ئورخان پامۇكنىڭ 《مېنىڭ ئىسمىم قىزىل》ناملىق رومانىدىن پارچىلار

1,233 قېتىم ئوقۇلدى

قەلبىڭىزگە بىر مەشۇقنىڭ چىرايى نەقىشلەنگەن بولسا، دۇنيا يەنىلا سىزنىڭ ئۆيىڭىزدەك تۇيغۇ بېرىدۇ.

 قارا

Güzlerin – Barış Akarsu

 

ئەگەر بىر ئەر ھىيلىگەرلىك، قىلتاقچىلىق، ئۇستاتلىق بىلەنلا شۇغۇللانسا بۇ ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ھەقىقى ئاشىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

*

پۈتۈن ئەقىلسىزلەر مۇھەببەت ئوتىدا كۆيگەندە، ھەرقانداق ئىشقا زادىلا كېچىكتۈرگىلى بولمايدىغاندەك بىر ئەلپازدا مۇئامىلە قىلىدۇ ! شۇنداقلا ھاياجانلىنىپ ئۆز ھىسياتىنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ -دە، مەشۇقلىرىنىڭ قولىغا قۇرال بەرگەندەك ئىش قىلىپ قويىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ مەشۇقلىرى ئەقىللىق بولسا ، جاۋابنى قەستەن كېچىكتۈرىدۇ.

يەكۈن شۇكى : مۇھەببەتتە ئالدىرىغان يولدا قالىدۇ.

*

مەن شەكۈرەگە بارلىق قىزلارغا دىگەن مۇنۇ سۆزنى دىدىم :
ئاشۇ گۈزەل كۆزلىرىڭنى يوغان ئاچساڭ، بېشىڭغا ھېچقانداق بەخىتسىزلىك كەلمەيدۇ قەدىرلىكىم!  ئەندىشە قىلما!

 ئېستېر

📖

تەڭرى ئالەمنى ئالدى بىلەن ئىنسانلارنى كۆرسۇن دەپ ياراتتى ، كىيىن كۆرگىنىمىزنى بىر -بىرىمىز بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن بىزگە تىلنى ئاتا قىلدى! ئەمما، بىز تىل ئارقىلىق ھىكايىلەرنى ئىجاد قىلدۇق -دە، رەسىمنى بۇ ھىكايىلەر ئۈچۈن سىزىلىدۇ دەپ ئويلىدۇق. ۋەھالەنكى، رەسىمنىڭ مەقسىتى تەڭرى ئاتا قىلغان تەسەۋۋۇرلارنى ئىزدەش، ئالەمنى تەڭرىنىڭ كۆزىدە كۆرۈشتۇر!

مېنى ”زەيتۇن“دېيىشىدۇ

📖

مۇھەببەتنىڭ كۈچى كىشىگە ئۆزى كۆرمىگەن كىشىنى كۆرسىتىش ئىقتىدارىغا، كۆرۈنمىگەننى ھەمىشە يېنىدا تۇرىۋاتقاندەك ھېس قىلدۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە.

 ئىبنى ئەرەبى

📖

مەجنۇن چوپانلارچە ياسىنىپ لەيلىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ چېدىرىغا بارغاندا، مەن مەجنۇنغا سايە بولغان بولغىيمىدىم؟ ۋەياكى تۈن قاراڭغۇسىغا يوشۇرۇنۇپ، ئۈمىدسىزلىك ۋە ئىتىقادسىزلىق پاتىقىغا پاتقان ئادەمنىڭ ئەرۋاھىدەك زۇلمەتكە سىمۋول بولغان بولغىيمىتىم؟ مەن ھەقىقى بىر دەرەخنىڭ ئۆزى ئەمەس، پەقەت مەنىسى بولۇشنىلا ئويلايمەن. 

مەن بىر تۈپ دەرەخ 

📖

ئالەمنى تەڭرىنىڭ نەزىرى بىلەن كۆرۈشكە يېقىنلاشقاندا، ئۇنىڭ ئادالىتى بىزگە يېقىنلىشىدۇ.

 ئۇستاز ئوسمان

📖

بۇلار باشقا بىرىگە ھەرگىز ئېيتالمايمەنغۇ دەپ قارىغان ئەڭ مەخپىي، ئەڭ چۇڭقۇر ھەسرەتلىرىم ئىدى، بۇ پۈتۈنلەي راست ئىدى، ئەمما ھەيرانلىق بىلەن شۇنى بايقىدىمكى، ئاڭلىماققا بۇ سۆزلەر قىلچە سەمىمى ئەمەس ئىدى!

شۇ چاغدىكى ھېسيات ۋە ئارزۇلىرىمنى توغرا ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم بايقىغان بۇ پەرىقنىڭ مەنىسىنى، يەنى بەزى چاغلاردا ھەقىقەتنى ئەينى پېتى ئېيتىشنىڭ كىشىنى سەمىمىيەتسىزلىككە ئېلىپ باردىغىنىنى بۇ يەردە چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈشۈم كېرەك.

 قارا

📖

بۇ دۇنيادا مېنى ياخشى كۆرىدىغان ئۆزۈمدىن باشقا ھىچكىم يوق ئىكەن! بۇ خىل تەنھالىق شۇنچىلىك ئازابلىق ئىدىكى، مېنىڭ بۇ غېرىبلىق ئازابىدىن يىغلىغان چاغدىكى ئۆكسۈشلىرىمنى ۋە ئاھۇ پەريادلىرىمنى ئاڭلىغان ، ئەلۋەتتە ياردەمگە كەلگەن بولاتتىڭلار!

*

ئىنسان ئەسلىدە بەختىيارلىق تەسۋىرلەنگەن رەسىمدىكى تەبەسسۇمنى ئەمەس، بەختىيار ياشاشنى ئىزدەيدۇ. رەسساملار بۇنى بىلىدۇ، ئەمما سىزالمايدىغىنىمۇ شۇدۇر.
شۇ ۋەجىدىن ئۇلار ھاياتتىكى بەختىيارلىقنىڭ ئورنىغا كۆزى كۆرگەن خۇرسەنلىكنى قويىدۇ.

 شەكۈرە

ھەر بىر ئادەمنىڭ ياخشى كىتاب ئۆلچىمى ئوخشىمايدۇ، ئەلۋەتتە!

نەزىرىمدىكى ئېسىل كىتاب سىز ئوقۇغانسىرى كۆڭلىڭىزدىكى تۈگۈنلەر يېشىلىپ – يېشىلىپ ماڭىدىغان، سىزنى مەلۇم مەسىلە، مەلۇم شەيئى توغۇرلۇق يېڭى – يېڭى نوقتىدىن ئويلىنىشقا يىتەكلىيەلەيدىغان، ھەتتا، ئوقۇغانسىرى كۆڭلىڭىز يورۇپ ماڭىدىغان كىتاب – مېنىڭ نەزىرىمدىكى ئېسىل كىتاب ھېسابلىنىدۇ!

رەيھان

📖

ئەينى چاغلاردىكى تۈركىيە سۇلتانىنىڭ تەسەررۇپىدىكى پۈتۈن ئىمپىرىيەنىڭ قىياپىتىنى نامايەن قىلالايدىغان كىتاب يېزىش مەقسىتىدە كىتابقا ئەڭ داڭلىق رەسساملارنىڭ رەسىملىرى سىزىلماقچى بولىدۇ.

رەسىم سىزىشنى ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان قارانىڭ بۇ خۇشاللىقى گۈزەللەرنىڭ گۈزىلى دەپ تەرىپلىنىدىغان شەكۈرەگە بولغان مۇھەببىتى بىلەن مەنالىنىدۇ!
سۆيگەن مەشۇقىدىن ئايرىلىپ 12 يىلدىن كېيىن قارلىق دەرەخ شاخلىرى ئارسىدىكى دەرىزىدە ئالدىدىكى مەشۇقى بىلەن قايتا ئۇچىرىشىشى يەنى، خۇسرەۋنىڭ شىرىننىڭ دەرىزىسى ئالدىغا كەلگەندىكى رەسىمىدىكىدەك قايتا ئۇچىرىشىشى ۋە بۇنى تەسۋىرلىگەن نازۇك بىر جۈملە بىلەن كىتابقا كىرىشكە باشلىدىم!

شۇنچىلىك تەستە ئىچىگە كىردىمكى،
ئامراق كىتابلىرىمنى ئوقۇغاندىكى خۇشاللىققا كۆپ ئېرىشەلمىگەن بولساممۇ، ھەر ھالدا بۇ كىتابنىڭ مەن ياقتۇرۇپ قالغان تەرەپلىرىمۇ بار.

يەنى، بۇ كىتابنىڭ مەن ئەڭ ياقتۇرغان تەرىپى مۇنۇ تەرەپلەردە:
كىتاب بىر جەسەت تىلى بىلەن باشلىنىپ ئەسەردىكى ھەر بىر پىرسوناژ ھەم ئەسەرنىڭ مەركىزى  نۇقتىسى بولغان  ئىشلەنمەكچى بولغان كىتابقا سىزىلغان رەسىملەردىن دەرەخ، ئىت، شەيتان، ئۆلۈكلەردىن تارتىپ ئۆز تىلىدا ئۇلارنىڭ ئىچكى ئوي -پېكىرلىرى ئىنچىكە بايانلىنىدۇ.

بىز بىر ئاددى ئوقۇرمەن سۈپىتىدە ھەر خىل ئادەم ھەتتا، شەيتان، قاتىل، جەسەتكە ئايلىنىپ تۇرۇپ ئوخشىمىغان ھەر خىل ئورۇندا پېكىر يۈرگۈزىمىز، ياخشىلىقلا ئەمەس، پاسىقلىق تۇيغۇلىرى بىلەنمۇ ئورتاقلىشش پۇرسىتىگە نائىل بولىمىز.

 يەھۇدى، ئاددى  يايمىچى ئايال ئېستىردىكى پىسخولوگلارغا خاس سەزگۈرلۈك ۋە قىز -ئاياللارغا خاس ئېنچىكە تەپەككۇردىن، شەكۈرەنىڭ ئىشقى -مۇھەببەتتىنمۇ بەكرەك ئوغۇللىرىنى سۆيىدىغان، بالىلىرىنىڭ بەختىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان ئانىلىق يۈرىكىدىن ھوزۇرلىنىمىز.

گۈزەل ئايال شەكۈرەنىڭمۇ پەردازلانماي تەسۋىرلەنگەن خېرە، قاراڭغۇ تەرىپى بىلەنمۇ ئۇچىرىشىش ئارقىلىق ھاياتنىڭ ئەسلىدىكى گۈزەللىك بىلەن رەزىللىك، قاراڭغۇلۇق بىلەن يورۇقلۇق، مۇھەببەتتىكى ساپلىق ۋە دىلغۇللۇق…لار ئارلىشىپ كەتكەن ھاياتنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى يەنە بىررەت چۈشەنگەندەك بولىمىز!

مەنچە مانا بۇ ئەسەرنىڭ ئەڭ مۇۋاپىقىيەتلىك چىققان تەرىپى!

 

************

تەييارلىغۇچى: رەيھان
2019. 06.18

 

تارقىتىڭ...
  1. بەك پاساھەتلىك تەرجىمە قىلپسىز چارچىماڭ..شۇنچىلىك ئەجىر قىلماقمۇ ئاسان ئەمەس…..☕️☕️

Reyhan ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ئورخان

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى