تويدىن كېيىنكى مەسىللەر

1,907 قېتىم ئوقۇلدى

يېقىندا يېڭىدىن توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا بەزىبر كۆڭۈلسىزلىككە  دۇچ كەلگەن بىر ئوقۇرمىنىمنىڭ خېتىنى تاپشۇرىۋالدىم. شۇنىڭ بىلەن بۈگۈنكى دەم ئېلىشىمدىن پايدىلىنىپ مەھەللە كۈتۈپخانىسىدىن بۇ ھەقتە ماتىريال  ئىزدەپ باقتىم.  تۆۋەندىكى مەزمۇن كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ  تېشىغا چىقىرالمىغان رىئاللىقى بولىشى مۇمكىن. بۇنى ئوقۇغاندىن كېيىن شۇ دوستىمىز ۋە ياتلىق بولغاندىن كېيىن ئەسلىدىكى نىكاھتىن ئىبارەت چىرايلىق چۈشلىرىنىڭ رىئاللىقنىڭ سوغۇقلىرىدا بەربات بولىۋاتقاندەك تۇيغۇلاردا بولىۋاتقان بارچە خانىم-قىزچاقلارنىڭ كۆز ئالدىدىكى دۇنيانىڭ تېخىمۇ كېڭىيىپ قېلىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قېلىشىنى، ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ گۈزەل جەننىتىنى تېخىمۇ گۈلگە تولدۇرىشىنى، ئائىلىدىن ئالغان مۇھەببەت ۋە بەخىت تۇيغۇلىرىنىڭ ئەتراپقىمۇ تارىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

Garden secret -Richard clayderman

 

كۆپلىگەن قىز-يىگىتلەر تويدىن بۇرۇن نىكاھنى شۇنچىلىك مۇكەممەل ۋە گۈزەل تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. بىراق، پىسخولوگلار ھەر قانداق نىكاھتا  مەلۇم مەسىللەرنىڭ مەۋجۇد بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. رىئاللىقتىكى نىكاھ ۋە نىكاھتىكى گۈزەل بەخىت تۇيغۇسى – نۇرغۇنلىغان پاراسەت، سەۋر، ئۆزى ھەم  قارشى تەرەپكە بولغان سەمىمىيەت ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. ئادەم نىكاھ ئارقىلىق ئۆزىنى ۋە قارشى تەرەپنى ھۆرمەتلەشنى، سۆيۈشنى، كىچىك پىئىللىقنى ئۆگىنىدۇ ھەم  بارغانسىرى پېشىپ يېتىلىدۇ. ئۇنداقتا، يېڭى توي قىلغان مەزگىللەر ئەسلىدە ھاياتنىڭ ئەڭ گۈزەل، شىرىن مەزگىللىرى ئىدى، يەنە نېمە ئۈچۈن بەزى روھى توسالغۇلار يۈز بېرىدۇ؟

 

تويدىن كېيىنكى شارائىتنىڭ ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن روھى بېسىم

تويدىن كېيىن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بۇرۇندىن ياشاپ كەلگەن تۇرمۇش ئۇسۇلى، شارائىتىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ. بولۇپمۇ قىزلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق! باشقا دۆلەتلەرنى بەك چۈشىنىپ كەتمەيمەن، بىراق، ياپونىيەدە مۇتلەق كۆپ ئاياللار تويدىن كېيىن ئائىلە ئايالى بولىدۇ، ياپونغا يېڭى كەلگەن، ياتلىق بولغان ئۇيغۇر قىزلىرىغىمۇ بۇ ئەھۋال ماس كېلىدۇ ھەم ياپونلۇقلارغا قارىغاندا ئېغىر بولىشى ئېنىق!

يەنى، تويدىن بۇرۇن ئالدىراش ئۆگىنىش -خىزمەتلەردە بولغان قىزلار تويدىن كېيىن ئائىلە ئايالى بولۇشى ئۇلارغا گوياكى جەمىئەتتىن ئايرىلىپ قالغاندەك، جەمىئەتنىڭ كەينىدە قالغاندەك، سىقىپ چىقىرىلىپ قالغاندەك ئەنسىزلىك ھەم غېرىبلىق ئېلىپ كېلىدۇ. ئىقتىساد جەھەتتە يولدىشىنىڭلا قولىغا قاراشلىق بوپ قالىدۇ، يەنە تېخى بەزىلىرى يولدىشى، بالىلىرىغا چىقىم قىلسىمۇ ئۆزىگە كېرەكلىك نەرسىلەرنى، دورا، ئۆگىنىش ماتىرياللىرى، گىرىم بويۇملىرى قاتارلىق  ئۆزىگە تەئەللۇق نەرسىلەرنىمۇ خالىغانچە ئالالمايدىغان ئىشلارمۇ بوپقالىدۇ.

بەزى ئاياللار ئەرلىرىنىڭ جىسمانى جەھەتتىن خورلاشلىرى يەنى تاياقلىرىغا ئۇچىرىسىمۇ، بۇنداق ئەردىن ئاجراشقىسى بولسىمۇ مۇستەقىل ئىقتىساد ۋە باشقا سەۋەبلەردىن ئاجىرىشالمايدۇ.

قايتا خىزمەت قىلىشنى ئويلاشسىمۇ خىزمەتكە كېتىدىغان سالاھىيەت، ئىقتىدار كىنىشكىلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىقتىساد كەتكەچكە، بۇ جەھەتتىمۇ قىينىلىپ بەرداشلىق بىرىشكە مەجبۇر بولىدۇ،- دە، ئىچ – ئىچىدىن تۈگىشىپ كېتىدىغان، ھەتتا، ھاياتقا ، تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىقى تۆۋەنلەپ كېتىدىغان، روھى جەھەتتىن ئېغىر بىسىم ئىچىدە قالىدىغان ئەھۋالمۇ بولىدۇ.

 

ئەر-ئايال ھەر ئىككىسى ئىشلىگەندە كېلىپ چىقىدىغان روھى بېسىم

ئەر-ئايال ھەر ئىككى تەرەپ ئىشلىگەندە، ئائىلە ئىشلىرىنى ئەر -ئايال تەڭ ئۈستىگە ئالغاندا مەسىلە كۆپ بولمىسىمۇ، ئايال تەرەپكە كۆپ يۈكلىنىپ قالغاندا، ئاياللار جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىن كۆپ چارچايدۇ ھەم ”مەنمۇ ئوخشاش ئىشلەيدىغان تۇرسام نېمە ئۈچۈن يەنە ئۆينىڭ جاپاسىنى مەنلا تارتقۇدەكمەن؟!“ دەپ ئويلاپ قالىدۇ، بۇمۇ ئاياللاردىكى روھى  بېسىمنىڭ سەۋەبى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يەنە مەسىلە كۆرۈلىدۇ.

ئوكېي، سىزدە تويدىن كېيىن بولىدىغان روھى توسالغۇلارنىڭ ئالامىتى بارمىكەن، تۆۋەندىكى سۇئالغا جاۋاب بېرىپ بېقىڭ.

 

 

ئاياللاردا تويدىن كىيىن ئاسان كۆرۈلىدىغان روھى توسقۇنلۇق ئالامىتى

1.ئەسلىدىكى غايىسىدىكى ئەر بىلەن رىئاللىقتىكى ئەرنىڭ پەرقىنى بەك چوڭ دەپ ئويلاش، ئاسانلا ئاچچىقلىنىدىغان بوپ قېلىش

2.تىت-تىت بولۇش، بىر نەرسە سېتىۋىلىشقا خۇمار بولۇپ قېلىش ۋە ياكى كۆپ يەۋىلىش

3.ئەسلىدىكى خىزمىتىنى تاشلىۋەتكەنلىكىدىن پۇشايمان قىلىپ، ئائىلە ئىشلىرىغىمۇ ئۆچ بوپ قېلىش

4.يېڭى ئائىلىسى ۋە تۇغقانلىرى بىلەن ئەپ ئۆتەلمەسلىك، بۇ سەۋەبتىن ئۆزىنى ئەيىپلەش

سىزدە يۇقارقى ئەھۋاللار كۆرۈلگەن بولسا، مۇنداق ھەل قىلىش تەدبىرىنى سناپ بېقىشىڭىز تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

 

ئۆزىگە خاس دۇنياسى ھەم قىزىقىشى بولۇش

كۆپلىگەن ئاياللار تويدىن كېيىن يولدىشىنىڭ فامىلىسىنى قوللىنىدۇ(ياپوندا دىمەكچى ھە!)، ئۆزىنى پۈتۈنلەي شۇ ئادەمگە شۇ ئائىلىگە مەنسۇپ دەپ ئويلايدۇ. بەزىلىرى ھەتتا، ئۆزىنىڭ ھىچقانداق قىممىتى يوق دەپ ئازابلىنىدۇ.

ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ! ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان قىزىقىش يېتىلدۈرۈڭ، جەمىئەتنىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ئارقىلىق تۇرمۇشىڭىزدىن ھوزۇرلىنىڭ ھەم ئەسلىدىكى ئۆزىڭىزنى تېپىپ چىقىڭ.

بۇ نوقتىنى شەخسەن مەنمۇ بەك قوللايمەن! بىر ئايال ئائىلىگە تەۋە بولۇشتىن بۇرۇن ئۆزىگە تەۋە، ئۆزىگە خاس بىر ئىنسان! بىر قىز ياتلىق بولغاندىن كېيىن ئۆزىگە خاس غايىسىنى، ئارزۇسىنى، قىزىقىشلىرىنى تاشلىۋەتمەسلىكى، خاس خاراكتىرى ۋە قىزقىشلىرىنى تېخىمۇ بېيتىشى كېرەك، ئۆزھاياتىغا رەڭ ۋە خۇشاللىق بېغىشلىيالىغان ئايال ئائىلىگىمۇ، باللىلىرىغىمۇ، ئەتراپىدىكىلەرگىمۇ خۇشاللىق ۋە مەنا ئاتا قىلالايدۇ.

 

قانداقلا بولمىسۇن ئۆز ئالدىڭىزغا ئىقتىسادىڭىز بولسۇن

ئەرنىڭ تاپقان پۇلى ئەرنىڭلا ئەمەس ئايالنىڭمۇ كېرىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ! ئۆز ئالدىڭىزغا شەخسى كارتا بېجىرىپ قويۇڭ، خالىغانچە ئىشلىتەلەيدىغان كارتىڭىز بولسا، كۆڭۈل جەھەتتىنمۇ يەڭگىل بوپقالىسىز.

مۇشۇ يەردە مېنىڭ مۇنداق بىرنەرسىنى قوشۇمچە قىلىپ قويغۇم كەلدى. ياپون توغرىسىدا گەپ چىققاندا، بەزى كىشىلەردە ”ياپون ئاياللىرى ئۆيدە ئولتۇرسىمۇ، يولدىشىنىڭ مائاشىغا ئايالىنىڭكىنىمۇ قوشۇپ بېرىدىكەن!“ دىگەندەك ئەپسانىلەرنى ئاڭلاپ قالىمەن. ئەمەلىيەتتە، ئۇنداق ئىش بولمايدۇ، ياپون ئاياللىرىمۇ بۇ كىتابتا ئېيتىلغىنىدەك ئىقتىسادتا قىينىلىدىغان ئىشلارمۇ بولىدۇ.

كۆڭۈلسىز ئىشلارنى ئاڭلىماسقا سېلىۋىلىڭ ياكى ئاڭلاپ بولۇپ ئۇنتۇپلا كېتىڭ

يولدىشىڭىزنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە ياكى ئەتراپىڭىزدىكى تونۇش بىلىشلەر ئىچىدە سىزنى ياقتۇرمايدىغان، سىزنى چېقىۋالىدىغان گەپ-سۆزلەرنى قىلىدىغانلارمۇ بولۇپ قېلىشى، بىراق يەنە ئادىمىگەرچىلىكتە ئارلاشمىسىڭىز بولمايدىغان ئادەملەرمۇ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ھەم تۇرمۇش دىگەندە ھەممىلا ئادەمنىڭ سىزنى ياقتۇرۇپ كەتمەسلىكى بەكلا نورمال ئىش! دىلىڭىزنى يارىلاندۇرىدىغان، قاتتىق گەپ-سۆزلەرگە پەرۋا قىلماسلىقنى ئۆگىنىۋېلىڭ. بۇلارنىڭ ئىچىدە بەك ئويلاپ كەتمەيلا شۇنداقلا دەپ قويىدىغانلارمۇ بولىدۇ، ئەلۋەتتە! ھەر بىر ئىشقا ئەستايىدل ئويلاپ كېتىشىڭىز، ھەممىلا ئادەمنىڭ سىزنى مەدىھلىشىنى كۈتىشىڭىز ھاجەتىسز!

 

داڭلىق نىكاھ ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى، پسىخولوگ جون گوتمەن ئۆزىنىڭ “ نىكاھنى مۇۋەپىقىيەتكە ئېرىشتۈرۈشنىڭ يەتتە پىرىنسىپى“ نامىلىق كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى كىچىككىنە تىرىشچانلىق بىلەن، قارشى تەرەپكە نىسبەتەن ئۆزىنى ئازراقلا ئۆزگەرتىش بىلەن قارشى تەرەپمۇ تەبىئىيلا ئۆزگىرىدۇ، نىكاھتىكى بەخىت تۇيغۇسى ئۇلغۇيىدۇ.

ئاخىرىدا، بارچە ھالال بىر جۈپلەرگە گۈزەل بەخىتلەرنىڭ نېسىپ بولىشىنى تىلەيمەن~❤

 

**************************

مەنبە: 「女性の心理学」نامىلىق ياپونچە كىتاب

ياپونچىدىن ئۆزلەشتۈرگۈچى: رەيھان ئابلەت

2019.02.15

تارقىتىڭ...
  1. سىزنىڭ يازىمىلىرىڭىزنىڭ ئازراق مۇزىكىلىق ئاڭلاش مومكىنمۇ..جاپا چەكتىڭىز….

Reyhan ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

تويدىن

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى