تەنھالىق كېسىلىگە مۇپتىلا  بولـمىغان بولسام ، بۈگۈنكى مەنمۇ بولـمىغان بولاتتىم .
مەن ئەتراپىمدىكى كىشىلەرنىڭ مىنى «بىچارە» دەپ ئويلىشىنى خالىمايمەن، مىنىڭ كۆپچىلىك بىلەن بىللە ياشىغۇم بار!
ھەممىمىزنىڭ كەلگۈسىنىڭ بىر يەردە بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

ـ ھىگاشىدا نائوكى

東田直樹  — ھىگاشىدا نائوكى

***

Bandari-Moonlight

***

(自閉症(じへいしょう
ئېنگىلىزچە ئاتىلىشى : Autism
自閉症- مەن بۇ كىسەلنى ئۇيغۇرچىدا بېكىنمىچلىك كىسىلى دەپ ئالدىم .
كېسەلنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، كىشىلەر بىلەن ئالاقىلىشىشنى ، پاراڭلىشىشنى خالىمايدۇ ھەم رەت قىلىدۇ. كىشىلىك ئالاقە جەريانىدا روھى جەھەتتە ئېغىر دەرىجىدە توسالغۇغا ئۇچرايدۇ ، ئۆزھەركىتىنى كونتىرۇل قىلالـمايدۇ، روھى كىسەللىكنىڭ بىر تۈرى .

24 ياشلىق بۇ يىگىت نورمال ئادەملەردەك گەپ قىلالـمايدۇ، نورمال ئادەمدەك باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلالـمايدۇ، ئۇ تۇيۇقسىز ھەر خىل ئاۋازلارنى چىقىرىدۇ، ئۆزىنىڭ ھەركىتىنى كونتىرۇل قىلالـمايدۇ…  قارىماققا ئاددى بىر ئىنساندەك ياشىيالـمايدۇ !  بىراق، ئۇ ئادىمىيلىك جەھەتتىمۇ، يازغۇچىلىقتىمۇ كامالەتكە يېتىۋاتىدۇ. ئۇ _ يازغۇچى ھەم بىر شائىر، رەسىملىك كىتاب يازغۇچىسى .
ئۇنىڭ 20 پارچىدىن ئارتۇق كىتابى ، شېئىرلار توپلىمى ھەم رەسىملىك كىتابى بار .
ئۇنىڭ كىتابلىرى 30 خىلدىن ئارتۇق تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا روھى كىسەل ئازابىنى تارتىۋاتقان، روھى كىسەللىك، مېيىپلىق سەۋەبىدىن باشقىلارنىڭ كۆزىدە، قەلبىدە «بىچارە» سانىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ بىچارە ئەمەسلىكىنى، ئۇلارنىڭمۇ بەخىتسىزلىك ئىچىدىن بەخىتنى تاپالايدىغانلىقىنى دۇنياغا جاكارلاۋاتىدۇ .

 

***

يېزىقچىلىق – مەن ئۈچۈن خۇددى نەپەس ئالغاندەكلا ئاددىلا بىر ئىش، بۇنىڭ نىمە ئۈچۈنلىكىنى بىلەمسىز ؟
_ھىگاشىدا نائوكى

ئۇ ئادەتتە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغاندا، كومپىيۇتىردا بىر قولىدا خەت ئۇرىدۇ، باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندىمۇ خۇددى كومپىيۇتىرنىڭ كونۇپكىسىنى باسقاندەك، بىر قولىدا قەغەزگە يېزىلغان ھەرىپ كونۇپكىسىنى ئۇرۇپ تۇرۇپ ھەجىلەپ گەپ قىلىدۇ . بىراق،  يېزىقچىلىقنى نەپەس ئالغانچىلىكلا دەيدۇ..
ئادەمنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان يېرى ھەم مىنى ئۇ توغۇرلۇق قەلەم ئالغۇزغىنى دەل ئۇنىڭ مۇشۇ تەرىپى.

ئۇنىڭ تەپەككۇرى،  ئەقلى ئىقتىدارى شۇنچىلىك ياخشى   ،ھەتتا، نۇرغۇن ئىنسانلارنىڭكىدىن ياخشى . ئەڭ قالتىس يېرى ئۇ قەلبىدىكى چۇقانلىرىنى، ئوي ـپىكىرلىرىنى ، تەپەككۇرلىرىنى يېزىش ئارقىلىق شۇنداق ياخشى ئىپادىلەپ بىرەلەيدۇ  …

يېقىندا NHK قانىلىنىڭ يەكشەنبىلىك ئالاھىدە پىروگىراممىسىدا تونۇشتۇرغان ھىگاشىدا نائوكىنىڭ دەل بۇ ئالاھىدىلكى قىزىقىشىمنى قوزغىدى ھەم توردىن ئۇ توغۇرلۇق ئۇچۇرلارنى ئىزدەپ قولۇمغا قەلەم ئېلىشىمغا سەۋەپ بولدى .

David Michell

 

David Michell
ئىرلاندىيەلىك يازغۇچى، ئۇنىڭمۇ 10 ياشلىق تەنھالىق كىسىلىگە گىرىپتار بولغان ئوغلى بار، بىراق، ئۇ ئوغلىنىڭ نېمىشق باشقىلاربىلەن سۆزلىشىشنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ، نىمە ئۈچۈن بېشىنى كارىۋاتقا ئۇرىدىغانلىقىنى، يەنە نىمە سەۋەپتىن چۈشىنىكسىز ئاۋازلارنى چىقىرىدىغانلىقىنى، ئوغلىنىڭ نىمىلەرنى ئويلايدىغىنىنى بىلەلمەيدۇ .
ياپۇنىيەدە ئېنگىلىز تېلى ئوقۇتقۇچىسى بولغان دېيۋىد 7 يىل بۇرۇن ھىگاشىدا نائوكى 13 ياش ۋاقتىدا يېزىپ چىققان “ ئۆزۈمدىن قانداق ھالقىدىم “ ناملىق كىتابى بىلەن ئۇچىرىشىدۇ ھەم ئېنگىلىز تېلىغا تەرجىمە قىلىدۇ. ئۇ بۇ كىتاب بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن ، يىللاردىن بېرى چۈشىنەلمىگەن ئۆز يۈرەك پارىسىنى چۈشىنىشكە باشلايدۇ .
ھىگاشى نائوكىنىڭ 13 يېشىدا يازغان بۇ كىتابى 30 خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ، بۇ خىل كىسەلگە گىرىپتار بولغان نۇرغۇن ياشلارغا، ئۆز باللىلىرىنى چۈشىنەلـمەيۋاتقان نۇرغۇنلىغان ھەسرەتلىك ئاتا ـئانىلارغا بىر يورۇقلۇق ئلىپ كىلىدۇ .
ھەم مۇشۇ خىل كىسەلگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ روھىي دۇنياسىنى ئاشكارىلاپ بىرىدۇ .
دېيۋىد ئوغلىنى تېخىمۇ چۈشىنىش مەقسىتىدە نائوكىنى ئىرلاندىيەگە، يەنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىدۇ ھەم نائوكىدىن مۇنداق سورايدۇ :
ـ ئوغلۇم 10 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ باشقىلار بىلەن دوستلىشىشى بەكمۇ تەس… مەن بىر دادا بولساممۇ ، بالامغا بۇ جەھەتتە يارىدەم قىلالـمىدىم، مەن قانداق قىلسام ئوغلۇمغا يارىدەم قىلالايمەن ؟

ـ مىنىڭمۇ دوستۇم يوق، مەن بەخىتسىز كۆرىنەمدىكەنمەن ؟
كىشىلەر ئادەمنىڭ دوستى بولـمىسا بىچارە بولۇپ قالىدۇ دەپ خاتا ئويلىۋالىدۇ،- دەيدۇ نائوكى .
دادا يەلكىسىدىكى بىر يۈك كۆتۈرۈلگەندەك ئۆزىنى يىنىك ھىس قىلدى .
چۈنكى، دېيۋىد ئەزەلدىن ئوغلىنىڭ دوستى بولماسلىقىنى
ئۆزىنىڭ خاتالىقى دەپ قاراپ كەلگەنىدى .
مۇشۇ يەرگە كەلگەندە سىلەرگە بىر سۇئال قوياي :
سىز بۇ دۇنيادا ئوي ـپىكىرلىرىڭىزنى، ھىسياتىڭىزنى چۈشىنەلەيدىغان، قوبۇل قىلالايدىغان دوستۇم بار دەپ قارامسىز ؟
ناۋادا بولمىسا ئۆزىڭىزنى بەخىتسىز دەپ قارامسىز ؟
”سىزنىڭ مۇشۇ كىسىلىڭىز سەۋەبلىك ئازابلىنىدىغىنىڭىز بىر ھەقىقەت بولسىمۇ، بىراق مەن بۇ كىسىلىڭىزگە رەھمەت ئېيتىمەن ”،- دىدى دېيۋىد ئۆز ئوغلىنىڭ قەلب دۇنياسىنى ئېيتىپ بىرىۋاتقان نائوكىغا .

***

مارۇياما ئەپەندى
ئۈچەي راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچقا بىرىپ قالغان، يەنە پەقەت بىر ئايلا ياشاش مۇمكىنچىلىقى بولغان 33 ياشلىق مارۇياما ئەپەندى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدىكى ساغلام بىر ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز تەشۋىشلىرىنى نائوكى بىلەن ئورتاقلاشقۇسى كىلىدۇ ھەم ئۇنى بىر قانچە قېتىم زىيارەت قىلىدۇ. چۈنكى، نائوكى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدىكى كىسەل بولـمىسىمۇ ، ھاياتىدىكى ئۆزىگە ئەڭ ئېغىر روھى بىسىم ئەكەلگەن كىسىلىدىن ھالقىيالىغانىدى .
ـ مەن قانداق قىلسام كىسىلىمدىن ھالقىپ ياشىيالايمەن ؟
دەپ سورىدى مارۇياما .
نائوكى يەنىلا قولىدىكى ھەرىپ تاختىسىنى بىسىپ ھەجىلەپ جاۋاب بەردى . ئۇنىڭ قىسقا قىلىپ ئېيتقان سۆزى :
ـ ھەر قانداق ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدىنمۇ بەخىت تاپقىلى بولىدۇ .
مانا بۇ كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئاتالـمىش «روھى كېسەل» ئاتالغان ئىنساننىڭ سۆزى ، تەپەككۇرى !

***

 ئىچكى دۇنياسى شۇنچە ساغلام ھەم تەپەككۇرى شۇنچە ئۆتكۈر نائوكى بىزگە مۇنداق  ھەقىقەتنى بىلدۈردى .
بىرى، ئىنساننىڭ  ئىچكى دۇنياسى ھەم بەخىت كۆرسەتكۈچىگە بىردىنبىر ھۆكۈم قىلالايدىغان كىشىنىڭ ـ دەل شۇ كىشىنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكى .
يەنە بىرى ،
مەن يېقىندا ئوقۇغان پىسخولوگىيەگە ئائىت بىر كىتابتا دېيىلىشىچە، كەمتۈكلىكى ۋە ياكى بىرەر ئاجىزلىقى سەۋەبلىك باشقىلارنىڭ رەت قىلىشىغا، سىقىپ چىقىرىۋىتىشىگە، كەمسىتىشىگە ئۇچىرىغان كىشىلەرنىڭ قەلىب  يارىسى  ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ  پۈتۈن ئۆمىرىدە تارتقان قەلىب يارىسىدىنمۇ ئېغىر بولىدىكەن .
بۇ خىل كىشىلەرگە ئادەتتىكى كىشىلەرگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىش، مۇھەببەتلىك بولۇش بەكمۇ موھىمكەن .
بىر ئىنسان بولۇش سالاھىيتىمىز بىلەن ئازابلىرىمىزنى، قەلىب يارىلىرىمىزنى ئويلاپ باقايلى… بىز بەزىدە كۆتۈرەلـمەي قالىدىغان ئازاب ۋە يارىلاردىن ئېغىر يۈكنى يەر يۈزىدە بىر توپ ئىنسانلار يۈرىكىدە كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ دىمەك بۇ قانداق گەپ ؟!

ھەر بىرىمىز ئىنسانىيلىق سەپىرىمىزدە بەزىدە يىغلايمىز، بەزىلەردە يىقىلىمىز، يەنە بەزىدە تېڭىرقاپ تەشۋىشلىنىمىز… ئۆزىمىزنى ئاجىز ھىس قىلىمىز… بىراق ، بىز باشقىلارنىڭ مەڭگۈ تىك تۇرىدىغان ھەيۋەتلىك تاغدەك بىزگە بىر بىچارىگە قارىغاندەك ھىسداشلىق نەزىرى بىلەن قارىشىنى خالىمايمىز .

دېمەك ، چۈشەندىڭىز !
نائوكى ھەم ئۇنىڭغا ئوخشاش باشقىلارنىڭ نەزىرىدە كەمتۈك ھىسابلانغانلار ئۆزىنىڭمۇ نورمال بىر ئىنسانغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىنىشنى، نورمال ھاياتتا ياشىيالىشىنى خالايدۇ .

 

ـ پايدىلانغان مەنبە

NHKスペシャル: 自閉症の君が教えてくれたこと

 

ـ رەيھان  ئابلەت

 

2016.12.15

*****************************

(ئۇشبۇ يازمام تەخمىنەن بىر يىل بۇرۇنقى يازمامكەن… بىر يىل بۇرۇنقىغا قارىغاندا پىكىر قىلىش ئۇسۇلۇم ھەم تەپەككۇرۇمدىمۇ ئۆزگىرىش بولغاندەك… بىر يىل ئەمەسمۇ… ئازراق چوڭ بوپتىمەن… شۇڭا، ئازراق تۈزىتىشمۇ كىرگۈزۈپ قويدۇم. )

 

تارقىتىڭ...