ئاياللارنىڭ دوستى يوق؟

1,484 قېتىم ئوقۇلدى

دادام: بالام، قىزبالا بىلەن ئوغۇل بالىنىڭ ئوتتۇرىسىدا دوستلۇق دەيدىغان نەرسە بولمايدۇ، قىز بالا دىگەن قىزبالا بىلەن دوست بولىدۇ !

ئانام: قىزبالىنىڭ دىگەن دوستى يوق، ۋاقتى كەلگەندە مۇشۇ ئۆيدىكىلەر، قېرىنداشلىرىڭ ساڭا دوست بولىدۇ!

مەن: ئۇف! شۇنداق قىلىپ سىنىپمدىكى ئوغۇللار بىلەن دادامنىڭ گېپى بويىچە ياخشىمۇ ئۆتمىسەم، ئانامنىڭ گېپى بويىچە قىزبالىنىڭ دوستى بولمىسا ئەمسە مەن بىر ئۆمۈر دوستسىز ئۆتۈشۈم كېرەكمۇ ئېيتىڭلارچۇ؟ 😯😴

 

To Vals Tou Gamou – Eleni Karaindrou

 

يىللار ئۆتكەنسىرى قىز – ئوغۇللار ئوتتۇرىسىدا پۈتۈنلەي غەرەزسىز دوستلۇقنىڭ دادام ئېيتقاندەك بولمايدىغانلىقىنى،چوڭ بولۇپ ئەقىل تاپقانسىرى تولۇقسىزدىن تارتىپ ئىمتىھان ۋاقتىدا بىر – بىرىمىزنىڭكىدە تۈنەپ ئۆگىنىش قىلىدىغان، دەسلەپكى ياشلىق تۇيغۇلىرىمىزنى، سىرلىرىمىزنى بىر – بىرىمىزدىن يوشۇرمايدىغان، ھەتتا، ئوبىرنىگە بارساقمۇ بىللە بارىدىغان، تۈرلۈك قىززىق – قىززىق پاراڭلاردا بىللە قاقاقلاپ كۈلگەن ھېلىقى «ئۈچ چارشەنبە» دەپ ئاتىلىدىغان يېقىن ئاداشلارنىڭمۇ، ئالى مەكتەپتىكى سىرداشلارنىڭمۇ بىر – بىرلەپ يىراقلاشقىنىنى، ئوخشىمىغان تۇرمۇش، كۆرگەن – بىلگەنلىرىمىز ئىچىدە تەپەككۇر ئۇسۇلىمىزدىمۇ خېلىلا پەرق شەكىللەنگىنىنى، ئەڭ مۇھىمى تۇرمۇشنىڭ بۇ ئەگرى يوللىرىدا بارغانسىرى كۆپ مەسىللەرنى دوستسىزمۇ جىمجىت ھەل قىلىشقا كۆنۈپ قېلىۋاتقىنىمنى بايقاۋاتىمەن. مەن سەل ئىنسانلار توپىدىن ئايرىلىپ قالدىم ياكى ئەسلى ھايات مانا مۇشۇنداق؟

كورىيەنىڭ ئايال پېرىزىدىېنتى Park Geun Hye خانىمنىڭ 2017-يىلى ئەڭ يېقىن دوستى سەۋەبلىك تەخىتتىن چۈشۈش ۋەقەسىمۇ ئادەمنى ئاياللارنىڭ دوستلۇقى ھەققىدە يەنە بىر ئويلاندۇرامدۇ قانداق؟ كورىيەنىڭ بۇرۇنقى “ يەنە بىر كۆرسەم“ ڧىلىمىدىكى ھەدە-سېڭىلنىڭ مۇناسىۋىتى، ئىككى ئاپىنىڭ دوستلۇقى ئاياللارنىڭ خاراكتىرى ۋە دوستلۇقىنى بەكلا پەردازسىز، ھەقىقى ئېچىپ بەرگەن دەپ ئويلايمەن، سىزچىچۇ؟

خوش، دوستلۇق ھەققىدىكى سۇئاللىرىمىزنىڭ بىر قىسمىغا يەنىلا پىسخولوگ تور بېتى جاۋاب بېرىپ باقسۇن:

ئەقىللىق ئادەملەرنىڭ دوستلىرى ئاز

دوستلىرى ئاز بولسىلا ئەقىللىق ئادەم سانىلىشى ناتايىن. بۇنداق دوستى يوق ئادەملەر باشقىلارنىڭ نەزىرىدە كىشىلەر بىلەن ئارلىشىشقا خوشى يوق، ئۆزگەرگەن ئىنسانىيەت كاتىگورىيەسىگە كىرىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن، ئۇنداقتا دوستلىرىنىڭ ئاز بولىشى غەلىتىلىكمۇ؟

  تەتقىقات ئارقىلىق كۆپلىگەن كىشىلەرنى چۈچۈتىدىغان ئىنقىلاب خاراكتىرىلىك شۇنداق بىرنەتىجە چىقتىكى،دوستلىرىنىڭ ئاز-كۆپ بولىشى ھەقىقەتەنمۇ ئەقىل بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىككەن.

ئەقلى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ھەقىقەتەن ئاددى كىشىلەردىن پەرىقلىق بولىدىكەن. پىسخولوگ ساتوشى كانازاۋا بىلەن نومانلى نوپوسى زىچ رايۇنلاردا ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ بەخىت تۇيغۇسىنىڭ كەملىكىنى ئىسپاتلاپ چىققان بولۇپ، ھەر دائىم ئادەملەر توپى ئىچىدە ياشايدىغانلارنىڭ بەخىتلىك بولۇپ كېتىشى ناتايىنكەن.

ئەقىللىق كىشىلەر دىيىلسە، ئىمتىھان- خىزمەت نەتىجىسى ياخشى، قولىدىن كىتاب چۈشمەيدىغانلار دەپ ئويلاپ قالىدىغانلارمۇ بولىشى مۇمكىن.بۇ خىل كىشىلەر پىروففىسورى تاپشۇرغان مەسىلىنى تىزراق ھەل قىلىش ئۈچۈن كۈتۈپخانىلاردا ۋاقىت ئۆتكۈزىدىغانلار بولۇپ، بۇ خىل كىشىلەرنىڭ جەمىئەت بىلەن ئارلاشماسلىقى ئەقىللىق بولۇپ كەتكەنلىكىدىن بولىشى ھەم ناتايىن.

لوندون مەكتىپى بىلەن سىنگاپور ئىگىلىك باشقۇرۇش  ئونۋىرىستىتىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، IQ سى يۇقىرى كىشىلەر ياخشى كەيپىياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن كىشىلىك مۇناسىۋەتكە تايانمايدىكەن، ئەكسىچە IQسى تۆۋەن كىشىلەر باشقىلارنى چۈشىنىش، جەمىئەتكە ئارلىشىش ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت سەرىپ قىلىدىكەن.

شۇڭا، ئالدىنقى تىپتىكى كىشىلەرنىڭ دوستلىرىمۇ كۆپ بولمايدىكەن.

ئوكېي، يېغىپ ئېيتقاندا، يالغۇزلۇقتىن ھوزۇرلىنالايدىغان، تۇرمۇشتا يولۇققان قىيىنچىلىق، تاللاشلارنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلالايدىغان، مەۋقەسى، خاراكتىرى بار كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ۋە تەپەككۇر ئۇسۇلىمۇ ئۆزگىچە بولىدۇ، ھاياتلىق يولىدا ئۇلار بىلەن ئوخشاش لىنىيەدە پېكىرلىشەلەيدىغان ئادەملەر، بىللە ماڭالايدىغان بىريولدىكىلەرئۇنچە كۆپ بولمايدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ”ئايال كىشىنىڭ دوستى يوق!“  بولغاندىكىن ئاياللارنىڭ ئەقلى قابىلىيتى خېلى يۇقىرىمۇ نېمە،-ھە؟ 😅

 

******************

پايدىلانغان مەنبە: ياپونچە “ قەلب قېزىش“ تور بېتى

2019.7.17

رەيھان

 

تارقىتىڭ...
  1. ئنتايىن توغرا دەيسىز…! ھەر دوستى يوق ئەيال كىشلەرنىڭ ئەقلىي ئىقتىدار خىلى يۇقرى…☕️

  2. دوستلۇق دىگەن شۇ بالىلىقتا، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرىدىلا قالىدىغان نەرسىكەن دەپ ئويلىدىم. ئۇندىن كىيىنكىسى ئازدۇر- كۆپتۇر شەخسى مەنپەئەت ئارلىشىپ كەتكەن.

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ئاياللارنىڭ

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى