تۇيغۇلىرىڭىز يارىلانغاندا

1,501 قېتىم ئوقۇلدى

بىراۋلار تەرىپىدىن تۇيغۇلىرىڭىز يارىلانغاندا  مۇنداق ئىككى تاللاش بار:

بىرى، قەلبىڭىزدىكى ئاغرىقنى يوشۇرۇپ ئۆزىڭىزنى كۈچلۈك كۆرسىتىش.

ئىككىنجىسى: ۋۇجۇدىڭىزدىكى بۇئاغرىققا نىسبەتەن مۇۋاپىق دەرىجىدە ئىنكاس قايتۇرۇش. 

سىز قايسىسىنى تاللايسىز ؟ 

My Fragile Heart – Murat Tugsuz

 

ئەمەلىيەتتە، ئىككىنجى خىل ئۇسۇلنى مۇۋاپىق دىيىشكە بولىدۇ. چۈنكى، ئادەمنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچى چەكلىك بولىدۇ،  ئادەم ئۆزى يولۇققان چوڭ – كىچىك زەربىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ ماڭمىغىنىدا ئاخىرى بۇ زەربىلەر يىغىلىپ ئادەمنى ئۆرۈپ تاشلايدۇ.

كۈچلۈك بولۇش دىگىنىمىز – سەۋىر قىلىش، ھېچنىمە دىمەسلىك، ئۆز ھىسياتىنى كونتىرۇل قىلىش دىگەنلىك ئەمەس! ئەكسىچە، تۇيغۇلىرىدىكى ئاغرىقلارغا دادىل يۈزلىنىش، ئۆزىگە ئۆز ھىسياتىنى، ئويلىرىنى، يارىلىرىنى ئىپادىلەيدىغان پۇرسەت بېرىش، ئارتۇقچە سەۋر قىلىشقا چەك قويۇش كىشىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىدۇ. يەنى، ئالدى بىلەن  ئۆزىڭىزنىڭ تۇيغۇلىرىڭىزغا سەمىمىيلىك بىلەن يۈزلىنىپ، ئۆز ھىسياتىڭىزنى ياخشى ئوقۇپ چۈشىنىڭ. بەدىنىڭىزدە قانداق ئۆزگىرىش غەلىتىلىك يۈز بېرىۋاتىدۇ، بۇ تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىڭ.

بۇ يەردە ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، قارشى تەرەپ سىز ئۈچۈن ھېچكىم بېرى بولسا مەسىلىنى ھەل قىلماق بەك ئاسان. تېزلا كۆڭلىڭىزدىن، ھاياتىڭىزدىن چىقىرىۋىتەلەيسىز! ناۋادا يېقىنلىرىڭىز بولسىچۇ؟ ئۇنداقتا كېيىنكى قەدەمدە پاراڭلىشىشنى تاللاش ئاقىلانىلىك. يەنى، پاراڭنىڭ تېمىسى «مەن» دىن چىقىسۇن. كۆپىنچە ئەھۋاللاردا يېقىنلىرىڭىز سىزگە قەستەن ئازار بېرىۋىلىشنى تاللىمايدۇ، پەقەت سىزنىڭ بەزى نازۇك تەرەپلىرىڭىزنى چۈشەنمەي قالىدۇ. پاراڭلىشىش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ قايسى تەرەپلەردە قانداق مۇئامىلە قىلسا بولىدىغانلىقىنى، قايسى خىلدىكى سۆز-ھەرىكەتلەرنىڭ سىزنى يارىلاندۇرىدىغىنىنى دەپ بېرىڭ ھەم قارشى تەرەپتىن بۇندىن كېيىن يەنە بۇنداق ئۇسۇلدا ئازار بەرمەسلىكنى، نازۇك تەرەپلىرىڭىزگە چىقىلماسلىقىنى تەلەپ قىلىڭ. يىغىپ ئېيتقاندا، كۆڭلىڭىزگە، ھەربىر تۇيغۇلىرىڭىزغا، يارىلىرىڭىزغا سەل قارىسىڭىز، بۇ ھىچقانچىلىك ئىش ئەمەس دەپ ئۆتكۈزىۋەتسىڭىز بولمايدۇ.

ۋۇجۇدىمىزدىكى ھەربىر ئاغرىق، روھىمىزدىكى ھەر بىر يارىلىنىشىنى ۋاقتىدا  داۋالاپ مېڭىش ئۆزىمىزنى قۇتقۇزغانلىق.

 مۇھەببەت-نەپرەت، ئازاب ۋە خۇشاللىق، ھەسەت ۋە  ھەۋەس،  ئۈمىد ۋە ئۈمىدسىزلىك… قىسقىسى، ھەر بىرئىنساندا بولىدىغان نورمال تۇيغۇسىغا پەرداز بەرمەستىن ھەقىقى يۈزلىنىش ۋە ھۆرمەت قىلىش ئىنساننىڭ ئۆزىگە قاراپ يەنە بىر قەدەم يېقىنلىشىشى، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۆزىگە ھۆرمەت ۋە سۆيگۈ بېرىشتۇر.

************************

پايدىلانغان ماتىرىيال: «قەلىب قېزىش» تور بېتى

رەيھان ئابلەت

تارقىتىڭ...
  1. بەك ياخشى يازمىلار شۇنچىلىك ياقتۇردۇم..ئۇ بىر ھەقىقەت..قىسقا ھەم ئخچام ئسىل چارچىماڭ…

  2. سالام سۈيۈملۈك رەيھان!سىزگە ئەڭ گۈزەل سالاملار بولسۇن !بۇ يەرىدىكى مەزمۇنغىلا ئۆزۈمنىڭ بىر ئىلتىماسىنى يازاي: بالىلارنىڭ دىققىتىنى يىغالماسلىق، ئىشنى كەينىگە تارتىش(تاپشۇرۇق ئىشلەش..دېگەندەك) مۇشۇ مەسىلىلىەر نۇقتىلىق يۇرۇتۇپ بېرىلگەن يازمىلىرىڭىز قايسىدۇ، ھە؟ھەممە مەزمۇنلارنى تېخى تەپسىلىي كۆرۈپ بولالمايلا ئىلتىماس قىلىپ قالدىم….ھەرۋاقتىت روھى ئېنىرگىيەرىڭىزنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ھالەتتە ئەتراپىڭىزغا كۈچلۈك ماگنىت ئېنىرگىيە مەيدانى ھاسىل قىلىشىڭىزغا تىلەكداشمەن .

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

تۇيغۇلىرىڭىز

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى