توكيودىكى ئۇيغۇرلۇق

1,918 قېتىم ئوقۇلدى

فىۋرالنىڭ سوغۇقى ئىللىق تۇيۇلىدىغان بىر كېچىسى تۇنجى قېتىم توكيو زىمىنىغا قەدەم باستىم.

توكيونىڭ ئايروپىلاندىن چۈشسىلا ئوكسىگىن پۇراپ تۇرىدىغان نەم ھاۋاسى يامغۇردىن كېيىن تېخىمۇ ساپلىشىپ ئادەمگە يېقىملىق تۇيغۇ بېرەتتى.

ھېلىمۇ ھەم يادىمدا، توكيوغا كەلگەن تۇنجى يىللاردا مېنى بەك ھەيران قالدۇرىدىغان مۇنداق ئىشلار بار ئىدى.

 

 

Tarim  – Uyghur Tembur music

 

بىرى، فىۋرالنىڭ مۇزدەك كۈنلىرىدىمۇ قىزلارنىڭ ئەت پاچاققىلا كەيگەن قىسقا يوپكىسى، باشلانغۇچ، يەسلى  ئوغۇللىرىنىڭ قىسقا ئىشتىنى ئىدى.

ئىككىنجىسى، ئون نەچچە ياشلىق ئوغۇللاردىن تارتىپ40~50 ياش چامىسىدىكى ئەرلەرگىچە قېشىنى تېرىۋىلىشى ئىدى. 😌ھە -راست، يېقىندىلا تېخى مۇشۇ يېڭى كەلگەندە غەلىتىلىك ھېس قىلغان ئەرلەرنىڭ قاشلىرى يادىمغا كەپ قىلىپ ئەرلەرنىڭ قېشىغا دىققەت قىلىپ باقتىم! قىززىق يېرى، ئۇلار ھازىرمۇ قاشلىرىنى تېرىۋالىدىكەن، تېخى قايسى كۈنىلا تۈركەنئاينىڭ يەسلى پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا سىنىپىدىكى بىر ئوغۇلنىڭ قېشىنى ئاپىسى تېرىپ قويغىنىنى كۆردۈم. بىراق، ماڭا ھازىر بۇلارغەلىتە تۇيۇلمايدىغان، دىققەت قىلمايدىغان بوپقاپتىمەن.😉

ئۈچىنجىسى، قىزلارنىڭ مېتىرودا گىرىم قىلىشى ئىدى. ھازىرمۇ شۇنداقمىدۇ؟ بۇنداق ئىشلار نورمالدەكلا تۇيۇلىدىغان بوپقاپتۇ.
راست، يەنە بىر ھەيران قالغىنىم، شۇنداق چىرايلىق قىزلارنىڭ كىشىنىڭ كۆز ئالدىدىلا تاماكا چىكىشى ئىدى!

يېڭى كەلگەن مەزگىللەردە مانا مۇشۇنداق نۇرغۇنلىغان يېڭىلىقلار، يات مەدەنىيەت ئىچىدە يىتىرقاۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلاتتىم! ياپونلارنىڭ بىرەر پائالىيەت سورۇنلىرىغا بارسام ئۇيغۇرسىرايتتىم. بىرەرسى قەيەردىن كەلگەنلىكىمنى سورىسا كۆزلىرىمدىن غېرىبلىق ئۇچقۇندايتتى! ھەممە يەردىن، يىمەك -ئىچمەك، گۈل -چىچەكلەردىن، قۇشلاردىن، ھەتتا قاغىنىڭ ئاۋازى، مۈشۈكنىڭ مىياڭلاشلىرىدىن تارتىپ ۋەتەننىڭ ھىدلىرىنى ئىزدەيتتىم ، سېغىناتتىم!

 

ئارىمىزدا بەلكىم ئامېرىكىنىڭ ”Gap“ ناملىق كىنوسىنى كۆرگەنلەر بولىشى مۇمكىن.

ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ بىر قېتىملىق تەرجىمە ئىمتىھانىمىزغا مۇشۇ كىنونىڭ سىنارىيەسىدىن سۇئال چىقارماقچى بولغان باھانىسىدا مىڭ يىلدىمۇ كۆرمەيدىغان بۇ فىلىمنى كۆرۈشكە مەجبۇر بولۇپ قالدىم. بۇ ئالاھىدە ۋەقەلىكىمۇ يوق مەززىسىز كىنونى پات – پات ئەسكىمۇ ئەپ قالىمەن.  قىسقىچە مەزمۇنى مۇنداقراق، ئامېرىكىنىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى توكيوغا كىنو ئىشلەش ئۈچۈن قىسقا ۋاقىتلىق كېلىدۇ. ھەممىلا ئادەمنىڭ ئالقىشلىرى، شۇنچە ھەشەم ئىچىدىمۇ بۇ جانابى ئامېرىكىلىق مەدەنىيەت پەرقى، تىل، پىكىر قىلىش ئۇسۇلى جەھەتتىكى نۇرغۇنلىغان مەدەنىيەت بوشلۇقلىرى ئىچىدە شۇنچىلىك غېرىبسىنىدۇ ھەم تاساددىبى بىر پۇرسەتتە يولدىشى بىلەن ساياھەتكىمۇ ئەيتاۋۇر مەلۇم سەۋەب بىلەن توكيوغا كەلگەن بىر ئايال بىلەن تونۇشۇپ بۇ يات ماكاندىكى غىرىپچىلىقىغا ئۆز كۆڭۈللىرىدە تەسەللىي بەرگەن بولىدۇ.(بەك تەپسىلاتى ئېسىمدە يوق)

دىمەك، يات مەدەنىيەتلەر ئارىسىدىكى بوشلۇقلاردا دۇنيانىڭ ئەڭ ئەركىن پۇخرالىرىنىڭمۇ، ھەر قانداق قەۋمىنىڭ  كىملىكى يېتىمسىرايدۇ، غېرىبسىنىپ قالىدىغان چاغلىرى بولىدۇ. بۇ كەڭرىلىك، كۆپلۈك، ھەر خىللىق ئىچىدە ئۆزىنى تاپماق،  ئەسلى يۈزىنى كۆرمەك چوڭ  كۆل ئىچىدىكى بېلىقتىن بىرى بولماق ئۇنچىلىك ئاسانغا توختىمايدۇ!  كىملىكى يارا قەلىبلەرگە چاپلاغلىق سىز بىلەن مېنىڭ تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ!

شۇنداق! ئاتا-ئانىسىدىن، يۇرتىدىن ئايرىلىپ باقمىغان، ۋەتەندىن ئايرىلىش ھارپىسىدا ئاكىسىنىڭ ئالتە ئايلىق قىزى قورسىقى ئېچىپ كېتىپ يىغلىسا بالىغا يىگۈدەك بىرەر نەرسە بىرىشنىمۇ بىلمەي بوۋاق بىلەن تەڭ يىغلىغان بىر قىز يولدىشىدىن باشقا ھېچنىمىسى يوق ئەلدە تۇنجى ئانىلىقنىڭ ھەم ئېغىر ھەم ئۇلۇغ دەملىرىدە، تۇنجى بوۋىقىنى قولىغا ئېلىپ قانداق كۆتۈرۈشنىمۇ، بېقىشنىمۇ  بىلەلمەي تەمتىرىگەنلىرىدە، تۇرمۇشنىڭ ئۆزى بېسىپ باقمىغان نۇرغۇنلىغان غەلدى-غەشلىرىدە غېرىبسىنىدۇ! بۇ يات تۇپراقتا تىل ئۆتكىلىدىن، خىزمەت، تۇرمۇش ئۆتكىلىدىن ھالقىمىقى ئاسانغا توختىمايدۇ.

بۇ يىللىق نادىر فىلىم“ ېېشىل تاشلىق كىتاب“ دىكى شېرلىنىڭ يۈرىكىنى ھەر بىر ئۇيغۇر يۈرىكى چۈشىنەلەيدۇ.

 

شۇنداق بىر ياشاپ باقمىغان بىر كۈندە ياشاپ باققۇم كەلدى.
ئەزەلدىن چۈشۈپ باقمىغان ناتونۇش بېكەتتە چۈشۈپ، نىشانسىز، خەرىتىسىز قەدەملىرىم باشلىغان تەرەپكە مېڭىپ باقتىم. ئىككى سائەتلەرچە يۈرۈپ قەدەملىرىم ھارغاندىلا ئۆزۈمنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىمگە دىققەت قىلدىم. ئەزەلدىن كىرىپ باقمىغان ئاشخانىدا ئانچە بۇيرىتىپ كەتمەيدىغان ئىچىملىك بىلەن غىزالىنىش، ئۆزۈمگە بىرەر تال رەڭلىك قەلەم بىلەن كىتاب سوۋغا قىلىش، ھەر ۋاقىت گۈللەر ئۆكسىمەيدىغان قەبرىستانلىق، قەيەرگىلا بارسا تىنىچ، پاكىز مەھەللىلەر، ئىشىك ئالدىغا گۈل ئۆستۈرۈلگەن ئۆيلەر، يول بويىغا ئەپ قويۇلغان كىملەرنىڭدۇر چۈشۈپ قالغان پوپايكىسى···ھەممە – ھەممىدىن بۇ زىمىنغا يېڭى كەلگەندەك يېڭىچە تۇيغۇلارغا ئېرىشتىم.

سەكسەن ياشلىق موماي بولغىچە ياشىساممۇ بەرىبىر بۇ كىشىلەردىن بولالمايدىغان ئۆزۈمدە بۇ زىمىندىن، بۇ زىمىن ئىگىلىرىدىن يىتىرقاشلارنىڭ ئاللىقاچان نەلەرگىدۇر ئۇچۇپ كەتكەنلىكىنى، ئەكسىچە، مۇساپىرلىق ماركىسىدىكى بىچارە تۇيغۇلاردىن ھالقىيالىغىنىمنى، ئورنىنى ئىنسانى ئورتاق تۇيغۇلار، ئەسلى كىملىكىمدىكى غورور ۋە بىمالاللىقنىڭ ئىگەللىگەنلىكىنى، ھەتتا، بۇ زىمىن ئىگىلىرىنىڭ ھەر بىر تىنىچ، بەخىتلىك تۇرمۇش كارتىنىلىرىنى يىراقتىكى ئانا تۇپراقلاردىكى سۆيۈملۈكلەرگە قىسىنىدىغانلىقىمنى··· قىسقىسى، ناتونۇش شەھەرلەرگىلا ئەمەس ناتونۇش ئۆزۈمگىمۇ بارغانسىرى يېقىنلىشىۋاتقانلىقىمنى بايقىدىم.

رەيھاننىڭ ئۆزگىچە بىر كۈنىدىن خاتىرىلەر

2019. 01. 15

 

ئارىدىن يىللار ئۆتكەن بۈگۈنگە كەلگەندە ئۆزۈمنىڭ يىتىرقاشلاردىن، غىرىبسىنىشلاردىن، مەن مۇساپىر، بىچارىمەن دىگەن ماركىلاردىن ھالقىغانلىقىمنى بايقاپ قالدىم!

تېخى قايسى كۈنىلا خىزمەت ئىمتىھانىدا شىركەت دىرىكتورىنىڭ كىملىكىمنى سورىغىنىدا، كۆزلىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ ناھايتى ئۆزۈمگە ئىشەنگەن ھالدا ئۇيغۇرلىقىمنى ئېيتقىنىمدا، دىرىكتورنىڭ دەرھال مەندىن  ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىلاد بايرىمى، ئەرۋاھلار بايرىمى دىگەندەكلەرگە قانداق قارايدىغانلىقىمنى سورىغىنىدا، ئۆزۈمنىڭ ھېچقانداق غەلىتىلىك ھېس قىلمىغىنىمنى، ناھايتى تەبىئى ھالدا بىر ئىنساننىڭ يەنە بىر ئىنساننىڭ مەدەنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىشنىڭ ناھايتى ئەقەللىي بىر قائىدە ئىكەنلىكىنى دەۋاتقانلىقىمدا قارشى تەرەپنىڭ مەمنۇن بولغان تەبەسسۇمىنى كۆرگەنلىكىمنى، ئۆزۈمنىڭ بىر خىزمەت ئۈچۈنلا ئەمەس يۈرىكىمدىن بۇ سۆزنى ئېيتىۋاتقانلىقىنى، بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان ئۆزۈمنىڭ ئىككىنجى ۋەتىنىمنىمۇ سۆيىۋاتقانلىقىمنى، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى، خاراكتىرى، پەزىلىتى ھەم كەمچىللىكلىرىگىمۇ ھۆرمەت قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇرلىقىمغا بولغان ھۆرمەت ۋە سۆيگۈنىڭ ئىشىۋاتقانلىقىنى تېخىمۇ بايقىدىم!

چۈنكى، قىلچە مۇبالىغە قىلماستىن شۇنداق دىيەلەيتتىمكى، مەن ھازىر ھەر قانداق بىر سورۇندا ئۆزۈمنى بىر ئىنسان كەبى مەغرۇر ھەم بىمالال ھالەتتە كۆرەلەيتتىم! كىملىكىنى خۇدۇكسىرىمەستىن، يىتىرقىماستىن دەپ بېرەلەيتتىم!

شۇنداق، ئاخىرى مەن كۆپلۈك ئىچىدە، كەڭرى دۇنيادا، ھەر خىل مەدەنىيەت ئىچىدە ئۆزۈمنى كۆرۈشنى ئۆگەندىم. باشقىلارنىڭ مەدەنىيىتىگە، ئىنسانىيلىقىغا ھۆرمەت قىلىش بىلەن بىرگە كىملىكىم ھەم مەدەنىىيىتىمگە بولغان سۆيۈش تېخىمۇ ئاشتى… ئۆزۈم بىلەن ياشاۋاتقان بۇ زىمىندىكى يات مىللەتكە مۇھەببەت بىلەن قاراش بىلەن بىرگە بارچە مەۋجۇتلۇقۇمنىڭ قۇۋۋەت مەنبەسى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئانا زېىمىنىمنىڭ، سۆيۈملۈك، باتۇر، تېز پۈكمەس قەھرىمان خەلقىمنىڭ ئامانلىقى ۋە بەختىنىڭ بارچە چىن كۈلكەمنىڭ مەنىسى ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ تونۇپ يېتىۋاتىمەن.

 

چەتئەللەردە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ھەربىر ئۇيغۇر دائىملىق ئۇچراپ تۇرىدىغان «سىز كىم؟» دىگەن سۇئالغا بىچارىلەرچە بوينىنى قىسىپ ئەمەس غورۇر بىلەن «مەن ئۇيغۇر!»  دىيەلەيدىغان روھ بولسۇن ھەم بۇ روھنى كەلگۈسى ئۇيغۇرىمىزنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد قوشۇنىغا يەتكۈزسۇن!

ئاخىرىدا، بارچە قېرىنداشلىرىمنىڭ مۇبارەك ھېيتىنى يۈرىكىمدىن قۇتلۇقلايمەن، ھېيتىمىزغا مۇبارەك !💙

 

**************************

2019.06.04

رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...
  1. چارچىماڭ ناھايتى ياخشى يىزىپسىز، يازمىلىرىڭىز شۇنچىلىك تەبىئىي ،ھەر قىتىم ئوقۇغاندا شەخسىي ھىسياتىمنى شۇنچىلىك يۇرتۇپ بىرسىز ئوقۇسام بىرلىشپلا كىتمەن…بوپمۇ كۈندىلىك خاتىرىڭىزدىن ئالغان قىسمنى ئوقۇپ شۇنچىلىك سۆيۈندۈم….❤️ ، يازمىلىرىڭىز قىسقا ئخچام جانلىق ھىسياتىلىق ئشقىلىپ داۋاملىق ئنتىزار… چارچىماڭ قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن ، ئائلىڭىز سالامەت بولسۇن سىزنىڭ ھەم ھېيتىڭىز مۇبارەك بولسۇن!

  2. ئۇزۇن بوپتىكەن،ئارىلاپ-ئارىلاپ كۆرۈپ ھوزۇرلىنارمەن دەپ «توكيو خاتىرىلىرى» توربەت ئۇلانمىسىنى ساقلىغۇچقا سەپ قويۇپ كۆرۈشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى ۋە توردىكى ئۇچۇر پاخالچىلىقى تۈپەيلى دەپ باھانە تاپتىم بۇ ئۇنۇتقاقلىقىمغا. قايسى بىر كۈنى بۆلۈمىمىزنىڭ كاتىپى :-سەن كىتىشىڭ ئىنىق بولمىغاندىكىن، مۇشۇ يەردە ئىشلەپلا قالساڭ بولمامدۇ، قانداق قارايسەن ؟ – دەپ سوراپ قالدى.
    مەن تەبىيلا :- دىمىسىمۇ راست ھە، بىزمۇ بۇ تۆت يىلنىڭزى كۆپچىلىك بىر ئائىلە كىشىلىرىدەكلا بوپ قالدۇق…-دەپتىمەن. ئويلاپ باقسام، يىڭى كەلگەن مەزگىللەردە شۇنچىلىك غىرىپلىق ھىس قىلغانلىرىم، ھەر كۈنى بۆلۈمدىن بالدۇرراق كەتكىم كىلىشلىرى، ماڭا شۇنچە يىقىنچىلىق قىلىپ، ياردەملەرنى قىلسىمۇ، يەنىلا يالغۇزسىراشلىرىم، شۇلارنىڭ ئارىسىغا سىڭىپ كىرەي دەپمۇ يەنە سىڭىشەلمىگەنلىرىم، مانا ئەمدىلىكتە باشقا بىر قەۋمنى، پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان بىر مەدەنىيەت ئىگىسىنى تەبىيلا بىر ئائىلە كىشىلىرى دەپ قارايدىغان، غىرىپلىقلىرىم، يالغۇزسىراشلار قەيەلەرگىدۇر غايىپ بولغاندەك تۇراتتى.
    قىززىق ھە، ئەجەبا مەنمۇ بىلىپ بىلمەي بۇ جاينى سۆيۈپ قالغاندىمەنمۇ؟
    -سەزگىن

    • ماڭىمۇ ئەسىرلەر بوپتىكەن خاتىرەمنى ئېچىپ باقمىغىنىمغا، بۈگۈن كۆڭلۈم تۇيىغاندەك ئېچىپ تىتىملىق ئىنكاستىن سۆيۈندۈم !
      قارىغاندا يۈرەكتىن يازغاننى يۈرەكتىن ئوقۇيدىغان، تۇيغۇلاردا ئورتاقلىشالايدىغان ئوقۇرمىنى بولمىسا يازغۇسى كەلمەمدۇ نېمە ئادەمنىڭ؟ !(^ν^)
      بىز ھېلىمۇ ياخشى ئادىمىيلىكى بار، سەمىمى بىر قەۋم ئىچىدە ياشاۋاتىمىز، شۈكۈرلەر بولسۇن !
      ئەلۋەتتە، ھەر كۈنى مېدىئالارغا چىقىپ تۇرىدىغان ۋەقەلەر، جەمىئەتنىڭ قاراڭغۇ تەرىپى، ناچار ئادەملەر بولسىمۇ بىز دىققىتىمىزنى جەمىئەتنىڭ ئىلغار، يورۇق تەرەپلىرىگە بەرسەك بۇلاردىن، بۇ جايدىن ئالىدىغانلىرىمىزمۇ ئۇلغىيىدۇ·
      كائىناتنىڭ نەرىدە ياشايلى ئىگىمىزنىڭ مۇھەببەتلىك ئىنسانلىرى بىلەن ياشاش نېسىپ بولسۇن ! بۇ ئىككىنجى ۋەتىنىمىزنىمۇ سۆيۈپ قالايلى~
      ھاھاھا مەنمۇ رومان يېزىۋەتتىم مانا !( ◠‿◠ )
      خەيرىلىك كەچ ✨

  3. مەن ئىچكىردىكى ئالىي مەكتەو ئوقۇش جەريانىدىمۇ شۇنداق ئۆينى سىغنىمەن ،ۋەتەدىن ئايرىلىپ قەتتى تونۇشمايدىغان بىر دۆلەتتە ياشاشنىڭ قانچلىك قىيىنلىقنى ھىس قىلغىلى بولىدۇ ،جاپا چەكتىڭىز ھەدە.ئۆزۈمدىن چوڭ بولغاچقا ھەدە دەۋەردىم

  4. بۇ ئەسەرنى بەكلا بۇرۇن ئوقۇپتىكەنمەن،سۆزلىرى ناھايىتى تەبىئى،ھەم يەڭگىل ،ئابىستىراكىت ئۇقۇم يوق،قەلىمىڭىز ھارمىغاي

Reyhan ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

توكيودىكى

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى