خانىم -قىزچاقلارغا: ئاياللارنىڭ بىر ئاي ئىچىدىكى مەخپىيىتى

1,752 قېتىم ئوقۇلدى

ئاياللار بەزىدە ئۆزىمۇ يېشىپ بېرەلمەيدىغان تېپىشماققا ئوخشايدۇ. ياپونلار ئاياللارنى كۈز ئاسمىنىغا ئوخشىتىدۇ. مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ شۇنچىلىك ئۆزگىرىشچان كەيپىياتىمغا قاراپ بۇ گەپنى تەستىقلاپمۇ قالىمەن!😜 بۈگۈنكى تىما يەر شارىدىكى گۈزەللىك ۋە مۇھەببەتنىڭ مەنبەسى بولغان سۆيۈملۈك خانىم – قىزچاقلارغا بېغىشلاندى!

سىز بىر ئايال بولسىڭىز بەدىنىڭىزنى، مىجەزىڭىزنى تېخىمۇ چۈشىنىڭ ھەم ئاسراڭ! سىز بىر ئەر بولىسىڭىز يېنىڭىزدىكى قەدىرلىك مەلىكىڭىزنىڭ بىر ئاي ئىچىدىكى كۆڭۈل بۆلۈشكە مۇھتاج كۈنلىرىگە، ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرىڭ، ئۇنىڭ نازۇك كۈنلىرىدىكى ئانچە – مۇنچە ئۇششۇقلۇق قىلىشىغا يول قويۇڭ. ئاياللارنىڭ ئۆز ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشى ئەمەلىيەتتە ئائىلىگە ۋە جەمئىيەتكىمۇ كۆڭۈل بۆلگەنلىك. بۇ گېپىمنى مۇبالىغە ۋە ياكى چاخچاق دەپ ئويلاپ قالماڭ ھە! تۆۋەندىكىسى ئاياللار ئۆزلىرىمۇ بىلمەيدىغان بىر ئاي ئىچىدىكى مەخپىيىتى!🤫

 

Tango to Evora – Fahbur

 

ھەيىزنىڭ ئالدى – كەينىدىكى بەدەننىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى

 ھەيىز مەزگىلىدىكى ھورمۇننىڭ ئۆزگىرىشى ئاياللارنىڭ سالامەتلىكى ۋە كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.  ھەيىزنىڭ ئالدى –كەينىدىكى بەدەننىڭ ئېھتىياجىلىق ئوزۇقلۇقلىرىغا ئەھمىيەت بېرىش ئارقىلىقمۇ «كۆك كۈنلەر» دىن ئوڭۇشلۇق ھالقىغىلى، ھورمۇننىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان روھى بېسىملارنى يىنىكلەتكىلى ۋە تىرە ئاسراش مەقسىتىگىمۇ يەتكىلى بولىدۇ.

 

ھەيىزنىڭ ئالدىدىكى 22 ~ 28- كۈنلىرى

بۇ مەزگىلدە پىروگېستىرون ئۆرلەپ قەۋزىيەت، تېرە ناچارلىشىشلار يۈز بېرىدۇ. بۇ چاغدا ئۈچەينىڭ خىزمىتىنى ياخشىلايدىغان يىمەكلىكلەر تەۋسىيە قىلىنىدۇ. تەۋسىيە قىلدىغىنىمىز – كەيپىيات تۇراقسز بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان B6 مول بولغان يىمەكلىك، يەنى، بانان، توخو گۆشى، قىزىل بېلىق دىگەندەك.

ھەيىز دەۋرىنىڭ 1 ~7 – كۈنلىرى

بۇ مەزگىل ئاياللىق ھورمۇننىڭ ئەڭ تۆۋەن مەزگىلى بولۇپ، پۇت – قول ماغدۇرسىزلىنىدۇ، تۆمۈر كەملىك يۈز بېرىدۇ. بۇ مەزگىلدە قاننىڭ ئايلىنىشغا پايدىلىق، قان پەيدا قىلىدىغان يىمەكلىكلەر تەۋسىيە قىلىنىدۇ. مەسلەن، ئاۋوكادو (توغرا بولغان ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى بىلەلمىدىم) ، قارا كۈنجۈت، جىگەر.

تەۋسىيەلىك رىتىسىپ: پۇرچاق سۈتى +ئاۋوكادو +بانان = شەربەت

ھەيىزىدىن كېيىنكى 8 ~ 14- كۈنلىرى

بۇ ئېستىروگىننىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان مەزگىلى بولۇپ، سالامەتلىك ياخشىلىنىدۇ. بۇ مەزگىل چاچ شەكلىنى ئۆزگەرتىش، يېڭى تېرە ئاسراش بويۇملىرىنى سىناپ بېقىش، ئۇچىرىششلارغا بېرىشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتىمىش! بۇ مەزگىلدە مىتابولىزىم بەك ياخشى بولىدۇ، شۇڭا، تاتلىقلارغا ئامراقلار ئانچە – مۇنچە تاتلىقلارنى يەۋالسىڭىزمۇ بولىدىكەن! تېرىلەرنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرىدىغان مېغىزلار، بالياتقۇغا پايدىلىق بولغان يىمەكلىكلەر تەۋسىيە قىلىنىدۇ. مەسلەن، كىچىك قۇرۇتۇلغان بېلىق، مېغىز، پۇراقلىق يوپۇرماق دىگەندەك.

ھەيىزدىن كېيىنكى 15~ 21- كۈنلىرى

تۇخۇم ئاجىرىتىپ چىقىرىش مەزگىلىدىن كېيىن بەدەن يەنە ئاجىزلاشقا باشلايدۇ. بۇ مەزگىلدە يېڭى كۆكتاتلارنى ئىستىمال قىلىپ بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. يەنى ، ئۈچەينىڭ خىزمىتىنى ياخشىلايدىغان، بەدەندىكى زەھەرنى ھەيدەيدىغان ئالما، ئانار دىگەندەك مىۋە – چىۋىلەر، ئۇندىن باشقا پەمىدۇر، تەرخەمەك، قېتىق…دىگەندەك يىمەكلىكلەر ·

24 سائەتلىك ماگىزىنلارغا كىرسەممۇ پەسىللىك مودا كىيىم ژورناللىرىنى ۋاراقلاپ تۇرىدىغان، سالامەتلىككە ئائىت ماتىرياللارنى ئىزدەپ تۇرىدىغان ماڭا يېقىندىن بېرى بۇلارمۇ تېتىمايۋاتقاندەك… بىراق، ئاياللىق گۈزەللىك ھەم سالامەتلىك ئۆزىمىزگىلا تەئەللۇق بولۇپ قالماستىن يەنە ئائىلىگە، ھەتتا مۇبالىغىسىز ھالدا جەمئيىتىمىزگىمۇ تەئەللۇق بىر مەسىلە بولىدىغىنىنى ئويلىغىنىمدا قايتىدىن «ئۆزۈڭنى ئاسىرىغىن قەدىرلىكىم !» دىدىم!

گۈزەللىك ۋە ساغلاملىقىمىزنىڭ چاقنىشىدىن بىزنى سۆيگەنلەرمۇ ھەم كۈچكە تولغۇسى ~❤✨

 

************************

 

مەنبە: 女性ホルモン美バランスの秘訣

تەرجىمىدە: رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...
  1. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، شۇنداق ياخشى يازمىلار بىلەن تەمىنلىگىنىڭىزگە رەھمەت . يازمىلىرىڭىزنى بەك ياخشى كۆرمەن . ئابوكادونى ئۇيغۇرچە ئاۋاكادو دەيمىزغۇ دەيمەن .

  2. بۇ تېمىنى بويتاقلىقىمغا قارىماي ئوقۇپ سالدىمدە، توي قىپ قالسام چوقۇم قايتا كېلىپ ئوقۇيمەن.

    ئەمدى ئاۋۇ Avocado مەسىلىسىگە كەلسەك، بىرە قۇر قاراپ باقتىم. ئەڭلىزچە، شۇنداقلا بىزگە يېقىن بولغان تۈركچە ۋە ئۆزبەكچە تىللاردا ئاساسەن ئوخشاشراق تەلەپپۇز بىلەن ئاپتۇ. يەنى 「ئاۋوكادو」. شۇڭا بىزمۇ شۇنداراق ئاساق ياخشى بولامىكىن دېدىم. ئۈستىدىكى قېرىندىشىمىز ئاۋاكادو دەپتۇ، ئا نى ئو غا ئالماشتۇرساق مەنچە ئەسلىسىگە ئەڭ يېقىن كېلىدىكەن.

Reyhan ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

خانىم

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى