بالىلارنىڭ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدىغان ئالتە خىل يىمەكلىك

2,057 قېتىم ئوقۇلدى

تېخى ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بالا ۋاقتىمدىلا پەرزەنت تەربىيەسىگە ئائىت «كارل ۋېتىرنىڭ پەرزەنت تەربىيەسى» نى ئوقۇغۇنۇم، بالىنىڭ مىجەزى ۋە ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ يىمەك- ئىچمەك بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىگە ئائىت قۇرلارنىڭ بارلىقى، ئانامنىڭ كېمنىڭ قايسى بىر ماقالىسىدا ئوقۇغان“قوي گۆشى يېگەنلەرنىڭ قويدەك ياۋاش بوپقالىدىغىنى“ نى سۆزلەپ بەرگىنى ئېسمدە.

ئەمدىلىكتە بىر بالىنىڭ، بىر ئىنساننىڭ مىجەز – خاراكتىرىنى تەڭشەش، ئەقلى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ۋە مېڭە تەرەققىياتى ئۈچۈن يىمەك –ئىچمەك ئادىتىنىڭمۇ بەك مۇھىملىقىنى، مېڭە ئىقتىدارىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئىشقا سېلىش ئۈچۈن يېتەرلىك بولغان ئوزۇقلۇق كەم بولسا بولمايدىغانلىقىنى تېخىمۇ تەستىقلايمەن!

بالىلارغا نىسبەتەن ئوزۇقلۇق مېڭنىڭ ئىقتىدارىغىلا ئەمەس، مېڭىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈنمۇ بەكلا مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈن ئىمتىھان مەزگىلىدىكى ئوقۇغۇچىلار ۋە بالىلار ئۈچۈن ئەقلى قابىلىيتىنى ئۆستۈرىدىغان ۋە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان يىمەكلىكلەر بىلەن تونۇشىمىز.

 ئەسلى دورا ئەتراپىمىزدا، يىمەكللىكلەر بەئەينى دورا بىلەن باراۋەر!

 

Arriettys Song

 

دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشلىرىنىڭ سەۋەبىدىن بىرى، چارچاش، ئۇنىڭدىن باشقا روھى بېسىم ۋە ئېنىرگىيە يېتىشمەسلىكمۇ بۇنىڭ مۇھىم سەۋەبىلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. بەدەننىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاپ، ئۇرغۇپ تۇرغان روھى ھالەت ۋە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈشكە ياردىمى بولىدىغان مۇنداق يىمەكلىكلەر بار.

    (1) بانان 

ئەلۋەتتە، ھەرقانداق ياشتىكى كىشىلەرگە كۆپرەك مىۋە –چىۋە يەپ بېرىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. مىۋە-چىۋىلەرنىڭ كالورىيەسى تۆۋەن، سۇ مىقدارى، ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋىتامىنلار، ئوزۇقلۇق قىممىتى، ھەر خىل تەمى… دىگەندەكلەر ھەمىمىلا ئادەمگە پايدىلىق، ھەممىلا ئادەم ياقتۇرىدۇ، ئۆزۈممۇ مېۋە-چىۋىلەرگە ئامراق! 😇 بولۇپمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە مېڭىگە ئېنىرگىيە ھەم ئوزۇقلۇق يەتكۈزدىغان ئەڭ ياخشى مىۋە – بانان!

باناندا كۆپ مىقداردا كالى، مانگان بولۇپ، بۇلار ساغلام بولغان يىمەك-ئىچمەك ئۈچۈن بەكلا پايدىلىق تەركىبلەر ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ تەركىبىدىكى ۋىتامىن 6 دىققەتنى يىغش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئاجايىپلا پايدىلىق.

بانان+قېتىق+مېغىز لار=سالات، بانان+ھەسەل+ئاۋكادو+سۈت= بانان شەربىتى
دىگەندەك ئىستىمال ئۇسۇللىرى كۆپقۇ باناننىڭ.

(2) قېتىق

ئادەتتە، بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى قېتققا بەك ئامراق، شۇنداققۇ؟

قېتىقنىڭ تەركىبىدىكى ئامىنوساننىڭ بىر تۈرى بولغا (Tyrosined) تايروسىن بولۇپ، نېرۋا خىزمىتىنى ياخشىلايدىغان دوپامىن ۋە   نورېپىفېرىننى ئىشلەپچىقىرىدۇ، بۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنىمۇ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىمۇ ئۆستۈرىدۇ.

(3) خۇاسىڭ مېغىزىلىق سېرىق ماي

ئادەتتە، مېغىز تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر شۇنچىلىك بەدەنگە پايدىلىق. بۇنىڭ ئىچىدە خۇاسىڭ مېغىزىلىق سېرىق ماي ( ئادەتتە ياپوننىڭ ماگزىنلىرىدا كۆپ ئۇچرايدۇ ھەم مۇراببا ساتىدىغان ئورۇنلارغا قويۇغلۇق بولىدۇ) نىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن E روھى ھالەتنى ياخشىلاپ، دىققىەتنى يېغىش ئۈچۈن پايدىلىق. ئەتىگەنلىك ناشتىلىقلاردا تەييارلاپ بېرىشكە ماس كېلىدۇ.

خۇاسىڭ مېغىزلىق سېرىق ماينى ئالدى بىلەن بولكا ئۈستىگە سۈرگەندىن كېيىن ئۈستىگە باناننى چىرايلىق توغراپ تېزىپ قويساق ئاددى، قول تۇتمايدىغان ناشتىلىق تەييار بولىدۇ.

(4) تۇخۇم

 پەۋقۇلئاددە يىمەكلىك دەپ قارىلىدىغان تۇخۇمنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپ، ئاسانلا تويغاندەك تۇيغۇ بەرگەندىن سېرىت مىتابولىزىمنى مۇۋاپىق ئىلگىرى سۈرىدىغان 9 تۈرلۈك ئامىنوساننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەستە تۇتۇش قابىلىتىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولغان رۇتېن ۋە كورىن مول. تەركىبىدىكى كۆپ مىقداردىكى ئاقسىلمۇ ئېنىرگىيەنىڭ مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ –يېتىلىشى ئۈچۈن كام بولسا بولمايدىغان يىمەكلىكتىن بىرى تۇخۇم ھېسابلىنىدۇ. ( تۇخۇم رىئاكسىيە قىلدىغان بالىلار بۇنىڭ سىرتىدا) .

(5) شاكىلات

ئويلاپ باقمىغان بولغىيتتىڭىز شاكىلاتنىڭمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى؟ شاكىلاتنى ياخشى كۆرمەيدىغان بالا بولمىسا كېرەك!

شاكىلاتنىڭ بالىلارنى ئۆزىگە تارتىدىغان سىھىر كۈچى بولۇپلا قالماي، ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ مىقداردىكى ئېنىرگىيە بالىلارنىڭ مېڭە تەرەققىياتى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق.

ئوخايئو شىتاتلىق ئونۋىرسىتت تەقىقاتىغا ئاساسلانغاندا كۈنىگە بىر ئىستاكان قىززىق شاكىلات ئېچىپ بىرىش مېڭىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

(6) سۇلۇ

ھەرقانداق ئادەم ئۈچۈن كام بولسا بولمايدىغان پايدىلىق يىمەكلىكتىن بېرى – سۇلۇ.

سۇلۇ ئاسانلا قورساق تويغان تۇيغۇ بېرىدۇ، بەدەنگە كۈچ ۋە ئېنىرگىيە بېرىدۇ.

كۆپلىگەن ئاقسىل، كالتىسىلاردىن سېرىت، ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋېتامىن E، ۋېتامىن B لارمۇ مول بولۇپ، بالىلارنىڭ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە، ئەستە تۇتۇش قابىلىيتىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق.

 

يۇقىرىدا ئېيتقانلىرىمىزنىڭ ھەممىىسى بالىلارنىمۇ، چوڭلارنىمۇ ناھايتىمۇ خۇش قىلىدىغان يىمەكلىكلەر!

بالىلارنىڭ يىمەك-ئىچمەك ئادىتىگە ئائىت يەنە بىر بېلىشكە ئېگە بولدۇق، ئۆزىمىز ۋە بالىلارغا تېخىمۇ ساغلاملىق ھەم خۇشاللىق ئاتا قىلامدۇق؟ 🌻

 

*********************

مەنبە: ياپونچە «قەلب قېزىش» تور بېتى

ئۆزلەشتۈرۈپ تەييارلىغۇچى: رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...
  1. ھەممىسى مەن ئامراق نەرسىلەركەن

  2. ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى يۇقىرلىتىش ۋە دىققىتىنى يىغىش قاتارلىق ئىشلارغا ئاقسىل تالقىنى ياكى دۇرا قۇۋۋەت دۇرىلىرىنى تەۋسىيە قىلساڭلا ئۈگۈنۈش بىسىمى سەل ئىغىرلىشىپ كىتىپ بارىدۇ

  3. شۇ دورا يىمەي تۇرۇپ تەبىئى يىمەكلىككە تايىنىپ ئەقلى قابىليىتىنى ئاشۇرۇشنى تەۋسىيە قىلۋاتسام (o^^o)

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

بالىلارنىڭ

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى