مەمەت ئاۋاق ۋە ياشار كامال (2)

1,450 قېتىم ئوقۇلدى

ئادىمىيلىك ئۆلدىمۇ؟،-دىدىم.

ياق! ئۆلمىدى، ئۆلمىدى… ئەمما، بىر يەرلەردە قىسىلىپ قالدى ھەرھالدا،-دىدى.

نەلەردە قالدى، ئەجىبا؟

قۇشلارمۇ كەتتى…

ياشار كامال

بۈگۈن تۆت قىسىملىق كەڭ ھەجىمدىكى «مەمەت ئاۋاق» رومانىنى 32 يېشىدا يېزىپ چىققان، مۇشۇ رومانى بىلەن ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس پۈتۈن دۇنياغا تونۇلغان، ئەڭ موھىمى ھازىرقى مەندەك مۇشۇ بىركىچىككىنە يازمىنى تەييارلاش ئۈچۈن نەچچە كۈن ياپونچە، تۈركچە، ئۇيغۇرچە ماتىرياللاردىن ئىزدىنىپ، ھېلىمۇ ھەم كېچە 12:00 دىن ئاشقۇچە بىلوگىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان چالا قەلەم ئېگىسىنى ھەيران قالدۇرغان مەشھۇر يازغۇچى ياشاركامال ئەپەندىنىڭ ھاياتى ۋە ئەسەرلىرى بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ ئۆتىمىز.

 

1923.10.06  –  2015.02.28

 

Pera Classic’s – Kaybolan Yıllar

 

ياشار كامالنىڭ  ھاياتى

تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ تۇنجى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپات نامزاتى، «مەمەت ئاۋاق» رومانى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يۈرىكىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان مەشھۇر يازغۇچى ياشار كامال ئەپەندىنىڭ ئەسلى ئىسمى كامال سادىق گۈچەلى بولۇپ، 1923-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى ئەينى چاغلاردىكى ئەرمىنىستاننىڭ ۋان دېگەن يېرىدە بىر كۇرت ئائىلىسىدە  دۇنياغا كەلگەن. ئەينى چاغلاردا ئۇ زىمىنلار روسلارنىڭ ئىشغالىيىتىدە بولۇپ، شۇ سەۋەبلىك ياشار كامال ئائىلىسى تۈركىيەنىڭ ئوسمانىيە (ھازىرقى چوكوروۋا دىگەن يېرى) گە كۆچمەن بولۇپ بارغان ھەم ئۇ يەردىكى بىردىنبىر كۇرت ئائىلىسى بوپقالغان.

ياشار كامالنىڭ بالىلىق قەلبى ئۇنتۇلغۇسىز پاجىئەنىڭ يارىلىرى بىلەن تولغان. ئۇ ئەمدىلا  3~4 ياشقا تولغان يىللىرىدىكى بىر قۇربان ھېيت كۈنىدە دادىسى قۇربانلىق قوينى بوغۇزلاۋاتقىنىدا ۋەقە يۈز بېرىپ ئوڭ كۆزىدىن ئايرىلىپ قالغان، بۇ ئازابلىق ۋەقە يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، بەش ياش مەزگىلىدە كۆز ئالدىدىلا دادىسى ئۆگەي بالا يۈسۈپ تەرىپىدىن پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۇنتۇلماس قانلىق پاجىئەنىڭ شاھىدى بوپقالغان. مانا بۇ قورقۇنچلۇق كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ كىچىككىنە ياشار كامال كىكەچ بوپقالغان.

مانا مۇشۇنداق بالىلىق قەلبى ئېغىر جاراھەتلەرگە تولغان ياشار كامالدىكى كىكەچلىك تاكى 12 يېشىغىچە ئەسلىگە كىلەلمىگەن ھەم ھاياتى بويى قورقۇنچلۇق ئۆلۈم ۋەھىمىسىدىن قۇتۇلالمىغان، بۇ خىل ۋەھىمە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھەتتا، روماندىكى مەمەتنىڭ قەھرىمانلىق ھاياتىدىمۇ ئەكىس ئېتىدۇ.

ئەسلىدىلا بىركۈرت نەسلىدىن، بىراق تۈرك زىمىنىدا چوڭ بولغان ياشار كامال ئەينى يىللاردا ئانىسى بىلەن ئۆز تىلىدا يەنى، كۈرتچە پاراڭلىشىدۇ ھەم ئۆزىگە ئۆز تىلىنى، كىملىكىنى تونۇتقان ئانىسىغا رەھمىتىنى ئېيتىدۇ. ياشار كامال بالىلىقى تۈرلۈك قىيىنچىلىق، جاپالار ئىچىدە ئۆتىدۇ، ئۇ يەنە ئاۋام ئىچىدىكى خەل قوشاقلىرى، غەزەللىرى بىلەنلا ئۇچىرىشىپ قالماستىن ئاۋام خەلقنىڭ بىرسى بولۇپ ئۇلارنىڭ يۈرىكىدىكى نالىلىرىنىڭ شاھىدى بولۇپ ئۆسۈپ -يېتىلىدۇ ھەم ئۆز قەلمىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا يۇرتىغا بولغان سۆيگۈ، ئاۋام خەلقنىڭ ئازابلىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىدۇ، جۈملىدىن، ”مەمەت ئاۋاق“ رومانىدىكى ھۆرى ئانىنىڭ، مەمەتنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يېزىسىغا بولغان سېغىنىشلىرى، ناھەقچىلىكلەر ئالدىدا بوي ئەگمەس روھى، ئۆز خەلقىگە بولغان سۆيگۈسى تەسۋىرلەنگەن  قۇرلار يۈرەكنى لەرزىگە سالىدۇ.

بالىلىقى يارىلانغان، كىملىكى چەيلەنگەن ياشار كامال تەبىئەت ۋە ئىنساننىڭ ئەسلى تەبىئىتىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىتىشنى ئەڭ قورقۇنۇچلۇق ئۆلۈم دەپ قارايدۇ ھەم بۇ خىل قورقۇنچلۇق يوقىتىشقا قارشى تۇرۇشنى قەلىمنىڭ بۇرچى قىلىدۇ، يۈرىكىنىڭ بېغىشىغا قويىدۇ. بىر يېنىدا خەلقىنى، يەنە بىر يېنىدا ئىنسانىيلىقنى قويۇشنى ھايات ۋە ئىجادىيەتلىرىنىڭ مەنبەسى ھەم مىزانى قىلىدۇ.

مەمەت ئاۋاق

ياشار كامالنىڭ  ئەسەرلىرى

ياشار كامالنىڭ تۇنجى كىتابى «شېئىرلار توپلىمى» 1943-يىلى يەنى، 20 يېشىدىلا نەشىرقىلىنىدۇ، 1950- يىلى، يەنى 27 يېشىدا تۇنجى رومانى «بوۋاق»نى ، دۇنياۋى ئەسەر دەپ ئاتالغان مەشھۇر رومانى «مەمەت ئاۋاق» نى 1955- يىلى  32 يېشىدا يېزىپ چىقىدۇ. 1973-يىلى تۈرك ئەدەبىيات تارىخىدىكى تۇنجى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى نامزاتى بولىدۇ.

ياشار كامالنىڭ ھاياتى ۋە ئىددىيەسى بىلەن تېخىمۇ تونۇشماقچى بولغانلار يازغۇچىنىڭ  «ئارى تاغ ئەپسانىسى» دىگەن ئەسىرىنى ئوقۇپ چىقىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا «ياشار كامال ئەسەرلىرىدىن تاللانمىلار»،«يالغۇز قاناتلىق قۇش» قاتارلىق كىتابلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ. يازغۇچىنىڭ يۇقارقى رومانلىرىدىن باشقا يەنە «ئاددىي كىشىلەر»، «قارا يەر، قىزىل ئاسمان»، «ئاناتولىيە ئەپسانىسى»، «تۆمۈرچىلەر بازىرى»، «يىلاننى ئۆلتۈرسە» قاتارلىق 40 پارچىدىن ئارتۇق ئەسىرى بار.

ئارى تاغ ئەپسانىسى

ياشار كامالنىڭ ئىجادى ھاياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئىككى ھالقىلىق شەخسنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن. بىرى، 1950-يىلى ئىستانبۇلغا كۆچۈپ كەلگەندە، ئۇنىڭدىكى ئۇرغۇپ تۇرغان ئەدەبى تالانتنى بايقاپ، ئۇنىڭ ھاياتى ئۈچۈن يېڭى بىر بۇرۇلۇش نوقتىسى يارىتىپ بەرگەن كىشى – ئابىدىن دىمو.

يەنە بىرى، ئەينى چاغلاردا ئائىلىسى قىرغىنچىلىققا ئۇچىرىغان يەھۇدىي قىز، ئۆمۈرلۈك ھەمراھى – تىلدا كامال بولۇپ، تىلدا كامال خانىم  ئۇنىڭ ئەدەبى ئەسەرلىرىنى باشقا تىلغا تەرجىمە قىلىپ تېخىمۇ يۈكسىلىشى ئۈچۈن يول ئېچىپ بەرگەن.

ياشار كامال ھايات ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ تەرجىمھالىنى يېزىشنى ئارمان قىلغان، ئەپسۇس! ئۇ بۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالماي كېتىپ قالغان  بولسىمۇ، مەرھۇمنىڭ ھەر بىر ئەسىرى ئۇنىڭ ئۆلمەس تەرجىمھالى بولۇپ قالغان!

ئەڭ ئاخىرقى رومانى“يالغۇز قاناتلىق قۇش“

نادىر بىر يازغۇچىنى خەلق يېتىشتۈرىدۇ. روھىيتىنى ئۆز خەلقىنىڭ ئاھ – زارى ۋە خۇشاللىقى بىلەن بىرلەشتۈرەلىگەن، ئۆز خەلقىنىڭ سىرتقا چىقىرالمىغان نالىلىرىنى، ھەقنى يازالىغان قەلەم ئىگىسى خەلقىنىڭ روھى، مەدەنىيىتى، تارىخىنى ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا ئۇلايدىغان مۇقەددەس كۆۋرۈكلۈك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ.

شۇڭا دەيمەن، ھەقنى يازالمىغان قەلەمنى سۇندۇرىۋەت!

 

 

(ئاخىرىدا، تۈركچە بەزى تەپسىلاتلارنىڭ تەرجىمىسىدە ياردەمدە بولغان دوستۇم باھارغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن ~ ❤)

 

*******************************

رەيھان ئابلەت

2019.01.22

 

تارقىتىڭ...
  1. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! رەھمەت ! مەنمۇ ئۇيغۇر يازغانمىكىن دەپ ئويلاپتىكەنمەن چۈنكى تولۇق ئوقۇپ باقمىغانتىم… ئەمدى تولۇق بىر ئوقۇپ چىقسام بولغىدەك.. قەيەردە ئاسانراق تاپقىلى بولادۇ..

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

مەمەت

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى