكە باشلىدى.

قالايمىقان ئىشلارنى قىلىپ يۈرمەيدىغاندۇ ھە؟ يېقىندىن بىرى تولا ئوغۇل بالىنىڭ ئىسمى چىقىپ قالىدىغان بوپقالدى… دەپ قىزىنىڭ تېلىفۇنىنى تەكشۈردى.

-قاراڭ قىزىم، ماۋۇ بالا بىلەن نېمە مۇناسىۋىتىڭىز بار؟

-ۋاي – ۋۇى… يەنە تېلىفۇنۇمنى خالىغانچە تەكشۈرۈپسىزغۇ… ئەمدى ئۇنداق قىلمىسىڭىزچۇ ئاپا! – دەپ نارازى بولدى قىزچاق.

شۇنداق، ئەمدى ئۆسۈپ  – يېتىلىۋاتقان قىزىڭىزنىڭ بۇ خىل ئىش – ھەرىكەتىلىرىدىن ئەنسىرەيسىز، ئەلۋەتتە!

بىراق، ھالىقىلىق مەسىلە مىسالدىكى ئانىدەك بەك چاندۇرىۋەتمەڭ، بالىدىكى مەسىلىنى يۈزىگە بىۋاستە سالماستىن ھەل قىلىڭ دىمەكچى.

 پسخولوگىيەلىك ئۆزگىرىشتىن قارايدىغان بولساق، دەسلەپكى بالاغەت دەۋرىدىن ياشلىق دەۋرىگىچە بولغان مەزگىلدە بالىلارنىڭ تايىنىش ۋە مۇستەقىللىق خاھىشلىرى، يەنى قارشىلىق كۆرسىتىشلىرىنىڭ تەكرارلىنىشلىرى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. بىر كۈنى قارسىڭىز شۇنچىلىك مۇلايىم، سىزگە بېقىنىدىغان تېخى چوڭ بولمىغان بالىدەك، بىر كۈنى تۇيۇقسىزلا قارشلىشىپ يوغىناپ كەتكەندەك… ھالبۇكى، بۇ مەزگىلدە بالىلارنىڭ  يۆلەنچۈكى، ئىشەنچ قىلىش ئوبىكتى ئاتا – ئانىلاردىن بەكرەك دوستلىرى ھەم يات جىنىسىلىقلار بوپقالىدۇ. ئاتا – ئانىدىن بەكرەك ئارىلاشقان دوستلىرىنىڭ تەسىرىگە كۆپرەك ئۇچرايدۇ. بۇ مەزگىلدىكى بالىلار دوستلىرى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشقا ئېرىشسە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى ئاشىدۇ، كىيىنكى ھاياتىدىكى كىشىلىك مۇناسىۋىتىمۇ ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا، ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە ئىشەنمەيدىغان، ئەنسىز قارايدىغان بوپقالىدۇ. بۇ مۇناسىۋەتلەردە بالىلارنىڭ كۆڭلى ئاغرىيدىغان، دوستلىرى يۈز ئۆرۈيدىغان ۋاقىتلىرى بوپقالغانلىرىدا ئاقىۋەتتە، بالىنىڭ قايتىپ كېلىدىغىنى يەنىلا ئۆزىنىڭ ئائىلىسى، ئاتا – ئانىسىنىڭ قوينى بولىدۇ. بەزىدە ئۆزىگە قويۇپ بېرىشكە توغرا كەلسىمۇ، بالا ھەقىقەتەنمۇ ئاتا – ئانىنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولغاندا بالىڭىزغا ئىللىق قوينىڭىزنى ئېچىش، ياردەم قىلىش بەكمۇ مۇھىم.  ئاخىرىدا كىچىككىنە مىسال بىلەن سۆزىمىزنى تاماملايمىز.

قىزچاق يېقىن دوستۇم دەپ ئويلايدىغان دوستى باشقا دوستلىرى بىلەن بىرلىشىپ قىزچاقنى ئارىغا ئالمىدى، قىزچاق كۆڭلى يېرىم ھالدا ئۆيگە كەلدى.

-مەن كەلدىم.

-كەلدىڭىزمۇ بالام، تاماق تەييار بولدى- دىدى ئاپىسى قىزىنى كۈتىۋىلىپ.

خۇشال –خۇرام تاماق كەيپىياتى قىزنىڭ مەكتەپتىكى كۆڭۈلسىزلىكلىرىنى ئۇنتۇلدۇردى، «يەنىلا ئائىلەم نېمىدىگەن ياخشى» دىگەن خىيالغا كەلدى.

يىغىنچاقلىساق، يۇقارقى مەزمۇندىن بالىلارنىڭ بىزنى ئەندىشىگە سالىدىغان قىلمىشلىرىنى بىۋاستە يۈزىگە سالماستىن تۈزىتىش، بالىلارنىڭ بۇ مەزگىلدىكى ئارىلاشقان ئادەملىرىگە دىققەت قىلىش، بالا مۇھتاج بولغاندا ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى قوللىغۇچىسى ھەم يۆلەنچۈكى، قوغدىغۇچىسى ھەم ياخىشى كۆرىدىغان ئادىمنىڭ ئاتا – ئانا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش مۇھىم بولسا كېرەك.

*****************************

پايدىلانغان مەنبە :

 「 10代からの子育てハッピーアドバイス 」

تەرجىمىدە : رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...