ئايال، نىكاھ، كەسىپ ۋە گۈزەللىك

2,054 قېتىم ئوقۇلدى

كىچىككىنە ئون نەچچە ياشلىق قىزچاق چاغلىرىمدىن تارتىپ كىتابلاردىن، كىنولاردىن ئاجايىپ بىر قىزنىڭ، ھەقىقى بىر ئايالنىڭ سىماسىنى ئىزدەيتتىم. ئەتراپىمدىكى ئانامنىڭ بىلىملىك، سالاپەتلىك دوستلىرىنى كۆرسەم كەلگۈسىدە ئاشۇنداق بىر ئانا بولۇشنى ئىستەيتتىم. ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چاغلىرىمدىن تارتىپ قىز – ئاياللارغا مۇناسىۋەتلىك كىتاب، ژورناللارنى كۆپرەك كۆرەتتىم.

قاچانلاردىن باشلاپ مەن ئۇ ئوبرازنى كىتاب، كىنولاردىن ئەمەس ۋۇجۇدۇمدىن ئىزلەيدىغان، ۋۇجۇدۇمدىكى ئاياللىق تۇيغۇلىرىنى تىڭشاشنى، قېزىشنى ئۆگەندىم.

مېنىڭ ئۆزۈمگە قويىۋالغان بەك كۆپ «كېرەك» لىرىم يوق، بار دىيىلسە مۇنداق ئۈچ تەلىپىم بار: ئاياللار چوقۇم ئەقىللىق (بۇ يەردىكى ئەقىل كەڭرى مەنىدە) بولىشى، تەڭرى ئاتا قىلغان گۈزەللىكىنى ۋايىغا يەتكۈزەلەيدىغان بولىشى، تاماق ئېتەلەيدىغان بولىشى كېرەك!(بەك ئاددى ھە؟😀)

بىلوگىمنىڭ ئېلخەت ساندۇقىغا ئانچە – مۇنچە كەپ قالىدىغان خانىم – قىزچاقلارغا تەۋسىيەلىك كىتابلارنى سورىغان دوستلارغا يېقىنقى زامان تارىخىدا مەخسۇس ئاياللار ئۈچۈن يېزىلغان كىتاب ئوقۇغۇنى ئېسىدە يوق پېقىر نېمە دەپ جاۋاب بېرىشنى بىلمەي قالىمەن. بەلكىم، «ئىپارخان» بىلەن ھازىر مەن تونۇشتۇرمارقچى بولغان كىتاب بولىشى مۇمكىن.

بۈگۈن يېقىندا ئوقۇپ تۈگەتكەن دۇنيا گۈزىلىنىڭ ھاياتلىق خاتىرىسىنى ئوقۇۋىتىپ ئويلىغانلىرىمنى، ئاياللىق تۇيغۇلىرىمنى بارچە دوستلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.

بىر قىزنىڭ پۈتۈن ھاياتىدىن كۈتىدىغىنى نېمە؟ گۈزەللىك، مۇھەببەت، كەسىپ، ئانىلىق… ھەممىدە بىراقلا ۋايىغا يەتكەن بىر ئايال بولۇش مۇمكىنمۇ؟

 

1953-يىلى ئىشلەنگەن داڭلىق فىلىم ”رىمنىڭ دەم ئېلىش كۈنى“

Eros  – Chris Spheeris

 

ئايال ۋە بەخىت

1953-يىلى ئىشلەنگەن، ھېلىمۇ ھەم بەزى ئالى مەكتەپلەرنىڭ ئىنگىلىزچە دەرسلىكلىرىگە كىرگۈزۈلگەن (شەخسەن بىزنىڭ بىر تاللانما دەرسلىكىمىزدە مەخسۇس مۇشۇ كىنونىڭ دىئالوگلىرىنى ئۆگەنگەنىدۇق)، 24 يېشىدا مەشھۇر فىلىم «رىمنىڭ دەم ئېلىش كۈنى» ، 27 يېشىدا رول ئالغان تولىستوينىڭ مەشھۇر ئەسىرى «ئۇرۇش ۋە تىنچلىق» قاتارلىق فىلىملاردىكى گۈزەل ئوبرازى بىلەن دۇنياۋى چولپانغا ئايلىنىپ، پۈتۈن دۇنيا كىشىلىرى قەلبىدىن ئورۇن ئالغان ئودرى ھەپبېرن ۋە ئۇنىڭ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان شۇ تەبەسسۇمنىڭ ئارقىسىدا پۈتۈنلەي ئاجايىپ بەخىتلەر، باياشاتچىلىق، لىققىدە مۇھەببەت بار دەپ ئويلامسىز؟ ياق! جەزبىدار، سېھىرلىك تەبەسسۇم نۇرغۇنلىغان ئاچچىق كەچۈرمۈشلەردىن يۇغۇرۇلغان ۋە ۋايىغا يەتكەن.

ئۇ 10 ياش ۋاقتىدا ئۇرۇشنىڭ تولىمۇ رەھىمسىز، پاجىئەلىرىنىڭ شاھىدى بولغان. كىچىك ۋاقتىدا ئاپىسى بىلەن دادىسىنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى بولمىغانلىقتىن دادىسى ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن، يەنى ئودورې ئالتە ياش ۋاقتىدا دادىسى تەرىپىدىن تاشلىۋىتىلگەن بالا بولۇپ مۇھەببەت كەمچىللىكىدە چوڭ بولغان. ئۇ ئىز – دېرەكسىز يوقالغان دادسىنى 31يېشىدا تاپقان. ئۇ دادىسىنى تاپقاندا دادىسى ئۆزىدىن 30ياش كىچىك يەنى، قىزى ئودرى بىلەن ئوخشاش ياشتىكى قىزغا ئۆيلەنگەن ھەم ئودرى بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلغان.

بالىلىق دەۋرىدىن تارتىپ دادىسىزلىقتىن قەلبى يارىلانغان ئودرى دادىسىنى ئەينى چاغلاردىكى فاشىزىم ئىددىيەسى ۋە تۈرمە ھاياتى سەۋەبلىك قىزى بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، دادىسىغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن تاكى دادىسى 90 يىشىدا ۋاپات بولغانغا قەدەر 20يىل ئىزچىل يوقلاپ تۇرغان ھەم بالىلىقتىن قالغان يارىلىرىنى ئۆى شۇ خىل ئۇسۇلدا داۋالىغان.

ئەڭ چوڭ ئارزۇسى بالىتچى بولۇش بولسىمۇ بولالمىغان! ئۇ چولپان، پۇلدار بولۇشنى ئەمەس، بەخىتلىك بىر ئائىلىسى بولۇشنى ئويلىغان ھەم بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشقان – يۇ، شۇ ئەقەللىي ئارزۇسىمۇ كۆپۈككە ئايلانغان. ئۇ ئۆزىگە شۆھرەت ۋە ئۇتۇق ئەكەلگەن خىزمىتىنى ئەمەس ئوغلىغا ۋە ئائىلىسىگە مۇھەببەت بىرىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان. ئەپسۇسكى، ئۇنىڭ ئىككىنجى قېتىملىق نىكاھىمۇ ئۇنىڭ قەلبىنى ئېغىر يارا قالدۇرۇپ ئاخىرلاشقان.

دىمەك، ھېچكىمنىڭ ھاياتى پۈتۈنلەي بەخىت ۋە شادلىقتىن پۈتۈلمىگەن! ئۆزىنى بەخىتلىك قىلالىغان كىشىلەر ھاياتىدىكى قىيىنچىلىق ۋە ئازابنى يېڭىشنى بىلەلىگەنلەر، خالاس!

 

1961-يىلى ئىشلەنگەن ”ئۇرۇش ۋە تىنچلىق“ فىلىمىدىكى 27 ياشلىق ئودرى

ئايال ۋە گۈزەللىك

ئاياللارنىڭ گۈزەللىككە ئىنتىلمەسلىكىنى بىنورماللىق دەپ قارايمەن! ھاياتى كۈچكە تولغان بىر ئايالنىڭ يۈرۈش -تۇرىشىمۇ ئۆزگىچە بولىدۇ، ئۆز گۈزەللىكىنى ۋايىغا يەتكۈزۈشنى مۇھىم دەپ بىلىدۇ.

گايۋىنچنىڭ ≪Emotional first aid≫ نامىلىق كىتابىدا مۇنداق بىر تەتقىقات نەتىجىسىنى ئوقۇغىنىم يادىمدا:
مۇشۇ قالتىس گۈزەللەر بىلەن ئۆزىنى ئادەتتىكىچە ياكى كۆرۈمسىز دەپ قارايدىغان ئاياللار ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ زىبۇ – زىننەت تاقىمىغان، گىرىم قىلمىغان، ئوخشاشلا كىيىم كەيگەن ھالىتىنىڭ ئانچە كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيدىغانلىقى، «گۈزەل» دەپ ئاتالغانلار ئۆزىنى ئەسلىدىكى ئۆزىدىنمۇ يۇقىرى باھا بىرىۋالدىغانلىقىنى، شۇڭا، تاشقى گۈزەللىكىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، ئەتراپدىكىلەرنىڭ شۇنداق قارىشى بىلەن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ تېخىمۇ ئاشىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان.

قىززىق يېرى شۇكى، پۈتكۈل دۇنيا ئاياللىرى گۈزەللىكتە ھەۋەس قىلىدىغان بۇ گۈزەل ئۆزىنى ئەزەلدىن «گۈزەل» دەپ ئويلاپ باقمىغان. ئۇ ئۆزىنى زىيادە ئورۇق، چىشلىرى ئوڭغۇل -دوڭغۇل، يۈز شەكلى تۆت چاسا، بۇرۇنلىرى، پۇتلىرى يوغان دەپ ئويلىغان.

ھالبۇكى، ئودورى دۇنيا سەھنىسىدە چاقنىغاندىن كېيىن گۈزەللىك ئۆلچىمىدىمۇ ئۆزگىرىش بولغان! ئۇنىڭ كۆزلىرى دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل كۆز دەپ تەسۋىرلەنگەندە ئۇ «ياق،  دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل كۆز گىرىمى!» دەپ تۈزىتىش بەرمىسە دۇنيانى ئالدىغانلىق دەپ قارىغان.(نېمىدىگەن سەمىمىيلىك دەيمەن!)

ئودورې ئەزەلدىن ئاددىيلىقنى ياقتۇراتتى. بۇنداق داڭلىق چولپاننىڭ چوقۇم بەك كۆپ كىيىملىرى بار دەپ ئويلايسىز؟ ئۇنداق ئەمەس! ئۇنىڭ بىر تال يوپكىسى، بىر تال كوپتىسى بار ئىدى! لېكىن شارپىسىدىن 14 مۇ بار بولۇپ، ئۇ مۇشۇ شارپىلىرىدىن ھەر خىل نۇسقىلارنى چىقىرىپ گۈزەللىك ياراتقان.

ئوكېي، مۇشۇ قۇرلارنى ئوقۇۋىتىپ نېمىلەرنى ئويلىدىڭىز؟ يەنە ئۆزىڭىزنى كۆرۈمسىز ياكى ئادەتتىكىچە دەپ ئويلامسىز؟ يەنە باشقىلارنىڭكىدەك ئېسىل كىيىم – كېچەك، زىبۇ – زىننەتلىرىڭىز بولمىغاچقا، باشقىلاردەك گۈزەل ئەمەس دەپ قاقشامسىز؟ شۇنى دەيمەنكى، بىر قىز ئەڭ ئاددى كىيىمدىمۇ، ئەڭ ئېسىل زىبۇ – زىننەتتىمۇ ئوخشاشلا گۈزەل بولالايدىغان، گۈزەللىك يارىتالايدىغان روھ ۋە تەڭرى بەرگەن چىرايىغا بولغان ئىشەنچ بولىدىكەن بۇ قىزدا يۈرەكنى تىترەتكۈدەك گۈزەلىلىك بولىدۇ!

ئودرىنىڭ ئۆمۈرلۈك دوستى hubert de givenchy

مۇھەببەت، ئائىلە ۋە كەسىپ

بىر ئايالنىڭ ھاياتىدا ئۇچىرىغان ئەرلەر ئۇنىڭ ھاياتىغا ئاجايىپ بۇرۇلۇش ۋە تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ. ئودرېنىڭ ھاياتىدا داڭلىق مودا لايىھلىگۈچىسى گېۋىنچ (hubert de givenchy) ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك دوستى بوپ قالغان. ئەر -ئاياللىق مۇناسىۋىتىدىن ھالقىغان بۇ خىل گۈزەل مۇناسىۋەت ھاياتتا كەم ئۇچرايدىغان مۆجىزىگە ئوخشاش بۇ ئىككىسدىكى ماسلىشىش دۇنيا مودا ساھاسىگە ھازىرغىچە جەلىپكارلىقنى يوقاتمىغان يېڭىلىق ئېلىپ كەلگەن.

ئودورى بىر ئۆمۈر مۇھەببەتكە ئىنتىلگەن، بىراق، مۇھەببەت تەلەپ قىلمىغان. ئۇنىڭ ئىككى قېتىملىق نىكاھى مەغلۇب بولغان، ئۇ نىكاھتىن ئۈمىد ئۈزگەن. ھالبۇكى، بۇ لاتاپەتلىك، گۈزەل قىز كەسىپتىنمۇ بەكرەك ئائىلىنى مۇھىم دەپ بىلگەن! ئابروي -شۆھرەتتىنمۇ بەكرەك ئىللىق بىر ئائىلىسى بولۇشنى، ئانىلىق مەسئۇلىيەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان ھەم قۇربانلىق بەرگەن!

مەن شېرل سەندبېرگنىڭ «Lean in» نى ئوقۇۋىتىپ سەل ھېرىپ قالغان بولسام، ئودورېنىڭ ھاياتلىق كەچمىشلىرىنى ئوقۇۋىتىپ، ئورتاق نوقتىلاردىن راھەتلەندىم.

ئەتىگەندىن كەچكىچە خىزمەتلا قىلىدىغان، كەسىپ ئۈچۈن ئائىلىسى توپا باسقان، بالىلىرى بويۇن قىسقان بىر ئايالدا ھەقىقى بەخىت جىلۋىسى بولارمۇ؟ كەسىپ ۋە قىزىقىشمۇ بەك موھىم، ئائىلە ۋە ئانىلىق تېخىمۇ مۇھىم! شۇڭا، مەلۇم دەرىجىدىكى بىرسى ئۈچۈن يەنە بىرسىدىن پۈتۈنلەي ئەمەس مەلۇم دەرىجىدە  ۋاز كېچىش ھەم مۇۋازىنەتنى تەڭشەش ئاجايىپ مۇھىم.

گۈزەل ياشاش

ئودرې 58يېشىدا خەلقئارالىق بالىلار فوندى بىلەن تونۇشىدۇ ھەم ئۆزىنىڭ بۇ دۇنياغا نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تونۇيدۇ. «ئاننې فىرانكنىڭ مائارىپ فوندى» دا ئودرې سۆز قىلىپ مۇنداق دەيدۇ :
ئاننېنىڭ يۈرىكىمىزدە ھېلىمۇ ھەم، ھەتتا كەلگۈسىدىمۇ ياشايدىغانلىقى – ئۇنىڭ ياشلا ئۆلۈپ كەتكەنلىكى بولماستىن، ئۇنىڭ ئۈمىد، مۇھەببەت، بارچىنى كەچۈرىۋىتىشنىڭ ئۆلمەس ئىزلىرىنى قالدۇرۇش ئۈچۈن يىتەرلىك ياشىغانلىقىدىن ئىبارەت.

ئىككىجى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۇرۇشنىڭ قورقۇنۇچلۇق پاجىئەلىرىگە، ئۇرۇش خارابىلىرىنىڭ شاھىدى بولغان، ئوزۇقلۇق -دورا قاتارلق ياردەمگە مۇھتاجلىقنىڭ دەردىنى تارتىپ باققان ئودرې 58 يېشىدا بالىلار ئۈچۈن مىھىر – مۇھەببەت يەتكۈزۈشنى باشلىغان ھەم باشقىلارنىڭ ھەر قانداق قارشىلىقىغا قارىماستىن قىلىۋاتقان ئىشىدىن ھوزۇر ۋە بەخىت تاپقان.

ئودرېنىڭ نەزىرىدە بەخىت سېلىشتۇرىدىغان نەرسە ئەمەس، ئۆزى ھېس قىلىدىغان تۇيغۇ، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىشلاردىن ھوزۇر تېپىش تۇيغۇسى ئىدى.

دىمەك، بۇ دۇنيا گۈزىلىدىكى گۈزەللىك پەقەت ۋە پەقەت ئەڭ مودا كىيىم بىلەن ياسىنپ، ئېسىل گىرىم بۇيۇملىرى بىلەن ئۆزىنى بويىۋالغان سىرىتقى گۈزەللىكلا ئەمەس ئىدى! مېنى قايىل قىلغىنى ئودرېىنىڭ ئىچ – ئىچىدىن ئۇرغۇپ چىققان گۈزەللىكى، خاس خاراكتىرى ۋە تەپەككۇرى بىلەن بىرلەشكەن  سەممىمى گۈزەللىك. ئۇنىڭ ھاياتلىق كەچمىشىنى سۆزلىشىم بىر چولپاننىڭ ھاياتىدىن بىر ھەقىقەتكە نەزەر سېلىش، يەنى، ھەممىدە مۇكەممەل بولۇش مۇمكىن ئەمەس، بىراق، ئاخىرقى تىنىقىمىزغىچە ئۆزىمىزنى ۋايىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن گۈزەل ياشاش ھەممىدىن مۇھىم.

 

18-چىسلادىكى يېڭى بىر يېشىم ئۈچۈن بىر نەرسە يازغۇم كەلدى، ئۇشبۇ يازمامنى بارچە سۆيۈملۈك قىزچاقلارغا ھەم ئۆزۈمنىڭ يېڭى بىر يېشىغا بېغىشلايمەن.

ئۇشبۇ يازمىنى ئوقۇپ چىققان ھەر بىر سۆيۈملۈكنىڭ ھايات ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچتىن يۈزلىرىدە تاتلىق تەبەسسۇم پارلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن~❤✨

 

***************

رەيھان ئابلەت

2019.08.18

تارقىتىڭ...
  1. ئادەم قايىل بولماي قالمايدۇ ئودرېغا….شۇنداق ئاياللار قانچىلىك…ھازىر….ئاياللارنىڭ تىپىك ۋەكىلى.. شۇڭلاشقا قايتا ئوقۇپ چىقتىم…بەك ياخشى ئەرلەرنى تاپىدىكەنسىز…سىز زادى…! قانچە تىل بىلسىز…

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ئايال،

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى