ماڭا ھاياتلىق بېرىپ، مۇھەببەت بېرەلمىگەن دادامغا خەت!

1,667 قېتىم ئوقۇلدى

دادامنىڭ ئىسمى نېمە؟!

مانا بۇ – ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بىرى مېنى ئارامسىزلاندۇرغان سۇئال ئىدى…

دادام مېنى تاشلىۋەتكەن… مەن ئۇنى بىر قېتىممۇ كۆرۈپ باقمىغان! مانا مۇشۇنداق بىر دادىغا خەت يېزىپ قەلبىمدىكىنى ئېيتىشىم – ئۇنىڭغا بولغان نەپرىتىمنى ئېيتىۋىلىش ئەمەس، ئەلۋەتتە!

秋桜  (コスモス)  - 山口百恵

 

دادامغا خەت!

بۇ خەتنى ساڭا، ھەتتا، ئەۋەتكۈم بولسىمۇ ئىسمىڭنى بىلمىگەنلىكتىن قانداق ئەۋەتىشنى بىلەلمەيۋاتقان ساڭا يېزىۋاتىمەن دادا! خاتىرجەم بول! بۇ خەتنى سېنى ئەيىپلەپ يازمىدىم… كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ خەتنى ئوقۇپ قالغۇدەك بولساڭ شۇنى بىلىپ قال دادا، سېنى كەچۈرىۋەتتىم!

سېنىڭ يېنىمدا بولماسلىقىڭنى، ھەتتا، سەۋەبىنىمۇ دىمەستىنلا تاشلاپ كەتكىنىڭنىمۇ كەچۈرىۋىتىمەن، دادا!

چۈنكى، «دادىسى يوق!» دەپ ئاتالغان بۇ قەلب يارىسى مېنى ئەكسىچە كۈچلۈك بىر قىز بولۇپ يېتىلدۈرۈپ چىققانلىقىنى، سېنىڭ يوقلۇقۇڭ سەۋەبلىك قانچىلىك مۇشەققەتلەر بولسۇن ھالقيالايدىغان جاسارەتلىك بىر قىز بولغىنىمنى بىلىپ قال، دادا!

دادىسزلىقتىن ئىبارەت بۇ قەلب يارىسىنى تولدۇرۇش شۇنچىلىك، شۇنچىلىك تەس بولسىمۇ، يەنىلا سېنىڭ يوقلۇقىڭنى چاندۇرماسلىققا تىرىشىپ، ماڭا دادىلىق مۇھەببەتنىمۇ يەتكۈزۈشكە تىرىشقان كىشىلەردىن مىننەتدار بولۇشنىمۇ ئۆگىنىۋالدىم، بوۋامدىن، مومامدىن، ئەلۋەتتە، ھەر دائىم يېنىمدا بولغان ئانامدىن!

نېمىشقىدۇر، سەن ھاياتىمدا پەقەت – پەقەتلا يوق! بالىلىق ئەسلىملىرىم، سۈرەتلىرىمدە ئاناملا بار!

ھاياتىمنىڭ قايسى باسقۇچلىرى بولسۇن مېنى ھىمايە قىلغان كىشى – ئانام بولدى، ئانام ئىككىمىزنىڭ بۇ ئەسلىملىرى بىزنىڭ ھاياتىمىزدىكى قىممەتلىك بايلىقى! ئانام – ماڭا ھەقىقى مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى ئۆگەتكەن ئىنسان!

بوۋام باشتىن – ئاخىرى ھەم دادىنىڭ ھەم بوۋىنىڭ رولىنى ئالدى، ئۇنى مۇشۇنداق يۈكنىڭ ئارتىلىشىنىڭ سەۋەبكارى – سەن ئىدىڭ دادا! بىراق، سېنى يەنىلا كەچۈرىۋىتىمەن دادا!

بوۋام ئۆز بالىلىرى ئالدىدىكى دادىلىق مەسئۇلىيىتىنى، دادىلىق ۋەزىپىسىنى ئاللىبۇرۇن ئورۇنلاپ بولغانىدى!

ھالبۇكى، بوۋام ماڭا دادىلىق مۇھەببەتنىمۇ بەردى، قايتىدىن دادىلىق مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالدى، ماڭا دادا بولدى!

نەپرەت، ئاداۋەتنى داۋاملاشتۇرماسلىقنى، قارشى تەرەپنى كەچۈرۋىتىشنى ئۆگەتتى! غەزەپ – نەپرەتنىڭ پەقەتلا ئادەمنى تۈگەشتۈرىدىغانلىقىنى، ئىنساننىڭ ئۆسۈپ – يېتىلشىگە پايدىسىزلىقىنى ئۆگەتتى!

بوۋام يەنە دادىنىڭ بولماسلىقى ھېچنىمىسى يوقلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى، مېنىڭ ئۆزۈمگە ئىشىنىدىغان، كۈچلۈك بىر قىز بولۇپ چىقىشىم ئۈچۈن ھەر دائىم كۈچ بېرىپ كەلدى.

دادىسى بولمىسىمۇ بەخىتتىن سۆز ئاچقىلى بولىدىغانلىقىنى، بەخىتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، بىر قېتىممۇ ئۆزىنىڭ پۇشتىنى تاشلىۋەتكەن سېنىڭ يامان گېپىڭنى قىلىپ باقمىغان بوۋامدىن شۇنچىلىك مىننەتدارمەن!

باشقىلار ھەم باشقىلارنىڭ خاتالىقى سەۋەبلىك ئۆزىنى قىيىناشقا بولمايدىغانلىقىنى ئۆز ئەمەلىيتى بىلەن ماڭا كۆرستىپ بەرگەن بوۋامدىن ئۆزۈم ئېرىشكەن ھەر بىر نەرسىدىن مىننەتدار بولۇشنى ئۆگەندىم!

مومامدىن باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى ئۆگەندىم. شۇڭا، سېنى ئەيىپلىمەيمەن، دادا!

مومام ھەقىقى ئايالنىڭ باشقىلار تەرىپىدىنمۇ ھۆرمەتلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مومام ھەر دائىم سەمىمى بولىشىمنى، يالغانچى كىشىلەرنىڭ باشقىلار تەرىپىدىنمۇ ئالدىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەيتتى. ھەر دائىم ھەقىقەتەن ئەيىپلىنىشكە تېگىشلىك خاتالىقلىرىمدا ماڭا قاتتىق قوللۇق بىلەن تەربىيە قىلدى!

شۇڭا، ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان ساڭا يازغان ئۇشبۇ خېتىمدا شۇنى ئېنىق دەپ قويغۇم كەلدى، قىزىڭنىڭ ئۆسۈپ – يېتىلىشىدە سېنىڭ لازىمىڭمۇ بولۇپ كەتمىدى، دادا!!!

دادىسىز بۇ ھاياتىمدا ئالدىمغا قاراپ مېڭىپتىمەن، مەكتەپكىمۇ كىرىپتىمەن، تولۇق ئوتتۇرا، ئالى مەكتەپلەرنىمۇ پۈتتۈرۈپ ھالا بۈگۈنگە كەپتىمەن ھەم سەنسىز ئېرىشكەنلىرىممۇ ئاز ئەمەسكەن.

سەن سەۋەبلىك بالىلىرىمغا قانداق بىر ئادەمنى دادا بولۇشقا تاللىسام بولىدىغانلىقىنى بىلىۋالدىم، دادا!

دادىسىز چوڭ بولغان مەن – قىلغۇم بار ھەرقانداق ئىشتا تىرىشچانلىق كۆرسىتەلەيدىغان، مۇۋەپىقىيەت ئارزۇسى بار بىر قىز بولۇپ يېتىلدىم! ئەتراپىمدىكى دادىسز قالغان بوشلۇقلىرىمنى تولدۇرۇپ كەلگەن سۆيۈملۈك ئىنسانلار بىلەن بىرگە ئۆز ئائىلەمنىمۇ قۇرۇپ چىقتىم!

دادا، سېنىڭ يوقلۇقۇڭدىن ئەڭ چوڭ ئېرىشكىنىم يەنە شۇ بولدىكى:

ئۆچمەنلىك – ھەرگىزمۇ ياخشى ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدىكەن! شۇنداق! ئەڭ چوڭ ئۆگەنگىنىم – باشقىلارنى كەچۈرىۋىتىش بولدى، دىمەك، سېنىمۇ كەچۈرىۋەتتىم، دادا!

***

 تۈنۈگۈن باشقا بىر تەرجىمە ماتىريالى ئىزدەۋېتىپ بۇ بىر پارچە خەتنى ئۇچرىتىپ قالدىم… ماڭا تونۇش ھەم ناتونۇش  دادىلىق مۇھەببىتىنى بېرىش ئىمكانىيتى بار تۇرۇپمۇ يۈرەك پارىلىرىنى تېرىك يېتىم قىپ قويىۋاتقان دادىلار، كۈلۈپ يۈرسىمۇ يۈرىكىدىكى يارىنى ئۆزى بىلىدىغان ئوماق ناتىۋانلار كۆز ئالدىمغا كېلىپ، يۈرىكىم تىتىرىگەن ھالدا تەرجىمە قىلىپ چىقتىم…يەنە شۇنى تەكرارلايمەن:

دادىسىزلىق – بارچە بەخىتنىڭ يوقالغانلىقىدىن دىرەك بەرمەيدۇ،ھاياتتىكى مەلۇم جەھەتتىكى بوشلۇق سىز ئويلاپ باقمىغان باشقا بىر تەرەپتىن تولدۇرۇلۇپ بىرىلىدۇ!

دادىسىزلىق – سىزنىڭ دۇرۇس، جاسارەتلىك، بەخىتلىك بىر قىز بولىشىڭىزغا توسقۇنلۇق بولمىسۇن!

 

 

**************************

مەنبە:  مەن – ئانا توربېتى (ياپونچە)

تەرجىمىدە: رەيھان ئابلەت

2018.11.22

تارقىتىڭ...
  1. ماڭا ياخشى ئائىلۋى تەربيەگە ئائىت كىنو تەۋىيە قىلسىڭىز بوپتىكەن ،،قىزىم 4 ئايلىق بولدى ئۇنىڭ بىلەن بىللە كۆرمەكچى ئىدىم داداسى توي قىلىپ 6 ئاي بولغاندا ئۇزاق مۇددەتلىك ئوقوشقا كەتتى ھەتتا قىزنىمۇ كۈرۈپ باقمىدى مەن ئقنڭغا دائىم دادلىق مۇھەببىتنى يەتكۈزۈپ تۇرىمەن

    • ئالدى بىلەن يولدىشىڭىزغا سالامەتلىك ، ئائىلەڭلارنىڭ جەم بولىشىنى يۈرىكىمدىن تىلەيمەن ❤️
      يېقىندىن بېرى ماڭا تەسىر قىلغىنى ياپوننىڭ كۆپ قىسىملىق تىلۋىزىيە تىياتىرى “بىز مۆجىزە كەبى يارىتىلغان “ دىگەن فىلىمى بوپتۇ !
      كىنونى مەن ئويلىنىپ كۆرەي ~
      ھەم دادا ھەم ئاپا بولىۋاتقان ئاسان ئەمەس كۈنلىرىڭىزدە سىزگە كۈچ تىلەيمەن ، قىزىڭىزنىڭ دادىسى ئەسەردىكى دادا بىلەن قەتئى ئوخشىمىغان ھالدا چارىسىز يىراقلاردا بولسىمۇ ، سېغىنىشلىرى سىلەر بىلەن بىرگە ~❤️

  2. بەك ياخشى تەرجىمە قىلىپسىز. ئوقۇپ يىغلاپ كەتتىم.

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ماڭا

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى