مېنى يوقاتساڭ…

1,101 قېتىم ئوقۇلدى

君の詩 ビリーバンバン

 

مىنى يوقاتساڭ…

ھەر بىر ھەسرىتىڭنى تۇيۇپ قالدىغان، يارىلىرىڭنىڭ ئاغرىقىغا ئۆزۈڭدىنمۇ بەكرەك چىدىماي قالىدىغان مېنى يوقاتساڭ…بەك چوڭ يوقاتقان بولىسەن!

ئويلا، يۈزلىرىڭدە جىلۋىلەنگەن بەختىڭنىڭ جۆرچىلىرى كۆپ بولغىنى بىلەن، كىشىگە تۇيدۇرمايدىغان ھەسرەتلىرىڭنىڭ شىرىكلىرىدىن      قانچىسى بولماقچىدى بۇ دۇنيادا؟!

ھەر بىر تۇيغۇلۇرىڭنى تىڭشىيالايدىغان، دۇنيادىكى بارچە ئىنسانلارنىڭ كۆزلىرى كۆرۈشكە ئاجىزىلىق قىلىدىغان روھىڭنىڭ قات – قېتىدىكى تال – تال گۈزەل نۇرلىرىڭنى كۆرەلەيدىغان، ھەتتا ئۇنىڭدىن ئۆز سىماسىنى تاپالايدىغان مېنى يوقاتساڭ… بەك چوڭ يوقاتقان بولىسەن!

ئويلا، شۇنچە كىشىلەر ئارىسىدا چىھرىڭگە چۈشكەن قورۇقلارغىلا دىققەت قىلىدىغان ئادەملەر كۆپ بولغىنى بىلەن ھەر بىر سېزىقچىلارغا سىڭگەن يېقىملىق ئىزنالىرىڭنى بايقىيالايدىغان، شۇنچە كۆپ ھاياتلىق مىسرالىرىڭ ئىچىدىن روھىڭنىڭ سۈزۈك، نازۇك، چۇڭقۇرلىقى سىڭگەن شۇ مسراسيىڭنى تاپالايدىغان،روھىڭ قوشۇلۇپ كېتەلەيدىغان روھتىن يەنە قانچىسى بولماقچى ئىدى بۇ دۇنيادا؟!

*

كۆپكۆك ئاسمانغا ئوخشايتتىڭ،

ئەجىبا، ئاسمىنىمنىڭ رەڭگى خۇنۇكلەشسە        يۇلتۇزلارنىڭ ئۆچىدىغانلىقىنى ئېسىڭدىن چىقاردىڭمۇ ئەخمەق؟!

روھنى تىتىرىدىغان ئاجايىپ مۇڭلۇق كۈيگە ئوخشايتتىڭ،

ئەجىبا، پەرۋاسىز ئۇدارلىرىڭنى تىڭشاشقامادارىم يەتمەيدىغانلىقىنى بىلەلمىدىڭمۇ  ئەخمەق؟!

مەن ئەزەلدىن ئوقۇپ باقمىغان، ھاياتىمدا تۇنجى رەت چۈشىنىپ باققان شېئىرغا ئوخشايتتىڭ،

ئەجىبا، ئىچىڭنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ نازۇك ئەشۇ شېئىرىڭنى يالغان سۆزلەر بىلەن پەردازلىساڭ، ئوقۇمايلا ئۆتۈپ كېتىدىغىنمنى بىلمەمتىڭ ئەخمەق؟!

*

مەن سېنىلا ئەمەس، سەنمۇ ھەم  مېنى يوقاتساڭ، بەك چوڭ يوقاتقان بولىمىز…

 قولۇمنى چىڭ تۇت! ھاياتنىڭ بۇ قىيىن ئۆتكەللىرىدە ماڭا سەن، ساڭا مەن كېرەك! ئېسىڭدە تۇت، سېنى ماڭا ئۇچراشتۇرغان، ماڭا سېنى ئۇچراشتۇرغان ئاشۇ بىكەتتە بىزمەڭگۈ تۇرۇپ قالىمىز…

كۆپكۆك ئاسمانغا قاراپ ئىسمىڭنى چاقىردىم… قۇلاقلىرىم، ياق! روھىم كۈيۈڭنى  تىڭشىماقتا…

 

***************

رەيھان ئابلەت

2019. 04. 05

 

تارقىتىڭ...
  1. بەك ياخشى يىزىپىز سىزنى تۇنىمايمەن لىكىن سىزنىڭ بىر ئزچىل ئو قۇرمىنىڭىز خالاس….! يازمىلىرىڭىز قىسقا مەناسى چوڭقۇر ، ئختيارسىز ئۇيغا سالدۇ ئۇنىڭ ئۈستىگە قىسقا ، ياقتۇرسا يەنە قايتا ئۇقسا بولدۇ… رىئاللىققا يىقىن..ھازىر كۆپچىلىك مەزمۇنىغا ئەمە ھەجىمىگە كۆپ قارايدۇ…بۇ كىيىنكى يازمىڭىز مىنىڭ ھازىرقى ھىسياتىمغا چۈپلا قالغاندەك….ياخشى ئسىل داۋاملىق چىقىرىڭ چارچىماڭ…☕️

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

مېنى

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى