ياپونلارنىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرى

3,354 قېتىم ئوقۇلدى

ئۇدا توققۇز يىل ھەر يىلى يازنى ئۇيغۇر بالىلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن ياپونىيە فۇكۇئوكا مائارىپ ئونۋىرىستىتى روھ ئىلمى پەنلەر پىروففىسورى ئىكارى كويىچى  (碇 浩一IKARI Koichi)  ئەپەندى ئۆز دۆلىتى ياپونىيەدەك باياشات بىر دۆلەتنىڭ بالىلىرىدىمۇ كۆرۈپ باقمىغان چاقناپ تۇرغان كۆزلەرنى، يۈرىكىدىن چىققان كۈلكىلەرنى ئۇيغۇر بالىلىرىدا كۆرگەن. ئۇ ئۇيغۇر بالىلىرىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دەيدۇ:

ئۇيغۇر بالىلىرى يۈرىكىدىن كۈلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەر بىر نەپىسى كۈلكە بىلەن يۇغۇرۇلغان، ئۇلار ھاياتلىقى ئۈچۈن كۈلەلەيدۇ، ئۇلارنىڭ ھاياتقا بولغان مىننەتدارلىقى يۈزلىرىدىكى تەبەسسۇمدا جىلۋىلەنگەن!

ئۇيغۇر بالىلىرى ئاچلىقتىن قوۋۇرغىلىرى كۆرۈنۈپ قالغۇدەك بىچارە بولمىسىمۇ، ھەر ھالدا ياپون بالىلىرىغا قارىغاندا ماددى جەھەتتىن تۆۋەن تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. لېكىن، ئۇلار شۇنچىلىك ئوچۇق – يورۇق، كۆتۈرەڭگۈ، ھەر قانداق بالىنىڭ كۆزلىرى چاقناپ تۇرىدۇ، ياخشى نىيەتلىك كېلىدۇ، تونۇمايدىغان بىزدەك چەتئەللىكلەر گەپ سورىسىمۇ مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ، ئۇ يەردە ناھايتىمۇ ساغلام بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

ئەمدى ياپوننىڭ بالىلىرىغا كەلسەك، ياپون بالىلىرى مەكتەپ تاشلايدۇ، بىر – بىرىنى بوزەك قىلىش، روھسىزلىق قاتارلىق نۇرغۇنلىغان مەسىللەردە قىينىلىدۇ، بۇ زادى نېمە ئۈچۈن ؟ – دەپ سۇئال قويىدۇ يوكوياما ئەپەندى.

 

Baliliq chaghlar- Ablajan Awut Ayup

 

يېقىندا، بىلوگىمنىڭ بىر سۆيۈملۈك ئوقۇرمىنى تەرىپىدىن تەۋسىيە قىلىنغان ئۇشبۇ كىتابنى ئوقۇپ چىقتىم ھەم مەلۇم تورداشنىڭ تەكلىۋى بىلەن كىتاب مەزمۇنىنى قىسقىچە كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشقۇم كەلدى.

خوش، بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت بىلوگىم ئارقىلىق ياپون پەرزەنت تەربىيەسى بىلەن ئۇچراشتۇق. بۈگۈن ياپونلارنىڭ كۆزىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرى ۋە ئۇيغۇر پەرزەنت تەربىيەسىگە قايتا نەزەر سېلىپ باقايلى.

 

كىتاب ھەققىدە

كىتابنىڭ ئىسمى: بوزەك قىلىنىش يوق بولغان بالىلار دۇنياسى

ئاپتۇرى:  رىزۋان ئابلىمىت ، يوكوياما ئاتزۇما

تۇنجى نەشىر قىلىنغان ۋاقتى: 1998-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى

ئوچۇق-يورۇق، ئاقكۆڭۈل ئۇيغۇر بالىلىرى

قىسقىچە مەزمۇنى

تەرەققى قىلغان، باياشات ياپون جەمئىيىتىنىڭ ئېتىراپ قىلمىسا بولمايدىغان قاراڭغۇ تەرىپىدىن بىرى بالىلارنىڭ بوزەك قىلىنىش سەۋەبىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش نىسبىتى يۇقىرى!  مائارىپچىلار، پىسخولوگلار بۇ خىل پاجىئەنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئائىلە ۋە مەكتەپ مائارىپىنىڭ مەجبۇرىيىتى ھەم سەۋەنلىكى بار دەپ قارايدۇ. يەرشارىنىڭ بىر بۇرجىكىدە ياشاۋاتقان تۇرمۇشى بەك باياشات بولمىسىمۇ كۆزلىرىدىن ھاياتلىق چاقناپ تۇرىدىغان، ھاياتقا بولغان سۆيگۈ ھەم جۇشقۇنلۇق يۈزلىرىدىكى تەبەسسۇمدا ئىپادىلەنگەن بۇ ئاجايىپ ھاياتى كۈچكە تولغان، ئۆز – ئارا بوزەك قىلىش ھەم قىلىنىشلار، مەكتەپتىن قېچىش يوق ھەم ئاساسەن يوق بولغان بالىلار دۇنياسىغا قىززىققان ھەم شۇ سەۋەبلىك تەتقىقات قىلىش نەتىجىسىدە ئۇشبۇ كىتابنى يېزىپ چىققان.

ئۇكىلىرىنى مىھىر بىلەن باقىدىغان ئۇيغۇر بالىلىرى

   كىتابتىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇش سۈرەتلىرى ھەم كىتابتىن قىسمەن پارچىلار

ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدىكى پەرزەنت تەربىيەسىدە ئانىلار بالىلارغا بەكرەك شەپقەتلىك، يەنى، ئانىلار بالىلىرى ئۆزلىرى بىر نەرسە يىيەلىگۈدەك بولغاندىمۇ چايناپ يىگۈزۈپ قويىدۇ، بالىلىرىنى ئىككى ياشقىچە ئېمىتىدۇ.

1998-يىلى ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ئاپىلىرى ئۈستىدە ئىختىيارى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغىنىدا60پىرسەنتتىن كۆپرەك ئاپىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ كەلگۈسىدە قانداق بىر ئادەم بولىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى جاۋابى بىردەك «سەمىمى، ئەقىللىق، چوڭلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئاتا – ئانىسىغا كۆيۈمچان، جەمىئەتكە ياراملىق ئادەم» بولىشى بولغان.

ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ تەربىيەسى پەقەت ئۆز ئاتا – ئانىلىرى تەرىپىدىنلا بولماستىن يەنە خۇلۇم – خوشىنلار، بەزىدە ھەم يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەر تەرىپىدىنمۇ بوپقالىدۇ، يەنى، پەرزەنت ئائىلىلا ئەمەس رايون، جەمىيەتمۇ ئۈستىگە ئالىدۇ·

بىراق، يېقىنقى زامانلاردىن بىرى بولۇپمۇ ئۈرۈمچىدەك چوڭ شەھەرلەردە «ئىسلاھات، ئېچىۋىتىش» لەر نىڭ تەسىرىدە يۇقارقى «چوڭ بولغاندا قانداق ئادەم بولىشىنى ئۈمىد قىلىسىز ؟» دىيىلگەن سۇئالغا بىرىلدىغان جاۋاب «زىيالى، جەمىئەتتە ئورنى بار ئادەم» دەيدىغان ئاتا – ئانىلارمۇ ئاز ئەمەس. شۇنىڭ بىلەن پەرزەنت تەربىيەسىنىڭ مەقسىتى «ئۆگىنىش قىلالايدىغان بالا» بوپقالغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ بالىلارنى پەقەت ئائىلىلا ئەمەس جەمىئەتمۇ تەربىيەلەيدىغان پەرزەنت تەربىيەسى ئەنئەنىسىمۇ سۇسلاپ كەتكەن.

ۋاقىت تاپسىلا پۇخادىن چىققۇچە ئوينايدىغان ئېجىل -ئىناق ئۇيغۇر بالىلار

ئۇكىلىرىنى بېقىشىپ بېرىدىغان، كىچىك بالىلارنى قوغداشنى بىلىدىغان ئۇيغۇر بالىلار

ئاتا -ئانىسىغا ۋاپادار، كۆيۈمچان ئۇيغۇر بالىلىرى

ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە كىچىكىدىن تارتىپلا ئائىلىنىڭ يۈكىنى تەڭ تارتىشىپ بېرىدىغان تىرىشچان ئۇيغۇر بالىلىرى

پۇخادىن چىققۇچە ئويناشنى بىلىدىغان، ئۇرۇشۇپ قالسا تىزلا ئىناقلىقىغا قايتىيالايدىغان دۇنياسى كەڭرى سۆيۈملۈك ئۇيغۇر بالىلىرى

بوۋا-مومىلىرى بىلەن بىللە تۇرىدىغان، ئۇلاردىكى مىھرىبانلىق، ھاياتقا بولغان دۇرۇس ئەقىدىلەردىن ئوزۇقلىنىپ چوڭ بولىدىغان ئۇيغۇر بالىلىرى

خاتىمە

يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ئاپتۇر ئۇيغۇر بالىلىرىدىكى ئاقكۆڭۈللۈك، ھاياتقا بولغان قىزغىنلىق، ئۇرغۇپ تۇرغان ھاياتى كۈچىنى دەل ئۇلارنىڭ چوڭ بولۇش مۇھىتى، يەنى، بوۋا -مومىلىرى، ئۇرۇق – تۇغقانلىرى بىلەن بىللە تۇرۇشى، كىچىكىدىن تارتىپلا ئۆزىنى بىر ئائىلە ئەزاسى سۈپىتىدە قاراپ ئائىلە يۈكىنى بىللە ئۈستىگە ئىلىشى، ئاتا – ئانىلىرىغا ياردەملىشىپ ئۆي ئىشلىرىدىن سىرىت ئۇكىلىرىغا مەسئۇل بولۇپ بېقىشلىرى، قىسقىسى تۇرمۇشنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلىكتە چۆكىشىدىن دەپ قارىغان.

بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋېتىپ ئۆزۈمنىڭ بالىلىقىغا چۆكتۈم. بىزدەك80- يىللاردا تۇغۇلغان بالىلار دەل بوۋا – مومىلىرىمىزنىڭ ئۆيىدە چوڭ بولغان، بالىلىقىمىزدىن تارتىپلا ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرەتتۇق، ئۇكىلىرىمىزنى باقاتتۇق، مەھەللىلەردە قىقاس – چۇقان كۆتۈرۈپ پۇخادىن چىققۇچە ئوينايتتۇق. كىتابتا تەسۋىرلەنگىنىدەك ئەلۋەتتە ئۇرۇشۇپمۇ قالاتتۇق، بىراق، ئاداۋەت بىردەملىكلا ئىدى… قىسقا كىيىم كەيسەك مەھەللىدىكى باشقا ئاپاشلاردىن تارتىپ نەسىھەت قىلاتتى.

خوش، بۈگۈنگە قايتساق ئاپتۇر تىلغا ئالغىنىدەك مۇتلەق كۆپ ئاتا – ئانىلارنىڭ پەرزەنت تەربىيەلەشتىكى مەقسەتلىرى ئۆزگەردى، بالىلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىمى بىلىملىك، ئورنى بار ئادەم بولىشىنى ئىستەيدىغان بولدى، ئەنئەنىۋى پەرزەنت تەربىيەسىدىكى بالىلارنى ئاتا – ئانىلىرىلا ئەمەس بوۋا -مومىلىرى، ئەھلى مەھەللىلەر ھەتتا، ناتونۇش كىشىلەرمۇ بىللە تەربىيەلەيدىغان زامانلاردىن ھالقىپ كېتىپ قالدۇق، جەمىئەتتىكى ئەخلاقسىزلىقلارغا كۆزىمىزنى يۇمۇۋىلىشنى «شەخسنىڭ تاللىشى، ئەركىنلىكى» دەيدىغان بولدۇق!

ئالدىمىزغا قويۇلغان تەخرسىز سۇئاللاردىن بىرى دەل ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن قايسى ئەنئەنىلەردىن ۋاز كېچىمىز قايسىلىرىنى چوقۇم جان بولسىلا ساقلاپ ماڭىمىز؟!

ھەر كۈنى ياپونلۇق بالىلار بىلەن ئۇچىرىشىپ تۇرىمەن، ئۇلار بىزنىڭ بالىلىرىمىزدىن پەرقلىق پەۋقۇلئاددە ئەقىللىق ئەمەس، بىراق، ئۇلار چوڭ بولغاندا نوبىل مۇكاپاتى ئالىدىغان، پارقىراپ تۇرغان بۇ دۆلىتىنىڭ خوجايىنلىرىغا، ياپون جەمىيىتىنىڭ زاپاس كۈچىگە ئايلىنىدۇ!

ھالبۇكى، بىزنىڭ ئاجايىپ ئەقىللىق، ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان چىرايلىق بالىلىرىمىزچۇ؟!

تۇنجى ئامېرىكان قارا تەنلىك ھوقۇق تەشەببۇسچىسى، مەشھۇر يازغۇچى فىدرىك دوگلاس ئېيتقىنىدەك، خاراب بولغان ئادەملەردىن كۈچلۈك بالىلارنى يېتىشتۈرمەك ئاسانراق.

يېڭى بىرتاڭ ھەر بىر ئائىلە ئەۋلاد تەربىيەسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغاندا، ھەر بىر ئىنسان ئۆز روھىيتىنى نۇرلاندۇرغاندا يېتىپ كېلىدۇ.☀

 

***********************

رەيھان ئابلەت

2019.01.06

 

تارقىتىڭ...
  1. ئۇيغۇر جەمىيىتىمىزدىمۇ بالىلارنىڭ بوزەك قىلىنىش مەسىلىلىرى بار، بەلكىم ياپونىيەگە قارىغاندا ئازراق بۇلىشى مۇمكىن. مەن ۋە ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن بالىلار شۇنداق مۇھىتتا چوڭ بولغان.

  2. يازمىرىلىڭىز بىر بىرىدىن ئىسىل ئىكەن !

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ياپونلارنىڭ

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى