ئانا يۇرتلارغا كەتتۇققۇ بۈگۈن!

478 قېتىم ئوقۇلدى

ئويلىرىمنى رەتلىمەك بولۇپ ئۆز – ئۆزۈمگە چۆكەلەيدىغان ھېلىقى چىغىر يولغا كەلدىم.

قۇشلارپەسىللەردىن، ھەتتا مەندىنمۇ يۈز ئۆرۈگەندەك قاياقلارغىدۇر كەتكەن، ئۇلارنىڭ مېنى ھاياجانغا سالىدىغان ئاۋازىنىمۇ ئاڭلىيالمىدىم. مەن ئولتۇرىدىغان ئورۇندۇقتا كىمدۇر بىرى ئولتۇرىۋالغان.

ئۇف، تەتۈر پەلەك! ئادەمنىڭ كەيپى تۆۋەنلىسە ھەممە مانا مۇشۇنداق ئۆزىدىن يىراقلاشقاندەك تۇيۇلامدىكىن تاڭ! ئاخىرى ئىلانگۈچتە ئولتۇرۇپ شۇ تاپتىكى ئىستەكلىرىمنى، روھىمنىڭ تىۋىشلىرىنى ئەڭ سەمىمىيتىم بىلەن ئاڭلار بولدۇم، قېنى سۆزلە رەيھانىم.

Modenhan — Uyghur Folk Music

 

ئايلار… ياق! بەلكىم يىل بولدى! ئىچ – ئىچىڭگە سىڭىپ كىرەلىگۈدەك، پۈتكۈل مەخپىيەتلىكىڭنى ئاشكارە قىلغۇدەك، تۇيغۇلىرىڭنىڭ ئەڭ نازۇك تىۋىشلىرىغا جۆر بولغۇدەك، سېنى ئىچ -ئىچىڭدىن ھاياجانغا سالغۇدەك، تەپەككۇرۇڭنىڭ تىرەنلىكىگە يول ئاچقۇدەك.. قىسقىسى، پۇخادىن چىققۇدەك بىرەر كىتاب ئوقۇيالمىغىنىڭغا!
سېنىڭ شۇ تاپ ئىزدەۋاتقىنىڭ دەل ئاشۇنداق كىتاب!

ئادەملەردىن، بولۇپمۇ سېنى پەقەت سىرىتتىنلا تونۇيدىغان، سىرتىڭدىنلا باھا قويىدىغان ئادەملەر توپىدىن تۇرۇپلا سوۋۇپ قالدىڭ! سەن روھىڭنى تىڭشىيالايدىغان، قەلبىڭدىكى تۈرلۈك ئاغرىنىشلىرىڭغا تەسەللى، ئىتىلگەن ئەقىل كۆزلىرىڭگە دورا بولالايدىغان سىرداشقا مۇھتاج بولدۇڭ! ئۇنىڭ بىلەن كەچكى شەپەقنىڭ گۈزەل نۇرلىرىغا چۆمۈلگەچ ئادەمسىز تىنىچ كوچىلاردا يېنىك قەدەملەر بىلەن يىقىملىق پاراڭلاشقۇڭ، ئادەملەرگە بولغان ئىشەنچ ۋە مۇھەببەتنى، ھاياتقا بولغان ئەقىدە ۋە كۈچنى، ئۆزۈڭنىڭ ھەقىقى يۈزىنى ئۇنىڭ روھىيەت دۇنياسى ۋە مۇھەببىتى ئارقىلىق قايتا تېپىۋالغۇڭ كەلدى!

سەن شۇ تاپ ئاناڭنىڭ ئىللىق باغرىغا، يېقىملىق كۈلكىسىگە شۇ قەدەر مۇھتاج ئىدىڭ! ئۇنىڭ سەن ئۈچۈن كۆيۈپ ئەتكەن بىر قاچا ئۈگرىسىنى مەززە قىلىپ ئىچكۈڭ، ئاناڭ – داداڭ بىلەن بىللە بېرىپ ھېلىقى كاۋاپخانىنىڭ جىگەر گاۋىپىدىن يىگۈڭ، تونۇردىن يېڭى قومۇرۇلغان قىززىق سامسىنى تونۇر بېشىدىلا ئۆرە تۇرۇپلا پۈۋلەپ يىگۈڭ، ئۇلارنىڭ شۇ تۇرىقىڭغا مەسلىكى كېلىپ «ھەجەپ خۇش بوپكەتتىڭ بالام!» دىگەنلىرىنى ئاڭلىغۇڭ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىدا ئۇلارنى قولتۇلاپ پىيادە ئۆيگە قايتقۇڭ كەلدى. . .

ئاچاڭنىڭ تېلىفۇن قىلىپ «كېلە، گۇلزارمۇ مۇشۇ يەردە توخۇ قوردىقى قىلىپ يەيىمىز!» دىيىشلىرىنى، ئۈچ قىز قېرىنداش بىللە ئۇرۇق – تۇغقانلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلغاچ تاماق قىلىپ يىيىشلەرنى، يوقىلاڭ ئىشلار ئۈچۈن قاقاقلاپ كۈلۈشلەرنى، ئاچاڭنىڭ قولىدىن چىققان ئوخشىتىپ دەملەنگەن زەپە چايلارنى ئىچكۈڭ، ئۇلار بىلەن پۇخادىن چىققۇچە پاراڭلاشقۇڭ كەلدى. . .

تۇغقانلارنىڭ ئوپچە سەھراغا چىقىشى ئاجايىپ كۆڭۈللۈك! ئۇلار سەندەك دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا سوغۇقى ئېشىپ كەتكەن سىڭلىسىنى داۋالىماقچى بولدى! ئاكاڭ باچكىلارنى ئەكەلدى، ئاچاڭ «چىدىماسلىق قىلما بولدى!» دىگىنىچە سېنى قۇمغا كۆمدى.

ئۇلار بىلەن لاي سۇ ئېقىپ تۇرغان دەريادا سۇ چېچىشىپ ئويناشمۇ ئاجايىپ كۆڭۈللۈك! بۇ چاغدىكى گۈزەللىك ۋە خۇشاللىق ئالدىدا سەن كۆرگەن خەقنىڭ كۆپكۆك دېڭىزلىرى ھېچنىمە ئەمەس . . .

تۇغقىنىڭنىڭ بېغىدىن ئۈزۈپ چىققان كۆكتاتلىرى بىلەنلا ئېتىپ بەرگەن لەغمىنىنىڭ تەمىنى، ئۇرۇق – تۇغقانلار جەم بولغان دوستىخاننىڭ ھوزۇرىنى، ئىشەك ھارۋىسىغا قىستىلىپ ئولتۇرۇپ توپىلىق سەھرا يوللىرىنى بىر ئالغان كۈلكىلەر بىلەن يەنە بىر تۇغقىنىڭنىڭ ئۆيىگە بارغاندىكى سەپەرنىڭ خۇشلىقىنى دىمەيلا قوي! شۇنىڭ بىلەن نەچچە يىللىق ھارغىنلىقىڭ، بەدىنىڭدىكى ماغدۇرسىزلىق، روھىڭدىكى سۇلغۇنلۇق ھەممىسى يوقايدۇ!

بىر ئىنسان ئۈچۈن ئۆز تۇپرىقى ۋە مۇھەببىتىدىن ئارتۇق يەنە بۇنىڭدىن ئارتۇق قۇۋۋەت دورىسى بولامدۇ ؟!

ئۇف! شۇنداق قىلىپ ئىلانگۈچتە بۇلارنى يېزىۋىتىپ بولۇپ يەنە رىئاللىققا قايتىپ كەلدىم، ئەمدى قەھۋەرىمنى ئىچەي~

2019/09/17    Reyhan

 

تارقىتىڭ...
  1. بەك ئسىل يىزىپسىز، ھەرقىتىم خىياللىرىمدىكى تييغۇلىرىمنى سىزلا ئەكىس ئەتتۈرسىز..سىز چىىلك قابىلىيتىم بولسا كاشكى…بەلىكىم ئۆسۈپ يىتىيلگەن دەۋرىمىز كۆپ پەرقى بولمىسا كىرەك… شۇنداقتىمۇ شۈنچىلىك سۆيۈندۈم.. چارچىماڭ..☕️

  2. مەن ئىلگىرى ئەنە شۇنداق ئەتراپىمدىكى كىشىلەرنىڭ سىرتقى قىياپىتىمگە قاراپلا باھا بېرىشلىرى، ئۇلارنىڭ چىرايىدىكى ھەر خىل ئۆزگىرىش ۋە ئىپادىلەر، ئۆز ئارا كۇسۇرلاشلىرىدىن زېرىكىپ، ئۆز ئۆزۈمگە بېسىم قىلىپ، ھەتتا ئەڭ يامان خىياللارغىمۇ كېلىپ ھېچكىم تونۇمايدىغان، مېنى كۆرگەنلىرىدە ھەيرانمۇ قېلىشمايدىغان، قىلىۋاتقان ئىش، دەۋاتقان گەپ سۆزلىرىدىن توختىمايدىغان يەرگە كېتىشنى شۇنچە ئارزۇ قىلىپ ئاخىرى ياقا يۇرتلارغىمۇ كېلىۋىدىم، ئەمما ھەممە ئىشلار ئۇنىڭ ئەكسىچە بولدى، «قازاننىڭ قۇلىقى تۆت» دەپ گەرچە بۇ يەردە بۇرۇنقىدىن سەل ئازلىغان بولسىمۇ ئەمما مېنىڭ بارلىقىم، مەۋجۇتلۇقۇم ھەر قاچان، ھەر يەردە ئۇلار ئۈچۈن بىر تېما بولۇپ كەلدى دېسەممۇ بولىدۇ، ئەمما مېنى ئەڭ بىئارام قىلغىنى ۋە كۆڭلۈمنى يېرىم قىلغىنى مەن ئىلگىرى باشقىچە بىلىنىپ كەتكەنلەر، ھەتتا ماڭا، قۇلىقىمغا ئاڭلىتىپ تۇرۇپ كۇسۇرلاشقانلار ئەمدىلىكتە كۆزلىرىمگە گۈل كۆرۈنۈشكە، كۆڭلۈمگە ئازار بېرىشكەنلەرنى ئەمدى قانچە دەۋالسا مەيلىتى يېنىمدىلا بولسا دەپ ئويلاشقا، ئەينى ۋاقىتتا مەن ئايرىلىشنى شۇنچە ئارزۇلىغان، قەدرىنى بىلمىگەن شۇ يۇرت مەھەللەم، ئەزىز يېزام، قوپال ئەمما ساددا، تۈز لېكىن ئاقكۆڭۈل شۇ «سۆز چۆچەكچى» قولۇم – قوشنام، تونۇش – بىلىش، تونۇمايدىغان ھەم بىلمەيدىغانلارنى كۆزۈمگە سۈرتكۈدەك بولماقتىمەن ھەم ھەر كۈنى دېگۈدەك خىياللىرىمدا ياكى بولمىسا چۈشلىرىمدە ئايان بولۇپ، مېنى تاتلىق چۈش قوينىدا ئەللەيلىتىپ روھىمغا ئوزۇق، كۈنلىرىمگە خوشاللىق بېرىپ كەلمەكتە. بۇرۇن كىتابلاردىن ياكى باشقىلاردىن دوست – بۇرادەرلىرى تۇرۇپ، كۆڭلى يېرىم بولغىنىدا، ئىچى سىقىلغىنىدا، زېرىككەنلىرىدە دەرتلىرى، كۆڭۈل سۆزلىرى ھەم سىرلىرىنى تۆكۈشۈپ پۇخادىن چىققۇچە پاراڭلىشالايدىغان، «ئاچقان يېرىگە تائام بولىدىغان»، ئىچىنى بوشىتالايدىغان بىرەسى يوق ياكى شۇنداق بىرەسىنى تاپالمىدىم دېسە، ئىچىمدە «توۋۋۋا، دوستلىرى بار تۇرۇپمۇ شۇنداق بولامدىغاندۇ؟ ئۇنداقتا دوست تۇتۇپ نېمە قىلىدۇ؟» دەپ ئويلاپتىكەنمەن، مانا ئەمدىلىكتە ئۆزۈم شۇنداق كۈنلەرنى، ئاشۇ ھېسسىياتلارنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقىنىمدا ئەينى ۋاقىتتىكى ئۆزۈمنىڭ ھەقىقەتەن گۆدەكلەرچە خىيال قىلغىنىمنى، ئەمەلىيەتتە تۇرمۇشنىڭ، ياشاشنىڭ بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدەك بولمايدىغىنىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتمەكتىمەن. ئۆزىمىز تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئەشۇ تۇپراق ۋە تۇپراقنىڭ مۇھەببىتى مەيلى بىزلەرگە قانداقلا ئۆتمۈشلەرنى، ئاچچىق – تاتلىق ئەسلىمىلەرنى ئاتا قىلغان بولسۇن ئۇ يەنىلا بىزگە كۈچ – قۇۋۋەت، روھىي مەدەت بېرىپ كەلگەن، بىزلەرنىڭ يىلتىزىدىن باشلاپلا مۇستەھكەم ئۆسۈشىمىز ئۈچۈن ئوغۇت بولغان شۇ مېھىر – مۇھەببەتنى ئايىماي بېرىپ، ھەر قايسى جەھەتلەردىن تەڭ ئوزۇقلاندۇرۇپ، بولۇق ھەم بەردەم چوڭ بولۇشىمىز ئۈچۈن بۇلاق بولۇپ كەپتىكەن.
    (پېشكە تاغدىن – باغدىن تاققا-تۇققا سۆزلەپ قويدۇم، ئەيىبكە بۇيرۇمىغايسىز )

    • شائىرلارنىڭ ئۆز تىلىدا تىللىسىمۇ مەيلىتى دەپ سېغىنىشلىرىنى ئىپادىلىشى شۇ بولسا كېرەك···
      ياقا -يۇرتلاردا ئۆتكەن ھەر بىر كۈنىمىز ئۈچۈن، سېغىنىشلىرىمىز ھەم تىرىشچانلىقلىرىمىز ئۈچۈن قەلبىمىزدە كۈتكەن كۈنلەرنى، كىشىلىرىمىزنى كۆرۈش نېسىپ بولسۇن ~❤️

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ئانا

باش بەتكە قايتىمەن

© 2019 توكيو خاتىرىلىرى