بىر ھەسرىتىم بار

1,656 قېتىم ئوقۇلدى

   بەزى ھەسرەتلىرىڭنى ئۆزىگە قويىۋەت! ئۇنىڭدىن ئۆزۈڭنىمۇ قاچۇرما ۋە ياكى قوغلىۋېتىشكىمۇ تىرىشما .

دىلىڭدىكىلەرنىڭ قولىغا كىرگەن تىكەن ۋۇجۇدۇڭدا مەلۇم ئاغرىقنى ھىس قىلدۇرالـمىسا سەن «سەن» ئەمەس، ھەتتا، سەن ئىنسان ئەمەس !
بۇ ھەسرەتلەر ساڭا سېنى يىنىكلىتىدىغان بەرگىلەردە يالتىرىغان شەبنەملەردەك ياش تامچلىرىنى بېرىدۇ، چۇڭقۇر پىكىرلەرنى ئاتا قىلىدۇ، چىرايلىق ئىلھاملارنى بەرسە ئوخشىسۇن ئوخشىمىسۇن بىرەر تال شېئىرىڭ پۈتىدۇ …
ساڭا ھاياتنىڭ يېڭى بىر رەڭگىنى تونۇتىدۇ… يەنە بىر ئۆزگىچە تەمىنى تېتىدۇ  …

 

My Fragile Heart

 

بىر ھەسرىتىم بار
تەڭرى بىلىدۇ
قۇياش بىلىدۇ
كېچە بىلىدۇ
ھىچكىم بىلمەيدۇ
بىراق ،
ئانام بىلىدۇ

بىر ھەسرىتىم بار
تەڭرى بىلىدۇ
ئايمۇ بىلىدۇ
يۇلتۇزلارمۇ
مەيىن شامالمۇ
ھەتتاكى
قۇشلارمۇ بىلىدۇ
ھەركىم بىلمەيدۇ
بەلكىم
سەن بىلىسەن

 

    2017  ـ يىلى  4ـ ئاۋغۇست

سەھەر سائەت 1:04

***

‏تۇرمۇشنىڭ شاۋقۇنلىرى بېسىقتۇرۇپ قويغان قەلىب تەشۋىشلىرىڭنى چۈشلىرىڭدە ئاڭلاپ قالىسەن…

تاڭ ساباھلىرى قوغلىۋەتكەن ھەسرەتلەر كېچىگە، چۈشلىرىڭگە مۈكۈنىۋالىدۇ… شۇنداق چىرايلىق، ھوزۇرلۇق چۈشلىرىم بار ئىدى… كۈندۈزلىرى ئويلىسام ئىختىيارسىز كۈلۈمسىرەيدىغان… ئايلار بولدى تاپالـمىدىم… كۆرەلـمىدىم …

كىملەردىن، نىمىلەردىن ۋاز كەچتۇق… بىراق، ئۈمىدتىن ئىبارەت يالتىراق نۇرنى تاشلىمىدۇق…  بۇ چۈشلەر يەنە كېلىدۇ …

ۋادەرخ ! ئامان بولسۇن قەلبىمىزدىكلەر ~

2017.09.11

رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

بىر

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى