قەھرىمان ۋە قەھرىمان يېتىشتۈرىدىغان ئاياللار(4)

761 قېتىم ئوقۇلدى

”قەھرىمانلىق“ توغرىسىدا يازماقچى بولغىنىمدا ئېسىمگە كەلگىنى ئوغۇزخان، تۇمارىس، ئابدۇخالىقلار دىسەم يالغان سۆزلىگەن بولىمەن. شۇ تاپ ئىچىدىكى بارچە قايغۇلىرىنى، چاناقلىرىغا تولغان ياشلارنى ئىتتىرىۋېتىپ تۇرۇپ «بالام، مەن ياخشى!» دەپ كۈلۈمسىرىگەن ئانام، يۈرىكىنى ئۆرتەۋاتقان ئەلەملەردىن ئانامغا ۋە بىزگە ئۈمىد – شادلىق بېغىشلايدىغان سۆزلەرنى، كۈلكىلەرنى ياساۋاتقان دادام، ھاياتىدا بىر قېتىممۇ پەردازلىنىپ باقمىغان،ھاياتنىڭ، ئاياللارنىڭ رەڭگارەڭ تەننازلىقلىرىدىن، غەلۋىلىرىدىن خالى بىر ئۆمۈر  ئوچاق بېشىدا، پەرزەنت كويىدا ئۈن -تۈنسىز، ھالال  ياشاپ داۋراڭسىز ئۇ دۇنياغا  كەتكەن رەھمەتلىك موماي ئانام، قىران يېشىغا يەتكەن ئوغلىنى باقى ئالەمگە ئۇزىتىپ قويۇپ، كۆزلىرىدىكى جۇدالىق ياشلىرى قۇرىماي تۇرۇپ يېنىدىكى بالىسىدىن ۋايىم يىگەن ئانا، ئاپىسى – دادىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەلەردىن پۇچىلانغان يۈرىكىنى، ياشلىرىنى ھېچكىمگە كۆرسەتمەي يەنە يات ئەللەردە تىرىشىۋاتقان ھېلىقى ئۇكاش، ئۆلۈم ئاغزىدىن قۇتۇلۇپ كېلىپ كۆز ئالدىدىكى نارىسىدىلىرى ئۈچۈن بولسىمۇ تىك ياشاۋاتقان ياش ئانا، ئاپىسى يوق بالىلىرىنىڭ  بالىلىقتىكى خۇشاللىقلىرىنى يوق قىلماسلىق ئۈچۈن بار كۈچى بىلەن تىرىشىۋاتقان دادا، بىر يۇتۇم سۇ، بىر چىشلەم نانسىز، قۇياش نۇرىنى كۆرۈشتىن، سۆزلەشتىن، ھەتتا، چۇڭقۇرراق نەپەسلىنىشتىنمۇ مەھرۇم قېلىۋاتسىمۇ ھاياتلىق ئۈچۈن يېنىۋاتقانلار… ئۇف! مانا مۇشۇلار كىتابلارغا، تارىخ بەتلىرىگە يېزىلمايدىغان، تىللاردا داستان بولمايدىغان، بىراق، ھەقىقى ھاياتلىق قەھرىمانلىرى بىلىنىۋاتىدۇ!

قاراڭغۇلۇق يورۇقلۇققا، قاراڭغۇدا ئىسەنكىرەپ تىپىرلاۋاتقان كىشىلەر ئىچىدىن بىرىنىڭ دانكودەك يۈرىكىنى مەشئەل قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا، يول باشلىشىغا، زامان قەھرىمانلىرىغا مۇھتاج بولىدۇ! بۈگۈن مەن قەھرىمانلىق ئوبرازىنى ئاجايىپ مۇۋاپىيقىيەتلىك يارىتىپ بەرگەن ئۇشبۇ «مەمەت ئاۋاق» رومانى ئارقىلىق يولباشچى، قەھرىماننىڭ زادى قانداق بولىدىغانلىقىنى شەرھىيلەپ باقماقچىمەن.

 

 

Ervah-ı Ezelde- by Grup Abdal

 

مەشئەل بولۇش ئۈچۈن كۆيۈش كېرەك

 

كۆنۈپ قالغان كونا تەپەككۇرنى چۆرىۋېتىپ ئويلايدىغان بولساق، ھەرقانداق بىر چوڭ ئىشلار، قالتىسلىق، قەھرىمانلىق ئالدى بىلەن شەخسى ئىستەكتىن كېلىدۇ. ئاۋام ئىچىدە ياشاپ، ئاددى بىر ئاۋام سۈپىتىدە ئۇلار تارتقان خورلۇق، يارلىنشلار، پارچىلىنىشلارنى بېشىدىن كەچۈرۈپ باققان، تېتىپ باققان كىشىلەرلا ئۆزى بىلەن ئوخشاش قىسمەتتىكى ئادەملەر ئۈچۈن يۈرىكىنى مەشئەل قىلالايدۇ! نوقتىنى مەمەت ئوبرازى بەك ياخشى شەرھىيلىگەن.

مەمەت ئەسلىدىلا بىر ۋىجىك، ئاۋاق، مۇشتۇمدەكلا بالا! ئۇ ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن تىكەنلىك، شورلۇق يېزىنىڭ خۇسۇسىيتىدەك چىدىغۇسىز جاپا – مۇشھەققەتتە چوڭ بولغاچقا بويى تۈزۈك ئۆسمىگەن. يەلكىسى تار، پاچاقلىرى ئىنچىكە، قول – پۇتلىرى قۇرۇغان دەرەخ شېخىدەكلا، يۈزلىرىنىڭ سۆڭىكى چىقىپ تۇرىدىغان، بىراق قاتتىق ۋە مۇستەھكەم يەنە ھەم لەۋلىرىدە بوۋاقلارنىڭكىدەك مەسۇم، مۇلايىم تەبەسسۇم بار بالا!

بۇ ئاۋاقتا ئوغۇزخاندىكى قامەت، غېنى باتۇردىكى كۈچتۇڭگۈرلۈك، ئالىپ ئەرتۇڭادىكى ھەيۋەتلىك قۇۋۋەت يوق!  بىراق، بۇ ئاۋاقنى قەھرىمان قىلغان ئىككى نەرسە بار، بىرى مەمەتنىڭ كۆزلىرىدىن يانغان يىڭنىنىڭ ئۇچىدەك غەزەپ ئۇچقۇنى، يەنە بىرى، مېڭىسى، يۈرىكى، ھەتتا، يىلىكلىرىگىچە سىڭىپ كەتكەن ئاغىسىز، ئەركىن ياشاش ئىستىكىدىن يانغان سېرىق ئۇچقۇنلار.

ئۇنداقتا، ئۇنى قەھرىمانلىققا سۆرىگەن بۇ ئۇچقۇنلار، كۈچ قەيەردىن كەلگەن؟

مەمەتنى قەھرىمانلىققا باشلىغان ئىككى خىل ئۇچقۇن

مەمەتنىڭ قەھرىمانلىق ھېكايىسى مۇنداق باشلىنىدۇ.

مەمەتنىڭ دادىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، بەش يېزىنىڭ ئاغىسى بولغان ئابدى ئاغا ئانا – بالىنىڭ يېرىنى تارتىۋىلىپ، قۇلنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىدۇ. ھە دىسە ئانا – بالىنى ئۆلگىچە ئۇرىدۇ، كىچككىنە مەمەتنىمۇ قاتتىق ئۇرۇپ ئادەمسىز چۆلگە ئاپىرىپ دەرەخكە ئىككى كۈن باغلاپ قويىدۇ. زىمىستاندا يالاڭئاياغ ھالەتتە تىكەنلىك ئېتىزلاردا كۈن بويى ئىشلىتىدۇ.  پۈتۈن يېزا خەلقى ئۇنىڭ رۇخسىتىسىز يېزىنىڭ سىرتىغىمۇ چىقالمايدۇ. ھەتتا، ئۇنىڭ رۇخسىتىسىز ئۆيلىنەلمەيدۇ! يىل بويى ئۆلگۈدەك ئىشلەيدۇ-يۇ، ئاچلىقتىن قىينىلىدۇ.

مانا مۇشۇنداق ئۆچكە ساقال ئابىدى ئاغىنىڭ چىدىغۇسىز زۇلىمىدىن، دوزاختەك دەگىرمەن ئولۇك يېزىسىدىن جاق تويغان11 ياشلىق مەمەت ھېلىقى يېزىغا، ئۆزى بىلەن بىللە ئىشلەيدىغان تۇرسۇننىڭ بالىلارنى ئۇرۇپ – تىللىمايدىغان، ئېغىر ئەمگەككە سالمايدىغان، ئېتىزلىرىدا چېقىر تىكەن ئۈنمەيدىغان، تېشى، توپىسى ئالتۇندەك، دېڭىزى بار، قارىغايلىرى بار، كېمىگە ئولتۇرسا جاھاننىڭ ھەممىلا يېرىگە بارالايدىغان، قۇياشتەك يېنىپ تۇرىدىغان يورۇق ھېلىقى يېزىغا قاچىدۇ. قاچا -قاچا ھېلىقى يېزا دەپ ئويلاپ قالغان بىر ھويلىدا سۇلايمان بوۋاينى ئۇچىرىتىدۇ! بوۋاي بىلەن موماي ئۆيىگە توساتتىن كىرىپ كەلگەن تىزلىرىغىچە تىكەنلەر بىلەن قانغا بويالغان11ياشلىق مەمەتنى مىھمان سۈپىتىدە مىھرىبانلىق بىلەن كۈتىۋالىدۇ.

دەسلەپكى كۈنلىرى ئابدى ئاغىنىڭ زۇلىمىدىن قۇتۇلغىنىغا خۇش بولغان مەمەت كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قايغۇغا چۆمىدۇ.  ئانىسىدىن ۋايىم يەيدۇ! دۆنە بولسا ئوغلىنىڭ دەردىدە ھەر كۈنى دىگۈدەك قاينامغا قاراپ مەمىتىنىڭ ئۆلۈكىنىڭ بولسىمۇ تېپىلىپ قېلىشىنى ئىستەپ ئانىلىق يۈرىكى سەكپارە بولىدۇ.

شۇنداق قىلىپ بىر كۈنى مەمەت دۆڭنىڭ ئۇ تەرىپىگە، يەنى، سۇلايمان بوۋاي ئۇ تەرەپنىڭ ئابدى ئاغىنىڭ يېزىسى ئىكەنلىكىنى جېكىلىگەن دۆڭنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئىختىيارسىز قەدەملىرىنى سۆرەپ  بېرىپ قالىدۇ. پۈتۈن يېزا خەلقى ئۆلگەنگە چىقىرىۋەتكەن مەمەتنى كۆرۈپ قالغان، ئەزەلدىن كۈلۈمسىرىمەيدىغان، باشقىلارغا گەپ قىلمايدىغان، باشقىلارنىڭ ئۆيىگىمۇ بارمايدىغان ھۆسۈك بوۋاي كۈلۈمسىرىگىنىچە يېزىغا كىرىپ ئۇدۇل دۆنەنىڭ ئۆيىگە بارىدۇ، بىر دۆنە ئەمەس پۈتۈن يېزا، ھەتتا، ئابىدى ئاغا مەمەتنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلايدۇ -دە، مەمەت ئۆلتۈرۈلمەستىن ئېلىنىپ كېلىدۇ -يۇ، زالىم ئابىدى پۈتۈن ياز بار كۈچى بىلەن تىرىشىپ ئىشلىگەن ئانا – بالىنى ئاچلىقتىن قىينايدۇ.

زىمىستان كۈنلىرىدىمۇ يىرتىق ماتالاردا قالغان، ئاچلىقتىن قىينالغان پۈتۈن يېزا خەلقى ئابىدىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا يالۋۇرۇپ كېلىشىدۇ. زالىم بىر دۆنەنى ئايرىپ قويۇپ قالغانلىرىغا ئازدۇر كۆپتۇر ئاشلىق بېرىدۇ. خەلقىنى دۆنەگە ھېچنىمە بەرمەسلىكنى ئاگاھلاندۇرىدۇ.

ئەنە شۇ ئاچ قالغان كىشىلەر ئۆز نېسىۋىسىنى زالىم ئابىدىدىن يالۋۇرۇپ ئېلىپ، ئۆيلىرى ئىسسىق نانىنىڭ مەززىلىك ھېدلىرىغا تولغان كۈنلەردە ئاتمىش ياشلىق دۇرمۇش ئەلى يەۋاتقان نېنىڭ گېلىدا تۇرۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ – دە، ئايالى ھۆرى ئانا بىلەن ئابىدىنىڭ چەكلىگىنىگە قارىماستىن، ئانا – بالىغا ئاشلىق، نانلىرىدىن ئېلىپ بارغىنىدا دۇرمۇش ئەلىگە يانداپ باشقا دىھقانلارمۇ دۆنەلەرگە ئۆزىنىڭ بوغۇزىدىكى ئاشلىقنى يوشۇرۇن سۇنىدۇ، بۇ قۇرلارنى ئوقۇغان ئادەمنىڭ بۇ ئادىمىيلىكتىن كۆزگە ياش كېلىدۇ.

دەل شۇ دەھشەت كۈنلەردە ئاچلىقتىن چىرايى ئۆلۈكنىڭكىدەك سارغىيىپ، ماغدۇرسىزلانغان بالا مەمەتنىڭ كۆزلىرىدە ئۆتكۈر يىڭنىنىڭ ئۇچىدەك غەزەپ ئۇچقۇنى پەيدا بولىدۇ!

ئەسلىدىكى بالىلىقتىكى مەسۇم، شادلىق ئۇچقۇنلىرىنىڭ ئورنىغا  ئالماشقان مەمەتنىڭ كۆزلىرىدىكى بۇ غەزەپ ئۇچقۇنى چەككەن ئازاب ئوقۇبەتلەرنىڭ، دەرت – ئەلىمىنىڭ مەسئۇلى! بۇ ئۇچقۇن مەمەتنىڭ11 يېشىدا، بالىلىقى ئەلەم چەككەن ھەم بۇنى ھېس قىلغۇدەك بولغان 11 يېشىدا تۇنجى پەيدا بولىدۇ!

مەمەت مۇھەببەت پايپىقى كەيگۈدەك يېشىدا خەدىچەسى توقۇپ بەرگەن پايپىقىنى كېيىپ تۇنجى قېتىم شەھەرگە كىرىدۇ ھەم ھاياتىنى ئۆزگەرتىدىغان ئىككى ئىشقا ئۇچرايدۇ· يەنى، دەل شۇ شەھەرگە كىرىش يولىدا ئەينى چاغدا داڭ چىقارغان باتۇر، غېرىپ – مىسكىنلەرنىڭ باشپاناھى بولۇپ، كېيىنكى كۈنلەردە قاراقچىلىقتىن قول ئۈزگەن داڭلىق قاراقچى ئەخمەت چوڭنى ئۇچىرىتىدۇ.

يەنە بىر ئىش شۇكى، دەڭگە چۈشكىنىدە ھەسەن ئونبېشىدىن شەھەر توغۇرلۇق ئۆز يېزىسىغا ئوخشىمايدىغان ئاجايىباتلارنى، يەنى، بۇ شەھەردە ھېچبىر ئۆزلىرىنى، مال-ۋاران، ئېتىزلىرىنى، نەگە بېرىپ نەدە توختايدىغانلىقىنى باشقۇرىدىغان ئاغا يوقلىقىنى، ئۇندىن باشقا ئىستانبۇل، ماراش، كافكازلار توغۇرلۇق پاراڭلارنى ئاڭلايدۇ.

شۇ يېشىغىچە ئابىدى ئاغىنىڭ رۇخسىتى بولمىغاچ شەھەرگىمۇ كىرىپ باقمىغان مەمەتنىڭ مېڭىسىدە تۇنجى قېتىم دۇنيا شۇنچىلىك كېڭىيدۇ، دۇنيانىڭ تولىمۇ كەڭلىكىنى ھېس قىلىدۇ، بۇ كەڭرى دۇنيادا ئۆزى مۇشۇ يېشىغىچە دۇنيا پەقەت مۇشۇ دەپ بىلگەن يېزىسىنىڭ بىر چىكىت، ئۆزى ئەڭ كۈچلۈك دەپ قارىغان ئابىدىنىڭ بىر چۈمۈلىچىلىكلا ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ھاياتىدا تۇنجى رەت ئۆزىنى ئىنسان قاتارىدا سانايدۇ!

مەمەتنىڭ ھاياتىدىكى تۇنجى تۈگۈن تۇنجى قېتىملىق شەھەرگە كىرىش بىلەن يېشىلىدۇ! خەدىچەسى بىلەن ئاغىسىز شەھەردە ياشاش ئارزۇسىدا بولىدۇ.

ئاغىسىز، ئەركىن ياشاش ئىستىكى ئۇنىڭ يىگىتلىك دەۋرىدە كۆزلىرىدىن يانغان، مېڭىسى، يۈرىكى، ھەتتا، يىلىكلىرىگىچە سىڭىپ كەتكەن سېرىق ئۇچقۇنلار ئەنە شۇ تۇنجى شەھەر ۋەقەسى بىلەن ۋۇجۇدىدا تۇنجى پارلايدۇ. روھى بىر يورۇقلۇققا تولىدۇ.

مانا بۇ مەمەتنى قەھرىمانلىق يولىغا باشلىغان سەۋەب ھەم شەخسى ئىستەك بولغان بالىلىق – يىگىتلىك دەۋرىدە چاقنىغان ئىككى خىل ئۇچقۇندىن ئىبارەت.

ھېلىقى يېزىغا قېچىۋاتقان 11 ياشلىق مەمەت

 

ھەقىقى قەھرىمان مۇنداق بولىدۇ

قاتتىق يامغۇر ياغقان بىركېچىسى مەمەت خەدىچەنى ئېلىپ ئاغىسى يوق شەھەرگە قاچىدۇ! ئىز قوغلاشنى بارچە ياخشىلىق ۋە يامانلىقتىن ئۈستۈن كۆرىدىغان داڭدار ئىزچى ئەلى توكۇر پۈتۈن يېزا خەلقى، تاش – تۇپراقلىرى، مال -ۋارانلىرىنىڭ قارغىشلىرىغا، ھۆسۈك بوۋاينىڭ ئاشىق – مەشۇقلارنى ئايرىۋەتمەسلىك ئۈچۈن قىلغان نەسىھەتلىرىگىمۇ قارىماستىن ئۇلارنى تۇتۇپ بېرىدۇ.

 يۈزىدىن بالىلىقى كەتمىگەن، مىھرىبان، تارتىنچاق ئاۋاق مەمەت  تۇنجى قېتىم مۇشۇ ۋاقىتتا سۆيگۈنىنى ئالماقچى بولغان رەقىبىگە ۋە زالىم ئابىدىغا ئوق ئاتىدۇ. خەدىچەنى ئۆيگە كەتكۈزىۋېتىپ بالىلىقىدا تۇنجى قېچىپ كەلگەن سۇلايمان بوۋاينىڭ ئۆيىنى يىگىتلىكىدە2- قېتىم قاقىدۇ. بالىلىقىدا قورقۇپ ، توڭلاپ كەلگىنىدە ئىچكەن مۇھەببەتلىك كۆجىنى يىگىتلىك قورقۇمسىز ھالتىدە يەنە تېتىيدۇ.

شۇنىڭ بىلەن تەقدىر – قىسمەت بەش يېزىلىق ئىچىدىن تۇنجى زالىمغا ئىسيان كۆتۈرگەن مەمەت ئاۋاقنى تاغقا چىقىپ قاراقچى بولۇشقا بۇيرۇيدۇ.

”گۇناھسىز ئادەمنى، ئازراق گۇناھ قىلىپ قويغان ئادەمنى پۇل ئۈچۈن ئۆلتۈرسەڭ ئىككى قولۇم ياقاڭدا قالسۇن! بىراق، يەنە بىر ئابىدى ئاغىنى يولۇقتۇرساڭ ئۇنى ئۆلتۈرمىسەڭ يەنىلا ئىككى قولۇم ياقاڭدا بولسۇن!“ دىگەن سۆزلىرى بىلەن تۇنجى  قەھرىمانلىق  تەربىيەسى بەرگەن سۇلايمان بوۋاي  مەمەتنى قاراقچى  تۇردى تەلۋىگە تونۇشتۇرغىنىدا بوۋاينىڭ ئارقىغا مۆكۈنىۋالغان، سەھەردە ئايرىلغىنىدا كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ ئۆزىنى يالغۇز، غېرىپ ھېس قىلغان مۇشتۇمدەك 18ياشلىق مەمەت يوقسۇل بوۋايلاردىن تارتىپ بالىلارغىچە يالىڭاچ قىلىپ قويۇپ بۇلايدىغان، ھەتتا، ئۆزىنى مۇھەببەت بىلەن كۈتىۋالغان  خېزىر سۈپەت كەرىم ئوغلىنى بۇلاش ئۈچۈن ئۇنى دەسسەپ -چەيلىگەن، بالىچاقىلىرىنىڭ ئالدىدا ئادىتى بويىچە پۈتۈن كىيىمىنى سالدۇرۇشقا مەجبۇر قىلغان تۇنجى باشلىقى تۇردى تەلۋىنىڭ پەسلىكى، زۇلىمىغا چىدىماي ئۇنىڭغا  قۇرال كۆتۈرىدۇ. كەرىم ئوغلىنى قۇتقۇزۇپ مەمەت، جاپپار، رەجەپ چاۋۇش بۇ تەلۋىنىڭ ئەتىرىتىدىن ئايرىلىپ چىقىپ ئۆز ئالدىغا قاراقچىلىق ھاياتىنى باشلايدۇ. مەمەت ھەقىقەتەن  ھېچبىر  قاراقچىغا زادىلا ئوخشىمايدىغان ناھەق قان تۆكۈشكە قارشى، ئۆز دۈشمىنىنىڭ بالىسىغىمۇ رەھمەت قىلىدىغان قاراقچى بولىدۇ! ئۇ زالىملارغا، زۇلمەتكە، خورلۇققا  قارشى قورقماس بۈركۈتكە ئايلانسا، ئاجىزلار، ياخشىلىق، سەمىمىيلىك ئالدىدا ياش تۆكىدىغان باغرى يۇمشاق ئىنسان بولىدۇ.

قەھرىمان بەدەل تۆلەيدۇ

ھېچبىر قەھرىمانلىق سەۋەبسىز ۋە بەدەلسىز بولمىغىنىدەك مەمەتمۇ بۇ يولدا ئىنسان يۈرىكى چىدىغۇسىز دەرىجىدە بەدەل تۆلەيدۇ! ئانىسى ئابىدىنىڭ ئېغىر تاياق دەستىدىن ئۆلۈپ كېتىدۇ، يالغان ئىسپات بىلەن تۈرمىگە سولانغان سۆيگەن قىزى خەدىچەنى تۈرمىدىن قۇتۇلۇپ چىققاندىن كېيىن، بىر ئايالنىڭ ھاياتىدىكى ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىتقۇچى تولغاق ئازابى شېۋىرغانلىق سوغۇقتا غاردا ئوق ئاۋازلىرى بىلەن قوش ئۆلۈم ۋەھىمىسى ئىچىدە بولىدۇ. يەنە شۇ تۇنجى سۆيگىنى خەدىچەسى كۆز ئالدىدا ئوق تېگىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. تۇنجى دادىلىقنىڭ لەززىتىنمۇ تىتىيالماي ئوغلىنى ئامالسىز ئىراز ئانا ئېلىپ كېتىدۇ. سەيران بىلەن ئاددى بىر ئىنسان كەبى ئائىلە بەختىنىڭ پەيزىنى سۈرەلمەيدۇ. يىل – يىللاپ دەشت – باياۋانلاردا يالغۇز ياشايدۇ. قاتتىق تاشلار كۆرپە – ياستۇق بولىدۇ. ھامان بىر كۈنى باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىدەك ئۆلۈم ۋەھىمىسىدىن خالى بولالمايدۇ··· مانا مۇشۇنداق بىر ئىنساننىڭ قەلبى كۆتۈرگۈسىز ئېغىر پاجىئە، غەزەپ، ئىنساننىڭ تېگىشلىك ئادىمىيلىكىگە قىلىنغان دەپسەندىچىلىك، زۇلۇم مەمەتنى ۋىجىك، مۇلايىم بىر بالىدىن قاپلانغا ئۆزگەرتىدۇ، ئۇنىڭ قەھرىمانلىق يولىدىكى بەدەل بولىدۇ.

قەھرىماننى خەلق يارىتىدۇ

بىر مىللەت ئۆز ئۇلۇغلىرىنى، ئالىملىرىنى، ئىلىم ئىگىلىرى، قەھرىمانلىرىنى چوقۇم  قەدىرلىمىسە، قوغدىمىسا ھېچنىمىسى يوق بوپقالىدىغىنىنى بۇ روماندەك گۈزەل تەسۋىرلەپ بەرگەن كىتابتن يەنە بىرنى ئوقۇمىدىم.

گۈل – گىياھلاردىن تارتىپ ئادەملەرگىچە مۇھەببەت بىلەن قارايدىغان ئوسمان چوڭنىڭ مەمەتنى ”شۇڭقارىم“ دەپ ئۆز ئۆيىدە يوشۇرۇشلىرى، تۇرقىدىنلا يېقىملىق، تەبىئەتتىن، كەچكى شەپەقتىن… شائىرانە ھوزۇرلىنالايدىغان، قەبرىسى ئاقىۋەتتە ئۆزى سېغىنغان ئانا يۇرتىنىڭ توپىلىرىغا كۆمۈلگەن رەجەپ چاۋۇش، دەسلەپتىلا مەمەتلەرنىڭ ئىزىنى قوغلىغانلىقىدىن نۇمۇس قىلىپ ئاخىرغىچە مەمەتنىڭ قەھرىمانلىق يولىدىكى ئەڭ ئىشەنچىلىك ياردەمچىسىگە ئايلانغان ئەلى توكۇر، قەلبى نۇرغا تولغان پەرھات ئىمام… قاتارلىق ئاجايىپ ئىنسانلار، تاياق يىسىمۇ رازى بولغان، جېنى بەدىلىگە قەھرىمانىنى ساقلاپ قالغان يېزا خەلقى، ھېلىقى ئاق كېيىملىك ئاياللار توپى… قىسقىسى، بىر مەمەتنىڭ جېنى، قەھرىمانلىقى ئەمەلىيەتتە ئۆز خەلقىنىڭ قوغدىشى، ھىمايسى بىلەن ۋۇجۇدقا چىققان.

مەشئەل كۆتۈرۈپ ماڭغانلارمۇ ئاددى ئىنسان

مەمىتىمىن ھوشۇرنىڭ «قۇم باسقان شەھەر» رومانىدىكى مۇكەممەل ئادەمنى تاپالماي ئاخىرى بوۋاقنى پادىشاھلىققا تاللاپ، باشسىز ھالدا ۋەيران بولغان بىغەملەر شەھىرىنىڭ ھېلىقى پۇخرالىرىدىكى «مۇكەممەللىك ئوبرازى» نى تەلەپ قىلىش ھېلىمۇ ھەم مەۋجۇت!  بىز تېخىچە ئوتتۇرىغا مەشئەل كەبى چىقىشقا جۈرئەت قىلغان ھەربىر ئىنسانغا ھەممە جەھەتتىن مۇكەممەل بولۇش تەلىپىنى قويىۋالىمىز! مەمەت ئوبرازىنىڭ يەنە بىر مۇۋەپىقىيەتلىك يېرى شۇكى، ئۇنىڭ ئاددى ئىنسانلىقى!

يەنى، مەمەتتە باتۇر- قەھرىمانلارغا خاس قەددى – قامەت، كۈچتۈڭگۈر بەدەن يوق! ئۇنىڭ دادىسى ئۆلۈپ كەتكەن، ئانىسى باشقىلار قولىدىكى ناننى تارتىۋالسىمۇ ئۈن چىقارمايدىغان ياۋاش بىر ئايال. مەمەت مەكتەپ يۈزىمۇ كۆرمىگەن، ئۆزىنىڭ ئىسمىنىمۇ يازالمايدىغان ساۋاتسىز! ھۆكۈمرانلارنى دىر – دىر تىتىرەتكەن، تىللاردا داستان بولغان مەمەت يەنە ئاددى ئادەملەرگە ئوخشاش ھاجەت قىلىدۇ، قورسىقى ئاچىدۇ، ئۆلۈمدىن قورقىدۇ، ئۈمىدسىزلىنىدۇ. ئۆزى تاللىغان يولدىمۇ تالاي قېتىم تېڭىرقايدۇ، مېڭىسىدىكى تۈگۈنلەرگە جاۋاب ئىزدەيدۇ!

شۇڭا دەيمەن! يۈرىكىنى سۇغۇرۇپ مەشئەل قىلىۋاتقان ئىنسانغا ئاددى بىر ئىنساندىن ھالقىغان يۇقىرى تەلەپ قويىۋالماڭ! ئۇلارنىڭمۇ نۇرغۇنلىغان كام يەرلىرى بارلىقىنى، ئاددى ئىنسانىيلىقىغا، ئەمگىكى، تۆلىگەن بەدەللىرىگە ھۆرمەت قىلىڭ!

 

قەھرىمان يېتىشتۈرىدىغان ئاياللار

ئاياللار – شۇ قەۋمنىڭ زالالىتىنىمۇ، نۇسرىتىنمۇ يارىتالايدۇ! ھەقىقى ئايال ئەرلەرنىڭ روھىنى ئويغىتىدىغان، ئادىمىيلىكىنى بىيتىدىغان ئېسىل دورىغا ئوخشايدۇ!

بۇ ئەسەردىكى ئاياللار روھىنى ھەقىقەتەن تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ! چاچلىرى ئاقارغان، چىشلىرى چۈشۈپ يۈزلىرى پۇرلاشقان چىقىر كۆزلۈك ۋىجىك ئايال ھۆرى ئانىنى بوش چاغلىماڭ! ئۇ ئاجايىپ بىر ئانا! ئۇ قەھرىمانلارنىڭ، ئەركەكلەرنىڭ، ۋەتەننىڭ تۈۋرۈكلىرىنىڭ ئانىسى! ئەركەكلەرنىڭ يۈرىكىگە مەشئەل ياقىدىغان ئانا!

مەمەت ”قۇرال تاشلايمەن!“ دىسە ياقىسىغا ئېسىلىدىغان، ئوغلىنى ھەق ئۈچۈن كۆرەش قىلىشقا چاقىرىدىغان، ھەمزە تازدەك پەسلەرنىڭ يالۋۇرۇشلىرى، ئالتۇن – بايلىقلىرىغا كۆز قىرىنى سالمايدىغان، ئوغلى ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالغاندا ھەممىنى ئۇنتۇپ دۇنيانى ئېرىتقۇدەك ئانىلىق مىھرىدە ئوغلىنى ساقايتىدىغان، ئوغلىنىڭ ھەر بىر نۇسرىتى ئۈچۈن بايرام تەنتەنىسى قىلالايدىغان ئوغلىغا، ئەركەكلەرگە ئەرلىك جاسارەت، باتۇرلۇق ئاتا قىلىدىغان ئانىلاردىندۇر!

سۇلتان ئانا – مۇھەببەت، پاكلىق، ئادىمىيلىكنىڭ نۇرىدەك ئاجايىپ بىر ئانا! بۇنداق ئايالدىن كۈچ ئالغان ئەركەك ئۇرۇش مەيدانىدىمۇ ئوق ئۆتمەس كىيىمدىن قالقانلانغاندەك جاسارەتكە ئىگە بولىدۇ!

قاراقچىنىڭ ئايالى بولۇپ ئاياللىقى، ئانىلىقى، ھاياتى بىلەن بەدەل تۆلىگەن خەدىچە، توي كۈنىمۇ مەمەتنىڭ ھاياتى ئۈچۈن ئۇنى يېراقلارغا ھەيدىگەن سەيران. 20 يېشىدا 9 ئايلىق ئوغلى بىلەن تۇل قالغاندىن كېيىن، ئۆزى يالغۇز بېقىپ چوڭ قىلغان ئوغلى رىزانى يىگىتلىكىدە ئۆز ۋاقتىدا يېرىنى تارتىۋالغان تاغىسىنىڭ ئوغلى ئەلى يەر تالىشىپ ئۆلتۈرىۋىتىپمۇ قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچىرىمىغاندا غەزەبلىنىپ ئەلىلەرنىڭ ئۆيىگە ئوت قويۇپ، كېيىنكى كۈنلەردە ئەڭ داڭلىق قاراقچىدىنمۇ مەرگەن، يۈرەكلىك بوپ كەتكەن ئېراز ئانا!

مەمەت بىر ئۆمۈر قولىدا دەملەنگەن ھېلىقى قەھۋەنىڭ تەمىنى يەنە بىر تېتىش ئۈچۈنلا قەھۋە ئىچىدىغان، ئۆي، قازان بېشىدا قۇربانلىق بىرىدىغان ئانىلار جۈملىسىدىن بولغان بەكمۇ ھىممەتلىك، مىھرىبان قەمەر ئانا!

ئۇلار يېرىم كېچىلەردە كەلگەن مىھمانلار ئۈچۈنمۇ ئېرىنىڭ ”مىھمان كەلدى! ھازىرلىق تەييالا!“ دىگەن سۆزى بىلەن مىھمانلارغا دوستىخان سالدىغان ئاياللار، ”خائىنلارنى ئۆلتۈرىۋەت!“ دەپ ئىسيان قىلالايدىغان يۈرەكلىك ئاياللار، قەھرىماننىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن كېچىدە پوستتا تۇرۇپ بىرىدىغان ئاياللار، ۋاقتى كەلگەندە ئاياللىق پەم پاراسىتى بىلەن قەھرىماننى قۇتقۇزۇپ قالالايدىغان، بىر قەھرىمان ئۆلسە مىڭلارچە قەھرىماننى تۇغىدىغان ئاياللار!

خاتىمە

شۇنداق، ھېلىقى ئاكىمىز ئېيتقىندەك قەھرىمان بولۇش ئۈچۈن دىپلوم كەتمەيدۇ، پەقەت يېنىپ تۇرغان بىر يۈرەك بولسا كۇپايە!

زامان ھەربىرىمىزنى قەھرىمانلىق قىسسەلىرىنى پۈتۈشنى، يارىلانغاندىن كېيىن، پارچىلانغاندىن كېيىن پۈتۈنلىنىشنى ئۆگىتىۋاتىدۇ! قەھرىمان بولالمىساقمۇ، مەشئەل بولۇپ يانالمىساقمۇ مەيلى، بىراق، قەھرىمانلارنى بۆشۈكىدىلا تۇنجۇقتۇرىدىغانلاردىن، مەشئەلنى ئۆچۈرگۈچىلەردىن بولۇپ قالمايلى!

شۇنداق قىلىپ كىتاب توغۇرلۇق ئۇزۇندىن – ئۇزۇن بىلجىرلاشلىرىم تامام!

***************************

2019.02.08

 

تارقىتىڭ...
  1. يازمىلارنىڭ گۈلتاجى ،ھەقىقى قەھرىمان ئوبرازى ۋە ئاددىي تۇرمۇش ئىچىدە ئەمگىكى ۋە قوللاشلىرى بىلەن قەھرىمان يىتىشتۈرىدىغان ئانىلار ،ئاياللار ئوبرازى قالتىس جايىدا تەسۋىرلىنىپتۇ ،ھەقىقەتەن ئۇلۇغلۇق ئاددىيلىق ئىچىدە بۇلىدۇ ،ئاددىيلىقتىن باشلىنىدۇ ،ئۇلۇغ قەھرىمانمۇ ئەڭ ئالدى بىلەن گۆشتىن پۈتۈلگەن ئاددىي ئىنسان ،ئۇلارنىڭ قەھرىمانانە تەرەپلىرىنى مەدھىيلەش بىلەن بىرگە ،ئاددىي ئىنسانلاردا بۇلىدىغان ھەر بىر تەرەپلىرىنىمۇ قۇبۇل قىلىش كېرەك .بۇ يازمىنى يېنىشلاپ ئوقۇپ ،ھەر جاي ،ھەر ساھەدىكى باتۇرلۇق بىلەن ياشاۋاتقان چوڭ ۋە كىچىك نۇرغۇن قەھرىمانلارنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈردۈم ۋە ئىچىمدە نۆۋەتتە بىز ھەممىمىز زاماننىڭ قەھرىمانلىرى بىز دەپ خىتاپ قىلدىم .يازمىڭىزغا ئاپىرىن ❤️

  2. رەھمەت ☕️ بىر يازما ئېگىسى ئۈچۈن تۇيغۇلىرى، ئويلىرى بىلەن ئورتاقلىشالايدىغان ئوقۇرمىنىنىڭ بولىشىمۇ بەك خۇشاللىنارلىق ئىش، خۇش بولدۇم ✨

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

قەھرىمان

باش بەتكە قايتىمەن

© 2019 توكيو خاتىرىلىرى