ياپونلاردىكى مىننەتدارلىق تۇيغۇسىدىن ئۆزىمىزگە نەزەر

1,856 قېتىم ئوقۇلدى

يېقىندا قاتناشقان يەسلى – باشلانغۇچنىڭ «مىننەتدارلىقنى بىلدۈرۈش پائالىيىتى» مېنى بىز ئۇيغۇرلار بىلەن ياپونلاردىكى مىننەتدارلىق ئېڭى ھەققىدە قايتا بىر ئويلاندۇردى.

ياپونلار ئوموميۈزلۈك نوقتىدىن قارىغاندا ئادىمىيلىك ساپاسى يۇقىرى مىللەت. بۇلارنىڭ مۇقىم دىنى بولمىغىنى بىلەن ئىتىقادى بار، مۇھەببەتلىك بىر مىللەت! ياپونلار دۇنيانىڭ كۆزىدە «خىزمەت ئۈچۈن يارالغانلار!» ھېسابلانسىمۇ ئۆيلەرنىڭ ئالدىدىكى چىرايلىق گۈللەر، يېشىلچىلىق بىلەن بىزەلگەن ئىللىق ھويلىلار، ھېچقاچان ئادەمدىن ھۈركىمەيدىغان ئۇچار – قاناتلار، ئۇلارنىڭ ھەر بىر رىسىقلىرى، ئۆزىگە كەلگەن كىچىككىنە ياخشىلىق ئۈچۈنمۇ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈشلىرى… بۇ مىللەتنىڭ ئەڭ ئېغىر كۈنلىرىدىمۇ روھىنى پۈتۈن قىلغان ئامىلدىن بىرى بولسا كېرەك!

A Beautiful Story – Daveed

 

2011-يىلدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە بىر تال ئونىگىرىنى تۆت ئادەم بىللە يىگەن خەۋەرلەرنى تېلۋىزوردا ئاڭلاپ تەسىرلىنىۋاتقان، ھەتتا، ئۆيىمىزنىڭ ئەتراپىدىكى ماگزىنلاردا گۈرۈچ قاتارلىق ئاشلىقلارنى سېتىۋىلىش ئۈچۈن باشقىلارنى ئويلىشىپ پەقەت بىر خالتىلا سېتىۋىلىۋاتقان پەيتلەردە، چوڭ قۇرۇقلۇقتا تۇز قەھەتچىلىكىدەك بۇلاڭ – تالاڭغا چۈشكەنلىكى   كۆزى، روھى توق كىشىلەرنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا روشەن مىسال بولالايدۇ.

بىز ئۇيغۇرلار مىننەتدارلىق تۇيغۇمىز يۇقىرى مۇھەببەتلىك بىر مىللەت بولساقمۇ، بۇ خىل گۈزەل تۇيغۇ، ئەقىدىلەر تېخى ياپون جەمىيىتىدەك  مائارىپتىن تارتىپ سىڭدۈرۈلگىنى يوق! بىز ئاتا -ئانىمىزنى، قېرىنداشلىرىمىزنى، سۆيگەنلىرىمىزنى پەقەت قەلبىمىزدە سۆيدۇق – يۇ، ياپون مائارىپىدا تەربىيەلەنگەن بالىلارچىلىك ساۋادىمىز چىققاندىن تارتىپ «مېنى بېقىپ چوڭ قىلغىنىڭغا رەھمەت، سېنى بىر ئۆمۈر سۆيمەن ئانا! سېنى سۆيىمەن دادا!» دەپ مىننەتدارلىقىمىزنى ئىپادىلەيدىغان خەتلەرنى ئۇلارغا سۇنۇپ باقمىدۇق، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە قاراپ مۇھەببىتىمىزنى سۆزلەپ باقمىدۇق! ھېچقاچان ھاياتىمىزغا مەنا بەرگەن، بىزگە نۇرغۇنلىغان ھەقىقەتلەرنى تونۇتقان، ھاياتىمىزنىڭ بۇرۇلۇش نوقتىسى بولۇپ قالغان ساناقلىق كىشىلىرىمىزگە «ھاياتىمدا سىز بىلەن تونۇشقىنىمدىن تولىمۇ مىننەتدارمەن! سىز بىلەن ھاياتىم تېخىمۇ گۈزەل مەنالارغا تولدى» دەپ باقمىدۇق!

تۆۋەندىكىسى مىننەتدارلىق ھەققىدىكى گۈزەل قۇرلار. بۇلارنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن كىملەرگە مىننەتدارلىقىڭىزنى بىلدۈرمەكچى سىز؟

ئاپا، شۇنچىلىك ئالدىراش تۇرۇپ ھەر كۈنى يەسلىگە ئالغىلى كەلگىنىڭىزگە رەھمەت! (مەكتەپكە كىرمىگەن مومىيىمنىڭ يازغان مىننەتدارلىق خېتى)

 

مىننەتدارلىقىڭىزنى يەتكۈزۈشكە تېگىشلىك ئادەملىرىڭىزگە ۋاقتىدا ئېيتىۋالمىسىڭىز ھامان بىر كۈنى چوقۇم پۇشايمان ھەسرىتىنى چېكىپ قالىسىز.

💌

تۇرمۇشىڭىزدىن ، ئۆزىڭىزدىن، ئەتراپىڭىزدىن مىننەتدار بولۇشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئىزدەپ كۆرۈڭ. ماڭالايسىز، كۆرەلەيسىز، ئاڭلىيالايسىز، سۆزلىيەلەيسىز شۇنداقمۇ؟ دۇنيادا مۇشۇنچىلىك بەخىتكىمۇ ئېرىشەلمەيۋاتقان ئادەملەر كۇرمىڭ.

― 美輪明宏

💌

بەك قالتىس ئادەملەردىن بوپكەتمىسىڭىزمۇ مەيلى! بىراق، باشقىلاردىن مىننەتدار بولۇشنى بىلىدىغان، سەممىميلىك بىلەن رەھمەت ئېيتالايدىغان ئادەم بولمىسىڭىز بولمايدۇ!

― 辻仁成

💌

رەھمىتىڭىزنى ئېيتماقچى بولسىڭىز دەل ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا ئېيتىڭ! يەنە پۇرسىتىڭىز بولمايدۇ! پۇشايماننى ياقتۇرمىسىڭىز ئاغزىڭىزنى ئېچىپ ئاۋازىڭىزنى چىقىرىڭ! قارشى تەرەپكە مىننەتدارلىقىڭىزنى بىلدۈرۈڭ! قارشى تەرەپمۇ، سىزمۇ تەبەسسۇمغا چۆكىسىلەر، قەلبىڭلاردا ھەسەن – ھۈسەن پارلايدۇ.

💌

يامانلىقىم ئۆزۈمدىن، ياخشىلىقلار باشقىلارنىڭ ھىممىتىدىن.

– IKKO

💌

«رەھمەت » دەپ مىننەتدارلىقىنى يەتكۈزەلەيدىغان، «كەچۈرۈڭ » دەپ ئۆز خاتالىقىنى تونۇيالايدىغان، يالغان سۆزلىمەيدىغان سەمىمى ئادەملەردىن بولۇڭ.

いかりや長介

💌

چىن يۈرىكىڭىزدىن چىقىرىپ ئېيتىلغان « رەھمەت!» دىگەن شۇ بىر ئېغىز سۆزنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭغا يېتىدىغان باشقا سۆز يوق. بارچە كىشىلەرنى بەخىتكە چىللايدىغان سىھىرلىك سۆز  بار دىيىلسە – ئۇ بولسىمۇ رەھمەت دىگەن بىر ئېغىز سۆز. پەقەت يۈرىكىدىلا رەھمەت ئېيتىش ھەقىقى مىننەتدارلىق ھېسابلانمايدۇ. مىننەتدارلىقىڭىزنى ئەمەلىي ھەركىتىڭىز بىلەن ئىپادىلەڭ.

– سېرىۋانتىس 

💌

قاقشاش بارچە روھى بېسىملار ۋە بەخىتسىزلىكنىڭ، مىننەتدارلىق – ئېنىرگىيەنىڭ مەنبەسى. سىزگە ئاجىزلىقىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان، ئېيتىپ بېرەلەيدىغان كىشىنىڭ بارلىقىغا مىننەتدار بولۇڭ. ئېيتمىسىمۇ يەتكۈزگىلى بولىدىغۇ ئەمەس، چوقۇم رەھمىتىڭىزنى، مىننەتدارلىقىڭىزنى، سۆيگۈڭىزنى سۆز بىلەن ئىپادىلەڭ! سۆزدە روھنىڭ ئاۋازى ھەم قۇدىرەت بار!❤

ياراتقۇچىدىن، ئاتا -ئانىلىرىمىزدىن، سۆيگەنلىرىمىزدىن، قۇياش نۇرىدىن، ھەر بىر ئېرىشكەنلىرىمىزدىن، ھەر بىر نەپسىمىزدىن  مىننەتدار بولۇش ھەم ئۇنى دەل ۋاقتىدا ئىپادىلەش – بىزنى بۇ دۇنيادىكى روھى جەننىتىمىزگە باشلايدۇ.

بۇ سۆزلەرنى سىزگىلا ئەمەس، ئۆزۈمگىمۇ ھەم دىدىم~❤

***************************

ئەقىلىيە سۆزلەر“ قەلب قېزىش“ تور بېتىدىن تەرجىمە قېلىنىدى.

رەيھان

  1. ياخشى يىزىپسىز! بىزدە ھازىر سىزگە ئوخشاش رىئاللىققا يىقىن چىن بولغان سۆزلەرنى يازدىغانلار ئاز كۆپۈنچە باشقىلارنىڭ يازمىلىرنى جۇغلاپ ئۆزنىڭ قارشىنى قوشۇپ نەزىريە سۆزلەيدىغان كۆپرەك، باشقىلارنىڭ دەپ بولغىننى نەزىريەلەشتۈرۈپ ئۆزىمۇ قىلالمايدىغان ئشلارنى سۆزلەيدۇ… لىكىن سىزگە ئوخشاش قىسقا ئخچام مىغىزلىق رىئاللىققا يىقىن ھەركىشى ئۇيلىغان لىكىن قىلماۋاتقان ۋە ياكى قانداق قىلىشنى بۈلمەيۋاتقان ، مەسىللەرنى يازسىمۇ بولدىكەنغۇ ۋاقىتمۇ كۆپ كەتمەيدۇ…! ماڭا ياقتى رەھمەت. ،جاپا چەكتىڭىز، سالامەت بولۇڭ،… تىخىمۇ ياخشى تىمىلارنىڭ يىزىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلمەن..

  2. ئەگەردە شارائىت بولۇپ بۇلارنى ئاۋازلىق چىقارسا تىخىمۇ گزەل بولاتتى..

  3. پايدىللىنىش قىممىتى بەك يوقىرى بولغان ئەسەر ئىكەن.
    قەلىمىڭىز تېخىمۇ ئۆتكۈر بولسۇن !

    رەھمەت

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ياپونلاردىكى

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى