ئەجىبا، ھاياتتىن كۈتكەنلىرىمىز كۆپمىدى بىزنىڭ؟!

739 قېتىم ئوقۇلدى

بىز قان – قېنىمىز، ۋۇجۇدىمىز مۇھەببەت ۋە تىنچلىقپەرۋەرلىك بىلەن يۇغۇرۇلغان، ئەڭ بۈيۈك سەنئەتكارنىڭ بىر پارچىسى كەبى ھاياتتىن، گۈزەللىكلەردىن سەنئەتكارلارچە ھوزۇرلىنىشنى بىلگۈچىلەردىن ئىدۇق! ئۆزىمىز ۋە ئۆزگىلەرگە ئىنسانى مۇئامىلە قىلىدىغان، بىر تال يوپۇرماق چۈشسە، گۈللەر ۋاقىتسىز توزۇسا، بىر تال شاخ سۇنسا··· تەبىئەتنىڭ نالىلىرىنى ئاڭلىيالىغۇدەك دەرىجىدە گۈزەل، نازۇك تۇيغۇلار بىلەن يارىتىلغان، دۇنيا ئىنسانلىرى ئىچىدىكى نادىر، پەزىلەتلىك، سۆيۈملۈك بىر قەۋم ئىدۇق!

 

Qara etrapqa- Uyghur song

 

ھازىرغىچە بېرىپ باقمىغان بۇ مەھەللىنى ئارىلاۋىتىپ مۇنداق بىر ئۆينى ئۇچرىتىپ قالدۇق. ئۆيگە ئىشلەتكەن بويۇمنىڭ، ئىشىك ئالدىغا قويۇلغان ۋېلسىپىتنىڭ، ھەتتا، بالكونغا ئېسىلغان لۈڭگىلەرنىڭ رەڭگىدىن تارتىپ ناھايتى ئىنچىكىلىك بىلەن تاللانغان، يەنى، پەقەت كۆك  ۋە ئاق رەڭلىكلا ئىدى. ھەم قارىسىڭىز ھەر بىر بويۇمدىن بىر خىل سەنئەت پۇرىقى كېلەتتى.  (ئويلاپ بېقىڭ، ناۋادا بۇ بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆيى بولۇپ قالغان بولسا قەيەرلىكنىڭ ئۆيى بولىشى مۇمكىن؟)

قۇشلار سايراپ تۇرغان، گۈللەر، يېشىللىق بىلەن بېزەلگەن بۇ تىنچ، چىرايلىق مەھەللىگە تۇنجى قېتىم بېرىپ، گويا سېھىرلىنىپ قالغاندەك بالىكوندا قانچە ئۇزۇن تۇرۇپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن ··· بالىلىق ئەسلىمىلىرىمدىكى بىر توپ بالىلار بىلەن شاۋقۇن -سۈرەنگە تولغان، خوشنا – خولۇملار بىردەم ئولتۇرۇشۇپ ھال -مۇڭ بولىدىغان، ھەر بىر توي، ھەر بىر ماتەمدە بىر يەرگە جەم بولىدىغان مەھەللىرىمىزنى، ئۇيغۇر رومانلىرىدىكى گۈل – چىچەكلەرگە پۈركەنگەن ئىللىق – پاكىز ماكانلىرىمىزنى، «غېرىبانە يۈز يىل» رومانىدىكى ئەپسانە كەبى گۈللەنگەن ماكوندو مەھەللىسنى كۆرگەندەك، شۇ ماكانلارغا كەپقالغاندەك تۇيغۇلاردا بولدۇم!

ئۆيىنىڭ ئالدىدا ماشىنا يۇيۋاتقان ئەر، ئاپىسى بىلەن ئويناۋاتقان قىزچاق، بىر يەرگە جەم بولۇپ كاۋاپ پۇشۇرۇپ يىگەچ پاراڭغا چۈشكەن بىر ئائىلە كىشىلىرى، ھەتتا، يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا غەمسىز دانلاپ يۈرگەن بىر جۈپ كەپتەرلەرنى كۆرۈپ چۇقانلىرىم پەرياد ئۇردى!

ئەجىبا، ھاياتتىن كۈتىدىغانلىرىمىز كۆپمىدى؟! ياق! بىزگە بەك ھەشەم، بەك كۆپ نەرسىلەرمۇ كېرەك ئەمەس ئىدى! مانا مۇشۇنداق ئۆز تۇپرىقىمىز، ئۆز كىشىلىرىمىز ئارسىدا ياشاشنى، ئىللىقلىق، مۇھەببەتكە تويۇنغان مەھەللىلىرىمىزدە بالىلارنىڭ شاد – خۇرام چۇقان – سۈرەن سېلىپ ئويناۋاتقان ھاياتنىڭ جۇشقۇن كارتىنىلىرىنى كۆرۈشنى، ئاتا – ئانا، قېرىنداشلار ھەمدوستىخان بولغان، بىر يەرگە جەم بولغان، ھاياتنىڭ ئەگرى – توقايلىقلىرىدىن گاھ كۈلكە – چاقچاقلىرى بىلەن گاھ بىر – بىرىگە سۇنۇلغان مۇھەببەتلىك قوللار بىلەن بىرلىكتە ھالقىغان قىممەتلىك مىنۇتلار ئەمەسمىدى؟!

بىزنىڭ ھاياتتىن كۈتىدىغانلىرىمىز ئۇنچىلىك كۆپ ئەمەس، بىر ئىنسان كۈتۈشكە تېگىشلىك ئەقەللى ئىھتىياج ئىدى!

 

******************************

مەھەللە ئارىلاۋېتىپ ئويلىغانلىرىم

20018.11.12

( بىرەر ھەپتە بۇرۇنقى يازمامكەن، يوللاپ قويدۇم)

 

 

 

تارقىتىڭ...
  1. ئەجىبا، ھاياتتىن كۈتىدىغانلىرىمىز كۆپمىدى؟! ياق! بىزگە بەك ھەشەم، بەك كۆپ نەرسىلەرمۇ كېرەك ئەمەس ئىدى! مانا مۇشۇنداق ئۆز تۇپرىقىمىز، ئۆز كىشىلىرىمىز ئارسىدا ياشاشنى، ئىللىقلىق، مۇھەببەتكە تويۇنغان مەھەللىلىرىمىزدە بالىلارنىڭ شاد – خۇرام چۇقان – سۈرەن سېلىپ ئويناۋاتقان ھاياتنىڭ جۇشقۇن كارتىنىلىرىنى كۆرۈشنى، ئاتا – ئانا، قېرىنداشلار ھەمدوستىخان بولغان، بىر يەرگە جەم بولغان، ھاياتنىڭ ئەگرى – توقايلىقلىرىدىن گاھ كۈلكە – چاقچاقلىرى بىلەن گاھ بىر – بىرىگە سۇنۇلغان مۇھەببەتلىك قوللار بىلەن بىرلىكتە ھالقىغان قىممەتلىك مىنۇتلار ئەمەسمىدى؟!

    بىزنىڭ ھاياتتىن كۈتىدىغانلىرىمىز ئۇنچىلىك كۆپ ئەمەس، بىر ئىنسان كۈتۈشكە تېگىشلىك ئەقەللى ئىھتىياج ئىدى!
    ❤️❤️❤️

  2. يۈرەكنى تىترەتكەن يازمىلىرىڭىزغا رەخمەت سىڭلىم، نادىر يازمىلىرىڭىزنى داۋاملاشتۈرغايسىز سىڭلىم

  3. كاللامدا مىڭ خىيال، قايسىبىرىنى دەي… ياخشىلىق بولسا ھېكمەتتىن، يامانلىق بولسا ئۆز قىلمىشىمدىن. شۇڭا، ھەر ھالىمغا شۈكرى!

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ئەجىبا،

باش بەتكە قايتىمەن

© 2019 توكيو خاتىرىلىرى