بالىڭىز مەكتەپكە كىرگەن تۇنجى كۈنى

1,945 قېتىم ئوقۇلدى

بۇ دۇنيا تېخىمۇ نادىر ئادەم بولۇش پۇرستىنى كۆپلەپ يارىتىپ بېرىدىغان ئۇلۇغ مەكتەپ!

سۇۋامى شىباناندا

مەكتەپ ھاياتىڭىز باشلانغان ئاشۇ تۇنجى كۈن ئېسىڭىزدىمۇ؟ شەخسەن مەن مەكتەپكە كىرگەن تۇنجى كۈنۈمنى ئانچە ئېنىق ئەسلىيەلمەيمەن! ئاكىلىرىمغا ئەگىشىپ مەكتەپكە بارىمەن دىسەم ئانام تىزىملاتقىلى ئاپارغىنىدا مېنى بەك كىچىككەن دىگىنى ئېسىمدە… شۇ چاغلاردا ئەمدىلا بەش ياش ئىدىم، ئاكامنىڭ ئېلىپبە ئۈگەتكەنلىرىنى، شۇ يىلى تىرىشىپ ئۈچتە ياخشى بولغىنىمنى ئەسلىيەلەيمەن.

ياپوندا 4-ئايدا يېڭى ماۋسۇم، يېڭى ئىش يىلى باشلىنىدۇ. قايسى كۈنىلا تۇغۇلغان قىزىم تۈركەنئاي ھەش-پەش دىگۈچە مەكتەپ ھاياتىنى باشلايدۇ، قىزىمنىڭ مەكتەپكە كىرگەن تۇنجى كۈنى نېمىلەرنى قىلىشىم كېرەك؟ ئاتا-ئانىلار قانداق قىلغاندا بالىنىڭ ھاياتىنىڭ بۇ يېڭى باسقۇچىنى ئۇنتۇلماس بىر گۈزەل ئەسلىمىگە تولغان كۈن قىلىپ بىرەلەيدۇ؟

دەل مۇشۇ پەيتتە، داۋاملىق ۋاراقلاپ تۇرىدىغان تور بەتتە مۇنۇ تېمىنى ئۇچىرىتىپ قالدىم ھەم بالىلارنىڭ يېڭى ھاياتلىق بېتىنى قانداق بېزەپ بېرىش توغرىسىدا ئىزدىنىۋاتقان دوستلار بىلەن ئۇشبۇ تېىمنى ئورتاقلىشىپ باقاي دىدىم.

 

Baliliq Chaghlar – Ablajan Awut Ayup

 

مەكتەپكە كىرگەن تۇنجى كۈن _ بىر ئىنساننىڭ ھاياتىدىكى يېڭى بىر باسقۇچنىڭ باشلانمىسى ھېسابلىنىدۇ. سىزگە ھەم بالىڭىزغا نىسبەتەنمۇ ئاجايىپ مۇرەككەپ تۇيغۇلارغا تولغان كۈن. شۇنچىلىك سەبى، ئوماق بالىڭىز قۇچىقىڭىزدىن ئايرىلىپ مەكتەپ قوينىغا كىرىدۇ، ئايرىلىدۇ، ھەش-پەش دىگۈچە بالىلىقى قەغەز-قەلەم ئىچىدە تۈگەپ قالىدۇ… بۈگۈن ئۇشبۇ تېمىدا بۇ مەنپىي تەرەپلەرنىڭ ئورنىغا گۈزەل ئەسلىمە قالدۇرۇشنىڭ بىر قانچە ئالاھىدە ئۇسۇلى تونۇشتۇرۇلىدۇ. بۇ ئۇسۇللارنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن مۇھىمى بالىلارنىڭ مەكتەپكە بىرىشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئۆزگىرىشكە ئېتىبار بېرىش بەك مۇھىم!

يەنى، چوڭلارغا نىسبەتەن بۇ ھېچقانچە ئۆزگىرىش ئەمەستەك تۇيۇلغىنى بىلەن كىچىككىنە بالىڭىزغا نىسبەتەن بۇ يېڭى بىر دۇنيانىڭ دېرىزىسى ئېچىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، بۇ پەيىتلەردە بالىڭىزغا كۆڭۈل بۆلۈپ، بالىڭىز ھەم ئۆزىڭىزنىڭ ھىسياتىنى قەدىرلەڭ.

 

تېخى تۈنۈگۈنلا يەسلىگە كېرگەندەك قىلغان تۈركەنئاي ھەش-پەش دېگۈچە يەسلى پۈتتۈردى.

 

يەسلىدىكى ئاخىرىقى ”تەنتەربىيە پائالىيىتى“ خاتىرىسى

يەسلى پۈتتۈرگەن كۈن

 

         (1)

 

مەكتەپ ھاياتىنىڭ تۇنجى كۈنى قانداق ئىشلار بولىدىغانلىقى توغرىسىدا بالىڭىز بىلەن پاراڭلىشىڭ

بالىڭىزغا مەكتەپ توغۇرلۇق يەتكۈزىدىغان ئۇچۇرىڭىز قانچىكى تەپسىلى بولسا شۇنچىكى ياخشى، مەيلى قانچىلىك ئۆزگېرىش بولسىمۇ بالا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ تۇيغۇسىنى تۇرغۇزالايدۇ.

بۇ يەردىكى تەپسىلى دىگىنىمىز، مەسلەن: يېڭى ماۋسۇم باشلانغىچە بالىڭىز بىلەن يېڭى مەكتىۋىنى بىرلىكتە كۆرۈپ كېلىش، مۇئەللىمىگە ئايرىم تونۇشتۇرۇش، بالىڭىز بىلەن مەكتەپ سومكىسى، ماتىريالنى بىرلىكتە سېتىۋىلىش…قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا مەكتەپ باشلانغاندىن كېيىنكى كۈندىلىك ئىش تەرتىپى، مەكتەپ تۈزۈمى، مەكتەپتە بولىدىغان پائالىيەتلەر، سىنىپىدا قانچىلىك ئوقۇغۇچى بارلىقى، ئاتا-ئانىسىدىن باشقا چوڭلارنىڭمۇ گېپىنى ئاڭلىشىنىڭ كېرەكلىكىنى، باشقا بالىلار بىلەن نەرسە-كېرەكلەرنى ئايرىپ ئىشلەتمىسە بولمايدىغانلىقى …قاتارلىق ئەھۋاللارنى بالىڭىزغا چۈشەندۈرۈپ قويۇڭ

بالىنى ئالغىلى كېلىدىغان چاغدىكى ئەھۋالنىمۇ بالىڭىزغا يەتكۈزۈپ قويۇڭ. مەسلەن: «بۈگۈن ھەدىڭىز ئالغىلى كېلىدۇ»، « ئامال بار دەل ۋاقتىدىغۇ كېلىمەن، ناۋادا ئازاراق كېچىكىپ قالغۇدەك بولسام، مەكتەپ ھويلىسىدا تۇرۇپ تۇرۇڭ» دىگەندەك.

بالىدىن ئايرىلىدىغان چاغدا سىز داۋاملىق ئىشىلىتىدىغان يەنى، ھىدىڭىز سىڭگەن قولياغلىق دىگەندەك نەرسىڭىزنى بالىغا بەرسىڭىز، بالىڭىزنىڭ كىچىككىنە قوللىرىغا سۆيۈپ قويسىڭىز بالىدا كۈن بويى ئاپىسى يېنىدا تۇرغاندەك تۇيغۇ ھەمراھ بولىدۇ.

بىر قانچە كۈن بۇرۇن تۈركەنئاي كىرىدىغان مەكتەپنى ئالدىن كۆرۈپ كەلدۇق.

(2)

مەكتەپ باشلىنىشتىن بۇرۇن كۈندىلىك تۇرمۇش مەشغۇلاتىنى تەرتىپكە چۈشۈرۈش

مەكتەپ باشلانغاندىن كېيىن يېڭى بىر تۇرمۇش تەرتىپى باشلىنىدۇ. بالىلارغىلا ئەمەس ئاتا-ئانىغا نىسبەتەنمۇ يېڭى مەشغۇلاتقا كۆنۈشكە توغرا كېلىدۇ.

يەنى، بالىلار كۈنىگە 8-10 سائەت ئۇخلىشى كاپالەت بولغان كەچتە بالدۇر ئۇخلاپ سەھەر تۇرۇش، مەكتەپتە چۈشلۈك ئۇيقۇ بولمىغانلىتىن يېڭى مەۋسۇم باشلىنىشتىن بۇرۇن بالىنى چۈشتە ئۇخلاتماسلىق، مەكتەپنىڭ تامىقىغا كۆندۈرۈش ئۈچۈن مەكتەپ تامىقىغا ماس كېلىدىغان تاماقلارنى ئېتىپ بىرىش، بالىڭىزنىڭ باشقا بالىلار بىلەن تىزلا چىقىشالايدىغان بولىشى ئۈچۈن ئانا-بالىلار كۆپرەك بارىدىغان پائالىيەتلەرگە، باغچىلارغا بىللە بىرىپ باشقا بالىلار بىلەن ئۇچراشتۇرۇش دىگەندەكلەر بالىنىڭ يېڭى بىر ھاياتىنى ئوڭۇشلۇق باشلىشى ئۈچۈن پايدىلىق.

 

 

(3)

بارچە بالىلار ئوخشاش ئەمەس!

بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرگەن تۇنجى كۈنىدىكى خاتىرە بالىنىڭ خاراكتىرى، كۈچلۈك-ئاجىزلىقىغا بېقىپمۇ ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ!

يەنى، ئاكىڭىز، ئاچىلىرىڭىزغا ئوخشاشلا مەكتەپكە بارىسىز بالام! دەپ بالىغا مەدەت بېرىشنى توغرا دەپمۇ كەتكىلى بولمايدۇ. بۇنىڭغا قارىغاندا، «بالام! بۈگۈندىن باشلاپ مەكتەپكە بارىسەن! نۇرغۇنلىغان يېڭى-يېڭى ئىشلار بىلەن ئۇچىرىشىسەن!» دېيىش تېخىمۇ ياخشى، شۇنداق ئەمەسمۇ؟!

ئەلۋەتتە، ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ سېلىشتۇرۇش نىيىتى بولمىغان تەقدىردىمۇ باشقا بالىلارنى تىلغا ئېلىپ دىگەن گېپى ئەكسىچە تەسىر پەيدا قىلىپ قويىشى مۇمكىن. ھەتتا، ھەممىسى ئوخشاشلا مېنىڭ بالامغۇ دەپ چوڭ بالىڭىزنىڭ مەكتەپكە كىرگەن ۋاقتى بىلەن كىچىك بالىڭىزنىڭ مەكتەپكە كىرگەن ۋاقتىغا ئوخشاش كۆزدە قارسىڭىز بولمايدۇ.

ئەلۋەتتە، ئۆز ھېسياتىڭىزنى تەھلىل قىلىپ كۆرۈپ ھىسياتىڭىزنى كونتىرۇل قىلغىنىڭىزدا ئاغزىڭىزدىن قانداق گەپ چىقسا بولىدىغانلىقىنى ئۆزىڭىز بىلەلەيسىز. ئەگەر، سىز ئاكىتىپ، ئازادە پوزىتسىيەدە بولسىڭىز، بالىڭىزمۇ تەبىئىيلا ئۆزىنى ئوخشاش تۇيغۇدا ھېس قىلالايدۇ. بالىنىڭ خاسلىقى، خاراكتىرىگە ھۆرمەت قىلىڭ. باشقا بالىلارغا قارىغاندا، كۆنۈشى تەسكە چۈشكەن تەقدىردىمۇ ھېچقىسى يوق، بالىڭىزغا ئىشىنىڭ.

كىچىك ياپونلۇق بوپتىمۇ؟😉

 

(4)

توغرا بولغان خوشلىشىش ئۇسۇلى

خوشلىشىمۇ بەك ھالقىلىق نوقتا. بۇ ۋاقىتتا قىسقىلا خوشلىشىش ئەڭ ياخشى! يەنى، يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ بالىڭىزنى يەڭگىل قۇچاقلاش، سۆيۈش، بالىڭىزغا «سەن چوقۇم بەك ياخشى قىلالايسەن!» دىگەندەك سۆزلەرنى قىلىپ ئىلھام بىرىش، كۈلۈمسىرىگەن ھالىتىڭىزدە خوشلىشىش!

ئەلۋەتتە، سىزدىن ئايرىلغۇسى كەلمەي يىغلايدىغان، كۆڭلى يېرىم بولىدىغان ئەھۋالنىڭ بولىشىمۇ نورمال. بىراق، تەمكىنلىكىڭىزنى يوقاتمىغان ھالدا بالىڭىز بىلەن ئادەتتىكىدەك كۈلۈمسىرەپ خوشلىشىڭ، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى- ئۇستازلارغا ئىشنەلىسىڭىز بۇ ئەھۋال ئۇزاققا داۋاملاشماسلىقى مۇمكىن. ئامال بار بالىڭىزغا ئەنسىرىگەن ھالىتىڭىزنى كۆرسەتمەڭ، بولمىسا ئەھۋال تېخىمۇ ئوساللىشىدۇ.

 

يېڭى مۇئەللىمى

(5)

 مەكتەپكە ئالغىلى كەلگەندە

مەكتەپكە بالىنى كىم ئالغىلى كېلىشىدىن قەتئىنەزەر، چوقۇم دەل ۋاقتىدا بېرىڭ. مۇشۇنداق بولغىنىدا بالا بۇ ئايرىلىشتا ئۆزىنى تاشلىۋىتىلگەندەك ھېس قىلمايدۇ. خۇددى چوڭ ئاپسىنىڭ ئۆيىدە بىردەم تۇرغاندىن كېيىن ئاپىسى ئالغىلى كەلگەندەكلا ئىش! ئۇنىڭدىن باشقا، بىر كۈن ئىچىدە نېمە ئىش قىلغانلىقىنى سوراپ، مۇسپەت تەرەپلىرىنى تەستىقلاپ ماختاپ بىرىڭ.

 

بالىڭىزنى قىيىنچىلىقتىن ساقلاپ قېلىش ئەمەس، قىيىنچىلىقلاردىن قانداق ھالقىشنى ئۆگىتىڭ.

 رۇي. پاسىشىرۇ

شۇنداق قىلىپ بۇ كىچىكلەر بالىلىق بىلەن ئاستا-ئاستا خوشلىشىپ ئۆسمۈرلۈككە قاراپ ماڭىدۇ…ئاخىرىدا، بارچە بوغۇنلارنىڭ مەكتەپكە كىرگەن تۇنجى كۈنىنىڭ ھاياتىدىكى ئۇنتۇلماس بىر كۈن بوپ قىلىشىنى، “ مەكتەپ“ دىن ئىبارەت بۇ ماكاننىڭ بالىلارنىڭ ھاياتىدىكى ئادىمىيلىك يېتىلدۈرۈش بۆشۈكىدىن بىرى بوپ قىلىشىنى تىلەيمەن ~❤

 

 

********************

پايدىلانغان مەنبە: ياپونچە “ قەلب قېزىش“ پىسخولوگىيە تور بېتى

ئۆزلەشتۈرۈپ تەييارلىغۇچى: رەيھان ئابلەت

تارقىتىڭ...
  1. ئۇماق قىزىڭىزنىڭ مەكتەپكە كىرگىنىگە مۇبارەك بولسۇن.قىزىڭىزنىڭ ئسمىمۇ،ئۆزىمۇ بەك چىرايلىقكەن.كۆز تەگمىسۇن(*˘︶˘*).。.:*♡

Reyhan ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

بالىڭىز

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى