«مەمەت ئاۋاق» رومانى ھەققىدە (1)

1,595 قېتىم ئوقۇلدى

 باش سۆز

 

ئىنسانىيلىقنى يوقىتىشقا ئۇچراتقان ھۆكۈمرانلار بىزنى ياراتقان تەبىئەتنىڭمۇ كۆز يېشىغا قارىمايتتى.

– ياشار كامال

 

Diriliş ertuğrul müzik

 

ئوغلۇم!
كەتمەكچىمۇسەن!؟
قاچماقچىمۇسەن!؟
مەمەت قاچقان «ھېلىقى يېزىغا»؟
ئابدى ئاغا يوق
چېقىر تىكەنلەريوق!؟

مەنمۇ كېتىپ باققان
خۇددى مەمەت كېتىپ باققاندەك
سېغىنىۋاتىمەن
خۇددى مەمەت «ۋاي ئانام!» دېگەندەك
…….

بىلەمسەن!؟
سەنمۇ قايتىپ كېلىسەن!
ئاشۇ چېقىر تىكەنلىك يېزاڭغا!
چۈنكى!
چۈشلىرىڭنىڭ سەرسانلىقى
ئاناڭنىڭ يىغىلىرى
سېنى چىللايدۇ
خۇددى
دۆنە مەمەتنى چىللىغاندەك!!!
ھامان سېغىنىسەن

ھامان تاپىسەن

يۈرۈكۈڭ تىكەنلەرگە سانجىلغان شۇ يىزاڭنى!

…….

Reyhan

2018. 02. 24

 

 

تەگسىز، چۇڭقۇر، نازۇك ئويلىرىم، قانداقلا قىلسام بېسىلمايۋاتقان ۋۇجۇدۇمدىكى ئاغرىقلارنى پەقەت يېزىش ئارقىلىق تەسكىنلىككە ئېرىشتۈرەلەيدىغان ئۇشبۇ قەلىمىمنىڭ قۇۋۋەتسىزلىكىنىڭ داۋاسى ئۈچۈن ئۆتكەن بىر يىلدا مەشھۇر ئەسەرلەر ھەم مەشھۇر قەلەم ئىگىلىرىنىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇلى بىلەن تونۇشۇشنى ئويلىدىم. شۇنىڭ بىلەن بىر قانچە دۇنياۋى ئەسەرلەر بىلەن ئۇچىرىشىشقا مۇيەسسەر بولدۇم.

ھاياتىمدا ئەڭ ھوزۇرلىنىپ تۇرۇپ ئوقۇغان، ئىچ – ئىچىمدىن ئاپتۇرنىڭ قەلىمى، قەلبى ۋە ئىستىداتىغا قايىللىق ۋە ھۆرمەت ئىچىدە ئوقۇپ تۈگەتكەن، ئەسەرنىڭ تىل گۈزەللىكى، تەبىئەت تەسۋىرى، پىرسوناژلىرىدىكى غەۋغاسىز ئادىمىيلىك، ۋەقەلىكلەرگە تەبىئى سىڭدۈرۈلگەن ئاجايىپ ئېسىل ھاياتلىق مەنتىقىلىرى بىلەن يۈرىكىمدىكى ئاغرىقلارغا دورا، كاللامدىكى تۈرلۈك مۇرەككەپ سۇئاللارغا جاۋاب تاپقان كىتابىمدىن بىرى- دەل دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەر« مەمەت ئاۋاق » رومانى بوپتۇ!

بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا، ئانچە – مۇنچە ئۇيغۇر تور بەتلىرىنى ئارىلاپ قويىدىغان مەزگىللىرىمدە يازمىلىرىنى بەك ياقتۇرىدىغان ئابدۇرەھىم ئابلەتخان ئىسىملىك بىر ئاكىمىزنىڭ «مەمەت ئاۋاق » رومانى توغۇرلۇق ماقالىسىنى ئوقۇغۇنۇم ئېسىمدە. بىراق، ئۇ چاغلاردا نادان ئوخشايمەن يۈرىكىمدىن ئوقۇمىدىممۇ تەپسىلاتى يادىمدا قالماپتۇ!

ئۆتكەن يىل بېشىدا ئوقۇۋېتىپ مۇھىم جۈملىلەر ھەم تەسىراتىمنى يېزىپ چىققان تېلىفۇنۇمنىڭ بۇزۇلۇپ قېلىشى ماڭا خېلىلا چوڭ يوقىتىش بولدى!

ئارىدىن تەخمىنەن بىر يىل ئۆتكەندە بۇ كىتاب توغۇرلۇق يېزىش ئۈچۈن ئەسلىمەمنى خېلى مالتىلاشقا توغرا كېلىدۇ. بىراق، ياقتۇرغان بۇ ئېسىل كىتاب توغۇرلۇق ئويلىرىمنى، تەسىراتىمنى ئاددى قەلىمىم ۋە بىلوگىمدا خاتىرە قالدۇرۇپ قويغۇم كەلدى.

ئويلىرىمنى بىر قانچە بۆلەككە بۆلۈپ شەرھىيلىمەكچىمەن. ئەسەرنى ئوقۇغان بارچە كىتابخانىلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئىستەيمەن.

باش سۆزۈمنى مەرھۇم يازغۇچى ياشار كامال ئەپەندى ھەم مەرھۇمە تەرجىمان تۇرسۇنئاي سادىق خانىمنىڭ ھاياتى ئەمگەكلىرى ھەم مەرھۇملارغا بولغان ھۆرمىتىم بىلەن باشلايمەن. بىزگە مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى، ئۆلمەس جەڭگىۋار روھنى، ھەققانىيەتچىل، ئىنسانپەرۋەرلىكنى، ئۈمىدنى مىراس قالدۇرغان ئېسىل روھلارنىڭ ئەبەدىل – ئەبەد ئەڭ گۈزەل تىنىچلىقتا بولىشىنى، بىزلەرگىمۇ كىيىنكلەر تەرىپىدىن ياد ئېتىلىدىغان ياخشىلىقلارغا سەۋەب بولغۇدەك ھايات تىلەيمەن!

 

**********************

رەيھان ئابلەت

2019.01.16

 

تارقىتىڭ...
  1. داۋامىغا تەشنامىز ھەدە!!!!

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

«مەمەت

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى