ئىنساندىكى «يېشىللىق»

1,713 قېتىم ئوقۇلدى

ھايات ئەڭ قاراڭغۇلاشقاندا، نۇرلارنى كۆرۈشكە قادىر قەلىب كۆزلىرىمىز ئېچىلىدۇ. قەلب يارىلانغاندا ھەقىقەتنىڭ نۇرلىرى روھىمىزغا كىرىدۇ.

ھەر بىر ئادەمنىڭ روھىيەت ئالىمىدە شۇنداق چىرايلىق «يېشىللىق» رايونى بولىدۇ.

 

Si tu me dices ven – Instrumental

 

يېڭى – يېڭى ئىشلار، خەيىرلىكلەر ئادەمدىكى «يېشىللىق» تىن كېلىدۇ!

يەنى، ئەتراپقا سەمىمىي، ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن قارىسىڭىز،  سىزگىمۇ ھەم چوقۇم سەمىمىي ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەم ئۇچرايدۇ.

ئەتراپىڭىزدىكىلەرنىڭ مۇۋاپىقىيىتى ئۈچۈن خۇش بولالىسىڭىز، سىزنىمۇ ھامان قوللايدىغان ئادەم چىقىدۇ.

ئۇچراتقۇڭىز بار ئادەم ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز بولۇڭ، ھامان سىز ئارزۇ قىلغان ئادەمنىمۇ ھەم چوقۇم ئۇچرىتىسىز.

ئىنساننىڭ يېشىللىقى خۇددى ئەينەككە ئوخشايدۇ، ئۆزىڭىز قانداق بولسىڭىز شۇنى كۆرىسىز!

گۈزەللىكنى، ئېسىللىقنى ئىزدىسىڭىز ئالدى بىلەن شۇ گۈزەللىك، ئېسىللىقنى سىز يارىتىڭ!

 

ھاياتتىن چارچىغان ئۆزۈم ھەم سىزنىڭ بۇ گۈزەل مۇزىكا ھەم قۇرلاردىن روھىيتىمىزدىكى شۇ گۈزەل «يېشىللىق» نى تېپىۋېلىشىمىزنى تىلەيمەن~🌿

 

**************************

مەنبە: ياپونچە «قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان سۆزلەر» دىن تەرجىمە قىلىندى.

تەرجىمىدە: رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...
  1. بۈگۈن نىمە بولدىكىن تاڭ، كۆڭلۈم بىرخىل پاراكەندە. پىلانلار بۇزۇلۇپ، قىلغان ئىشلار ئەپلەشمەي، كاللا چىچىلىپ، ئىچىم ئىسقىلىپ تۇراتتى. ھىچ قاچان زىرىكىشلىك ھېس قىلىپ باقمىغان كۈندۈلۈك تۇرمۇشۇممۇ بۈگۈن شۇنچىلىك مەنىسىز بىلىنمەكتە ئىدى. ھاياتقا، كەلگۈسىگە ئەزەلدىن ئۈمىدلىك بىقىپ كەلگەن بۇ يۈرۈكۈم بوپ باقمىغان بىر خىل تۇنجۇقۇشقا دۇچار بولغاندەك، بارلىق خۇشاللىق ئەمدى تۈگىگەندەك، مىنىڭ مەۋجۇتلۇقۇمنىڭ ھىچ بىر ئەھمىيىتى يوقتەك.
    ئۇ كەلدى، ھالىمنى كۆردى، ھەيران بولدى، ئاخىرى سورىدى:“خۇشالمۇ سەن؟“ ”ياق،پەقەتلا“. جاۋاپ بىرىپ بوپ ئۆزەمنىڭ جاۋابىدىن چۆچۈپ كەتتىم. ھىچ قاچان ئۆزۈمنى خۇشال ئەمەس دەپ باقمىغان، لىكىن بۈگۈن سۇئالنى كاللامدىن ئۆتكۈزدۈممۇ ياكى ئۆتكۈزمەيلا جاۋاپ بەردىممۇ بىلەممەيلا قالدىم.
    ”كەل، قۇچاقلاپ قوياي…“ .
    شۇنداق بىر ئادىمىڭ باركى، بىر قۇچاقلاش بىلەن بارلىق غەملىرىڭنى بىشىڭدىن كۆتۈرۋىتىدىغان، جاھاننىڭ غەشلىكىنى ئۇنۇتتۇرىدىغان، ئۆچكەن ئۈمۈتنى يورۇتىدىغان، مۇزلىغان يۈرەكنى ئىللىتىدىغان، شۇ بىر قۇچاقلاش بىلەن ئۇنىڭ كىيىنكى ئۆمرۈڭ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدىغان…
    شۇ بىر قۇچاقلاش بىلەن ئۆزۈمگە قايتقاندەك، يۇقۇردىكى يازمىدا تىلغا ئىلىنغان قەلبىمدىكى ”يىشىللىق“نى تاپقاندەك بولدۇم.
    —-سەزگىن

  2. بىز بەزىدە ”سەن خۇشالمۇ ؟ “ دىگەن سۇئالغا ھېچبىر ئويلانمايلا ”ياق، پەقەتلا “ دىگەن ئەڭ سەمىمى جاۋابىمىزنى ئۇدۇللا دىيىشكە ھەم شۇنداق دىيەلەيدىغان ئادىمىمىزنىڭ بولۇشىغا مۇھتاجمىز !
    ئاددى بىر ئىنسانلىقىمىزدا ئۈمىدسىزلىكتىن ، ئازابتىن قۇتۇلالمايمىز !
    بىراق ، ئۈمىدسىزلىكتىن كېيىنكى تېپىۋالغان ئۈمىدىمىزنىڭ تېخىمۇ يارقىنلىشىۋاتقانلىقىنى ، ئازابتىن كېيىنكى كۈلكىلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ ھەقىقى بولىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالىمىز ·
    تېخى نەچچە كۈن ئاۋۋاللا ئۆزۈمنىڭ قايتا رەت كۈلەلەيدىغىنىمغا كۆزۈم يەتمىگەنىدى ···
    بۈگۈنكى كۈلكەمگە قاراپ ئىنساننىڭ ئاجايىپ مۆجىزە بىلەن يارىتىلغانلىقىغا يەنە ئىشەندىم ·
    ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ روھىمدىكى يېشىللىقنى يەنىمۇ كېڭەيگەندەك ھېس قىلدىم ، روھىمىزدىن يېشىللىقلار كەتمىسۇن ~

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ئىنساندىكى

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى