مۇقەددىمە

ماختاش دېگەن نېمە؟ تەنقىد دېگىنىمىز قارشى تەرەپنى ئەيىپلەپ قىلغان خاتالىقى ئۈچۈن ئازابلاش، پۇشايمان قىلدۇرۇش، گۇناھكارلىق تۇيغۇسىغا چۆمدۈرۈش دىگەنلىكمۇ؟ بالىلىقىمىزنى ئەسلەپ باقايلى، بىز ماختىلىشقا كۆپرەك ئېرىشىپتۇقمۇ ياكى تەنقىدكىمۇ؟ ھازىرقى ئۆزىمىزگە قاراپ باقايلى، بىز يىقىنلىرىمىزنىڭ، بىز ئۇچراشقان ھەر بىر ئادەمنىڭ ئارتۇق تەرەپلىرىگە كۆپرەك دىققەت قىلامدۇق ياكى كام تەرەپلىرىگىمۇ؟ شەخسى نوقتىدىن قارىغاندا، ھەر قانداق ئادەم ئەتراپىدا ئۆزىنى ئىتىراپ قىلىدىغان، يارقىن تەرەپلىرىنى بايقىيالايدىغان، ئۆزىگە ئىلھام بولالايدىغان كىشىلەرنى ياقتۇرىدۇ، ئۇلار بىلەن كۆپرەك بىللە بولۇشنى خالايدۇ ھەم بۇ ئىنىرگىيەنىڭ تۈرتكىسىدە تېخىمۇ ئالغا ئىلگىرلىيەلەيدۇ.تۆۋەندكى مەزمۇننى ئوقۇغاندىن كېيىن تەنقىد ۋە ماختاشقا بولغان چۈشەنچىمىزدا قايتا يېڭىلىنىش بولىدۇھەم سۆيگەن ئادىمىمىزگە،ئائىلىمىز-قېرىنداشلىرىمىزغا، دوستلارغا ۋە بىز ئۇچراتقان ھەر بىر ئادەمگە، جۈملىدىن  پەرزەنت تەربىيەسىدە بالىلىرىمىزغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلەپ چۈشىنىپ قالىمىز.

Shos Lament Instrumental

 

گەپ ئاڭلىمايدىغان بالىنى قانداق تەنقىد قىلىش لازىم؟ بالىنىڭ قەلبىگە تەسىر كۆرسىتەلىگۈدەك تەنقىدلەش ئۇسۇلىچۇ؟

دىگەندەك سۇئاللارنى لىكسىيە ئاڭلىغۇچىلىرىمدىن كۆپ ئاڭلاپ تۇرىمەن. قارىغاندا، ھەممەيلەننىڭ بالىنى قانداق تەنقىدلەش توغۇرلۇق بېشى قاتقاندەك تۇرىدۇ.

شۇنداق بىر مۇھىم نوقتا بار، ئۇ بولسىمۇ بالىنى قانداق تەنقىدلەشنى ئۆگىنىشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن قانداق ماختاشنى ئۆگىنىۋىلىش مەسلىسىدۇر.

شۇ ھەقىقەتكى، ماختاشقا ماھىر بولغانسىرى، تەنقىدلىرىڭىز تەبئى ھالدا ئازلاپ ماڭىدۇ.

قايسى كۈنى بىر ئانا مۇنداق بىر ئىشنى ئېيىتپ بەردى: بالامنىڭ چىشىنى چوتكىلىىيالىغانلىقىنى «بەك ياخشى قىپسەن!» دەپ ماختاپ قويسام، ئەتىسىمۇ ئۆزلىكىدىن چىشىنى چوتكىلىدى. ھازىرغا قەدەر تەنقىدلەپلا كەلگەچكە بالىنىڭ كەيپىياتىمۇ تۆۋەن، بىرەر ئىشنى ئۆزلىكىدىن قىلغۇسىمۇ كەلمەيتتى، گەپ قىلساممۇ ھېچ پايدىسى يوقتەك، تېخىمۇ ئاچچىقلاپ كېتەتتىم، قايسى كۈنى ماختىغاندىن كېيىنكى بالىدىكى ئۆزگىرىشكە  قاراپ ھەقىقەتەن ھەيران قالدىم.

شۇنداق، ماختاشقا ماھىر بولالىساق، تەنقىدلەشكىمۇ ماھىر بولالايمىز ھەم پەرزەنت تەربىيەسى بۇرۇنقىغا قارىغاندا سەل ئاسانغا توختىشىمۇ مۇمكىن.

« ماختاش» دىگەنلىك بالىنى باھالاش دىگەنلىك بولماستىن، بالىنىڭ تىرىشچانلىقىنى، ئىلگىرلىگەن تەرەپلىرىنى تېپىپ چىقىپ بۇنىڭدىن خۇشال بولغانلىقىمىزنى يەتكۈزۈش دىگەنلىكتۇر.

« تەنقىدلەش » دېگىنىمىز ، بالىنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىش، ئازارلاش دىگەنلىك بولماستىن، بالىنىڭ ئۆزىنىمۇ ھەم باشقىلارنىمۇ قەدىرلىيەلەيدىغان ئىنسان بولۇشىنى بىردىن – بىردىن ئۆگىتىپ مېڭىش دىگەنلىكتۇر.

ماختاش ھەم تەنقىدلەش – پەقەتلا بالىلارغىلا قارىتىلمىغان ئەلۋەتتە. ئەر – ئاياللىق مۇناسىۋەتتە، دوستلارۋە قېرىنداشلار ئوتتۇرىسىدا، مەكتەپ ۋە شىركەتلەردىكى ساۋاقداشلىق، خىزمەتداشلىق مۇناسىۋەتلىرىدە… قارشى تەرەپنى ماختاشقا ماھىر بولۇش، ئارتۇق تەرەپلىرىگە دىققەت – ئىتىبارىمىزنى بېرەلىشىمىز ئاجايىپ ئىش!

ماختاش ھەم تەنقىدلەشكە بولغان قارىشىمىزنى ئۆزگەرتەلىسەكلا، بالىلارمۇ،چوڭلارمۇ «بۇ دۇنياغا تۇغۇلغىنىم ياخشى بوپتىكەن! ياشاش نېمىدىگەن قالتىس!» دىيەلەيدىغان بىر جەمىيەت بارلىققا كېلىدۇ.

                                                              ئاكې خاشى دايجى

مەنبە: «مۇھەببىتىڭىزنى يەتكۈزەلەيدىغان ماختاش ۋە تەنقىدلەش ئۇسۇلى»ناملىق كىتابنىڭ مۇقەددىمىسى

تەرجىمىدە: رەيھان ئابلەت

تارقىتىڭ...