بىر دادىنىڭ قەلب تىۋىشلىرى (ئاۋازلىق)

1,490 قېتىم ئوقۇلدى

«بەرداشلىق بېرەلـمىگەن بولساق بۇ كۈنلەر يۈز بەرمەس ئىدى، دىمەك بىز بەرداشلىق بېرەلەيمىز». ئامانلىقنى بەرسە قىزىممۇ چوڭ بولىدۇ، بىزمۇ ئەڭ گۈزەل تۇرار جايلاردا جەم بولىمىز. ئۈمىد بىزدىن قاچىمەن دىسە مەيلى، مەن يەنە يېڭى ئۈمىدنى ھاسىل قىلىمەن. چۈنكى بۈ كۈنلەردە بىزگە بەكرەك كۈچ بولىدىغىنى، بۈگۈنگە تەقسىمات قىلىپ بېرىلگەن سەۋرنى بۈگۈنگە ئورۇنلاشقان توسالغۇ قىيىنچىلىققىلا سەرپ قىلىپ ياشاش بولدى، كەلـمىگەن كۈندىكى قورقۇنۇشقا بۈگۈنكى بىر كۈنلۈك سەۋرنى ئىسراپ قىلساق جەم بولۇش دەقىقىلىرى كۆزىمىزدىن كەلمەس يەرگە ئۇچۇپ كېتىشى مۇمكىن.

«بىر دادىنىڭ قەلب تىۋىشلىرى»دىن پارچە

مىكروفۇن ئالدىدا: بۇئايشەم

Bir dadining qelb tewishi

 

ھىسسىي ماختاشلاردىن خۇشال بولۇشتىن ھالقىپ كەتكەن كۆڭۈللەر يۈرەكتىن چىققان بىر ئېغىز سۆزدىن بەكرەك تەسكىن تاپاتتى. رىئاللىقتىن، ئادەملەردىكى مۇرەككەپلىكتىن، تۈرلۈك بىسىملاردىن چارچىغىنىمدا قەھۋەخانامدا بىر ئىستاكان قىززىق قەھۋە ۋە خاتىرەمگە چۆكۈۋالاتتىم. چارچىغان جىسمىمنى، ئاسانلا ئازابلارغا تۇتقۇن بولۇپ قالىدىغان يۈرىكىمنى  يوشۇرىۋالاتتىم، ئۆزۈمنى ئەنە شۇنداق جىمجىت داۋالايتتىم، ئۆز -ئۆزۈمگە يېقىنلىشاتتىم· ھېلىمۇ ھەم قەھۋەخانامدا تاشقى دۇنيانىڭ شاۋقۇنلىرىدىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ ئۇشبۇ يازمىنى تەييارلاۋاتىمەن….بارغانسىرى سىردىشىمغا ئايلىنىپ قىلىۋاتقان بىلوگىم بەك ۋاراڭ-چۇرۇڭغا تولغان ئاۋات سالۇنلاردەك بولمىسىمۇ، بىراق، يۈرەكتىن چىققان سەمىمى سادالار بار ئىدى، ئوقۇرمەنلىرىم ئوتتۇرسىدىكى تۇيغۇلاردىكى ئورتاقلىق يەنە قولۇمغا قەلەم ئالغۇدەك كۈچ بىرەتتى.

 

ئاخىرىدا قەلب تىۋىشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشقان ۋە ئۇنى ئوقۇپ ئەۋەتكەن دوستلىرىمىزغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن، مانا مۇشۇنداق سەمىمى تىۋىشلار بىلەن ئېغىر كۈنلەردىن بىرلىكتە ھالقىشلار، بىر -بىرىمىزگە كۈچ بولۇشلار نېسىپ بولغاي~❤

 

تارقىتىڭ...
  1. سۆزلەر دانىمۇ -دانە، بەكمۇ ياخشى ئوقۇلۇپتۇ، خۇددى مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانىسىسنىڭ دىكتورلىرىدەك ❤️

  2. بەكمۇ ھېسياتلىق ئوقۇلۇپتۇ ،ھازىرقى بۇ ھېسياتتا ئارتۇق نىمە دېيىشىمنى بىلەلمىدىم ،يېقىنلىرىدىن ۋاقىتلىق ئايرىلغان بارچە قېرىنداشلىرىمغا سەۋىر تىلەيمەن .

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

بىر

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى