چالىقۇشىدىن – مەمەتكىچە ۋە تۇرسۇنئاي ساقىم (3)

655 قېتىم ئوقۇلدى

ئالى مەكتەپنىڭ ھەممە ئۇيقۇغا كەتكەن تىمتاس ياتاقلىرىدا شامنىڭ غۇۋا يورۇقىدا نازۇك بارماقلار بىلەن ۋاراقلانغان بەتلەرگە ئاشكارىلىنىپ قالىدىغان خۇپىيانە سىرلىرىمىزغا، كىتاب ئوقۇيدىغان ھەر بىر قىزنىڭ تۇنجى مۇھەببەتتىكى نازۇك تۇيغۇلىرىغا، مەغرۇر سۆيگۈسىگە، غورۇرلۇق خاراكتىرىگە ھەمراھ بولۇپ كەلگەن، ھەممىلا قىزنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا، كىتاب ئىشكاۋىدا ئەتىۋارلاپ ساقلىشىغا مۇيەسسەر بولغان، ھېلىمۇ ھەم قولىمىزغا ئالساق يۈرىكىمىز يېنىك تىتىرەيدىغان بىر كىتاب، بىر گۈزەل ئوبراز بار، ئۇ بولسىمۇ – ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان رىشات نۇرى گۇنتېكىننىڭ بۇنىڭدىن ئازغىنە كەم بىر ئەسىر بۇرۇنقى يەنى، 1922-يىلى يازغان «چالىقۇشى»  رومانى.

بۈگۈن بىز  1978-يىلى روماننىڭ تەرجىمىسى بىلەن خەلقىمىزگە يىراقلاردىكى ئىنستانبۇل، ئاناتولىيەلەرنىڭ تونۇش ھېدلىرىنى تۇنجى ئېلىپ كىرگەن، «مەمەت ئاۋاق»، «ئۆكسۈش»،«ئېچىنىش»،«ئۇيقۇسىز كېچىلەر» قاتارلىق ئەدەبى تەرجىمىلىرى بىلەن يۈرىكىمىزدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان خەلقىمىزنىڭ نادىر خۇشپۇراق گۈلى، قەلبىمدە ھۆرمەت ۋە قايىللىق تۇيغۇلىرىنى ئويغاتقان پەخىرلىك خانىم – قىزلىرىمىزدىن بىرى مەرھۇم تۇرسۇنئاي ساقىم خانىمنىڭ ھاياتلىق كەچمىشلىرى ۋە ئەمگەكلىرى بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ ئۆتىمىز.

 

1936.05.24 ~ 2006.08.07

çalıkuşu jenerik – aytekin ataş

 

ئۆتكەن يىلىنىڭ بېشىدا كىتاب رەتلەۋىتىپ قولۇمغا چىقىپ قالغان، ھاياتىمدا ئەڭ كۆپ ئوقۇغان بۇ ئامراق رومانىمنى ۋاراقلاۋىتىپ قايتا ئوقۇۋىتىپ سالدىم.

نېمىسىنى دەي؟! تۇنجى قېتىم ئوقۇغان ۋاقتىم15-16 ياشلىق تولۇق ئوتتۇرا مەزگىلىم بولسا كېرەك… بۇ چاغلاردا ئانام -داداملار رومان ئوقۇشۇمنى چەكلىگەنسىرى «يىگىت دىگەن شۇنداق بولسا»، « تېڭىرقاپ قالغان قىز»، «ئاي يامغۇرى»… دۇنيا ئەدەبىياتى دىگەنلەرنى يوشۇرۇنچە تازا ئوقۇۋالاتتىم. ۋاي -راست، چالىقۇشىنىڭ گېپىنى قىلىۋاتاتتىم ھە ؟ ھە – ئەمدىلا15-16يېشىدا مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنمەيدىغان پەرىدەدەك مەنمۇ بۇ كىتابنى، پەرىدەنىڭ سەرسانچىلىقى ئىچىگە يوشۇرۇنغان تارىخى ئارقا كۆرۈنۈش، تۈركىيە جەمىئىتىنىڭ بىر ئەسىر ئاۋۋالقى نادانلىق، ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقىغا تولغان جەمىئيىتىنى، چالىقۇشىنىڭ سۆيگۈسىنى، ھەيرۇللابەي، ئىھسان بەي، ھاجى كالڧالاردىكى  تېپىلغۇسىز غەۋغاسىز ئادىمىيلىكىنى چۈشەنگۈدەك ياشتا ئەمەستىم. لېكىن، شۇ يېشىمدىلا ھەيرۇللا بەينىڭ ”ئەگەر كۆڭلۈمنىڭ رازىلىقىغا قارىسام، ساڭا فەرىدەدەك نادىر بىر قىزنى ئەمەس، ئۆيۈمدىكى مۈشۈكنىمۇ تاپشۇرمىغان بولاتتىم.“ دىگەن سۆزلىرىنى ھەر ھالدا چۈشىنەلەيتتىم. فەرىدەنىڭ خورازدىنمۇ قاچىدىغان ساختا تارتىنچاقلارغا ئوخشىمىغان ھالدا  شۇنچىلىك دادىل ھەم تېگىشلىك جايلاردىكى شۇنچىلىك تارتىنچاق مىجەزىنى ياقتۇراتتىم! نەزىرىمدە قىزلار ئەنە شۇنداق دادىل بولۇشقا تېگىشلىك ئورۇنلاردا دادىل، جاسارەتلىك بولۇشى، تېگىشلىك جايلاردا نۇمۇس ئۆزىنى بىلىشى كىرەك ئىدى. قىسقىسى، غەيرەتلىك، غورورلۇق، ئۆزگىچە پەرىدەنىڭ ئوبرازى ھېلىمۇ ھەم قەلبىمگەھەمراھ يارقىن بىر ئوبراز ئىدى. ھالبۇكى، بۇ قېتىم ئوقۇۋىتىپ تۇيغۇلىرىمنىڭ پەرىدەنىڭ پۈتكۈل تۇيغۇلىرى، ھەتتا، ئىچىدە بىر سۇنۇق باردەك سىرقىرىغان ۋۇجۇدىدىكى ئاغرىقلىرىدىن تارتىپ  پۈتۈنلەي بىرلىشىپ كەتكەنلىكىنى، كىتابنىڭ ئاپتۇرىنىڭلا ئەمەس تەرجىمىسىنى قىلغان تۇرسۇنئاي خانىمنىڭمۇ نەقەدەر نازۇك تەبىئەتلىك ئىنسان ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم.

مەمەت ئاۋاقنى ئوقۇۋىتىپ بۇ نوقتىنى يەنە بىر دەلىللىدىم. چۈنكى، ئەسەرنىڭ تىلى شۇ قەدەر گۈزەلكى، قىز -يىگىتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتمۇ، تەبىئەت تەسۋىرىمۇ، ئادەملەرنىڭ دىئالوگ ۋە ئىچكى ھىسياتلىرىمۇ شۇ قەدەر نازۇك، گۈزەل تىلدا بايان قلىنغان.

مەرھۇمە تۇرسۇنئاي سادىق خانىمنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرى، ئىچكى دۇنياسى ماڭا نامەلۇم، بىراق، خانىمنىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرىدىن مەرھۇمنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى چۇڭقۇر نازۇكلۇقنى، گۈزەل بىر قەلبنى، ئاياللاردىكى ئەڭ گۈزەل پەزىلەتتىن بىرى بولغان تىرىشچانلىقنى كۆرگەندەك بولدۇم.

بىر ئايالنىڭ خىزمەتتىن، ئائىلىدىكى مەسئۇلىيەتتىن، پەرزەنت ئالدىدىكى باش تارتماس مەجبۇرىيەتتىن، تۇرمۇشتىن ھالقىپ مۇشۇنچىۋالا كۆپ ئىلمىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىشى ئۈچۈن ھەممە شىرىن ئۇخلاۋاتقان چاغدىكى ئۇيقۇدىن، ئويۇن -كۈلكىدىن، تاماشالاردىن، بازار ئايلىنىشلاردىن… ۋاز كېچىشكە، خېلى كۆپ بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ. ھالبۇكى، مەندەك ئازدۇر – كۆپتۇر قەلەم بىلەن، تەرجىمە ئىشلىرى بىلەن ھەپىلىشىدىغانلار ئۈچۈن بۇ بەدەل خېلى چۈشىنىشلىك دەپ ئويلايمەن.

تۇرسۇنئاي ساقىم خانىمنىڭ ھاياتى ۋە ئەمگەكلىرى

 

ئەرلەر بىلىملىك بولغانسىرى كۈچلىنىدۇ، ئاياللار بىلىملىك بولغانسىرى  يۇمشايدۇ، قەلبى سەمىمىيلىك، ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن نۇرلىنىدۇ! بىلىملىك ۋە سەممىي ئاياللار خۇشپۇراق ئەتىرگۈل كەبى قەيەرگىلا بارسا شۇ يەردە خۇش ھىدلىرىنى تارىتىدۇ.

تۇرسۇنئاي ساقىم خانىم 1936-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۈرۈمچىدە دۇنياغا كەلگەن. 1953-يىلى 17 يېشىدا  نۇرغۇنلىغان داڭلىق ئايال شەخىسلەر تەربىيلىنىپ چىققان ئۇنتۇلماس مەرىپەت ئوچىقى  ئۈرۈمچى 2- قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ، بېيجىڭ مەركىزى رادىئو ئىستانىسىغا تەكلىپ قىلىنغان. (ئۇ زامانلاردا تولۇقنى پۈتتۈرۈپلا خىزمەتكە چۈشىدىغان بولغىيمىتى؟)  ئوقۇغۇچىلىق چاغلىرىدىن تارتىپلا تىرىشچان قىز تۇرسۇنئاي خانىم دىكتورلۇق خىزمىتىدىن سىرىت يەنە تۈركچە تەرجىمانلىق بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، ئۇيغۇر- تۈرك ئارىسىدىكى ئىككى خەلق ئارسىدا چۈشىنىشتىن ئىبارەت كۆۋرۈكلۈك رولنى ئۆتىگەن.

 

تۇرسۇنئاي ساقىم خانىم ھەمىمىزگە تونۇشلۇق بولغىنىدەك يىتۈك ئەدەبىي تەرجىمان ۋە ئىجتىھاتلىق تەتقىقاتچى بولغاندىن سىرت، خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى تۈركچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىنىڭ دىكتورى ۋە تەرجىمانى بولغانىكەن. (ئەپسۇس! مەن بىر قېتىممۇ ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن رادىئودىكى ئاۋازىنى) تۇرسۇنئاي ساقىم خانىمنىڭ «چالىقۇشى»، «مەمەت ئاۋاق»، «ئۆكسۈش»، «ئېچىنىش»، «جۇۋىلىق خانىم»، «ئۇيقۇسىز كېچىلەر»، «سۇسىز ياز»،قاتارلىق رومان ھەم پوۋېستلىرىدىن باشقا يەنە ئىلمىي ۋە تارىخىي ئەسەرلەردىن «قاراخانىيلارنىڭ دۆلەت تەشكىلاتى»، «بۈيۈك تىلشۇناس مەھمۇد كاشىغەرى»، «قۇتادغۇبىلىك تەتقىقاتى» قاتارلىقلار ۋە بىر قىسىم كىنو-فىلىم تەرجىمىلىرىمۇ بار. مەرھۇم خانىم يەنە 1992-يىلى تۈركىيە دۆلەتلىك فولكلور جەمئىيىتى تەرىپىدىن «تۈركىيە خەلقى بىلەن ئۇيغۇر خەلقى ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان شەخس» دېگەن شەرەپ گۇۋاھنامىسىگە نائىل بولغان. (مەرھۇمنىڭ باشقا شەرەپ تاختىلىرىدىكى ئۇنۋانلىرىنى تىلغا ئالمىدىم، قەلبىمىزدىكى گۈزەل ئورنىنى ئەڭ يۈكسەك شەرەپ گۇۋاھنامىسى دەپ بىلدىم.)

ئۇزاق زامان بىكىنمىچىلىك، ئاسارەت، خۇراپاتلىقتا ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۈچۈن ئىلم ۋە مەدەنىيەت ئىشىكىنى ئاچقان، ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىچىدە مەشئەل كەبى يانغان بۇ ھۆرمەتلىك  خانىم 2006-يىلى8-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۈرۈمچىدە 70 يېشىدا بىزدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، مەرھۇمنىڭ تاراتقان خۇش ھىدلىرى تا-بۈگۈنگىچە بىزدىن كەتمىدى. ھەتتا، بۇ خۇش ھىدلار كىيىنكى ئەۋلادلارغىمۇ يېتىپ بارغۇسى!

 

ئاخىرىدا، مەرھۇمە خانىمنى ۋە ئارىمىزدىن كەتكەن بارچە ھەق قەلەم ئىگىلىرىنى ھۆرمەت ۋە سېغىنىش بىلەن ئەسلەيمىز ھەم ئەڭ گۈزەل تېنچلىقلاردا بولىشىنى تىلەيمىز~🌿

 

***********************

رەيھان ئابلەت

2019.01.28

 

تارقىتىڭ...
  1. مەرھۇمە تۇرسۇنئاي ساقىم خانىمنىڭ ھاياتىدىن قىسقىچە چۈشەنچە بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.
    مۇ مەن بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇغان رومانلارنىڭ بىرسى. ئەينە ۋاقىتتا بۇۋام رەھمەتلىكمۇ ماڭا تۇنجى ئوقۇغىلى بەرگەن كىتاب شۇ ئىدى.

  2. ئەجرىڭىزگە رەھمەت، ئېسىل تېما بولۇپتۇ، شەخسەن مەن بۇ كىتابلارنىڭ تەرجىمانى بىلەن ناتۇنۇش ئىكەنمەن، بۇ يازما ئارقىلىق بىلىۋالدىم.

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

چالىقۇشىدىن

باش بەتكە قايتىمەن

© 2019 توكيو خاتىرىلىرى