توكيودىكى ھېيتلىق تۇيغۇلار

2,802 قېتىم ئوقۇلدى

سېغىنىش بەزىدە ئوتقا ئوخشايدۇ… دىققەت قىلـمىساڭ، چەك قويمىساڭ سېنى كۈل قىلىدۇ .


***

‎بۈگۈنكى توكيونىڭ يامغۇرلۇق ئاسمىنىدەك كۆڭۈللەرمۇ سېغىنىش… مۇڭلارغا تولغان … 
«مۇساپىر، غېرىپ» دېگەن ماركىلارنى يىرتىپ تاشلىۋېتىشكە رازى بولدۇمكى، بۇ مۇڭلاردىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇشقا ۋە ياكى يالغان كۈلۈشلەرگە تېرىشمىدىم …
چۈنكى، بۇ مۇڭلار ئۆز نۆۋىتىدە قەلبىمنى بېيتىدىغان، يىلتىزىمنى، كىملىكىمنى يارقىنلاشتۇرۇپ بىرىدىغان تۇيغۇلار ئىدى .

 

Tarim  _   Uyghur Tembur music

***

ئۆتكەن يىلقى قۇربان ھېيت ھارپىسىنى ئەسلەپ قالدىم. دادام ـ ئاناملار ئۆيىمىزدە ئىدى .
ئېغىزىدىن چىقارمىغان بىلەن دادامنىڭ ئانامغا « ئۆزىمىزنىڭ قارا چېيىنى دەملەڭلار ~ » دېيىشلىرىدىن، ئاغىنىلىرىنىڭ تېلىفۇن نۇمۇرلىرىنى ئىزدەشلىرىدىن… جىمىپ كەتكەنلىرىدىن ئويلىرىنى، يۈرىكىنى سېزىپ قالدىم …

چەتئەلدىكى ھېيت دادامغا ئېغىر كەلگەنىدى…60 نەچچە يىل ۋەتەندە، ئۆز تۇپرىقىدا، ئۆز ئادەملىرى ئېچىدە ھېيت ئۆتكۈزۈپ كەلگەن دادام ئەل ئۆمىرىدە بىر قېتىملىق چەتئەلدىكى ھېيتقا چىدىمايۋاتاتتى …
 تەبىئىيكى ۋەتەندىكىدەك قايناق بولـۇپمۇ بولالمايدىغان تىنىچ ھېيتقا كۆنەلـمەيۋاتاتتى …


يىللاردىن بىرى ھەممىنى چاندۇرماي ئۆتكۈزگەنلىرىمىزنى، قانچىلىغان ھېيتلارنى خىزمەت بىلەن، ھەر كۈندىكىدەك ئالدىراش تۇرمۇش بىلەن، چىرايلىق ھېيتلىق كىيىم سىتىۋالساقمۇ كەيگۈدەك پۇرسەت يوق ئۆتۈپ كەتكىنىنى بىلـمەيدىغان دادامغا تۇنجى قىتىملىق بۇ ھېيت ئېغىر كىلىۋاتاتتى … يېنىدا ئانام ھەم بىزلەر تۇرساقمۇ جىمىپ كىتىۋاتاتتى… ئاغىنىلىرىنى، ئۆز قولى بىلەن قۇربانلىق قىلىشلىرىنى… بالىلىرىنىڭ، تۇغقانلىرىنىڭ ئۆينى ئاۋات قىلىشلىرىنى… ئاۋات كوچىلارنى … ھەمىمىنى ھەممىنى سېغىنىۋاتاتتى …
ئۇف… بىزنىڭ يۈرىكىمىز ھىلىمۇ چىدايدۇ بۇ سېغىنىشلارغا …

دادا، بۇرۇنلاردا نازۇكلۇق قىلىپ يىغلىسام « يوقىلاڭ ئىشلارغا يىغلايدىغان قىزبالىكەنسىز، كىنولاردىكى ئامېرىكىنىڭ قىزلىرىدەك جەسۇر قىزبالا بولىڭە » دەيتتىڭ… تا ـ ھازىرغىچە يىغلىمايدىغان جەسۇرلاردىنمۇ بولۇپ بولالـمىدىم … ھېلىمۇ ھەم يىغلايمەن … ھەتتا، ئىشلەۋىتىپمۇ، باشقىلار كۆرسىمۇ ئىختىيارسىز كۈلۈمسىرەيدىغان چىرايلىق تەبەسسۇملىرىم بىلەنمۇ شۇنداق بىر زىل خىياللاردا بولۇپ قالىمەن ـ دە، بىردەمدىلا كۆزلىرىمگە ياش كەپ بولىدۇ … ئاران ـ ئاران يۈتىۋىتىمەن …

 


***

چەتئەلدە ياشاشنىڭ “ تەملىرى “ نى يەنە ئازراق سۆزلەپ باقامدۇق …
‎چۈشلىرىڭىزدە «ئانا… ئانا…» دەپ چاقىرىپ ئويغىنىسز … قارىسىڭىز سەھەر سائەت 3:00 … بۇ ۋاقىتتا ئانىڭىزغا تېلىفۇن قىلالمايسىز… ئەنسىز يۈرۈكۈڭىز بىلەن ئاسماندىكى گۈزەل ئايغا قاراپ ئىلتىجالىرىڭىزنى ئېيتىشقا باشلايسىز …

بەزى كۈنلىرى شۇنچىلىك چارچاپمۇ قالىسىز… ئوخشىغان لەغمەنلەرنى، يېڭى تونۇردىن چىققان گىردە ـ سامسىلارنى، راڭپىزالارنى… يىگۈڭىز كېلىدۇ … ھېلىقى سىرىتنىڭ سۇشىلىرىغا قارىغۇڭىز يوق …
ئامالسىز ئانىڭىزنىڭ ھېلىقى ئوخشىغان لەغمىنىنى خىيال قىلغاچ « بۇ ئانام ئېتىپ بەرگەن لەغمەن » دەپ تەسەۋۋۇرىڭىزدىكى ئانىڭىزنىڭ ئوخشىغان لەغمىنىنى تەييار قىلىسىز .
مانا مۇشۇنداق قىلىپ يۈرۈپ چەتئەلدىكى قىزچاقلار بىلىپ ـ بىلمەي تاماقتىن گۈل كەلتۈرىۋىتىدىغان بوپكىتىدۇ، شۇنداققۇ ؟!   ئەتراپىمدا تاماق ئىتەلمەيدىغانلار يوققۇ ؟  ناۋادا مەن بىلمەيدىغانلار بولساڭلار ئۆزۈڭلارنى مەلۇم قىلىۋىتىڭلار ھە !

باشقا تىلدا ئاڭلاپ تۇرىدىغان تەرىپلەش، ماختاشلارنىڭ ئۆز تىلىڭىزدا بولىشىنى ئارزۇلاپمۇ قالىسز بەزىدە … كۈلۈمسىرەشلەرنىڭ… ھاياتنىڭ جۇشقۇن، گۈزەل رىتىمىنىڭ ئۆز كىشىلىرىڭىز ئارىسىدا بولىشىنى ئۈمىد قىلىپمۇ قالىسىز، چاقنىغان ئۆزىڭىزنى شۇ سۆيۈملۈكلىرىڭىز ئارسىدا كۆرگىڭىزمۇ كەپ قالىدۇ .

ئاقىللىرىمىز ئېيتقان « مۇساپىرنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولىدۇ » دېگەن گەپنىڭ مەنىسىگە مۇشۇ چېغىمدا يېتىپمۇ قالىمەن …
چۈنكى، مۇساپىرنىڭ ئۆز قەلبىنىڭ چۇڭقۇرلىقىغا شۇنداق شۇڭغۇپ ـ پېتىپ قالىدىغان چاغلىرى بولۇپ قالۇدىكى … بىر تال يىپى تارتىلسا ئاجايىپ لىرىكا چىققۇدەك ئسكىرىپكا تارىسىدەكلا بوپقالىدۇ … بۇنداق زىل كۈيلەرنى تەڭرى قانداقمۇ تىڭشىمىسۇن ؟!

 

توكيودىكى ”دۆلەتلىك پەن – تېخنىكا مۇزىيى“ غا تەكلىماكاندىن كەلتۈرۈلگەن راست توغراق

بولدى بەس ! بۇ ”تەملەر“  توغۇرلۇق سۆزلەشلەر مۇشۇ يەردە توختىسۇن ~
ئىنسان نىمىگە كۆنمىگەن ؟!

ھەر كۈنى ئۇچرايدىغان ھەر خىل چىرايلارغا يۈرىكىمدىن كۈلۈپ قاراشقا، ھەتتا، ھەر بىر ئادەمدىن گۈزەل تەرەپنى بايقاشقا، بۇ گۈزەللكنى بەزىدە ئېغىزىمدا، بەزىدە كۆزلىرىمدە، بەزىلەردە قەلبىمدە دىيىشكىمۇ كۆندۈم … بالىلارنىڭ ھەممىسى سۆيۈملۈك ئىدى ماڭا … ئۇلار مەندىن كۆز ئۈزەلمىگىنىدەك، ئۇلارنىڭ چاقناپ تۇرغان كۆزلىرى ئىختىيارسىز يۈزلىرىمدە تەبەسسۇم پەيدا قىلاتتى … شۇنداق قىلىپ باشقا مىللەتنىڭ باللىرىنى كۆزلىرىمدە سۆيۈشكىمۇ كۆندۈم ..

ئۇلۇغ ھېيتلاردىكى ئائىلەمنى، قېرىنداشلىرىمنى، تۇپرىقىمنىڭ كوچىلىرىنى، ۋەتىنىمنىڭ ھەر بىر گۈل ـگىياھلىرىنى … بارچە سېغىنىشلىرىمنى « مودەنخان » نى غىڭشىغاچ خاتىرەمگە تۆكىۋىتىپ،  تەبەسسۇملىرىم بىلەن ھېيت كۈتىۋىلىشقىمۇ كۆندۈم .
مەرھۇم زوردۇنكام ئېيتقاندەك، چىرايلىق كۈلكىلەرنى روس، تاتار قىزلىرىلا كۈلمىسۇن، جاھاننىڭ قەيىرىدە بولسۇن ئۇيغۇر قىزلىرىمۇ يۈرىكىدىن كۈلسۇن  ~

باشقا تىللىق ناخشا ـ مۇزىكىلارنى ئاڭلاپ قويغىنىمىز بىلەن، باشقا تىللىق كىتابلارنى ئوقۇپ تۇرغىنىمز بىلەن يۈرەكنى تېتىرتىدىغىنى ئۆزىمىزنىڭ كۈيلىرىمىز، ئانا تىللىق قۇرلىرىمىز …
( ھە ـ راست، ئەممازە « مودەنخان » نىڭ مۇزىكىسىنى ئۇكام گىتتاردا تەڭكەش قىلىپ بەرسە پەچەت ئېيتىپ قويىمەندە لىكىن ! 😜كىلەر ھېيتتا بىر ئېيتىپ بىرەي ھە ~ )

 


***

‎كەچ 10:00 لار بولغانىدى، بالكۇنۇمغا چىقتىم .
ئاسمان كۈندۈزدىكى بۇلۇتلۇق ئاسمان بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان باشقىچە ھالدا ئىدى . تېخى تولۇق بولۇپ بولالمىغان ئاي، توكيو ئاسمىنىدا كەم كۆرۈلىدىغان ساناقسىز يۇلتۇزلار… ھەر خىل شەكىلدىكى ئاندا ـ ساندا بۇلۇتلار …شۇنچىلىك گۈزەل ئىدى.
كۆڭلۈم پاللىدە يورۇپ كەتتى …
گۈزەل بىر كۈن بولىدۇ ! يەنە بىر گۈزەل ھېيت بولىدۇ ~ ھەممە ئىشلار چوقۇم گۈزەل بىر رەۋىشتە بولىدۇ ~

ئۇلۇغ كۈنلەردە، موھىم كۈنلەردە ئەسلەيمىز…ئەسلىنىمىز…بارلىق ئەسلىگەن ھەم ئەسلەنگەنلەرگە ئەڭ گۈزەل ھېيت خۇشاللىقى بولسۇن!!!

‎ئەزىزلىرىم ، ھېيتلار مۇبارەك !!!!

 

2017.08.31
‎رەيھان

 

تارقىتىڭ...
  1. Tamak italmaydigan man bar،heytingizgha Mubarak

  2. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم رەيھان ھەدە ، يازمىلىرىڭىزنى بىر باشتىن كۆرىۋاتىمەن . ئاۋازىڭىزغا ،قەلىمىڭىزگە دەرت بەرمىسۇن .غەمكىن كۆڭۈللەرگە ئابىھايات ئاتا قىلىدىغان يازمىلار ئىكەن .بىرنىمۇ قالدۇرماي كۆرسەم دەيمەن .

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

توكيودىكى

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى